• ئەركىن سىدىقنىڭ ياشلارغا يازغان خېتى--2

    2010-07-08


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68564178.html

    4. چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ
    ئامېرىكىدا «ئادۋۇكاتلىق» بىلەن «(كېسەل داۋالايدىغان) دوختۇرلۇق» تىن ئىبارەت 2 كەسىپ چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئادۋۇكات سانىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئادۋۇكاتلار بىلەن دوختۇرلارنىڭ يىللىق كىرىمى باشقا مائاشلىق كەسىپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ ئىككى كەسىپكە كىرىشتىكى شەرتى باشقا كەسىپنىڭكىدىن يۇقىرى، ئوقۇش بەدەل پۇلىمۇ باشقا كەسىپلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ 2 كەسىپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت ئەڭ ئۇزۇن كېتىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، بالىلىرى ئەقىللىق بولغان نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا مۇشۇ 2 كەسىپنىڭ بىرسىدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇ كەسىپكە قىزىقىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇمچە دەرس چۈشەندۈرىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللاندىم. شۇ ئارقىلىق سائىتىگە 12 دوللاردىن پۇل تاپتىم. شۇ چاغدا مەن دەرس چۈشەندۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار پات ئارىدا ئالىي مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئامېرىكىدا ئادۋۇكاتلىق بىلەن دوختۇرلۇقتىن قالسا ئەڭ باي بولغىلى بولىدىغان يەنە بىر كەسىپ شىركەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، شىركەت قۇرغاندا، بىر ئادەمنىڭ باي بولۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئوبدان ماڭسا، سىز ئىنتايىن باي بولۇپ كېتىسىز. ئەگەر شىركىتىڭىز ئوبدان ماڭمىسا، سىز ۋەيران بولىسىز. مەن بۇرۇن ئوقۇغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كالىفورنىيىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ 1- قول باشلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مائاشى 280 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.

    جۇڭگودىكى ھازىر ئەڭ باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپلەر نېمە؟ مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ھازىرقى شارائىتتا باشلىق بولغانلار چوقۇم باي بولالىشى مۇمكىن. مەن ھازىرچە ئۇنىڭدىن باشقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. باشلىق بولۇشنىمۇ بىر كەسىپ، دەپ ئاتىغىلى بولامدۇ؟ ئۇ توغرىسىدىمۇ بۇ يەردە بىر نەرسە دېگۈم يوق. بۇ يەردىكى قالغان بوشلۇقنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تولدۇرۇۋېلىشنى سورايمەن.

    ئامېرىكىدا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئادۋۇكاتلىق ياكى دوختۇرلۇققا ئوخشاش چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان بىرەر كەسىپتىكى ئوقۇشنى تاماملاپ، بىر رەسمىي كىرىمگە ئېرىشكۈچە 7 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى ھايات ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بولۇپ، چىقىمىمۇ بەكلا يۇقىرى. شۇڭا بۇنداق يولنى تاللىغان كىشى چوقۇم ئىدىيە جەھەتتىن تولۇق تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى جۇڭگو بولسۇن، ئەگەر سىز يۇقىرىقى 1-، 2- ياكى 3- كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن بىرنى تاللاپ، ئاشۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىسىڭىز، يەنى ئۆز كەسپىڭىزدە ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان كىشىلەر قاتارىدا ئورۇن ئالالىسىڭىز، سىز تەبىئىي ھالدا بايمۇ بولالايسىز.


