پوشكال ـــ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ تەرەپتە ئاساسەن قېلىن سېلىنىپ، نەزىر - چىراق ئىشلىرىغا ئىشلىنىدۇ، لېكىن ئۈچتۇرپاننىڭ بۇ قايماقلىق پوشكىلى ئاقسۇ دىيارىدىكى ئۆزگىچە تائاملارنىڭ بىرى .

ئۇيغۇرچە نامى پوشكال
خەنزۇچە نامى 皮面饼
ئاسالىق ماتېرىياللىرى ئۇن ، ماي ، قايماق ، غولپىياز كۈكى
ئىتىش تەسمۇ ياق
تۈرى تائام
تەمى تەملىك ، مايلىق
پىشىش ۋاقتى 5 مىنۇت ئەتراپىدا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇن ، ماي ، قايماق ، غولپىياز كۈكى ، تاۋا قازان ، ۋە باشقا تاماق ئىتىشكە كىتەرلىك ئاشخانا سايمانلىرى .

1-قەدەمدە پوشكال سېلىشتا ئالدى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ.  

2-قەدەمدە تىندۇرۇلغاندىن كېيىن، زۇۋۇل ئۈزۈلۈپ نوغۇچتا نېپىز قىلىپ چوڭايتىلىدۇ .

3-قەدەمدە تاۋا قىزىتىلىپ ئازراق ماي قۇيۇلۇپ، يېيىلغان خېمىر تاۋىغا سېلىنىدۇ.

4-قەدەمدە بىر مىنۇتتىن كېيىن ئۈستىگە قايماق تەكشى يېيىتىلىپ، غولپىياز كۆكى چېچىلىدۇ ، ئاندىن يەنە بىر قەۋەت خېمىر ئۈستىگە قويۇلىدۇ ، يەنە قايماق يېيىتىلىپ، سۇڭپىياز كۆكى سېلىنىدۇ .

5-قەدەمدە شۇنداق قىلىپ قايتا –قايتا تەكرارلىنىپ، 10 – قەۋەت خېمىر سېلىنىپ بولۇنغاندا پوشكال ئۆرۈلۈپ پىشۇرۇلىدۇ .

6-قەدەمدە  5 مىنۇتتىن كېيىن ھەم تەملىك، يۇمشاق، ساپسېرىق كەلگەن ئۈچتۇرپان پوشكىلى تاۋىدىن ئېلىنىپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

پوشكال ئىتىش ئۇسۇللىرى




ئۇن ، ماي ، قايماق ، غولپىياز كۈكى
ئۇن ، ماي ، قايماق ، غولپىياز كۈكى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#