بىز

يۈكسەل بلوگى ئەڭ دەسلەپتە، يەنى 2008 – يىلى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جۇڭگودىكى داڭلىق بلوگ مۇلازىمەت سۇپىسى ھېسابلانغان BlogBus دا قۇرۇلۇپ، تۇنجى يازمىسى ‹‹ ئۇيغۇرلاردا تەگئات ›› نى ئېلان قىلىش بىلەن بىرلە كەڭ ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ھازىرغىچە ، يۈكسەل بلوگى ئۇيغۇر ئىسىم – تەگئاتشۇناسلىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي ئەسەرلەر؛ ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى سۇغۇرۇش نىشانلانغان نەسرى – نەزمىي ئەسەرلەر ؛ ئۇيغۇر جىسمانىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ساغلاملىق، سەھىيە – ئەيدىز ئۇچۇرلىرىدىن ئىبارەت  3 ئوقنى چۆرىدەپ نەشىر قىلىنىپ كەلدى.

تارىخ ۋە نەتىجە

يۈكسەل بلوگ قۇرۇلۇپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئىلگىرىكى نامۇستەقىل ھالدا نەشىر بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، مۇستەقىل تور نام ، مۇستەقىل بوشلۇقتا، رويخەتكە ئېلىنغان رەۋىشتە نەشىر قىلىندى. بۇ جەرياندا 2009 – يىلى 1 – ئايدا، كۈچلۈك ھەمكارچىمىز تەدبىركار ئەپەندىنىڭ تېخنىكىلىق ياردىمى بىلەن يۈكسەل بلوگ PJBLOG نەشرىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ نەشرى بىلەن ئاز  1.5 يىل نەشىر قىلىندى. 2010 – يىلى 7 – ئايدا ، يۈكسەل بلوگى يەنە تەدبىركار ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تېخنىكىلىق ياردىمى ئارقىسىدا، دۇنياۋى ئىلغار بلوگ پروگراممىسى WordPress كە كۆچۈپ، بۇندىن كېيىنكى بلوگ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە ئىلغار بولغان تېخنىكىلىق ئۇل سېلىندى.
يۈكسەل بلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە، كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشى بىلەن ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۈكسەل بلوگى تورداشلار تەرىپىدىن 2008 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنىڭ بىرى ( 3 – سى ) بولۇپ باھالاندى. بۇ تورداشلارنىڭ توردىكى ئىجادىي ھاياتىمىزغا بەرگەن ئالقىشى ۋە رىغبىتى، ئەلۋەتتە. بۇندىن باشقا، يۈكسەل بلوگىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ تارىختا بېيجىڭدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ›› ، ‹‹ 8 ئۇيغۇر تارخانبەگنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراجەتنامىسى ›› ، ‹‹ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا تۇرغۇزۇلغان ئۈچ پارچە تاشپۈتۈك ›› ، ‹‹ تەگئات قوللىنىش زاماننىڭ تەقەززاسى – تەگئاتىم يۈكسەل توغرىسىدا ›› ، ‹‹ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى – نەسەبنامە ››  ، ‹‹ ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى ›› ،  ‹‹ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخى تەسىرى ›› ،  ‹‹ كۈنىمىزدە نورۇزنى قۇتلۇقلاشنىڭ يوللىرى ››، ‹‹ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ›› قاتارلىق 10 نەچچە پارچە ماقالە ‹‹ قەشقەر ›› ژۇرنىلى، ‹‹ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ›› گە ئوخشاش ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى…
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يۈكسەل بلوگىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ۋە ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك ژانىردىكى يازمىلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا بىرتەرەپتىن تورداشلارنى ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلار ۋە دىيارىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنى ئەيدىزدىن نېرى تۇرۇپ، ھاياتىنى قەدىرلەشكە چاقىرىشقا ئورۇنغان بولساق، يەنە بىر جەھەتتىن، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ،  ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ ئىللىق باغرىغا ئېلىپ، كېسەللىك دەردىدىن پۇچۇلانغان دىللىرىغا مېھرى – مۇھەببەت بېرىشكە كۈچەپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قانچىلىغان تورداشلارنىڭ ئېلخەت ۋە تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلدۇق ۋە ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە مەسلىھەت – ياردەم بەردۇق. ھەر قېتىم بىرەر تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى تىنغۇدەك مەسلىھەت – يول كۆرسىتەلىگىنىمزدە ياكى بىرەر پارچە ئېلخەتكە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرالىغىنىمزدا ئۆزىمىزنى تولىمۇ راھەت ھېس قىلىپ قالىمىز. قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ شۇنچىلىك خىزمەت قىلالىغىنىمىزدىن مەمنۇن بولىمىز، ھاردۇقىمىز چىقىدۇ …