    5. جەمئىيەت ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ


    بۇنداق كەسىپنى «ئاسان خىزمەت تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ياشلار ئىچىدە، مەندىن مۇشۇنداق كەسىپنى سورىغانلارمۇ خېلى كۆپ. 1998- يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدا يۇمشاق دېتال شىركىتى قۇرۇش دولقۇنى باشلاندى. ئۇ چاغدا كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان ئادەملەر يېتىشمەي، نۇرغۇن شىركەتلەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپى كومپيۇتېرغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان، ئەمما كومپيۇتېردىن ئانچە - مۇنچە خەۋىرى بار كىشىلەرنى ئۆز شىركىتىگە ئىشقا ئېلىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر كەسىپ ئۆزگەرتتى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرمۇ جەمئىيەتنىڭ بۇ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كومپيۇتېر كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتتى. لېكىن، 2002- يىللىرىغا كەلگەندە، يۇمشاق دېتالنىڭ كەلگۈسىدىكى رولى توغرىسىدىكى نۇرغۇن پەرەزلەر خاتا چىقىپ قېلىپ، يۇمشاق دېتال ياكى «دۆت-كوم» شىركەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن تاقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە مۇشۇ كەسىپتە يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر بىراقلا پاخاللىشىپ، بىر قانچە يىل خىزمەت تېپىشتا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. 1999- يىلىدىن باشلاپ نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى شىركەتلەر دولقۇنى باشلانغان بولۇپ، ئۇ شىركەتلەرمۇ 2003- يىلىغا كەلگەندە ۋەيران بولۇشقا باشلىدى. 1999- يىلىدىن تارتىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان 3000 دىن ئارتۇق شىركەتلەرنىڭ سانى، 2003- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بىر نەچچە يۈزگىلا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە كىرىمنىي جىلغىسى ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ تارتقان ئىقتىسادىي زىيىنى 2.3 ترىلىيوندىن ئېشىپ كەتتى. ئوپتىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئىشسىز قېلىپ، خىزمىتىنى ساقلاپ قالغانلارنىڭ يىللىق مائاشىمۇ كەم دېگەندە 20 پىرسەنت چۈشۈرۈلدى. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئامېرىكىدا جەمئىيەت ئېھتىياجىغا قاراپ كەسىپ تاللايدىغانلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

    مېنىڭ يۇقىرىقى نەرسىلەرنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم، «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» بىر دەۋر، بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي شەرت - شارائىتى، تېخنولوگىيىلىك يۈكسىلىشى ۋە ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر كەسىپ بۈگۈن «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» بولالىغىنى بىلەن، ئەتە ئۇنداق بولالماسلىقى، سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» لىك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كەسپىنى «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» ئىچىدىن تاللىشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن. ئەگەر سىز مەن يۇقىرىدا تىزغان 1-، 2- ۋە 3- كاتېگورىيىدىكى خىزمەتلەردىن بىرنى ياكى ئاشۇلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىر كەسىپنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ئاشۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزۈپ چىقالىسىڭىز، سىزنىڭ خىزمەت تاپالىشىڭىز ھەرگىزمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالمايدۇ. سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالايسىز. ئۇنداق قىلماي، جەمئىيەت ئېھتىياجى بويىچە كەسىپ ئۆزگەرتىپلا يۈرسىڭىز، سىزنىڭ ئۆمرىڭىز ئىنتايىن جاپالىق، ئىنتايىن ھارغىنلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
    6. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن پايدىلىق كەسىپ
    مەن ئەسلىدە بۇ كەسىپنى ئايرىم بىر كاتېگورىيە قىلماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، ماڭا خەت يېزىپ مەسلىھەت سورايدىغانلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق كەسىپ توغرىسىدا سوئال سورايدىغانلار خېلى كۆپ بار. شۇڭا ئۇنى بۇ يەرگە ئايرىم تىزىپ قويدۇم.
    چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقتىن ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرسى ئىقتىساد. يەنە بىرسى تىل ۋە ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇغان ۋاقتىدىكى ئوقۇش نەتىجىسى. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ھەر بىر ياشنىڭ ۋەتەندىكى تولۇق كۇرس ئوقۇشى جەريانىدا تىل ۋە كەسپىي ئوقۇشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئىشتا قانداق قىلىپ پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خېلى كۆپ توختالغان ئىدىم. بۇ يەردە ئۇلارنى تەكرارلىمايمەن. ئۇ مەزمۇنلار تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدە بار بولۇپ، مەن چەت ئەلدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر ياشنىڭ ئۇلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن:

    http://www.meripet.com/Sohbet/Erkina11.htm
    http://www.meripet.com/Main/QAUyghur2.htm
    http://www.meripet.com/Oqush/Bölüm1.htm
    مېنىڭ بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ئىشنى تەكىتلەپ قويغۇم بار:
