قارساي بازىرى

قاراساي بازىرى

قارساي بازىرى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىغا 33 كىلومىتىر كىلىدۇ، شىمال تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسى گە تۇتىشىدۇ، شەرق تەرىپى 47-تۈەن، پۇرچاقچى يېزىسى، قوچى يېزىسى غا، جەنۇب تەرىپى كۇيا بازىرى، ئۇرچى يېزىسىغىچە، غەربى ياۋا يېزىسىغىچە تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قارساي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 3902 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرغاق چۆل كىلىمات، تروپىك بەلباغ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀尔赛镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قاراقاش ناھىيەسى
نوپۇسى 37833 ئادەم
جۇغراپىيەلىك ئورنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ غەربى شىمالى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارساي بازىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىغا 33 كىلومىتىر كىلىدۇ، شىمال تەرىپى تەكلىماكان

 قۇملۇقى ئارقىلىق ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، شەرق تەرىپى 47-تۈەن، پۇرچاقچى يېزىسى، قوچى يېزىسىغا، جەنۇب تەرىپى

 كۇيا بازىرى، ئۇرچى يېزىسىغىچە، غەربى ياۋا يېزىسىغىچە تۇتىشىدۇ.

قارساي بازىرىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كىلىماتقا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىل ئېنىق، يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ. ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. يىغىندا تېمپېراتۇرىسى ℃4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.5-، ،قىروسىز مەزگىل 177 كۈن، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.

قارساي بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان.

قارساي بازىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانغان. يېزا-كەنت يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13كۈنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى قاراساي بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ «يېزا ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ بازار قۇرۇش» يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلگەن، بۇ قاراساي بازىرى تارىختىكى يېڭى سەھىپە ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغان.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شۇجياڭ، ئاپتۇنۇم رايوندىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرىدا تۇرۇشلۇق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يىن شاۋلۇڭ، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھاكىم مەمەتئىمىن ئابلا قاتارلىق رەھبەرلەر يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا  قاتناشقان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#