ۋوستوك كۆلى
ۋوستوك كۆلى _ جەنۇبىي قۇتۇپ تىكى ۋوستوك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى مۇز ئاستىدىن يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ مۇز ئاستى كۆلى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋوستوك كۆلى _ جەنۇبىي قۇتۇپ تىكى ۋوستوك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى مۇز ئاستىدىن يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ مۇز ئاستى كۆلى. مۇز ئاستى كۆلىنىڭ مەيدانى 14000 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مۇز ئاستىدىن تەخمىنەن 4000 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ساقلانغان. دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىگە 15 مىليۇن يىل بولغان ئىكەن.
1957-يىلى، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى جەنۇبىي قۇتۇپتا بىر ئىلمىي تەتقىقات پونكىتى قۇرغان، ھەمدە «ۋوستوك» دەپ ئاتىغان. 1960-يىلى، سوۋىت ئىتتىپاقى جەنۇبىي قۇتۇپ ئېكىسپېدىتسىيىچى ئەترىتىنىڭ جۇغراپىيەشۇناسى Andre Kapitza ئايروپىلانغان ئولتۇرۇپ ۋوستوكتىن ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقاندا، مۇزلۇقتا بىر غايەت زور تەكشى رايوننى بايقىغان، ئۇ بۇنى چوقۇم بىر كۆل بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئەسپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ رايونغا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەن. مۇز ئاستى كۆلى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 15 مىليۇن يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، مىليۇن يىلدىن بېرى بۇ كۆلدە ئۆزگىرىش چوڭ بولمىغان ئىكەن، تەتقىقاتچىلار بۇ كۆلنى يەرشارىدىكى ئۆزگىرىشى ئەڭ كىچىك كۆل بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
ئامېرىكا يەرشارى فىزىكىشۇناسى Michael Studingo بۇ بىز ئىلگىرى پۈتۈنلەي بايقىمىغان يېپيىڭى بىر دۇنيا ئىكەن، مۇزلۇقنىڭ تېگىدە بىز يەر يۈزىدىكىگە ئوخشاش مەنزىرىلەرنى كۆردۇق، دىگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.