    1) ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە تەييارلىقنى پۇختا قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا پۇلسىز ئوقۇش پۇرسىتى بار. ئىنگلىزچىدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «سچولارشىپ»، يەنى «ئوقۇش مۇكاپات پۇلى». يەنە بىرسى «فىنانكىئال ئائىد»، يەنى ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى. ئەگەر سىز تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىسىڭىز، تېخى چەت ئەلگە چىقماي تۇرۇپلا ئاشۇنداق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز، ھەمدە 1- يىلىدىن باشلاپلا ئۆيىڭىزدىكىلەردىن ھېچ قانداق پۇل سورىماي ئوقۇيالايسىز: (1) ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستىكى مەكتەپ كەسپىڭىز توغرا تاللانغان بولۇش. بۇ ھەقتە يۇقىرىقى تور بەتلىرىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار. (2) ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستىكى ئوقۇش نەتىجىڭىز ياخشى بولۇش. (3) ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن بولۇپ، خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بولغان توئەفل دىن 550 تىن يۇقىرى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك بولغان بولۇش. بۇ يول ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوچۇق بولۇپ، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر پۇرسەتكە ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكىڭىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق. يەنى، بۇ ئۆز ئىقتىدارىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر يېڭى پۇرسەت يارىتىش جەريانى. بۇنداق پۇرسەت يارىتىش يولى ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوچۇق. ئاخىرى قانداق بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق. مەسىلەن، مەن تېخى يېقىندا ۋۋۋ. مەرىپەت. كوم تور بېتىگە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۋېتسىيىگە بېرىپ پۇلسىز ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا بىر ئۇچۇر چىقىرىپ قويدۇم. ئەگەر سىزنىڭ تولۇق كۇرستىكى كەسپىڭىز بىئولوگىيە، فىزىكا ياكى ماتېماتىكا بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدىكى كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ھەمدە ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈلگەن كەسپىي دەرسلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولسىڭىز، كېلەر يىلى 9- ئايدىن باشلاپ سىز شۋېتسىيىدە پۇلسىز ماگىستىرلىقتا ئوقۇيالايسىز. بۇ يولنى ئاشۇ دۆلەتكە بېرىپ، ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئاچتى. مەن ئاشۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان پروفېسسور بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق كۆرۈشتۈم. ھازىر ئۇ پروفېسسور شەرتى توشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
    2) ئۆزىڭىز مۇستەقىل ئىش كۆرۈش مەسىلىسى. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىشىدا ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەندىن ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە مەسلىھەت بېرىۋاتىمىز. لېكىن، بىزنىڭمۇ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىمىز ياكى ئوقۇشىمىز، ھەمدە خەۋەر ئالمىساق بولمايدىغان ئائىلىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز بار بولغاچقا، بەزىدە يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز. ھازىر ئىنتېرنېت بەك تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت ھەممە ئۇچۇرلارنى ئىنتېرنېتتىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەن ۋۋۋ. مەرىپەت. كومغا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭدا بىر خەنزۇچە قوللانمىمۇ بار. بۇ قوللانما ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ھەر بىر ياش ئاشۇ قوللانمىنى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىم ئوقۇپ باقسا، ئۇنىڭ زور پايدىسى بولىدۇ. ئاڭلىسام بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى كىتابخانىلاردا كىتاب قىلىپ سېتىلىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قوللانمىسىدىنمۇ بىر قانچىسى بار ئىكەن. بۇ كىتابلاردا نۇرغۇن تەجرىبە - ساۋاقلار خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكىڭىز راست بولسا، سىزدە مۇشۇنداق كىتابتىن كەم دېگەندە بىرسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىزدە ئۇنداق كىتابنى تېپىپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا، ۋۋۋ. مەرىپەت. كوم دىكى قوللانمىنى بېسىپ چىقىرىۋېلىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەرىپەت تور بېتىدە ياۋروپادىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئېھتىماللىقى بار مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە تور بەت ئادرېسى بار. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنى قانداق ئىزدەش ئۇسۇلى بار. ئۇيغۇرلار ئالالايدىغان بەزى ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۇچۇرلىرى بار. ھەمدە نۇرغۇن سوئال - جاۋابلار بار. مەن ئۇ تور بېتىگە يېڭى ئۇچۇر بولسىلا دەرھال چىقىرىپ تۇرىمەن. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بىر غايىگە ھەقىقىي تۈردە يەتمەكچى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر ياش ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتتىن ئۆزى تولۇق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلارمۇ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك. بۇ سىزگە قويۇلغان ئەڭ ئاددىي بىر تەلەپ. ئەگەر سىز ئىنتېرنېتتىن ئۆزىڭىزگە لازىم ئۇچۇرلارنى تېپىشقا ئېرىنىپ، ياكى ئۇنداق قىلىش خوشياقماي، ھەر بىر ئىش توغرىسىدا بىزگە ئېلخەت يازسىڭىز، ياخشى بولمايدۇ. سىز باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدىغان كىشى سىز ئۆزىڭىز. شۇڭا سىز ئىمكان قەدەر ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىز قىلىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ئىقتىدار چەت ئەلدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئۆزىڭىز تىرىشىپ بېقىپ، پەقەت ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر بولسا، بىزگە ئېلخەت يازسىڭىز، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە مەسلىھەتتە بولىمىز.
