گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرى توردا ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى
يانفوندا كۆرۈش
خەلقئارا لىنىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ بۇ يىلدىن بۇيانقى شەھۋانىيلىقنى تازىلاش، قىمارنى چەكلەش ھەركىتىدىكى ئەھۋاللارغا قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان. سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، ئۆتكەن 11 ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە جەمئىي 53529 قېتىملىق شەھۋانىيلىق ۋە قىمارغا چېتىشلىق دېلو پاش قىلىنىپ، 144203 نەپەر ئادەم تۇتۇلۇپ، 13363 نەپەر ئادەم قولغا ئېلىنغان. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە جۇڭشەن شەھەرلىك ساقچى تەرەپ پاش قىلغان توردا ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش دېلوسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
مەنبە: نۇر خەۋەرلىرى