تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ ئاشقازانغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى مېڭىدىن ئاشقازانغا چۈشكەن نەزلىنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا زەخمە ۋە مۇدۇر چاقىلار پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر .

بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : دەم سىقىلىش ، ھوشسىزلىنىش ، قول – پۇت سۇۋۇپ كېتىش ، ھەزىم ناچارلىشىش ، ھەزىم بۇزۇلۇش ، سېسىق كېكىرىش ، زېھنى ئېغىر بولۇش ، ئېغىزغا مۇدۇر – چاقىلار چىقىش ، تامغاق ۋە تىلى قۇرۇق بولۇش ، كۆڭۈل ئاينىش ، قەي كۆپ بولۇش ،يەڭگىل قىزىتما بولۇش ، ئاشقازان ساھەسىدە ئاغرىش ۋە ئېچىشىش بولۇش ، چۈچۈمەل ، ئۆتكۈر تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش ، چوڭ تەرەت يىرىڭ ئارىلاش چىقىش قاتارلىقلار….

داۋالاشتا : يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن مائۇلھەسەل ئىچۈرۈش ، ئەگەر ھارارەت كۆپ بولسا يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن شېكەر سۈيى ۋە ئارپا سۈيى بېرىش كېرەك . ئۇنىڭدىن كېيىن يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن خۇنسىياۋشان ، كۇندۇر 9 گرامدىن ، گىل ئەرمىنى 5 گرام ، ئانار گۈلى ، كەھرىۋا ، قىزىلەۈل 4 گرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ يۇقارقى دورىلار بىلەن تەڭ مىقداردىكى ئالما قىيامى ۋە بىھى قىيامى بىلەن بېرىش كېرەك .

كۇندۇر ، كەھىربا ، خۇنسىياۋشان ، گىل ئەرمىنى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ 8 گرامنى 24 گرام خەشخەش شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ 108 مىللىلىتر ئەرقى گۈل ۋە 36 مىلىلىتىر نامازشامگۈل شەربىتى بىلەن ئىچۈرۈش كېرەك . [ ئىكسىرى ئەزەم]

ئاشقازاندا پەيدا بولغان يېڭى يارا پۈرۈشتۈرگۈچى (قورۇغۇچى، يىغقۇچى) دورا بىلەن داۋالىنىدۇ . كېسەلگە تىز ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ . زەنگار ، قۇغۇشۇن ئۇپىسى ، تۇتىيا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر قۇشۇپ كونا يارىغا ئىشلىتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ . دەسلەپتە ئاشقازاندىكى يارىنى ھەسەل سۈيى ۋە گۇلاپ بىلەن تازىلاش كېرەك ، بېراق تازىلىغۇچى دورىلار كۈچلۈك بولۇشى كېرەك ئەمەس ، چۈنكى ئۇ كۈچلۈك بولسا پايدا قىلىشتىن كۆرە ئاشقازاننى قوزغىتىپ زەرەر يەتكۈزىدۇ ۋە يارا قىلىدۇ . ئەكسىنچە دورىلارنىڭ تازىلاش ۋە يۇيۇش تەسىرى تۆۋەنگە قارىتىلغان بولۇشى كېرەك . ئەگەر ئۇيۇلۇش ۋە ئۆلۈك ئەت بولسا ، ئۇنى ئۆلۈك ئەتنى تازىلايدىغان ، ئەت پۈتتۈرىدىغان ، ۋە ئۈندۈرىدىغان دورىلار بىلەن دورىلار بىلەن داۋالاش كېرەك ، شۇنداق يارىغا ئايارەنچى پەيقىرا ئىنتايىن مۇۋاپىقتۇر ( ئەت – گۆش) شەيخ ~ ئىبىن سىنا – ئەلقانۇن فىت – تىب

مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كەھرىبا ، سۇپۇپى بىخ مارجان ، سۇپۇپى سەنگدانە ،جاۋارىش ئۇد شېرىن ، جاۋارىش مىسكى، ئىتتىرىيفىل كەشنىز ، ئىتتىرىيفىل كەبىر ، جاۋارىش كۇمۇنى ، جاۋارىش ئامىلە ، جاۋارىش پەنجىنۇش ، ياڭاق مۇرابباسى ، قىزىل گۈل ۋە پىننە گۈلقەنتلىرىدىن بىر ياكى بىر نەچچىسىسنى تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئىستىمال قىلىش كېرەك

ئاشقازان يارىسىغا شىپالىق بىر نەچچە تالقان :

1) مەستىكى رۇمى بىلەن مۇرردىن 12 گرامدىن ئېلىپ ، يۇمشاق سۇقۇپ كۈندە ئىككى ۋاخ 0.3~0.6 گرامغىچە ئىچۈرۈلسە ئاغرىق توختىتىدۇ . قاننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ، يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

2) چۈچۈكبۇيىنى ئاقلىۋېتىپ يۇمشاق سۇقۇپ بىر قۇشۇقتىن كاپ ئېتىپ بېرىلىدۇ.

3) كۆپۈكى دەريادىن ئالتە گرام ، كۆيدۈرۈلگەن زەمچىدىن 15 گرام ، چۈچۈكبۇيىدىن 30 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئىككى ۋاخ 3-4 گرمغىچە ئىستىمال قىلىپ بېرىلىدۇ.

4) كۆپۈكى دەريا 15 گرام، مۇرر 15 گرام ، موزا 30 گرام ۋە چۈچۈكبۇيىدىن 30 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ كۈندە ئۈچ ۋاخ ئۈچ گرامدىن كاپ ئىتىپ بېرىلىدۇ.

5) ئاشقازان ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتسە ئارپىبەدىيان ، زەنجىۋىل، بىخسۇس قاتارلىقلاردىن 9گرام ، يالپۇزدىن ئالتە گرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ 5گرامدىن كاپ ئېتىپ بېرىلىدۇ . تاماقتىن كېيىن ئاشقازان ئاغرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاماقتىن بەش مىنۇت بۇرۇن 3 گرام كاپ ئىتىلىدۇ .

6) بىھىنى تازىلاپ ئۇرۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ ، سىقىپ ، ئېلىنغان سۈيىدىن بىر جىڭغا يېرىم جىڭ ھەسەل قۇشۇپ چوغ ئۈستىدە قويۇپ ، كۆپۈكىنى ئېلىپ تاشلاپ زەنجىۋىل ، كۆپۈكى دەريا ، موزا 15 گرام ، دارچىن ئالتە گرام ، ۋاڭ ئۇرۇقىدىن 3 گرامنىڭ تالقانلاپ قىيامغا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ . بۇ ئىنتايىن پايدىلىق نۇسخا .

7) ئاشقازان بەك ئاغرىپ كەتكەندە خەشخەش شەربىتىدىن 2-3 قۇشۇق ئىچىپ بەرسە ئاغرىق شۇ ھامان توختايدۇ .(بۇ شەربەتنى كۆپ ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك ).

8) كەچلىك تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى 50 گرام ھەسەلنى ئىلمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ، ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....