شىنتارا يېزىسى
شىنتارا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنتارا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. خوشۇت ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىگە 12 كىلومېتىر كېلدىغان جايدا، جەنۇبىي تەرىپى باغراش كۆلىگە تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرپى سوخاتۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا تاغارچى يېزىسى بار. يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 432.887 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 26 مىڭ مو، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 16 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 16083 مو، 20350 تۇياق چارۋا بار، ئاساسلىقى تېرىق، قوناق، شال، پەمىدۇر، قىزىلچا، مۇچ قاتارلىقلار تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىق جەھەتتە، ئاساسلىقى قوي، ئۆچكە، تەرپە، قوتاز بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ.
1954-يىلى چارۋىچىلىق فېرمىسى قۇرۇلغان، 1956-يىلى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چارۋىچىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتى قۇرۇلغان. 1957-يىلى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسلىقى جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇانەن، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ ياشلىرى ۋە شۇ جايدىكى چارۋىچىلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ بىر تۈركۈم چېگرىغا ياردەم بەرگۈچى ياشلار، چارۋىچىلىقتىن بازارلىشىشقىچە بولغان 30 نەچچە يىل مابەينىدە، چۆل-جەزىرىلەردىكى يايلاقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. بۇ بىر تۈركۈم چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار ئارقا-ئارقىدىن پېنسىيىگە چىققان، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكى پەرزەنتلىرى يەنىلا بۇ زېمىندا يىلتىز تارتقان.
ھازىر قارىمىقىدا ئۈچ كەنت، سەككىز پونكىت، ئىكـكى مـەكتەپ، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق پونكىتى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، مەدەنىيەت پونكىتى، ساقچىخانا، ئەدلىيە ئورنى، يەر باشقۇرۇش پونكىتى، پىلانلىق تۇغۇت شىپاخانىسى، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئارىلاش مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار 56 نەپەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 330 نەپەر بۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى يوق، يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق بىر دوختۇرخانا، كەنت قۇرغان بىر A دەرەجىلىك شىپاخانا بار.
بۆرتو چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ ھازىر بەش ئىقتىسادىي گەۋدىسى بار. چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن، ئومۇمىي نوپۇسى 756 ئادەم، ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 172، موڭغۇل، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان، قارمىقىدا ئىككى چارۋىچىلىق ئەترىتى، ئىككى دېھقانچىلىق ئەترىتى بار بۇلۇپ، 12350 تۇياق چارۋا بېقىلىدۇ، پارتىيە ئەزاسى 24 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 197 ئادەم، ھاللىق ئائىلە 125، ئون يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئائىلە 54، ئىتتىپاق ئەزاسى 23 كە يەتكەن، بىر موڭغۇل باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى 11 نەپەر، مەكتەپتە 16 نەپەر ئوقۇغۇچى بار. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3148 يۈەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چارۋىچىلىق باقمىچىلىقىنى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.