نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئالتۇنرەڭ بالىلىق ( ئەسلىمە+ سۈرەت + مۇزىكا )

ئالتۇنرەڭ بالىلىق ( ئەسلىمە+ سۈرەت + مۇزىكا )

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﺟﯜﻡ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚﻳﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻍ – ﯞﺍﺭﺍﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﻯ ، ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺗﯧﺮﻩﻛﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻛﻪﯓ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯧﯟﻩﺯﻟﯩﻚ، ﺷﯩﻤﺎﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﺪﺍ ﺳﯚﮔﻪﺕ ، ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺘﺎﻟﻼ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﯔ ﺋﯘ ﻳﯧﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻍ – ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﺎﻣﯘﺕ، ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﻳﺎﭖ – ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﺎﭖ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ -ﻣﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﺎﮬﺎﺭ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﮬﻪﻱ ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ – ﮬﻪ !

ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ 18 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻚ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﭺ ﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﯓ – ﭼﯘﯕﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﻰ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﭗ ﺳﻮﻗﺎﺵ ﺋﻮﻳﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﯘﻕ، ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭘﻤﯘ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯘﻕ…

ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ، ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﯖﻘﻰ ﭼﯜﺷﺘﻪ، ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﺯﺍ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯩﭙﻴﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟﻪﺗﺘﯘﻕ، ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﻐﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﯘﻕ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﭘﯩﻠﻠﻪﻛﻜﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺗﻮﯓ ﺳﻮﻳﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﭼﯩﻠﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻏﯩﺮﯨﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺗﻪﯓ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﻪﺗﺘﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﻪﻳﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻙ، ﻣﯘﭺ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﺘﯩﺮﺍﭼﻼﺭﺩﺍ ﺗﻮﻏﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﺎﻡ ﺳﻪﻱ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﭗ، ﺷﺎﮬﺎﻧﻪ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻪﮬﯘﺯﯗﺭ ﻳﯧﻴﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯘﻕ. ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻛﻪﭘﺴﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﻨﺎ – ﻗﻮﻟﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻮﺧﯘ – ﻛﻪﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﻛﯜﻟﮕﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻡ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﺎﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﺍ ﺷﯘ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﻪﻛﻜﻪ ﺋﯘﻏﺮﯗﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺯ ﺳﻪﻣﺮﯨﮕﻪﻥ ﭼﺎﺭ ﺧﻮﺭﯨﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻏﺮﯨﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻮﺭﺍﺯﻧﻰ ﻳﯘﯕﺪﺍﭖ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯧﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﯓ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺧﻮﺭﯨﺰﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﻳﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ… ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﯕﺌﺎﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﻤﻪﻥ، ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﺩﯗﻕ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﻮﯕﺌﺎﻧﺎﻡ << – ﮬﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺭﺍﺯﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ – ﮬﻪ ؟ >> ﺩﯦﺪﻯ – ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، – ﮬﻰ ﮬﻰ ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘﻕ ﺷﯘ، ﮬﻪ ﺭﺍﺳﺖ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺰ ﻳﯧﻤﯩﺪﯗﻕ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻘﯘ ؟ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﯧﺠﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ….

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﮔﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯘ ﻳﯧﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯩﻖ – ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯩﺸﻘﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺟﺎﻳﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ << ﺗﯘﻧﺴﺎ ﺩﺍﯓ >> ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻛﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﺍﯓ ﺩﯦﺴﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺘﯩﻜﻰ ﺩﻩﻳﺘﺘﯘﻕ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﺴﻪﻙ، ﺋﯘ ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻘﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ، << ﺩﺍﯓ >> ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺗﯘﻧﺴﺎ ﺩﺍﯓ ﮬﻪﺭ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯩﯖﻘﻰ ﭼﯜﺷﺘﻪ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺟﯜﻣﻪﮔﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ << ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ >> ﻏﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗﺭ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﯦﻤﯘﻧﺘﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﻣﺎﺭﯨﻠﯩﺸﺎﺗﺘﯘﻕ… ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ << ﺗﯘﻧﺴﺎ ﺩﺍﯓ، ﺗﯘﻧﺴﺎ ﺩﺍﯓ، ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻳﻤﺎﺱ ﺗﯘﻧﺴﺎ ﺩﺍﯓ … >> ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﯞﻻﭖ، ﭼﺎﻟﻤﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﺸﺎﺗﺘﯘﻕ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺘﭽﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻪﺗﺘﻰ …

ﻛﯜﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯧﯖﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﺎﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﻱ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻮﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﯖﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﻳﯩﯟﯨﺘﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﺟﻤﻪﻛﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﺭﺕ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺩﯨﯔ ﺩﯨﯔ ﺋﺎﺗﺎﺗﺘﯘﻕ، ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺋﯜﭼﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﭘﯩﺴﺘﻪﻙ ﻳﺎﺳﺎﭖ << ﭼﺎ ﭘﯩﺴﺘﻪﻙ >> ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺋﯧﯖﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، << ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻛﯚﭺ ﻛﯚﭺ >> << ﺋﺎﻧﻪﻙ – ﺑﺎﻟﻪﻙ >> ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﺎﺗﺘﯘﻕ… ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﻱ ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﯞﯗﻝ ، ﺗﻪﻣﺒﻪﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﺎﭺ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﯩﺰﯨﺮ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ، ﭼﯚﭼﻪﻙ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻮﻗﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻤﯩﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯘﭖ، ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﯘﻳﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﺗﺘﯘﻕ …

ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﯟﻩﺯﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺷﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﯞﯦﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﯘ ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ، 1- ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺯ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻛﻪﯓ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﯘﺯﻟﯘﻗﺘﺎ ﭼﯘﻗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﭗ، ﭼﺎﻧﺎ ﺗﯧﻴﯩﻼﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺳﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻛﺎﻧﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﺸﯩﭗ، ﻣﯘﺯ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﻪﺗﺘﯘﻕ… ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﭼﯩﻤﺎﻕ ، ﭼﻮﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﺸﯩﭗ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﯜﺷﯜﻛﻴﺎﭘﻼﻕ ﺋﻮﯞﻻﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺋﺎﭼﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻛﺎﯞﺍﭖ ﺋﯧﺘﯩﺸﻪﺗﺘﯘﻕ …

ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺗﯜﻧﻪﻙ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﻰ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺸﭗ ﺋﻮﻳﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﺧﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺗﻘﺎ ﻗﺎﻗﻼﭖ ﻳﯧﻴﯩﺸﻪﺗﺘﯘﻕ… ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺗﻮﯞﻻﺵ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﺋﯚﺷﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﻟﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﺸﯩﭗ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯘ – ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺗﻮﯞﻻﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﺎﻟﻤﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺳﻪﺕ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﯞﻟﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﭼﺎﺗﺘﯘﻕ، ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻥ – ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯚﻟﯜﺷﻪﺗﺘﯘﻕ …

ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻣﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩﻼ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻠﯩﻘﺘﺎ، ﻟﻪﮔﻠﻪﻙ ﺋﯘﭼﺮﯗﺵ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﭘﻪﻳﺰﻯ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮔﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ << ﺑﻮﺕ – ﺑﻮﺕ >> ﻳﺎﺳﯩﺸﯩﭗ ﭼﺎﻻﺗﺘﯘﻕ، ﻗﯩﺰﻻﺭ << ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﭼﺎﭺ >> ﻳﺎﺳﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ << ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﭼﺎﭺ >> ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ، ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﺎﺗﺘﯘﻕ … ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﻧﺪﯛﺯﻯ << ﺳﻮﺑﻮ ﺗﯧﭙﯩﺶ>>، << ﺗﻮﻙ ﻗﺎﭼﺘﻰ >> ، << ﻣﻪﺭ ﻣﻪﺭ ﺗﺎﺵ >> ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﺎﻕ، ﻛﻪﭼﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﺪﺍ << ﻣﯚﻛﯜ – ﻣﯚﻛﯜﻟﻪﯓ >> ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﺎﺗﺘﯘﻕ …

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯜﯞﻩﻳﻨﯩﺪﻩ << ﺗﯚﻟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻠﻪﺭ << ﺩﻩﻱ >> ﺩﯦﻴﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﺩﻩﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻘﻰ ﻗﯘﻣﺴﯩﯖﯩﺮ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﺳﻪﺗﺘﻰ، ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻪﺗﺘﯘﻕ. ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﻩﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ، ﻗﯘﻣﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯧﻨﻰ ﺩﻩﻱ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﺩﯛﻣﺒﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻏﯘﯞﺍ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﻏﻪﺭﯨﭙﻜﻪ ﻗﯩﻴﺴﺎﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﭗ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻛﯚﻳﻨﯩﻜﻤﻨﻰ ﺳﯧﭙﯩﯟﯦﯩﺘﯩﭗ ، ﺩﯛﻣﺒﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺩﯛﻣﺒﻪﻡ ﯞﯨﮋﯨﻠﺪﺍﭖ ﺋﯧﭽﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﻴﯩﻢ ﻛﯧﻴﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻛﯧﻴﮕﻪﻧﭽﻪ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﯩﻢ، ﭼﻮﯕﺪﺍﺩﺍﻡ ﺩﯛﻣﺒﻪﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ:

- ﺋﺎﭘﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﻣﺎ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻨﻰ، ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﺑﻪﻛﻼ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ ﺑﺎﻻﻡ ، – ﺩﻩﭖ ﺩﯛﻣﺒﻪﻣﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯖﺪﯗﺭ ﻣﯧﻴﯩﺪﺍ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﺩﯛﻣﺒﻪﻡ ﺷﯘ ﻛﯚﻳﮕﻪﻧﭽﻪ 10 ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﭼﺎﻣﻐﺎ ﻛﯧﻴﯩﻢ ﻛﯧﻴﻪﻟﻤﺪﯨﻢ، ﺋﻮﯕﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ، ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ، ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯧﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ… ﮬﻪﻱ ، ﺷﯘ ﺑﻪﯕﺒﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﭖ ، ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﭽﻪ ….

ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﻪﺷﯘ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ، ﺧﻴﺎﻝ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻐﺎ ﭼﯜﻣﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ، ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﺷﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ – ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ، ﻗﻮﻱ ﭘﺎﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﺋﯧﭽﯩﻘﯩﭗ ، ﭘﺎﻗﻼﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﺴﺎﻡ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻧﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ … ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺭﯦﺘﯩﻤﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﺮﯨﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻏﻪﻣﺴﯩﺰ – ﻏﯘﺑﺎﺭﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻤﯩﺪﯗ؟ ! …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئالتۇنرەڭ بالىلىق ( ئەسلىمە+ سۈرەت + مۇزىكا )

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!8 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. otyak مۇنداق يازغان:

    مەزمۇن سۇرەتلەر بەك ياخشى بوپتۇ.

  2. apandi مۇنداق يازغان:

    بالىلىق نىمە دىگەن گۈزەل چاغلار ھە!

  3. uyghurlar مۇنداق يازغان:

    بەك پەيزى رەسىملەر باركەن راستلا…؟
    مۇزىكىمۇ بەك ماس كەپتۇ.[face05]

  4. AZIZ1 مۇنداق يازغان:

    ھازىرقى بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ئۇنداق تاتلىق ئەمەس ،ئۇلار ۋاقتى مەكتەپ ،ئائىلدە كىتاپ ئۇقۇش ،ئگۇنۇش بىلەن ئۇتكۇزىدۇ.زىيادە ئۇگۇنۇش بېسمى ئۇلارنى قۇرقۇنچاق ،مىشچان ،قىلىپ قۇيۇۋاتىدۇ،ئاھ بالىلىق………..

  5. yolqi مۇنداق يازغان:

    بلوگ ئىگىسىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش تاتلىق بالىلىقلىرى بولۇپتىكەندە ؟! مال بېقىشنىىڭ ھوزۇرى ھازىرقى بالىلارنىڭ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ – دە ؟؟! …

  6. infitar مۇنداق يازغان:

    رەھمەت، ساڭا يۇكسەل !
    زېھنىڭنى سەرپ قىلىپ مۇنۇ نەرسىنى بەكمۇ ئەپچىللىك بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقىپسەن .
    ئەبلەخ ، بۇنى كۆرۈپ بولغىچە كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلۇپ كەتتى ، نىمىشقا دىمەمسەن ، بۇرۇن بالا ئىدۇق ، مانا ئەمدى بالىلارغا دادا بولدۇق ،مەن بىر قانچە قېتىم يۇرۇتقا قايتىپ مەھەللىگە بارغان بولساممۇ ، ئەينى ۋاقىىتتىكى سەزگۈلىرىمنى تاپالمىدىم ، مەيلى شۇ مەھەللىمىزدە بولسۇن ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن يېزا -قىشلاقلارغا بارغان بولساممۇ ، نە قەغەزلەرنى قاتلاپ باۋۇز ئوينايدىغان ، كونا كىتاپ -دەپتەرلەرنى يىرتىپ يالغان پۇل ياساپ قىمار ئوينايدىغان ، تاماكا ،كەمپىت قەغەزلىرىنى چىرايلىق قاتلاپ "بو" ئوينايدىغان ، دەرەخ سايىسىگە توپلىشىۋېلىپ ئوزۇن-ئوزۇن جەڭنامە ياكى چۆچەك تۇقۇيدىغان ( ھېلقى تۈگىمەس پوستەكچىنىڭ ھېكايىسى ئېسىڭدىمۇ ، بىز ئۇنىڭ ھەرخىل ۋارىيانتىلىرىنى ئىجات قىلغان ) تاياق -توقماقلارنى كۆتۈرۈشۈپ لالما ئىتلارنى قوغلاپ ئۆلتۈرۈپ ئوۋچىلىق قىلىدىغان ، ئۆستەڭ سۈيى توختىغاندا كۆلچەكلەردىكى بېلىقلارنى تۇتۇپ كېلىپ كاۋاپ قىلىپ يەيدىغان …بالىلارنى ئۇچرىتالمىدىم ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن قانغۇدەك يەنە بىر قېتىم ئوينىۋالغۇم بار ئىدى ، ئەپسۇس پەقەت شىرىن ئەسلىمىلەردىن باشقا ھىچنەرسە قالماپتۇ ، ئېشەنگۈم كەلمەي يىغلاپ سالدىم …
    ھەپتە ئاخىرىدىكى بىر يېرىم كۈن ، قىشلىق ، يازلىق تەتىللەر ، ھېيىت – بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىمىزنىڭ قايسى بىرى مەنىلىك ئۆتمىگەن -ھە! ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز دىگەندەك ئاشۇ ۋاقىتلاردا بىزگە راستىنلام 100 تۈرلۈك ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلاتتى ، ئاخشامدىكى سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇدىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە دائىم بىللە ئىدۇق ،بىز ئوينايدىغان ئۇيۇنلار ، قىلىدىغانغا ئىش چىقىپ تۇرراتتى ،يىراقلاردىن توختىماي ئەپكەش بىلەن سۇ تۇشۇيتتۇق ، ئاخىرى سىنىڭ كىچىك داداڭ ئەركىن ئاكىمىز قول ھارۋىلىق تۇڭ ياساپ بىزنى ئەپكەشتىن ئازاد قىلىۋەتكەن . ئۆلگۈدەك تاپشۇرۇق ئشلىمىسەكمۇ ، توختىماي كىتاپتىن باش كۆتۈرەلمەي يۈرمىسەكمۇ ، دەرس نەتىجىلىرىمىز يەنىلا ئەلا ئىدى ،…ھازىرقى ئۈسكۈنىلەر شۇ چاغدىمۇ بولسا …قانداق ياخشى بۇلار ئىدى، خەير ، كاللىمىزدا بەدئىي سۈرەتتەك ساقلاپ ، تىلىمىزدا داستان قىلىپ ، قەلەم بىلەن خاتىرلىمەكتىن ئۆزگىچە ئامال يوق …
    جا ھان بەك تېز ئۆزگۈرۈپتۇ ، تەرەققىيات بارلىق مەنزىرلەرنى ، تۇيغۇلارنى يوق قىلىۋېتىپتۇ ، ئەمدى ھەرقانچە يۇقىرى مەبلەغ ئاجراتقان بىلەنمۇ ئۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ …
    ساڭا يەنە بىر رەھمەت ، كۆڭلۈم خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى .

  7. kainam مۇنداق يازغان:

