يۇرۇڭقاش بازىرى

يۇرۇڭقاش بازىرى

يۇرۇڭقاش بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىىگە، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى يۇرۇڭقاش بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 39.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 玉龙喀什镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن شەھىرى
نوپۇسى 19385 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇرۇڭقاش بازىرىيۇرۇڭقاش بازىرى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىىگە، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر، غەربىي تەرىپى خوتەن شەھىرى (ناھىيە) بىلەن دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرق، جەنۇبىي لوپ ناھىيەسى نىڭ بۇيا يېزىسى بىلەن تۇتاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 39.5 كۋادرات كىلومېتىر ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 18161 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.94 مو.

قارىمىقىدا 15 مەمۇرىي كەنت، 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، ئاھالىسى 4455 ئائىلە، نوپۇسى 19385 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر نوپۇسى 474 ئائىلىلىك 924 ئادەم، يېزا نوپۇسى 3981 ئائىلىلىك 18462 ئادەم. يۇرۇڭقاش بازىرى ئۇيغۇر لارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېزا-بازار، پۈتۈن بازار ئاھالىسى ئىچىدە ئۇيغۇرلار 19168 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %98.8 نى ئىگەللىگەن، خەنزۇ لار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر %1.2 نى ئىگەللىگەن.

كۆلىمى 39.5 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 18056 (2006-يىل ئاخىرىدىكى). ئۇنىڭ قارمىقىدا 15 مەمۇرىي كەنت، 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يۇڭ بازار كەنتى بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى. پۈتۈن بازارنى 315-دۆلەت يولى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قۇلاي.

يۇرۇڭقاش بازىرى1984-يىلى يۇرۇڭقاش بازىرى تەسىس قىلىنغان. 1997-يىلى كۆلىمى 28.6 كۋادرات كىلومېتىرغا، ئاھالىسى 15 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، بۇ بازار ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بازار بولۇپ، قاراشلىقدا ئالىتالاي، ئالابوي، داباجى بازار، يۇڭ بازار، باش ئىگىز ئېرىق، قىرىق ئېرىق، بەشمىقارا، ناغرىچى، قۇتقۇز، لەڭگەر، ئاياققارا، يېڭىئاۋات، ئىگەرچى، ئاقچىغ، ئاياق ئىگىز ئېرىق قاتارلىق 12 مەمۇرىي كەنت بار. بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي يۇڭ بازار كەنتى، شەرقىي تەرىپى بىلەن لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ ئارلىقى 20 كىلومېتىر. 2006-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئايرىلغان.

يۇرۇڭقاش بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي تەرىپى بىلەن خوتەن ناھىيەسى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال تەرىپى جىيا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى بىلەن چىگىرلانغان. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، جەنۇبتىن شىمالغا قىيسايغان، دەريا بويى چۆكۈندى تۈزلەڭلىكىگە تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1340 مېتىر.

ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۆپ، تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا تەۋە. مەنزىرە رايۇنىدىن تاغ تورغىيى، خوتەن-بۇيا تاشيولى خاتىرە مۇنارى بار. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، تۇپرىقى قۇمساڭ تۇپراق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسلىقى تېرەك، يانتاق ۋە چىغ قاتارلىقلار بار. 

يۇرۇڭقاش بازىرىيۇرۇڭقاش بازىرىدا ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ 8 (بۇنىڭ ئىچىدە 7 كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ)، ئوقۇتقۇچى جەمئىي 203 نەپەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 3473 نەپەر. 17 كۇتۇپخانا بار، ھەر قايسىدا 20400 تۈرىدىكى كىتاب بار، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى 16. ئامبولاتورىيەسى بىر، تېببىي خادىم 42 نەپەر، كېسەل كارىۋىتى 40 تال. ھازىر بازار بويىچە پىلانلىق تۇغۇت 2 گۇۋاھنامە ئالغان ئائىلە 59 مىڭ 118 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان، چارۋىچىلار 98 ئادەم، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰9.14. شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن ۋە مەدەنىي كەنتلەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت بىر.

يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 16508 ئادەم، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. 2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي 3498 گە يەتكەن. بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر 241 گە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار 2415 نەپەرگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 2085 نەپەر، شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 330 نەپەر، ياشانغانلارنى بېقىش ساناتورىيىسى 15 ئادەمگە يەتكەن.

