ب د ت پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO ) نىڭ بېكىتىشى بىلەن ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 2000 – يىلدىن باشلاپ ‹‹ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ›› دەپ قۇتلانماقتا. ئېلىمىز جۇڭگودىمۇ بۇ كۈن تۈرلۈك شەكىلدە مول مەزمۇنلۇق خاتىرلەنمەكتە. باشقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئەزىزلەيدىغان كىشىلەر ( يەنى ئۇيغۇرلار ) ئۈچۈن << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> دۇر! نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> شەنىگە بېغىشلانغان.
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر!
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ! ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى!
ھەر بىر ئۇيغۇر پۇشتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش، ساپلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلاش، پاساھىتى ۋە بالاغىتىنى جەۋلان قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلى ‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› نى قەدىرلىشى ، ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئۇنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئانا تىل تەپەككۇرى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتالىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىنمۇ ئەگەر ئانا تىلى – نىمىس تىلى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلمىغان بولسا ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆرلىيەلمىگەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايىش قىلىش، مىللەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇ ، ئېنگىلىز تىللىرىغا ئوخشاش باشقا بىر قانچە تىلنى ئىگىلىشى لازىم. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك ، ھېكمەت قەسىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئاچقۇچنى ئارتۇق ئىگىلىگەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلىغا ئېرىشكەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك جاھاندارچىلىقنىڭ يەنە بىر يولىنى تاپقانلىقتۇر. ئانا تىلنى باشقا تىللار بىلەن قارمۇ – قارشى قويۇپ قويماسلىق ، تىل ئۆگىنىشنى بىر تۈرلۈك زۆرۈر مەنىۋىي ساپا سۈپىتىدە تونۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ھۆكۈمىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش جەھەتتە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مەسىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى پەن كەسىپلەرنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى نەشىرىياتچىلىقنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تېگىشلىك ھۆرمەت ۋە تەرەققىيات ئىمكانىغا ئىگە قىلدى.
ئەمما ، مانا شۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئانا تىل تەربىيىسى بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قالسا ، بوغۇنلار باشقا تىللاردا قۇشقاچتەك سايراپ، ئۆز ئانا تىلىدا << ئانا ، دادا >> دېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالسا ، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال بولمامدۇ؟!… تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى چېڭغىز ئايتىماتوف: «كۆپ تىللىق بولۇش شەراپەت، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. شۇڭا، بىز شۇنى تەكلىپ قىلىمىزىكى، ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى – بۇرچىنى تولۇق تونۇپ، مەكتەپلەردىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقى تۆۋەنلىگەن شارائىت ئاستىدا ئائىلىدىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ، ئەدىناسى پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قويماسلىقلىرى كېرەك.
سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئانا تىل ـــــ ئانىمىزنىڭ تىلى! سڭقۇسەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلشىر ناۋايى …. نىڭ تىلى! مۇقاملىرىمىزنىڭ كۈي- چەشمىلىرىگە، مىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ نەقىش-بېزەكلىرىگە، ھەتتا قان-قېنىمىزغا، تومۇر-تومۇرلىرىمىزغا سىڭگەن تىل، ھەمىمىز «ئانا» دەپ تۇنجى ئېغىزلانغان تىل.
خۇلاسە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايمىز، پەرزەنتىمىزنى توغرا تەپەككۇرغا، ساغلام روھى ھالەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئانا تىلمىز – ئۇيغۇر تىلىنى سۆيەيلى، پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتەيلى!!!
كۆرۈلۈشى: 3,319 قېتىم
خەتكۈش: ئانا تىل، ئۇيغۇر، ئۇيغۇر تىلى
يازما مەنبەسى: ?p=1392 [كۆچۈرۈش]
بۇنداق كۈننىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپمۇ قاپتىمىز، توۋا!! بىلىۋالدىم ، رەھمەت سىزگە.
ئانا تىلىم سۆيگەن تىلىم ، چىن يۈرەكتىن كۆيگەن تىلىم .
تۇنجى قېتىم ئانا دېدىم ، سۆز قىلىشنى سەندىن بىلدىم .
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇ كىلۇر ،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كىلۇر .
بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېركايۇ – ئافرىقىدا ،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كىلۇر .
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان .
سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كىلۇر !
– ھاجى قۇتلۇق شەۋقى
ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم
ئەي تىلىم — ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل — بارچە تىللار سەرخىلى.
سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،
سەن ياۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.
ئەۋۋەلى ”ئىڭڭە“دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.
سەندە ھازىرلاندى، ”مىللەت“ شەرتىنىڭ بىر ماددىسى،
سەن بىلەن بىخ سۈردى ”مىللەت“ شاھلىرىنىڭ قالدىسى.
