• يەھۇدىلار چاڭگىلىدىكى بەيتۇلمۇقەددەس

    2010-07-08


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68565869.html

    بەيتۇلمۇقەددەسكە سەلبىيلاردىن كېيىن ئەييۇبىيلار، ئەييۇبىيلاردىن كېيىن ئوسمانىيلار ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. ئۇسمانىيلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا پەلەستىننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پەقەت تۇققۇزمىڭدەك چەتئەللىك يەھۇدىلار بار بولۇپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئاجىزلاپ كەتكەن ئوسمانىيە دۆلىتىگە چەتئەللىك يەھۇدىلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىش توغرىسىدا كۆپ بېسىم قىلغانىدى. ھىجرىيە 1255- يىلى، مىلادىيە 1839 – يىلى بەيتۇلمۇقەددەستە تۈنجى قېتىم ئېچىلغان ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئاساسلىق ئىشى چەتئەللىك يەھۇدىلارنى ھىمايە قىلىش، سىرتتتىن يەھۇدىلارنى كەلتۈرۈش بولغانىدى.
    ھىجرىيە 1313- يىلى، مىلادىيە 1895 – يىلى ئاۋسترالىيىلىك يەھۇدى ھرتزل “يەھۇدى دۆلىتى” دېگەن كىتابىنى چىقىرىپ، ئۇ كىتابتا “يەھۇدىلار مەسىلىسى ئىجتىمائىي ياكى دىنىي مەسىلە بولماستىن بەلكى ئۇ، خەلقئارالىق سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قولى بىلەن ھەل قىلمىسا باشقا يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان مىللىي مەسىلىدۇر” دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئارىدا سەھيۇنيلار ياۋرۇپا خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە مايىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ياۋرۇپالىق خرىستىيان مۇخلىسلىرى يەھۇدىلارنىڭ “ئېسىل خەلق” ۋە “بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ مەھشەر مەيدانى” ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ياۋرۇپالىق دىنسىزلار بولسا سەھيۇنىيلارنىڭ ياشىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارنى ياۋرۇپا توپراقلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوللايدۇ.
    “سەھيۇنىيلار دوستلار جەمئىيىتى” كۆچمەن يەھۇدىلارغا پەلەستىن زېمىنىدىن ئورۇن بېرىش توغرۇلۇق ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ رۇسىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىغا تەلەپ سۇنىدۇ. ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلھېمىد خان “ئوسمانىيە ھۆكۈمىتى يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ” دەپ ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. سۇلتان ئابدۇلھېمىد خاننىڭ ھۇزۇرىغا ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ كىرىشى بىلەن بېسىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. سۇلتان ئابدۇلھېمىد خان ئامېرىكا باش ئەلچىسىگە: “ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلىقى مەۋجۇتلا بولىدىكەن يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىندە يەرلىشىشىگە ھەرگىز رۇخسەت قىلمايمەن” دەيدۇ. ئاۋسترالىيىلىك يەھۇدى ھرتزل “يەھۇدى دۆلىتى” دېگەن كىتابىنى چىقىرىپ بىر يىلدىن كېيىن يەنى مىلادىيە 1896 – يىلى سۇلتان ئابدۇلھېمىد خان بىلەن كۆرۈشۈپ، بەيتۇلمۇقەددەس زېمىنىدىن يەھۇدىلارغا بىر پارچە يەر سېتىپ بېرىشنى سورىغاندا ئۇ: ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلىقى ئوسمانىيلارنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇلار بۇ ئىشقا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، پۇللارنى يانچۇقۇڭلاردا ياخشى ساقلاڭلار” دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ھرتزل سۇلتان ئابدۇلھېمىد خان بىلەن كۆرۈشۈپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى مىلادىيە 1896 – يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چېچىلىپ يۈرگەن سەھيۇنىيلار جەمئىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 