2007-يىلى، پۈتۈن بازاردىكى خەلق ئىگىلىكى كىرىمى 3463.1 مىڭ يۈەن بولۇپ، 1989-يىلدىكىدىن %2.06 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك كىرىمى 2325.7 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئۇمۇمىي كىرىمنىڭ %67.16 نى ئىگەللىگەن، 2-،3- كەسىپ كىرىمى 1137.4 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئۇمۇمىي كىرىمنىڭ % 32.84 نى ئىگەللىگەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 2132.7 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 502.7 يۈەن كۆپەيگەن.

315-دۆلەت يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقىي شىمالى تۆت ناھىيە كېسىپ ئۆتىدىغان مۇھىم تۈگۈن، ئاقسۇ-خوتەن تاشيولى بۇ بازاردىكى قۇتقۇز كەنتى ۋە لەڭگەر كەنتىدىن ئۆتىدۇ، خوتەن شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتى 5-يول ئاپتۇبۇسى بۇ بازار بىلەن بۇيا يېزىسىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ، 10-يول ئاپتۇبۇسى شۇ يەردە تۇرۇشلۇق بازارلىق گىلەمچىلىك فابرىكىسىغا بارىدۇ.

2008-يىلى 8-ئايدا، بازاردىكى 15 مەمۇرىي كەنتتە ئاسفالت يول بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە كەنتكە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تاماملانغان. بازاردا داڭلىق كارخانىلاردىن شىۋەن گىلەم زاۋۇتى، تەبىئىي شەكىللەنگەن قاشتېشى ساياھەت شەھىرى، يۇرۇڭقاش سامسا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق تاۋار ماركىسى دېگەنلەر بار. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر، «مېھمان»لارنى كۆپلەپ جەلپ قىلغان، يۇرۇڭقاش بازىرىنىڭ ئادەملەر ئېقىمىنى، ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەتكەن.

داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرى

يۇرۇڭقاش بازىرىداڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر خوتەن قاشتېشى، قولدا توقۇلغان قوي يۇڭى گىلىمى، قولدا كەشتىلىگەن گىلەم دوپپا، يىپەك، قۇملۇق ئادەمگىياھسى، توشقان زەدىكى، ئەتىرگۈل، قەغەز ياڭاق، ئۆرۈك، قوغۇن، سوقا چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار بار. شىنجاڭ ئىچىدە مەشھۇر بولغان يۇرۇڭقاش بازىرى تونۇر كاۋىپى، سامسا، زىق كاۋاپ، پېتىر مانتا، نانغا ئورالغان گۆش، پولو، لەغمەن قاتارلىقلار بار، تېرىسى چۈرۈك، گۆشى يۇمشاق، خۇش ھىدى ئۆزگىچە، مەززىلىك ھەم تەملىك.

ساياھەت نوقتىلىرى

يۇرۇڭقاش بازىرىقاشتېشى ساياھەت شەھىرى: يۇرۇڭقاش، ئۇيغۇر تىلىدا «ئاققاشتاش» دېگەن مەنىدە، يۇرۇڭقاش دەرياسى خوتەننىڭ شەرىقىدە، قوياش چىققاندا ئەڭ بۇرۇن يورۇيدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. يۇرۇڭقاش دەريا بېشى بىلەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىقى 10 كىلومېتىر، كوئېنلۇن تاغ باغرىدىكى تاشلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۇيۇلغانلىقى ئۈچۈن خوتەن قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ. ئاللىقاچان يۇرۇڭقاش دەرياسى كونا كۆرۈكىنىڭ شەرق تەرىپىگە ياسالغان يۇرۇڭقاش قاشتېشى ساياھەت شەھىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى تاماشا بىلەن، سېتىۋېلىش بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرە بولۇپ قالغان، يىلىدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 50 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. 

تورغاي باغچىسى: بازاردىكى باش ئىگىز ئېرىق كەنتىگە جايلاشقان، بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30 مو، ئۆزگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، يېمەك ـ ئىچمەك، تاماشا، بېلىق تۇتۇش (قارماق تاشلاش)، زىيارەت، ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنى، ھويلا-ئارام ساياھەتچىلىكى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، باغچىدا بوز تورغاي، قاش قۇش، توز قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ نام بىلەن ئاتالغان، يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 30 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن.

خوتەن-بۇيا تاشيول خاتىرە مۇنارى: بۇ بازاردىكى يۇرۇڭقاش دەرياسى كونا كۆۋرۈكىنىڭ شەرقىگە 100 مېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزگىچە قۇملۇق بوستانلىقى مەنزىرە رايۇنى، گۈزەل قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت، جىددىي ئېچىلشقا مۇھتاج ساياھەت ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا ھەر ساھە كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىشىدىكى نوقتىلىق جاي بولۇپ قالغان.[0]

داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلا
داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلا

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#