يۈكسىلىش قەستىدە بېسىلغان قەدەم – بىرلىشىش

ئىپتىخار ئىلكىدە شۇنى تەكرار تىلغا ئالغۇمىز كېلىدۇكى، ‹‹ بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەن تۇزار . ›› دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ چىن ئىخلاسمەنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئورتاق غايە، ئوخشاش مەنزىل ئۈچۈن يۈكسەل بلوگى ۋە بوھران بلوگى 2010 – يىلى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۆز ئارا بىرلىشىشكە باغلىشىپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارمىساقمۇ، بىر بلوگدا ئەلگە خىزمەت قىلىشقا ( چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ) كېلىشكەن ئىدۇق. شۇندىن ئىتبىارەن يۈكسەل بلوگى ئىلگىرىكى پەقەت 1 كىشى ( مەن، يۈكسەل ) باشقۇرىدىغان، يازىدىغان ھالەتتىن، ھازىرقى بوھران ( ياسىن ئابدۇللاھ ) ۋە يۈكسەل 2 كىشى باشقۇرىدىغان، يازىدىغان بلوگقا ئايلاندى.
يۈكسەل بلوگ يازارلىرى

ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل:
ئۆز تەگئاتى (فامىلىسى) ‹‹ يۈكسەل ›› نى تور ئىسمى قىلىپ قوللانغان، يۈكسەل بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى، خىزمەت ئورنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. يۈكسەلنىڭ تور ھاياتى 2000 – يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاخىرى ‹‹ تۈن قۇياشى ›› ، ‹‹ مەن يۈكسەل ›› ‹‹ يۈكسەل ›› دېگەن تور ناملىرىدا ‹‹ ئىزدىنىش ›› نى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تور يازمىلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن. 2008 – يىلى 4 – ئايدا ‹‹ يۈكسەل بلوگى ›› رەسمىي نەشىر قىلىنغاندىن تاكى ھازىرغىچە ، ئۆز ئەسەرلىرىنى يۈكسەل بلوگىدا ئېلان قىلىپ كەلمەكتە…

ياسىن ئابدۇللا بوھران:
تور ئىسمى بوھران، خىزمەت ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرسىت جەمئىيىتى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ياسىن ئابدۇللاھ ئەپەندى ئۇيغۇرلاردا كۈنسېرى ئەدەۋاتقان ئەيدىز بوھرانىدىن قاتتىق چۈچۈپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزىگە ‹‹ بوھران ›› دېگەن تور ئىسمىنى قويغان . ئۇ  شۇ نامدا مەخسۇس ئەيدىز تەشۋىقاتى ، سەھىيە  – ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى، ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى باش تېما قىلغان ‹‹ بوھران بلوگى ›› نى ئېلان قىلىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى ئاز بولسىمۇ تولدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلغان ئىدى. 2010 – يىلى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ، بوھران ۋە يۈكسەل 2 بلوگ بىرلەشكەندىن كېيىن، ئۇ يۈكسەل بلوگىنىڭ يەنە بىر  قابىل مەسئۇلى سۈپىتىدە تورداشلارنى زۆرۈر ئەيدىز ساۋاتلىرى،  ساقلىق ئۇچۇرلىرى، ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز ئەجىر قىلماقتا …

بلوگ مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش:
يۈكسەل : QQ 395900770 elkemyuksel@hotmail.com
بوھران : QQ 54153889 yasin123cn@yahoo.com.cn