10 يىل بۇرۇنقى ئاكا – ھەدىلىرىمىز ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ھامان،  ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش خىزمەت تەقسىم قىلىش سىياسىتىنىڭ شاراپىتى بىلەن تېگىشلىك خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئىشقا چۈشۈپ كېتىشەتتى … مانا ئەمدى 10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، ھەر 5 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 1 نەپىرى ئىشقا ئورۇنلىشالماي، ئۆزىنىڭ بۇندىن 10 يىللاپ بۇرۇن تۇغۇلۇشمىغانلىرىغا ئۆكۈنۈپ يۈرۈشمەكتە…
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى  ۋە ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى نەتىجىسىدە، بەزى ئايرىم ئالاھىدە كەسىپلىرىدىن باشقا كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ئىشقا بىر تۇتاش تەقسىم قىلمايدىغان بولدى. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئادەم ئالغۇچى ئورۇندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تاللىشىدىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەندىزىسى قوللىنىلدى. بۇمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭغا قارىتا كۆپچىلىك چوقۇم توغرا تونۇشتا بولۇشى ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك. ئاللاكىملەردىن قاقشاشنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە ئەھمىيىتى يوق.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز ئېشىشتەك راۋاجلىنىش مۇقىم يۈزلىنىشىنى ساقلاپ كەلگەن، ۋە ئىش ئورنىمۇ مۇناسىپ دەرىجىدە كۆپەيگەن بولسىمۇ ، نوپۇسنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى، ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆزىگە توغرا باھا بېرىپ، كەسپنى ئىمكانقەدەر ئاقىلانىلىك بىلەن تاللىشى كېرەك.
ئالدى بىلەن، پاسسىپ روھىي ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، ئىشلارغا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، باشقا ئورۇنلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ ياكى ئالدىمىزغا كېلىپ ئادەم ئېلىشىنى ساقلىمساتىن ، ئۆزىمىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىدارە – ئورگانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ، ئىش ئىزدىشىمىز كېرەك. ھەريىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسىمى دەل ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشالماي ، كېلەركى يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى ئاتقۇزىۋېتىپ بارىدۇ. 2008 – يىللىق << جەمئىيەت كۆك تاشلىق كىتابى  >> دا قەيت قىلىنىشىچە، 2007 – يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 500 تۈمەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ھالبۇكى بۇلاردىن 100 تۈمەن كىشى تا ھازىرغىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان، دېمەك ھەر 5 ئادەمنىڭ ئارىسىدا 1 ئادەم ئىشسىز دېگەن گەپ.
ئەمدى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ، پارتىيە – مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ  ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن، ئازادلىقتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئازسانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقى كۈنسېرى زورىيىپ ماڭدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەريىلى تۈمەنلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز يۇرتىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئىشتىراك ئېتىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مائارىپ – تەربىيىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئەلۋەتتە بۇلار مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ئالقىشلاشقا، تەنتەنە قىلىشقا تېگىشلىك زور ئىش.  مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە تالىق بولغان ئىچكى سەۋەبمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.
يۇقىرىقىدەك زور ئۇتۇقلارنى ئىپتىخار ئىلىكىدە تىلغا ئېلىش ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قىلغان كاتتا غەمخورلۇقىغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. مەيلى مەملىكەت مىقياسىدىكى ۋە ياكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەب كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشى مۇمكىن ، مەزكۇر يازمىدا  بىز پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان ئىچكى سەۋەب ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچىمىز.

1. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا پاسسىپ روھىي ھالەت ئېغىر بولۇپ، تېخىچە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا، ئىشقا ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ قوبۇل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلار يوق ئەمەس. تاكى مەكتەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇچراشتۇرۇش يىغىنلىرىنى ئاچمىغىچە ، ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتلارغا چىقىپ، ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىش ئىزدىمەيدۇ. بەزىلەر ئاتا – ئانىسنىڭ ئىش تېپىپ بېرىشىنى، باشقىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشىنى كۈتۈپ، خىزمەتنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى تاما قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈنلىرىنى بىكارغا ئۆتكۈزۈشىۋېتىدۇ. مېنىڭچە ، بۇ خىل پاسسىپ خاراكتېرنى ئۆزگەرتىپ، تەشەببۇسكار بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن  ئىش ئىزدىشى كېرەك.

2. ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار دائىم مەن مۇنداق بىر ئورۇندا ئىشلىسەم بولىتى دېگەننى ئويلايدىيۇ ، دائىم ئۆزىنىڭ قانداق ئىش ئورنىغا لايىق كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ. دائىم ئىش ئورنىغا شەرت قويۇپ يۈرۈيدۇ، ئۆزىدە قانداق شەرت – شارائىتنىڭ يېتىلگەنلىكىگە باھا بېرىشكە سەل قارايدۇ. مېنىڭچە،  ئىش ئورنىغا تەلەپ قويۇش توغرا ئىش ، شۇنڭ بىلەن بىرگە ئۆزىگىمۇ باھا بېرىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئۆزىمىزنى ھەقىقىي توغرا تونۇپ ، باھانى ئېنىق بەرگەندە، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئىش ئورۇنلىرىغا ماس كېلىدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

3. ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاشتا بوشاڭلىق قىلىش. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەييارلىماسلىق. مانا مەن ئۇچراتقان كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئىش ئىزدەشتە كۆڭۈلدە سان بولۇش بىلەن بىرگە تەييارلىقمۇ پۇختا بولۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئىش ئىزدەش رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىش مۇمكىن. دىيارىمىزدا ئىشقا ئورنلىشىشنىڭ مۇھىم باھالاش كۆرسەتكۈچىسى بولىۋاتقان خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى، كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىللىرى سەۋىيە گۇۋاھنامىلىرىنى چوقۇم پۇختا تەييارلاش كېرەك. كام بولسا ئىمتىھان بېرىپ ئېلىش كېرەك.
4. كۆزنى يوغان ئېچىپ كەسپ تاللاش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئوقۇغان كەسىپ بويىچىلا ئىش ئىزدەپ قالماستىن، كەسپىمىزگە ئالاقىدار بولغان باشقا كەسىپلەر ۋە ئۆزىمىز ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان باشقا كەسىپلەرنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.
5. چوقۇم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالماسلىق كېرەك. بۇ خىلدىكى ئورۇنلارغا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ، ۋاقتىنى زايە قىلماستىن دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلار، خۇسۇسىلار ئىلكىدىكى شىركەتلەردىن ئىش ئىزدەش كېرەك. بۇنداق بولمايدىكەن، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى خىزمەت تاپمىقىمىز تېخىمۇ تەسلىشىپ كېتىدۇ.
6. چوڭ شەھەرلەردە ئىشلەش ئارزۇسى بەلكىم بارچە ئوقۇغۇچىلاردا بار بولغان شېرىن چۈش بولسا كېرەك. ئەمما، شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، چۈشلەرنىڭ ھەممىسى رېئاللىقا ئايلىنىدىغان ئىش بۇ جاھاندا يوق. شۇڭا، رېئاللىقنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزگە توغرا باھا بېرىپ، دادىللىق بىلەن تۆۋەنلەرنى تاللاپ ئىش ئىزدەش كېرەك. بۇنداق بولمايدىكەن، شەھەرلەردە تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالماي، بىر – ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەندىنمۇ خىزمەت تاپالمايدىغان خالتا كوچىغا كىرىپ قالىمىز…
7. ئىش ئورنىمىزنىڭ مائاش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىدراكى يۇسۇندا قارىشىمىز، ھەرگىزمۇ دەماللىق ئىشنى كۆزدە تۇتۇپ، پەش قېقىپ كېتىپ قالماسلىقىمىز كېرەك ( ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بولسا بۇ باشقا گەپ ).
8. يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش يولىغا زورۇقۇپ كىرىۋالماسلىق كېرەك. مەسىلەن، بىر قىسم ئوقۇغۇچىلار دائىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئاۋۋال ئىش ئىزدىمەستىن داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىدا، تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىر ئىككى يىلنى ئۆتكۈزۋېتىشىدۇ، گاھىلىرى ئۆتىدۇ، گاھىلىرى ئۆتەلمەيدۇ، ئۆتكەنلەرنىڭ ئىشىغۇ ياخشى ، ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ ئىش ئىزدىشى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۆرلەپ ئوقۇش ئىشىدا ، يەتتە ئويلاپ بىر كەسكۈلۈك.
9. باشقىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىش ئىزدەش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىمىز ئىگىلىك تىكلەش يولىنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش، ئىمكانىيەت بولسا ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىچە تەرەققىيات يولىنى تاللاش كېرەك.

يوللانغان ۋاقتى: 2008-يىل 06-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:26
كۆرۈلۈشى: 166 قېتىم
خەتكۈش:
يازما مەنبەسى: ?p=681  [كۆچۈرۈش]