    بەزى ياشلار كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئاسانراق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كەسپى ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ياكى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تىلىدىن بىرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. چەت ئەل تىلى ئۇيغۇر دىيارى ياكى جۇڭگودا بىر كەسىپ بولالايدۇ. لېكىن ئۇنى ئاشۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان دۆلەتنىڭ ئۆزىدە بىر كەسىپ قىلىپ جان بېقىش ئانچە ئاسان ئەمەس. مەن بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن يېڭىۋاشتىن باشقا بىر كەسىپنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولدى. شۇڭا ئەگەر سىز كەلگۈسىدە چەت ئەلدە تۇرۇپ قالماقچى بولسىڭىز، ۋەتەندە ئەڭ ياخشىسى بىر مەخسۇس كەسىپنى ئوقۇڭ. چەت ئەلدە ياشايدىغانلار ئۈچۈن چەت ئەل تىلى بىر قورال بولۇپ، ئۇنى كەسىپ قىلىش ئۈچۈن يەرلىك مىللەتتىن كېلىپ چىققان كىشىلەر بىلەن رىقابەتلىشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئوقۇشىدا ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن.
    مۇۋاپىق كەسىپ تاللاشنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرى

    مەن يۇقىرىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك بىر كەسىپنى تاللاپ چىقىش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئۇ سىزدىن بىر قانچە يىللىق، ھازىرقى رىياللىققا ماسلاشقان ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سىزگە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى بىر تەكلىپ تەرىقىسىدە سۇنماقچىمەن:
    (1) يۇقىرىقى 5 كاتېگورىيىدىن سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچىنى تاللاڭ. كۆپىنچە كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1-، 2- ۋە 3- نى تاللايدۇ.
    (2) ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا سىز ئەڭ مۇھىم دەپ ئويلىغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىڭ. ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ، ئەڭ ئاز بولغاندا بەشى بولسۇن.
    (3) ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپ ئىچىدىن، سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ مېڭىڭ. يەنى، 1- دىن بىرنى، 2- دىن بىرنى، ئاندىن 3- دىن بىرنى ئۆچۈرۈڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەرياننى يەنە تەكرارلاڭ. مۇشۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھەر كاتېگورىيىدىن پەقەت بىرلا كەسىپ قالسۇن. شۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا قولىڭىزدا 3 لا كەسىپ قالغان بولىدۇ.
    (4) ئەگەر يۇقىرىقى ئەڭ ئاخىرىغىچە ساقلىنىپ قالغان 3 كەسىپ ئوخشاش بىر كەسىپ بولسا، سىزنىڭ تاللايدىغىنىڭىز ئاشۇ بولسۇن. ئەگەر ئۇ ئۈچى باشقا - باشقا كەسىپ بولسا، سىز ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر كەسىپ تۈزۈپ چىقىڭ. مەسىلەن، سىزنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان (1- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ ماتېماتىكا، سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان (2- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ باشقىلارغا دەرس ئۆتۈش، سىز ئۈچۈن مىللەتكە ئەڭ قىممىتى بار (3- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئوبدان تەربىيىلەش بولسۇن. ئۇنداقتا سىز بىر باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇڭ. يەنە بىر مىسال: سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ناخشا ئېيتىش، سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش، سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مىللەت ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار ئىش ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا، ئۇسۇل ۋە مۇزىكىلىرىنى سىرتقى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش بولسۇن. ئەمما سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ياخشى ئەمەس بولغاچقا، بىر ناخشىچى بولالمايدىكەنسىز. ئۇنداقتا سىز بىر سەنئەت ئۆمىكىگە خىزمەتكە كىرىپ، سەھنە لايىھەلەش، سەھنە تەييارلاش ۋە سەھنە باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىم بولۇپ ئىشلەڭ. ھەمدە كەلگۈسىدە ئاشۇ ئۆمەككە چوڭ باشلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ.