204 نەپەر ۋەكىلنىڭ ئىشتىراكچىلىقىدا سەھيۇنىي قۇرۇلتىيى ئېچىپ غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى بۇ قۇرۇلتايدا “سەھيۇنىي تەشكىلاتىنىڭ غايىسى پەلەستىن زېمىنىدىن يەھۇدىلار غا ۋەتەن ھازىرلاپ، ئۇلار ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇپ بېرىشتۇر” دېگەن غايە ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى ئېنىق بەلگىلەنگەنىدى. بۇ ئىش سۇلتان ئابدۇلھېمىد خاننىڭ مىلادىيە 1900- يىلى ئىستانبۇلدا خەلقئارادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە يەتكۈزۈلگەن “پەلەستىنگە كىرگەن يەھۇدىلارنىڭ پاسپۇرتلىرىنى يىغىۋېلىش، زىيارەتكە كەلگەن يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىندە ئۈچ ئايدىن ئۇشۇق تۇرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، ئۇچ ئاي ئىچىدە پەلەستىندىن چىقىپ كەتمىگەن يەھۇدىلارنى مەجبۇرى قوغلاپ چىقىرىش” تىن ئىبارەت مەشھۇر قارارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. سۇلتان ئابدۇلھېمىد خان يەنە مىلادىيە 1901- يىلى “يەھۇدىلارغا پەلەستىن زېمىنلىرىدىن يەر ساتماسلىق” ھەققىدىكى ئىككىنچى قارارنى چىقىرىدۇ. لېكىن يەھۇدىلار پەلەستىن زېمىنلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ. چۈنكى ھرتزل مىلادىيە 1902- يىلى قىرسۇ رىياسەتچىلىكىدە بىر ئۆمەك تەشكىللەپ، سۇلتان ئابدۇلھېمىد خاننىڭ ھوزۇرىغا ئەۋەتىدۇ، ئۇلار سۇلتان ئابدۇلھېمىد خان بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىدۇ، ئۇلار سۇلتان ئابدۇلھېمىد خان بىلەن كۆرىشەلمىگەندىن كېيىن ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ باش مىنىستىرى تەھسىن باشا بىلەن كۆرۈشۈپ، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلتىماسىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ:
    1- سۇلتان ئابدۇلھېمىد خانغىلا بىر يۈز ئەللىك مىليون ئەنگلىيە لىراسى بېرىش.
    2- ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ 23 مىليون ئەنگلىيە لىراسىغا يەتكەن بارلىق قەرزلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىش.
    3- ئوسمانىيە ئىمپىراتۇرلىقىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە مىليون فرانك سەرپ قىلىپ دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇش.
    4- دۆلەت مالىيىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن 35 مىليون لىرا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش.
    5- بەيتۇلمۇقەددەستە ئوسمانىيە ئۇنۋىرستېتى بىنا قىلىپ بېرىش.
    ھرتزل خاتىرىسىدە زىكرى قىلغاندەك، سۇلتان ئابدۇلھېمىد خان مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: “د. ھرتزلگە نەسىھەت قىلىڭلار، بۇ ھەقتە جىددى پىلان تۈزمىسۇن، مەن پەلەستىن زېمىنىدىن بىر غېرىچ يەرنىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قادىر ئەمەسمەن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ شەخسى مۈلكۈم ئەمەس بەلكى خەلقنىڭ مۈلكىدۇر. يەھۇدىلار مىليۇنلىرىنى ساقلاپ قالسۇن، ئىمپىراتۇرلىقىم يېقىلغان كۈنى ئۇلار پەلەستىننى بىكارغا ئالالايدۇ”. سۇلتان ئابدۇلھېمىد خاننىڭ بۇ جاۋابىغا غەزەپلەنگەن قىرسۇ ئۇنىڭغا: “بۇنىڭ ئۈچۈن سەن تەخىت راۋىقىڭنى قوشۇپ بەدەل تۆلەيسەن” دەپ تىلگىرام يوللايدۇ:. دوكتۇر ھرتزل كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، سىينا ۋە ئەرىشنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى 99 يىل مۇددەت ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانىنى تۈزىدۇ. لېكىن ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بۇ پىلانمۇ مەغلۇپ بولىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەلەستىندە يەھۇدىلارنى يەرلەشتۈرۈش يولىدىكى تاشقا ئايلانغان بۇ دۆلەتنى يۇقۇشۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.
