torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

دۇنيا بويىچە 1 مىليارت ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىكەن …

بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا چىقىرىلغان ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئەگەر ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تاماكا سېتىشنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويمايدىغان بولسا ، مۇشۇ ئەسىردە 1 مىليارت ئادەم تاماكا چىكىش تۈپەيلى ھاياتىدىغان ئايرىلىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىش تۈپەيلى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولۇپ ھاياتىدىن ئايىرىلغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە ياشايدىغان بولۇپ، تاماكا چەككۈچلەرنىڭ سانى بۇ ئەللەردە داۋاملىق ئېشىۋېتىپتۇ.
پەن – تەتقىقات خىزمەتلىرىدە تاماكىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى ، ھەتتا ئۇنىڭ راك كېسىلى ، يۈرەك كېسەلللىكى ۋە باشقا جانئالغۇچ كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاماكا تىجارىتىدىن ئالىدىغان باج كىرىمى ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىشىنى چەكلەشكە سەرىپ قىلغان مالىيە چىقىمىنىڭ 500 ھەسسىسىگە باراۋەر كەلمەكتە.
ئۆتكەن ئەسىردە ( 20 – ئەسىر ) دۇنيا بويىچە تاماكا چېكىشكە ئالاقىدار كېسەللىكلەر تۈپەيلى 100 مىليۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ( 3 تىن 2 قىسىمى ) جۇڭگو ، ھىندىستان ، ھىندۇنىزىيە، روسىيىگە ئوخشاش 10 دىن ئارتۇق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ياشايدىغان كىشىلەردۇر.
ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولسىمۇ ، دۇنيادا يەنىلا 70 كە يېقىن دۆلەت مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشكە يول قويىدۇ.
نۆۋەتتىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سانى يىلسىېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كىشىنىڭ ئەندىشىنى قوزغايدىغان يېرى شۇكى، ئايال بەڭگىلەرنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېز سۈرئەت بىلەن ئېشىۋېتىپتۇ.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچى تۈر مەسئۇلى (佩提特) نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگودا %60 ئەر تاماكا چىكىدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت ھەر يىلى ئاز – ئازدىن ئېشىپ بېرىۋېتىپتۇ. ئەمما، جۇڭگودا پەقەت %2 – %3 لا ئايال تاماكا چېكىدىكەن. شۇڭا، تاماكا شىركەتلىرى جۇڭگو ئاياللىرىدىن ئىبارەت بۇ << غايەت زور بازار >> نى ئېچىشقا باشلاپتۇ. ھەتتا، بۇ شىركەتلەر ياش – ئۆسمۈرلەرنىمۇ نىشانلاپ بولۇپتۇ.
مەزكۇر دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇلىشىچە، 2030 – يىلىغا بارغاندا، دۇنيا بويىچە 800 تۈمەن كىشى تاماكا چېكىشكە ئالاقىدار كېسەللىكلەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ %80 تىدىن كۆپرەكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر كىشىلىرى بولىدىكەن.
مەنبە

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: دۇنيا بويىچە 1 مىليارت ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىكەن …

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. mamatjan مۇنداق يازغان:

    مەن مۇشۇ تاماكىنى بەكمۇ چىكىمەن . كۇندە بىر قاپ تەس يىتىدۇ . بۇغۇ نورمال لىكىن ئەتتىگەندە ناشتىسىز ئاز دىگەندە 5-6تال بەزىدە بۇنىڭدىن كۆپ چىكىمەن . تاشلاي دەيدىغان خىيالىممۇ يوق .ئەجەپ بولىدىكەن تاماكا دىگەن.

  2. kainam مۇنداق يازغان:

    تېخى تاشلاي دېگەن خىيال يوق دەپ قويۇڭ ! … تاشلايسىز بىر كۈنلەردە …

  3. ئابلىز مۇنداق يازغان:

    بۇ دېگەن دەل ئۆزىنىڭ ئۆلىمىگە ئۆزى يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىك

  4. باچكا مۇنداق يازغان:

    توغرا، ماۋۇ گەپنى دەيدىغان سورۇن تاپالماي ئولتۇرغان مەن، تاماكا دىگەن، قەدىمكى زاماندا مونچا تاپالمىغان ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ئەتىر ئىدى، ھازىرمۇ ئىچىدە بىلىپ ئاغزىدا تاماكا، ئىچىدە پۇراق توسقۇچ ئەتىر قىلىپ ئىشلىتىدۇ..

يۈكسەل 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