    نۇرغۇن كىشىلەر ياش ۋاقتىدا 1- ۋە 2- كاتېگورىيىدىكى كەسىپنى بەكرەك ئويلىشىدۇ. يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، 3- كاتېگورىيىدىكى كەسىپكە بەكرەك بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز ھاياتىنى مۇشۇنداق كەسپىي باسقۇچلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بىرمۇ - بىر تىزىپ ئولتۇرمايمەن. ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېلىپ ئېيتسام، مېنىڭ جپل دە ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىم مەن ئۈچۈن ئەڭ قىزىقارلىق ۋە مەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ. مەن ھازىر قوشۇمچە قىلىۋاتقان، ۋەتەندىكى ياشلارغا مەسلىھەت بېرىش، ئۇلارنى مۇشۇنداق يازمىلىرىم ئارقىلىق بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلار ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا ئازراق ياردەمدە بولۇش بولسا مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار، ئۆزۈم ئىنتايىن قىزىقىدىغان ھەمدە ئۇ جەھەتتە مەن ئازراق قابىليەتكىمۇ ئىگە بىر ئىش. يەنى، مەن ئۆزۈمنىڭ جپل دىكى خىزمىتى ئارقىلىق تولدۇرالمىغان «مىللەتكە بولغان قىممەت» نى يۇقىرىقىدەك قوشۇمچە ئىشلار بىلەن تولدۇرىۋاتىمەن.
    ئاتا - ئانىلارنىڭ رولى
    مەن يۇقىرىقى كەسىپنىڭ 6 كاتېگورىيىسى ئىچىگە «ئاتا - ئانىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ» دېگەننى كىرگۈزمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، بەزى چاغلاردا ئاتا - ئانا ياكى دوستلار تاللاپ بەرگەن كەسىپكە سىز قىزىقىدىغان ۋە ئۇنىڭدا سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولسىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنداق تاللىغان كەسىپ سىزنى بەختسىز قىلىپ قويىدۇ. ئادەم ئۆزى تاللىغان يول بىلەن مېڭىپ، بەزى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ، ئۇ ئۆزى تاللىغان يول بولغاچقا، يامان ئاقىۋەتكە چىداپ، يەنە مەلۇم دەرىجىدە خۇشال ياشاپ كېتىۋېرىدۇ. لېكىن، باشقىلار تاللاپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، باشقىلاردىنمۇ قاتتىق رەنجىپ، ئۆز ئىچىدىمۇ قاتتىق ئازابلىنىپ كېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىر ئاتا - ئانا بالىسىنى مەلۇم بىر كەسىپنى تاللاشقا مەجبۇرلىسا، ئۇ كەسىپنى بالىسى ئۈچۈن ئۆزى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قىممەت قارىشى باشقا مىللەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئۆلچەمنى ئۇيغۇرلارغا ئەينەن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ھەرگىز ئاتا - ئانىغا پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقى بىر كەسىپنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى بولماسلىقى كېرەك. ئۇ كەسىپنى قىلىدىغان كىشى بالا بولغاندىكىن، ئۇ كەسىپ چوقۇم بالىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. غەربنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، بالىنى ساغلام ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىقتىدارلىق قىلىپ چوڭ قىلىش ئاتا - ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن بالا ئاتا - ئانىنىڭ بىر مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ. بالا 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ بىر مۇستەقىل ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا - ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان ھەممە قارارلارنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مېنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بىر نەرسە دېگۈم يوق. لېكىن، مېنىڭ ھەر بىر ئاتا - ئانىدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم، سىز بالىڭىزغا ئۆمۈر - بويى باقىۋەندى بولالمايسىز. كۆپىنچە ۋاقىتتا سىز بالىڭىزدىن بۇرۇن كېتىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىڭىز ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالمىسا بولمايدۇ. شۇڭا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى (كەسىپ تاللاشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) قارار قىلغاندا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەختىنى ئەمەس، بالىڭىزنىڭ بەختىنى ئويلاڭ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى چوڭ قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئېغىر بەدەللەرنى، ياكى ئادەتتىن تاشقىرى بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىڭىز، ئۇ سىز ئۆزىڭىز تاللىغان يول. سىزنى ئۇنداق قىلىشقا بالىڭىز مەجبۇرلىغان ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز تۆلىگەن بەدەلنى دەسمايە قىلىپ، ھەممە ئىشتا بالىڭىزدىن سىزنىڭ ئۆز ئىرادىڭىز بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇ بىر ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.
    بىر ئۆسمۈرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ئاتا - ئانا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاتا - ئانىسى يېقىندىن ياردەم بېرىدىغان ۋە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ياخشى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» يوق. ئالىي مەكتەپلەردە بولسا «كەسىپ مەركىزى» يوق. شۇنداق بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپىلەرنى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاتا - ئانىلار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ باش تارتسا بولمايدىغان بىر بۇرچى، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا بالىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى، نېمە تالانتى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارى بارلىقىنى ئەستايىدىل ۋە ئىزچىل تۈردە كۆزىتىش ۋە بايقاش. ھەمدە شۇ ئاساستا بالىسىنى ئۆز ئىقتىدارلىرى ۋە تالانتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، شۇ ساھەدىكى بىرەر كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش.