مىللەت مەۋجۇت ”ياران“، مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
نەدە ئۇ مىللىي شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ ”توق“ بولمىسا.
تىل دېگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار — رىشتە — بىل،
رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئېسىل ئۇز كەشتە، بىل.
ئانا تىل — مىللىي تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.
ئانا تىل — تىل خەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
ئەرەب، پارس ھەم — ئۆگەندىم — ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
ئەي ياران! مەن ”ھاجى“ لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
ئانا تىل — ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.
بۇ شىئېر ئاناتىلىم بىلوگىدىن ئېلىندى !~~
مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ بارلىقىنى بەكمۇ كىچىكىپ بىلىپتىمەن !! تەڭ قۇتلۇقلايلى !
مۇبارەك ….. بۈگۈن ھېيت بۈگۈن ئايەم ! بۈگۈن نەۋرۇزدەك ئۇلۇغ كۈندۇر !
جەمىئەتتە تەشۋىق خىزمەتلىرى قانداق ئىشلىنىۋاتقاندۇ ؟
ھەممىڭىزلارنىڭ ئاناتىل بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن!
مىنىڭ ئانا-تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغان، باللىرىغا ئانا-تىل ئۆگەتمەيدىغان، باللىرى بىلەن ئانا تىلى بىلەن پاراڭلاشمايدىغان ئاتا-ئانىلارنى كۆرسەم تىللىغۇم كېلىدۇ، ھەتتا ….
مەيلى كەتسە كەتسۇن بىزنىڭ بېشىمىز،
ياق، يوقىسا بولماس ئانا تىلىمىز!…
دۇنيا ئانا تىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
مەن بۈگۈن قوبۇل قىلغان تېلفۇنلاردا ‹‹يو سەن با›› دېگىلى تۇرۇپتى، ھە دېسىلە ‹‹بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز›› دېسەم داۋامىنى ئۇيغۇرچە دېيىشتى.
مەن بۇ يازمىنى كۆرمىگەن بولسام بۇ كۈننى ئۇنتۇپ كىتەركەنمەن. يۈكسەل ئەپەندىنىڭ يازمىسىغا تەشەككۇر. ئاشىق-مەشۇق بايرىمى … ئاق كۆك ‹‹ بايراملار ›› نى كۈن ساناپ ئولتۇرۇپ كۈتىۋالىدىكەنمىز. لىكىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك كۈنلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز….توۋا ، ئالدىنقى يىلى ئانا تىلىم بلوگىدا بۇ توغۇرلۇق ئالاھىدە تىمىلار يوللانغاندا كىلەر يىل مۇشۇ كۈن كەلگەندە باشقا ئىش قىلىلالمىساممۇ دوستلىرىمغا بولسىمۇ مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن دەپ ئويلىغانتىم، لىكىن بۈگۈن ماڭا بۇ كۈننى يۈكسەل ئەپەندى بىلدۈرۈپ قويدى.
ئانا تىلىم
ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم
ئەي تىلىم – ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل – بارچە تىللار سەرخىلى.
سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،
سەن يۇۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.
ئەۋۋەلى ”ئىڭڭە“دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.
سەندە ھازىرلاندى، ”مىللەت“ شەرتىنىڭ بىر ماددىسى،
سەن بىلەن بىخ سۈردى ”مىللەت“ شاھلىرىنىڭ قالدىسى.
مىللىيەت مەۋجۇت ”يارا“، مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
نەدە ئۇ مىللىي شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ ”توق“ بولمىسا.
تىل دىگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار – رىشتە – بىل،
رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئېسىل ئۇز كەشتە، بىل.
ئانا تىل – مىللىي تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.
ئانا تىل – تىل غەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
ئەرەب، پارس ھەم – ئۈگەندىم – ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
ئەي ياران! مەن ”ھاجى“ لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
ئانا تىل – ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.
جان ياشاردى ئۈز زۇۋانىم بىرلە بىر سۈز ئاڭلىسام،
قالدى ھەيران خەق شۇ تىلدا ئۈز ئېلىمنى داڭلىسام.
چۈنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل – يۇرت تىلى،
ئۇشبۇ تىلدا پۈتتى داستان، شائىرلىرىم – يۇرت بۇلبۇلى.
ئۇشبۇ تىلدا يازدى ئەللامە-ئەدىبلەر كۈپ زامان،
ئۇشبۇ تىلدا قالدى مەۋجۇت شۇ يۈسۈپ، ماھمۇت ھامان…
ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرسەڭلار قاتار،
بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى ئۈزبېك ھەم قازاق، قىرغىز، سالار،تاتار.
تىلغا ئەل ئەقدە، ئۇنىڭ ۋايى قەلەمكەش تىلچىدىن،
ئۆچمىسۇن بۇ تىل ئىلى، تۇرپانۇ، قەشقەر، ئىلچىدىن.
دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى، تىل ساپلىقىن ساقلا دەپ،
تىل-يېزىق ئەركى سېنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچنى ئاقلا دەپ.
ئەي زامانىم ياشلىرى ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
شىر ناۋايىدەك چۈشۈپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.
كىم خۇشال بولمايدۇ روھلار شاد بۈگۈن ھەم ئەتە شاد،
ئانا تىل – بايلىق! ئۇنى قوغدا، بۇ يولدا تۆھپە قات !
خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ مەزمۇن – ماھىيىتىدە ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز مىللىي تەپەككۇرى، مەنىۋىيىتى، رۇھىيىتىنىڭ ئۆزەكى ھېسابلانغان تىلغا بولغان ئالاھىدە مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. مەزكۇر كۈن ئانا تىل بايرىمى سۈپىتىدە نىشانلانغان ئىكەن، بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتى ، ئاڭا بولغان ئېھتىرامى، قەدىرلەش تۇيغۇلىرى يالقۇنلىشى لازىم.
بۇ ئانا تىل دىگەن ناخشىنىڭ مەنىسى نىمە دىگەن چۇڭقۇر ھە~! مەن خىلى بۇرۇن ،بۈگۈن دۇنيا ئاناتىل خاتىرە كۈنى ئىكەنلىگىنى بىلگەن ئىدىم. ئەپسۇس ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. ئەتە ئەتگەن مەكتەپكە بارغاندا ئوقۇغۇچىلىرىمغا كېچىككەن بولساممۇ بۇ خاتىرە كۈننى تەكىتلەپ قۇيىمەن.
تۈنۈگۈن ئۆيىمىزگە بىر كونا قوشنىمىزنى مىھمانغا چاقىردۇق. ئۇلار ئوغلىنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىپتىكەن. قارىسام ھەممە گەپنى ئەبجەش قىلغىلى تۇردى. چاقىرىپ كېلىپ ئازراق نەسىھەت قىلىپ قويدۇم. بۇ ئەھۋال ئادەمنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن…
ئۇيغۇر دەيمەن ئۆزۈمنى
يات بىراۋلار مىنىڭدىن : سەن ئۆزۈڭ كىم دىگەندە ؟
چەكسىز غورۇر ئىچىدە – ئۇيغۇر ! – دەيمەن ئۆزۈمنى .
ئۇيغۇرلىقىم مۇقەددەس ، ئۇيغۇر تىلىم بىباھا ،
ئىپتىخارلىق ئىلكىدە – ئۇيغۇر ! – دەيمەن ئۆزۈمنى .
مەن بىلىمەن جاھاندا ئۇيغۇر بولماق بەكلا تەس ،
مەيلى كۈندۈز ، كېچىدە – ئۇيغۇر ! – دەيمەن ئۆزۈمنى .
سىناقلار كۆپ يوللاردا بۇ مىللەتنىڭ سەبرىگە ،
ھەر سىناقنىڭ لەھزىدە – ئۇيغۇر ! – دەيمەن ئۆزۈمنى .
مىھنىتىمدە خەلقىمگە نۇسرەت بولسا تەئەللۇق ،
نۇسرەتلەرنىڭ پەيزىدە – ئۇيغۇر ! – دەيمەن ئۆزۈمنى .
مەن يانماسمەن خەلقىم دەپ ، ئوتقا – سۇغا كىرىشتىن ،
مەردۇ – مەردلىك ئەۋجىدە – ئۇيغۇر ! – دەيمەن ئۆزۈمنى .
ئوغلۇم – دىسە مىللىتىم ئەقىدەمدىن سۈيۈنۈپ ،
شەرەپلەرنىڭ شەنىدە – ئۇيغۇر ! – دەيمەن ئۆزۈمنى .
2004 يىلىدىكى مەشىق شېئىرلىرىمدىن .
ئانا تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولىدۇ.
-ئا.مۇھەممەتئىمىن
ئانا تىلىمىز -ئۇيغۇر تىلى پاساھەت ۋە بالاغەتتە تەڭداشسىز!ئۇ ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى باغلىغۇچى،تارىخنى ئۇلىغۇچى ئارغامچىدۇر.ئۇنى ئۈزۈپ قويماسلىق مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئالدىنقى زۈرۈر شەرتى دەپ قارايمەن.شەھەرلەردىكى تىل بۇزۇقچىلىقىدىن تولىمۇ زېرىكتىم…….يېزىلىرىمزدىكى ئانا تىلىدىن ساۋادى چىقمىغان باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بالىلار نېمانداق بىچارە!
بۇ بايرامنى ھەممىمىز ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈسەك دەپ ئويلايمەن.