    بۇ تىمىنى ئەينى ۋاقىتتا ئىزدىنىشقا يوللىغاندىمۇ شۇنداق قىزىغانتى ، بۇ يەردە ئوقۇپ مېنىڭمۇ بىر نەرسە يازماي چىقىپ كەتكەم كەلمىدى.
    راست دەيسىز ، كىچىك چاغلار ھەقىقەتەن مەنىلىك ئۆتكەن ، باغچىنىڭ ئىلەنگۈچلىرىدىن باشقا جايدىن خۇشاللىق تاپالمايدىغان ھازىرقى زامان بالىلىرنى كۆرگىنىمدە ئىچىم ئاغرىيدۇ . كىچىك چاقلىرىمىزدا مەھەللىمىزدە ئىككى ئېىقن ئۆستەڭ بولۇپ ، "قوش ئۆستەڭ" دەپ ئاتايتتۇق ، ئېگزرەكىنى ئېگىز ئۆستەڭ ، چوڭقۇرراقىنى چوڭقۇر ئۆستەڭ (مەھەللىمىزنىڭ شىۋىسى بويىچە چۇقۇ ئۆستەڭ) دەپ ئاتايتتۇق . ئۆستەڭنىڭ ئىككى قېشىدا ئادەم بېلىدەك كېلىدىغان سۆگەتلەر ئۆسكەن بولۇپ ، شاخلىرى ئۆستەڭگە سايە تاشلاپ تۇراتتى ، سۆگەت شاخلىرىغا ئېسىلىۋېلىپ ئۆستەڭ يۈزىدە ئۇچۇشۇپ ئوينىغانلىرىمىز ، سۆگەتنىڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ سۇغا سەكرىگەنلىرىمىز مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، ئويلىسام يىغا تۇتىدۇ . سۆگەت شاخلىرىنىڭ باراقسانلىقىدىن ئۆستەڭگە ئاپتاپ چۈشمىگەچكە سۇ خېلىلا سوغۇق ئېدى ، يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىر ئىككى سائەتلىپ سۇدىن چىقماي ئوينىشاتتۇق ، ئازراق قۇمنى دۆۋلەپ قويۇپ ، ئوتتۇرسىغا بىر تال ياغاچنى سانچىپ ، ئەتراپىدىن ھەممىمىز تەڭ كولايتتۇق ، كىم ئۆرىۋەتسە ئىككى پۇتى ، ئىككى قولىدىن تۇتۇپ سۇغا ئاتاتتۇق …. ھەي ، نىمىدىگەن ئېسىل كۈنلەر ھە ؟!!!
    قاچانلاردىن بېرى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ۋەزىپىسى چۈشتىكىن ، ئۆستەڭ ياقىسىدىكى سۆگەتلەرنى قومۇرۇپ ، ئۆستەڭگە سىمونىت ياتقۇزۋېتىشتى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قايناق قوش ئۆستەڭ جىمجىت ئېقىشقا باشلىدى . پات-پات Google دىن شۇ ئىككى ئۆستەڭنى ئىزدەپ كۆرۈپ قويىمەن ، خېلى يىراقلارغىچە ئىزدەپ باقساممۇ شۇ چاقلاردىن قالغان بىر نەچچە تۈپ سۆگەتتىن باشقا باراقسانلىقنى تاپالمايمەن ، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئىككى تال سىزىقلا كۆرۈنىدۇ …..
    يۇقاردە دىيىلگەندەك قوي بېقىشقا بېرىش نەقەدەر كۆڭۈللۈك ئېدى ، بالىلار ھەممىمىز مەسلىھەتلىشىپ ، بىر بىرىمىزنى چاقىرشىپ دېگەندەك قويلىرىمىزنى تەڭلا ھەيدەپ چىقاتتۇق ، ئاپىرىپ يايلاققا قويىۋېتىپ ، سازلىقلاردا بېلىق تۇتۇپ ، يۇلغۇن تاياقلىرى بىلەن كاۋاپ قىلىشاتتۇق … كەچتە قايتقانلىرىمىزدا قويلارنى ئالدىدا بىرىمىز يول باشلاپ ماڭاتتۇق ، قويلارمۇ ئالدىدىكى بالىغا ئەگىشىپلار ماڭاتتى ، قويلارمۇ ئۆز ئۆيلىرىگە كەلگەندە ئېزىقىشماستىن ئايرىلىپ ئۆز ئېغىللىرىغا كىرىشەتتى … نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ يەرگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىشقا باشلىدى ، يايلاقلار ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇلدى ، باغلار كېسىلدى ، ساسلىقلارنىڭ سۈيى تارتىلىپ ، قۇرىدى ، كىيىنچە ساسلىقلارمۇ ئېتىزغا ئايلاندۇرۇلدى ، مەھەللە جىمجىتلىشىشقا باشلىدى ، بالىلارنىڭ بىر بىرىنى چاقىرشىپ چۇرقىراشقان ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدىغان بولدى. قويلارنىڭ مەرەشكەن ، كالىلارنىڭ مۆرەشكەن ئاۋازلىرى مەھەللە ئوتتۇرسىدىكى يايلاققا بارىدىغان يولدىن ئەمەس ، قوشنىلارنىڭ ئېغىللىرىدىن ئاڭلىنىدىغان بولدى …
    [reply=Yuksel,2010-07-03 04:10 PM]بىزنىڭ بۇ تاتلىق ھېسلىرىمىز بۇ كەمدىكى بالىلارنىڭ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ – دە ؟! …[/reply]

  8. abdulla مۇنداق يازغان:

    مەن گەرچە ئىچكىرىدە ئالي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولساممۇ، داۋاملىق مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە نەسىرلەرنى ئۇقۇيمەن. بۇ نەسىرمۇ بەك ياخشىكەن، ئادەمنىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدىكەن ئەمەسمۇ! ئاپتورغا رەخمەت!
    [reply=Yuksel,2010-07-11 02:10 PM]مەزكۇر يازمىمىز سىزگە شۇنچىلىك ھوزۇر ئاتا قىلالىغان بولسا، بىزنىڭمۇ ھاردۇقىمىز چىقتى. سىزنىڭ داۋاملىق يۈكسەل بلوگىنى زىيارەت قىلىپ، خالىغان تېمىلاردا پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز![/reply]

abdulla 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