تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ ئاشقازانغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى مېڭىدىن ئاشقازانغا چۈشكەن نەزلىنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا زەخمە ۋە مۇدۇر چاقىلار پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر . بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : دەم سىقىلىش ، ھوشسىزلىنىش ، قول – پۇت سۇۋۇپ كېتىش ، ھەزىم ناچارلىشىش ، ھەزىم بۇزۇلۇش ، سېسىق كېكىرىش ، زېھنى ئېغىر بولۇش ، ئېغىزغا مۇدۇر – چاقىلار چىقىش ، تامغاق [...]

ئىستىمنا) ھەققىدە ئومۇمىي بايان (يېقىندىن بۇيان كەڭ ياشلىرىمىزدىن قول بىلەن مەنىي چىقارسا بولامدۇ؟ شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قولى بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ يالىڭاچ رەسىملەرگە قارىسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەندەك قول بىلەن لەززەتلىنىش ۋە مەنىي چىقىرىش ھەققىدە كەلگەن سوئاللار كۆپ بولغاچقا بۇ مەسىلىدە ياشلىرىمىزغا يېتەرلىك مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ بايان تەييارلاپ سۇنۇلدى.) ناھايىتى مېھرىبان ھەم شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن جېمى ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى [...]

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە كېسەللىنىش قانۇنىيىتى، شۇنداقلا تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە داۋالاش پرىنسىپى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى، مىخانىزىم، پرىنسىپ تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى، تۇخۇم توشۇش نەتچىسى خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، غىدىقلىغۇچى يېمەك- ئىچمەك ۋە دورا- دەرمەكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، مۇھىت ئامىلى قاتارلىقلارغا [...]

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى بۇ ناھايىتىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەر قانداق ياشتىكىلەردە ، بولۇپمۇ ئوپچە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ. سەۋەبى: جىنسىي يول تۈكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ.. ئاساسلىقى جىنسىي يول تامچە قۇرتلۇق كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن جىمائ قىلىش، شۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن بىللە يۇيۇنۇش، يۇيۇنۇش داسلىرى، يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرى، سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن [...]

قەۋزىيەت – ئىچى قېتىش (قەبزىلئەمئا) ئىچى قېتىش مەخسۇس بىر كېسەللىك بولماستىن ، بەلكى سەۋەبى مۇرەككەب بولغان بىر خىل ئالامەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئارقا تەرەت ئاز ، قۇرۇق ۋە قاتتىق كېلىدۇ ياكى نەچچە كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. ئۇ ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ئادەتتىكى تۇيۇقسىز ئىچى قېتىش، يەنە بىرى ئادەتلەنگەن ئىچى قېتىش. قەۋزىيەت ئۈچەينىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىدە سۇستلۇق پەيدا بولۇش ، ئۈچەينىڭ [...]

سۈيدۈكلۈكنىڭ ئېچىشىشى بۇ قارىماققا ئىششىققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئىششىق ئەمەس. سەۋەبى: 1. قىزىل پۇرچاق(لوۋىيا)، ئاق پۇرچاققا ئوخشاش يەل پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولىدۇ. 2. تاماق ھەزىم قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 3. سۈيدۈكلۈكتە ھۆللۈك كۆپىيىپ ، سۈيدۈكلۈكنىڭ ئۇنى پىشۇرۇشىغا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ.

رىۋايەتتە : بارلىق گۇناھلارنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ قەلبى يۇمشاق بولىدۇ. ھارام يېمەكلىكلەرنى تەرك قىلىپ، ھالال يىمەكلىكلەرنى يېگەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ساپ بولىدۇ. ئاللاھ بىر پەيغەمبىرىگە :‹‹نازىل قىلىنغانغا سەن بويسۇنغىن. مەن چەكلىگەنگە سەن خىلاپلىق قىلما››-دېگەن. بىر ھەكىم ئېيتىدۇ: غەم-قايغۇنى كۆتۈرىۋېتىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش بار. ئاللاھنى زىكرى قىلىش، دوستىنى يوقلاش، دانالار سۆھبىتىگە داخىل بولۇش. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئۈچ خىل ئىش [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى . ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى – كالتىسىي ۋە ۋىتامىن Dنىڭ كېلىش مەنبەسى ، بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى بىلەن قان بېسىمى %3 تىن %10 كىچە تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ نىسبەتەن ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ، ئۇ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى %15 تۆۋەنلىتىدۇ . شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ، ياغسىز لاندۇرۇلغان كالا سۈتى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان كۆڭۈللۈك [...]

ئەگەر جىگەر ئەھۋالى بۇزۇلۇپ، جىگەردە ئاجىزلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، ئالدى بىلەن ئىستىسقانىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بىر ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال سۇئۇلقۇنىيە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مىزاج بۇزۇلۇشقا قارىتىلغان خاس ئىسىمدۇر. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇمۇمىي بەدەن ۋە چىراينىڭ رەڭگى ئاق سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، قاپاق، يۈز ، تۆت مۈچىسىدە كۆپجۈش يۈش بولىدۇ. بەزىدە ئۇمۇمىي بەدەن خېمىردەك بوليپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەزىم بۇزۇلىدۇ، بەزىدە ئىشتىھا كۈچىيىپ [...]

بۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ، جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنتەربىيە بىلەن كۆپ شوغۇللىنىدىغانلاردا كۆپرەك ئۇچرايدىغان ، ئېغىر نەرسىلەرنى كۈچەپ كۆتۈرگەندە ، بەدەن ھالىتىنىڭ تۈز بولماسلىقى، ئۇمۇرتقىسى ئېگىلگەن ھالەتتە تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەل توققۇز كۆز بوغۇمى، توققۇز كۆز يانپاش بوغۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇل تارىمۇشلارنىڭ زەخمىلىنىشىدىن بەل ئاغرىش، يۆتەلگەن ، چۈشكۈرگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ تەسىرى [...]