ئەيدىز ( AIDS ) كېسىلى توغىرلىق ئادەتتە تولا ئويلانساممۇ، لېكىن بۇ ھەقتە بىر نەرسە يازاي دىگەندە كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى.
گەپنى ئالى مەكتەپتىن باشلاي، بىر چاغلاردا مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش تولىمۇ گۈزەل ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا مەن روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتىن ناھايىتى ساغلام ئىدىم، كۈچ جەھەتتە ھېچقانداق دوستۇم ياكى ساۋاقدىشىم ماڭا يېتەلمەيتتى، قىزىقىش دائىرەممۇ خېلىلا كەڭرى بولۇپ، ئادەتتە مەكتەپنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشاتتىم. ئۆگىنىشتە بولسا سىنىپتىكى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە ئىدىم. قىسىقىسى، ھەر قايسى جەھەتلەردە بەلگىلىك ئىقتىدارىم بار ئىدى. شۇ چاغلاردا ئەيدىز ( AIDS ) توغىرلىق بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، بىراق ئۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم. چۈنكى، مەن ئۇنى ئۆزەمدىن ئىنتايىن يىراقتا ، ماڭا نىسبەتەن ھىچقانداق خېيىم -خەتىرى يوق، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ئۇ ناھايىتىمۇ تېز كېلىپ، مېنىڭ ساغلام تېنىمگە ئورۇنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت نەتىجەم بىراقلا چۈشۈپ كەتتى، مېنىڭ ھېلىقى جۇشقۇن ھاياتىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى، بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مەسىللەرگە سەل قارىغانلىقىمدىن بولدى، ھازىر مەن يەتمەكچى بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىمدىن ئاساسەن ئايرىلىپ قالدىم، دوستلىرىم بىلەنمۇ ئانچە ئىزدىشىپ كەتمەيمەن.
راستىنى ئېيىتسام، مەن ئاتا-ئانام، پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدا تولىمۇ خىجىلمەن، ئۇلار مېنى زور ئارزۇ-ئۈمىتلەر بىلەن ئوقۇتقان ئىدى، بىراق مەن مانا ھازىر باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ بۇ ماقالىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مۇشۇنداق قىلىش مەن ئۈچۈن توغرا ئىشمىدى؟! ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس!
بەزىدە يېزىقچىلىق سەۋىيەم ياخشى بولغان بولسىچۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، شۇنداق بولسا خەلق ئۈچۈن قالتىس نەرسىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولاتتىم، چۈنكى ھازىر خەلقنىڭ بولۇپمۇ ئۆز خەلقىمنىڭ بۇ كېسەلگە قارىتا چۈشەنچىسى تازا ياخشى ئەمەس، بۇ كېسەلدىن قورققانلىرى ئۆلگۈدەك قورقىدۇ، بىلمىگەنلىرى بولسا ھېچنىمە بىلەن كارى يوق. مانا بۇ ئۇلارنىڭ بۇ كېسەلگە نىسبەتەن تونۇشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ كېسەل ماڭا يۇقتى، ئەمدى مەن بۇ كېسەلنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيمەن، شۇڭا تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىمۇ بەك دىققەت قىلىمەن. ھازىر مېنى ھۆكۈمەت ھەقسىز داۋالاۋاتىدۇ، سالامەتلىك ئەھۋالىم داۋالانمىغان چاغدىكىدىن كۆپ ياخشى، بەلكى پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىشىمدىنمۇ ئۈمىد بار.
ئاخىرىدا، ساۋاقداشلارنىڭ بولۇپمۇ تېببىي پەن ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە بولسىمۇ بۇ كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان بىرەر چارىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھە راست، بۇ كېسەلنىڭ ماڭا قانداق يۇققانلىقىنى سىلەرگە دەپ بەرمەپتىمەن، ھازىرچە بۇ مېنىڭ مەخپىيەتلىكىم بولۇپ تۇرسۇن، بۇ كېسەل پەقەت قاندىن ، ناشايان جىنسى مۇناسىۋەتتىن، ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى ئىشلەتكەن ئوكۇلنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقىدۇ، ماڭىمۇ مۇشۇ ئۈچ خىل يولنىڭ بىرسى ئارقىلىق يۇققان.
سىلەرگە يەنە دەيدىغىنىم شۇكى، سىلەر تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار، ھەرگىزمۇ ماڭائوخشاش ئۆزىنى مىسال قىلىپ باشقىلارغا ئىبرەت بولىدىغان ماقالە يازىدىغانلاردىن بولۇپ قالماڭلار.

ئىزاھات: بۇ خەت گۈي شىئېننىڭ « ياشلىقىڭىزغا توغان سېلىڭ » ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىنغان بولۇپ، خەنزۇچە تەرجىمىسىنىڭ ئۈستىگە ئەسلى قوليازما رەسىم ھالىتىدە قىستۇرۇلغانكەن، بۇ يەردىمۇ ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەي ئۆز پېتى بېرىلدى.

يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىل 02-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 18:14
كۆرۈلۈشى: 2,671 قېتىم
خەتكۈش: ، ،
يازما مەنبەسى: 1406.html  [كۆچۈرۈش]