ھەممىڭلارنىڭ ئانا تىل بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولغاي…
بۇ توغۇرسىدا مەنمۇ تېخى دەل شۇ مۇبارەك كۈندە رادىئولدىن ئاڭلىغان ئىدىم … ھەي بىلمەيدىغىنىمىز كۆپ ،ئەمما بىلىشكە تىگىشلىكتىن ئايرىمىغاي خۇدايىم …
بۈ كۈن يەنە يېتىپ كەلدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، تور دۇنياسىدا 2009-يىلدىن بېرى بۇ كۈن ئەسلىنىۋاتىدۇ. «تەبرىكلىنىۋاتىدۇ»
بۇ كۈن – قايسى كۈندۇر؟
بۇ كۈن – ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدۇر!
بۇ كۈن – دۇنيا ئانا تىل كۈنىدۇر!
بۇ كۈننىڭ «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» بولۇپ بېكىتىلىشى بېنگال خەلقىنىڭ بىنگال تىلى ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېنگال خەلقى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن(ئۇ چاغدا بېنگال پاكىستانغا تەۋە ئىدى) بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قاتارىدا ئىشلىتىشنى (يەنى، ھۆكۈمەت تىلى دەپ ئېلان قىلغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈش)نى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. نامايىشتا بەش نەپەر نامايىشچى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا قۇربان بولغان ۋە بىر قىسىم نامايىشچىلار يارىلانغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ «ئانا تىل قەھرىمانلىرى»غا ئاتاپ خاتىرە مۇنارى ياسىغان.
ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت كومىتېتىمۇ ھەم 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتكەن
لېكىن، بىزنىڭ بىر قىسىم تورداشلىرىمىز بۇ كۈننى «ئانا تىل بايرىمى» دەپ چۈشىنىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ «ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى» قىلىپ لايىھەلىنىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ مېڭىسىنى «بايرام، تەبرىكلەش» سۆزلىرى بىلەن «پىروگىراممىلاش»نىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى بولسا كىرەك.
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى»نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ب د ت نىڭ بۇ كۈننى خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلىش مەقسىتى بىلەن «بايرام»نىڭ ھىچ مۇناسىۋىتى يوقكى؟
بىزدە «بايرام» دىمەك-«تەنتەنە» دىمەكتۇر.
لېكىن، بىز بۇ كۈندە ئاشۇ قۇربان بولغان ۋە يارىلانغان «ئانا تىل قەھرىمانلىرى»غا تەنتەنە قىلامدۇق؟ ياكى ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا گاڭگىراپ قالغان، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن مەھبۇبلىرىغا ئىنتىلىۋاتقان… ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قىسمەتلىرىگە تەنتەنە قىلامدۇق؟
ئۇنداقتا، بۇ كۈننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
ئانا تىل كۈنىنى ئەڭ ئاددى چۈشەنگەندە، «يىلدا بىر قېتىم ب د ت نىڭ تەشەببۇسىدا ئانا تىلنى بىر كۈنلۈك قوغداش ھەرىكىتى» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.
بۇ كۈن – قۇتلۇق بىر كۈن ئەمەس، بەلكى قانلىق بىر كۈن… قىسمەتلىك بىر كۈن… قىممەتلىك بىر كۈن…
بۇ كۈن – ئانا تىلنىڭ ئازابىنى ھىس قىلىش ئۈچۈن سۆزلەيدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى سۆزلىمەيدىغان كۈن!… سۈكۈت قىلىدىغان كۈن… سۆيگۈنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «چۈش» كۆرۈدىغان كۈن!…
بۈ كۈن – بۈ كۈننىڭ باھانىسىدا باراۋەت قۇرۇپ، نەپسىمىزنى ۋە ھەۋىسىمىزنى پەرۋىش قىلىدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى جاننىڭ دەرمانىنى، جاناننىڭ ئارمانىنى ھىس قىلىش ئۈچۈن «ئاچلىق»قا ۋە «ئازاب»قا چىدايدىغان كۈن!…
بۇ كۈن – ئۇسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىدىغان كۈن ئەمەس، بەلكى، ئويلىنىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان، رەببىمىزدىن تەلەپ قىلىدىغان كۈن!…
بۇ كۈندە نېمىنى ئويلىنىمىز؟
بۇ كۈندە ئۇيغۇرنىڭ ئارمانلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئامانلىقىنى ئويلايمىز…
بۇ كۈندە نېمىنى تەپەككۇر قىلىمىز؟
بۇ كۈندە ئۇيغۇرنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىر-قىممەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىمىز…
بۇ كۈندە رەببىمىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىمىز!
تەلەپ قىلماق بىزدىن، ئىجابەت قىلماق ئاللاھتىندۇر!
★★★★★
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر
★★★★★
- ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن.
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇ كىلۇر ،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كىلۇر .
ئانا تىل بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن.