گۈل نەپشە
گۈل نەپشە قۇيرۇق ياغ ، پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇم ، كۆك، قىزىل رەڭ ئازراق، شېكەر، پۇرچاق، ئېرىتىلگەن قوي يېغى قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان قورۇما .
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. قۇيرۇق ياغنى ئۇزۇنلۇقى ئالتە سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر توغراپ، بىر تەرىپىنى تىلىپ تاغاق شەكىلدە قىلىدۇ، يالپاقلانغان ياغنىڭ ئېلىنمىغان يەنە بىر تەرىپىگە شېكەر، پۇرچاقتا ياسالغان قىيمىدىن سېلىپ، ئانار گۈلى شەكلىدە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.
2. تۇخۇمنى چېقىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ تۆتىنچى دەرىجىدە قىزىتىپ، تۈگۈلگەن ياغنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ، بىر-بىرلەپ ياغقا سېلىپ، رەڭگى ئاقارغىچە پىشۇرۇلىدۇ. لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ، تەخسىگە قويۇپ، ئۈستىگە ئاق شېكەر، كۆك، قىزىل رەڭ سېپىپ قويۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.