    بىر خىزمەت كەسپىگە بىر قانچە ئالىي مەكتەپ كەسپى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە ئوخشىمىغان كەسىپتە ئوقۇغان بىر قانچە كىشىلەرمۇ ئوخشاش بىر خىزمەت كەسپىدە ئىشلىيەلەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز مەلۇم بىر خىزمەت كەسپىگە قىزىقىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئاشۇ كەسىپتە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كەسپىدىن قايسىسىنى تاللىشىنى بىلەلمەي قالسا، سىز ئاشۇ خىزمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەملەردىن بىر - ئىككىنى تېپىپ، بالىڭىزنى شۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ. شۇ ئارقىلىق بالىڭىزغا ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىڭ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. مېنىڭ بۇ يەردە تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىم پەقەت شۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى بارلارغا قارىتىلغان.
    بىز قانداق قىلدۇق
    مېنىڭ قىزىم دىلنارە باشلانغۇچ 1- سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا، ھېسابقا ئىنتايىن ئۇستا بولۇپ، ئايالىم جۇڭگونىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، بۇ 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسىغا 2- ۋە 3- يىللىقنىڭ ھېسابلىرىنى ئىشلىگۈزدى. شۇڭا دىلنارە باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە يىللىرىنى ھېسابقا ناھايىتى ئۇستا ئوقۇغۇچى قاتارىدا ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاش ئۈچۈن، دىلنارە باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا، بىز ئۇنى گىمناستىكىغا بەردۇق. ئۆيگە كونا پىئانىنودىن بىرنى ئېلىپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدىن بىرنى ياللاپ، 3 يىلدەك ۋاقىت پىئانىنو ئۆگەتتۇق. ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆز تەلىپى بويىچە، دىلنارەنى بىر 2 ئايلىق كىنو ئارتىسى يېتىشتۈرىدىغان مەخسۇس كۇرستا ئوقۇتتۇق. دىلنارە ئۆز مەكتىپىدە يەنە مەكتەپ ئۇسۇل ئەترىتى ۋە مەكتەپ سۇ ئۈزۈش ئەترىتى قاتارلىقلارغىمۇ قاتنىشىپ باقتى. ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە ئۆزى ئىزدەپ، مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالا باقىدىغان ئىشتىن بىرنى تاپتى. شۇ ئىشلىگەنچە قۇشۇمچە ئىشلەشنى زادىلا توختاتماي، ئۆزىنىڭ پارچە - پۇرات خەجلەيدىغان پۇلىنى ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ ماڭدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگۈچە، ئۇ پۇل مۇئامىلىسىگە خېلى پۇختا بولۇپ قالدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىقتىساد كەسپىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى تولۇق كۇرۇستا ئىقتىساد (ئىنگلىزچە «فىنانكە») نى ئاساسلىق كەسىپ، بوغالتىرلىق (ئىنگلىزچە «ئاككوئۇنتىڭ») نى قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ ئوقۇشنى قارار قىلدى. بىر مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىگە ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى بايقاپ، پەقەت ئىقتىساد كەسپىنىلا ئوقۇش قارارىغا كەلدى. ھازىر ئۇ ئاشۇ كەسىپنى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.
