ئون چوڭ بلوگ

 

Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر ( Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، Blog ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.

يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ << ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى >> نى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ  ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

تارىختىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگلار

 

ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ

ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