ئۇلۇغساي يېزىسى

ئۇلۇغساي يېزىسى چىرا ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كۇئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى قوشۇمچە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇلۇغساي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
رايون نۇمۇرى 0903
جۇغراپىيەلىك ئورنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌鲁克萨依乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون چىرا ناھىيەسى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6785 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇلۇغساي يېزىسىئۇلۇغساي يېزىسى چىرا ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كۇئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى قوشۇمچە قىلىدۇ. تاغلىق چارۋىچىلىق كەنتى، يەنە چەت، يىراق تاغلىق رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات يېزا. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومېتىر كېلىدۇ، نۇرى يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتر، چاقا يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي تەرىپى خوتەن، لوپ ناھىيەسى گە، شەرقتە كېرىيە ناھىيەسى گە تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2850 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكى 6785 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن ئېگىزلىكى 1720 مېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 989 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، يېزا بويىچە سەككىز مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ دېھقانچىلىق كەنتى، بەش چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىقلار بار. باداغان كەنتى، ئاقچىغ كەنتى، سېغىزلىق كەنتى، يۇرۇڭقىر كەنتى قاتارلىقلار...، نوپۇس سانى 4297 ئادەم. 2006-يىلى بۇ يېزىدىكى دېھقان-چاۋىچىلارنىڭ ساپ كىرىمى 1139.46 يۈەن بولغان، 2007-يىلى كىرىمى 354.93 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى  %31.14 بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1494.39 يۈەنگە يەتكەن. 

ئۇلۇغساي يېزىسىئۇلۇغساي يېزىسى كۇئىنلۇن تېغى نىڭ ئىچكى رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، كوئېنلۇن تېغىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، يېزىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، قىروسىز مەزگىلى قىسقا، تۇمان كۆپ، يېرىم نەم، كىلىماتى سوغۇق، ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ئاستا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئورنىنىڭ ئېگىزلىشىشىگە ئەگىشىپ ھەر قايسى جايلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمىغاچقا، قىش كىرىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئىنتايىن روشەن بولغان ئوخشىمىغان ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرھال پەس تاغلىق رايون بولغاچقا، قىشتا قاتتىق سوغۇق، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، تۆت پەسىلدىكى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ پەرقلەنمەيدۇ، تۇپرىقى زىرائەت ۋە ئوت-چۆپنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ  ئۆرۈك، جىگدە، ۋە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. يېزا بويىچە ئۆرۈك ۋە جىگدە تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ، لېكىن ھەممىسى كېيىنرەك پىشىدۇ. قوي، كالا بېقىلدىغان كەڭ، بىپايان، مول ئوتلىقى بار، ئادەملىرى ئوچۇق-يورۇق، مېھماندوست. بۇ يېزىنى خوتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن ساياھەتچى كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ.

ئۇلۇغساي يېزىسىيېزىنىڭ مۇھىم كان بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، ھاك تاش، مىس كان، كىۋارتىس، كرىستال قاتارلىقلار بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاساسلىقى جەرەن، تۈلكە، سۇغۇ، ياۋا توشقان، بۈركۈت، ئۇلار، كەكلىك قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى مەزەنجۈش، يەر مەدىكى، قار لەيلىسى قاتارلىقلار بار. يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى تۆگە يۇڭى، يۇڭ، تېرە، ئۆرۈك قېقى قاتارلىقلار بار. ئېشەك يېلىمى بولسا ئېشەك تېرىسى ئارقىلىق ئاساسىي خام ئەشيا قىلغان بۇلۇپ، جۇڭگو تېبابەت دورىلىرىنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا مۇھىم خام ئەشيا قىلىنىدۇ. سۈپەتلىك ئېشەك تېرىسى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا داڭلىق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#