    مېنىڭ ئوغلۇم دىلشات 1- سىنىپتىن تارتىپ ئالاھىدە ياخشى ئوقۇپ كەلدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ تېببىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، رەسىمچىلىك، تەنتەربىيە ۋە تەشكىللەش قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ دەسلەپتە مېنىڭ تەشەببۇسۇمغا ماقۇل بولۇپ، ئۆزىنى تېببىي پەن ۋە ئىنجھېنېرلىق ساھەسىدە بەكرەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئاشۇ كەسىپنىڭ بىرسىدە ئوقۇيدىغان بولدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، مەن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، ئامېرىكىدا يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىدىن بىرنى قۇرۇش غايىسى ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولدى. شۇڭا ئۇ ئۆزى 2800 دوللارلىق كومپيۇتېردىن بىرنى قۇراشتۇرۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنلا بىر كومپيۇتېر رېمونت قىلىدىغان ۋە كومپيۇتېر ساتىدىغان شىركەتتىن بىرسىگە كىرىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى. شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دىسنېي باغچىسىنىڭ بىر چوڭ مىلياردېر ئەمەلدارىنىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسىنىڭ «ياخشى ئوقۇپ، ئادۋۇكات بول» دېگەن گېپىنى ئاڭلىماپتۇ. بالىلارغا ئامراق، ھەمدە بىر ئاددىي لېكىن خۇشال ھاياتنى ياقتۇرىدىغان بولغاچقا، ئوغلۇمنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇئەللىم بولغان ئىكەن. ئۇ كىشى ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھە دېسىلا ئامېرىكا سىياسىتى ۋە خەلقئارا سىياسەت توغرىسىدا بىلىم بېرىپتۇ. ئوغلۇم ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرى بىلەن بىراقلا خەلقئارا سىياسەتكە قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى مەن بىلەن ئوخشاش گېزىت ئوقۇيدىغان، ئىنتېرنېتتىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى بىرنىمۇ قويماي ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى. ھەمدە كەلگۈسىدە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا ھەتتا: «دادا، ئەگەر مەن ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولسام، كەلگۈسىدە چوقۇم ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇشقا تىرىشىپ باقاتتىم»، دېدى (ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن، ئۇ كىشى چوقۇم ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك). بۇ يىل 1- ئايدىن باشلاپ ئۇ بىز ئولتۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى ئىشخانىسىغا بىر ئوقۇغۇچى خىزمەتچى بولۇپ ئىشقا كىردى. ئۇ يەردە تېلېفون ئېلىش، ھۆججەت - ماتېرىياللارنى باشقۇرۇشتىن سىرت، ئۇ يەنە بەزى مۇھىم يىغىنلارغىمۇ قاتناشتى. ھەر كۈنى بىر خىل كىيىم كىيىپ، گالستۇك تاقاپ، ئۆزىمۇ خۇددى بىر باشلىقتەك ئىشقا بېرىپ يۇردى. مۇشۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، بىر گۇرۇپپا ئادەمنى باشقۇرۇپ ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى. قارارى پۈتۈنلەي پىشمىغان بولغاچقا، ئۇ ئالىي مەكتەپ كەسپىنى تاللىغاندا، دەسلەپتە پۈتۈنلەي كومپيۇتېر ئىنجھېنېرلىكى كەسپىنى تاللىدى. كېيىن سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن، بىرەر ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇسا ياخشى بولىدىكەن، دەپ ئاڭلاپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق بولغان «غەربىي نۇقتا» تىكى «ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسى» (ئىنگلىزچە « ئۇنىتەد ستاتەس مىلىتاري ئاكادەمىي ئات ۋەست پوئىنت») دېگەن مەكتەپكىمۇ ئىلتىماس قىلدى. (بۇ مەكتەپ ئامېرىكا ۋە دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ داڭلىق ھەربىي مەكتەپ بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر گېنېراللار ۋە پىرىزدېنتلار مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان) بۇ مەكتەپكە كىرىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئۇ مەكتەپتىن ئادەم كېلىپ، دىلشات بىلەن 3 قېتىم سۆزلەشتى. ئۇنىڭدىن 2 قېتىم تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە ئىمتىھان ئالدى. دىلشات مەكتەپ يېنىك ئاتلېتكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، غەربىي نۇقتىنىڭ ئىمتىھانلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى 19 كىلومېتىر يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپكە كىرىدىغانلارنى شۇ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ پارلامېنت ئەزاسى بىۋاسىتە تاللاپ بەرمىسە بولمايدىكەن. بىزنىڭ رايوندىن ئۇ مەكتەپكە 15 تەك ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ بىر گۇرۇپپا ئادەملىرىنىڭ قاتتىق تاللىشى نەتىجىسىدە، دىلشات ئەڭ ئاخىرى ئۇتۇپ چىقىپ، غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىگىمۇ قوبۇل قىلىندى (تۆۋەندىكى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش چاقىرىقىغا قاراڭ). 