دوغىلاق بوغۇز قىيا تاش رەسىملىرى
دوغىلاق بوغىزى قومۇل شەھىرى تاشۋېلىق يېزىسى تۇگۇڭ كەنتىگە جايلاشقان، ئۇدۇل بارغىلى بولىدىغان ئاسفالت يول بار، قاتنىشى ناھايىتى قولايلىق.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دوغىلاق بوغىزى قومۇل شەھىرى تاشۋېلىق يېزىسى تۇگۇڭ كەنتىگە جايلاشقان، ئۇدۇل بارغىلى بولىدىغان ئاسفالت يول بار، قاتنىشى ناھايىتى قولايلىق.
قىيا تاش رەسىملىرى دۇغلاق بوغۇز تاغ جىلغىسىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، كەڭلىكى 100 مېتىر، كۆپىنچىسى زامانىۋى ئېتىز ئېرىق ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئىشلىتىلگەن، كىچىك ئېرىقلار قىيا تاش رەسىملىرى يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. قىيا تاش رەسىملىرى بىر پارچە گىرانىت تاش ئۈستىگە جايلاشقان، قىيا تاش يۈزىدىكى چاك ناھايىتى ئېنىق، قىيا تاش گەۋدىسى شەكلى تەرتىپسىز چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 3.3 مېتىر، جەنۇب تەرەپتىكى ئۇزۇنلۇقى 4.1 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.4 مېتىر.
قىياتاش رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنلىرىدا ئاساسلىقى كالىلار بار، چوڭ-كىچىكلىكى 45 × 45 سانتىمېتىر، يەنە بىرى ئۆچكە شەكلى چۈشۈرۈلگەن، ئۆلچىمى 50 × 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ تاشقى يۈزى شامالدا ئېغىر يىمىرىلغان، بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، ئويمىچىلىق سەنئىتى ئاددىي، قوپال، ئىپتىدائىي قىيا تاش رەسىملىرى ئىشلەشتىكى ھۈنەر-سەنئەتنى نامايەن قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.