2007- يىلى 18- مارت كۈنى، غەربىي نۇقتىنىڭ لوس ئانجھېلىس رايونىدىكى مەكتەپداشلار جەمئىيىتىنىڭ بىر يىغىلىشى بولدى. ئۇنىڭغا تەكلىپ بويىچە دىلشات بىلەن ئىككىمىز 100 كىلومېتىر ئارىلىققا ماشىنا ھەيدەپ باردۇق. بۇ پائالىيەتكە ئىراقتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بىر چوڭ گېنېرالمۇ قاتناشتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى «سىلەر غەربىي نۇقتىدا ئوقۇساڭلار بىر يېڭى تارىخ يارىتىپلا قالماي، بەلكى ئاشۇ يېڭى تارىخنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىسىلەر»، دېدى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا بىز بۇرۇن ئاشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھەربىي ئىچىدە 5 يىل ئىشلەش بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئادەتتىكى كەسىپكە ئالماشقان كىشىلەر، ھازىر بالىلىرى ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاتا - ئانىلار، ھازىر ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەمدە دىلشات بىلەن بىر قاتاردا ئاشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتۇق. شۇ جەرياندا دىلشات ئۇ مەكتەپتە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغىنى كەسىپ ئەمەس، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر كەسىپتىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئارزۇسى بولغاچقا، بۇ مەكتەپتىن سەل سوۋۇپ قالدى. 2007- يىلى 4- ئايدا، دىلشاتنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر مەكتەپ، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسى لوس ئانجھېلىس رايونىدىن قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر يىغىلىش قىلدى. ئۇنىڭغا دىلشات، ئامانگۈل ۋە مەن ئۈچىمىز باردۇق. 5- ئايدا شىمالىي كالىفورنىيىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە مەكتەپنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن يەنە بىرسى بولدى. بىز ئۇنىڭغىمۇ 500 كىلومېتىر ئارىلىققا ماشىنا ھەيدەپ باردۇق. شۇنىڭدىن كېيىن دىلشات غەربىي نۇقتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، بېركېلىيدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىدى. غەربىي نۇقتىدىكى ئوقۇش پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا دىلشاتقا ھەر ئايدا مىڭ دوللاردىن مائاش بېرەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر دىلشات غەربىي نۇقتىغا بارغان بولسا، ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يىلىغا 10 مىڭ دوللاردەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ بېرىدىغان بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، يىلىغا بىزدىن 30 مىڭ دوللاردەك چىقىم بولىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسىنى تاللىدى. ئۇ ھازىر كومپيۇتېر ئىنجھېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. لېكىن، بىر يىللىق ئوقۇشتىن كېيىن، ئۇ ئۆز كەسپىنى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا مىللەتكە بولغان قىممىتى جەھەتتىن غەربىي نۇقتا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى خېلى كۆپ چۈشەندۈرگەن ئىدىم. لېكىن دىلشات ھازىر ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇسا تېخىمۇ چوڭ قىممەت يارىتالايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ زور ئىشەنچىسى بار. بىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزى تاللىغان يولىنى قوللاپ كەلدۇق. دىلشات توغرىسىدا بىلىك تور بېتىدە بىر قىسىم قوشۇمچە ئۇچۇرلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئادرېسى:
    http://www. بىلىك. كن/ببس/ۋىئەۋتھرەئاد. پھپ؟تىد=13065&ئەخترا=پاگە%3د2
    ئاخىرقى سۆز
    يېقىنقى بىر قانچە ئاينىڭ مابەينىدە، مەن بىر قىسىم ياشلاردىن ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش ئىشىدا ياردەم سوراپ يازغان ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بەزىلىرىنىڭ خېتى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلار خەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتە ئىمكان قەدەر تولۇق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشقان. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تولۇق چۈشەنسەممۇ، ئۇلارغا پەقەت كەسىپ تاللاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنىلا دەپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كەسىپ تاللاپ بەرمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولالمىسام، ئۇلارغا كەسىپ تاللاپ بەرسەم ھەرگىزمۇ بولمايتتى. ئاشۇنداق ياشلارغا بىر ئاز پايدىسى بولسۇن، دەپ ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنى تېخى پۈتتۈرمىگەن بىر ياشقا نىسبەتەن ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش بىر ناھايىتى قىيىن ئىش. بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشتا ئاتا - ئانىلار ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ ئىشتا ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھەر بىر ئاتا - ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ھەر بىر قارارنى ئۆزلىرى چىقىرىپ بەرمەسلىكىنى سورايمەن. ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا ئۆزلىرى قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مەن بۇ ئىشنى ۋەتەندىكى ياشلار بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش جەريانىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇد بولۇشى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرىنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسىڭىز، ئۇ ھەرگىز بالىڭىزغا نىسبەتەن كۆيۈنۈش بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بالىڭىزغا قىلغان بىر زىيانكەشلىك بولىدۇ. بالىڭىزنى كەلگۈسىدە ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئوبدان ئالالايدىغان بولسۇن دېسىڭىز، بالىڭىز چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۇنىڭدا ھەممە ئىشنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بىر ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.
    http://www.aqkuq.cn/bbs/read.php?tid=336


    收藏到:Del.icio.us