    1- سەھيۇنىيلار كونتروللىقىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، سۇلتان ئابدۇلھېمىد خاننى قالاق ۋە مۇستەبىت دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق خەلقنى ئۇنىڭغا قارشى قوزغاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.
    2- پارىژ ۋە پەزى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئەرەب ۋە تۈرك ياشلىرى ئەزا بولغان ماسۇنىيە جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق ئوسمانىيە دۆلىتى ئىچىدە تار مىللەتچىلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. (نەتىجىدە، تۈركىيىدە تۇران مىللەتچىلىكى، ئەرەب ئەللىرىدە ئەرەب مىللەتچىلىكى ئەۋج ئالىدۇ).
    3- سەھيۇنىيلار سۇلتان تەختىراۋاق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ جۈمە نامىزىگە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشكە ئورۇلغاندا، اﷲ تائالا سۇلتاننى ئۇلارنىڭ سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشىدىن ساقلاپ قالىدۇ.

    http://uyghuracademy.com/?p=4643
    4- ئۇلار ماسۇنىيە مۇراسىملىرى جەريانىدا گېنېراللار، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشۈپ، 1908 – يىلى (يەھۇدى ۋە ناسارالار مۇسۇلمانلار بىلەن بارۋەر بولىدۇ) دېگەن دەستۇرنى ئېلان قىلىشقا سۇلتاننى مەجبۇر قىلىدۇ.
    بۇ دەستۇر ئېلان قىلىنىپ توققۇز ئايدىن كېيىن يەنى 1909- يىلى 27 – ئاپرىل (تۈرك ياشلار جەمئىيىتى) بىلەن (تەرەققىيات ۋە بىرلىك جەمئىيىتى) دىن ئىبارەت بۇ ماسۇنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇلى بىلەن سۇلتان ئابدۇلھېمىدخان تەخىتتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە ھىجرەت قىلىش تەييارلىقى باشلىنىدۇ.
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا ھىجاز پادىشاھى شېرىپ ھۆسەيىن باشچىلىقىدىكى ئەرەب رەھبەرلىرى ئەنگلىيە تەرىپىدە تۇرىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ شېرىپ ھۆسەيىنگە ئەرەب پادىشاھلىقىنى بېرش ۋەدىسى بەدىلىگە شېرىپ ھۆسەيىنىيلار تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشقا ئۆتىدۇ.
    ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئالداپ، ئۇلارنى تۈركىيىگە قارشى كۈشكۈرتكەن گېنېرال لورنس خاتىرىسىگە: “مەن ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ قېنى تۈكۈلمەي ئوتتۇز يىل ئۇرۇش قىلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. مەن ئۈچۈن ھۆكمىرانلىقىمىز ئاستىدىكى خەلقتىن بىر ئەنگىلىيىلىكنىڭ قېنى سۈيۈملۈمدۇر. ئەرەب ئىنقىلابى بىزنى ئون مىليون دىنار سەرپ قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق چىقىم تارتقۇزمىدى” دەپ يازىدۇ.
    ئەنگىيىلىك قوماندان لىنبىي پەلەستىندىكى قوشۇنلارنىڭ ئىككىنچى قوماندانى مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك بىلەن مەخپى كۆرۈشۈپ، كېيىن ئۇنىڭغا تۈركىيىنى بېرىش بەدىلىگە تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىغا لىنبىي ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ زەربە بېرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاتا تۈرك بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ چېكىنىدۇ. نەتىجىدە، تۈركىيە قوشۇنلىرىدىن يۈز مىڭ كىشى ئىنگلىزلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. قوماندان لىنبىي 1917 – 11- 9 – كۈنى بەيتۇلمۇقەددەسكە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن: “سەلب ئۇرۇشى ھازىر ئاخىرلاشتى” دەيدۇ. دېمەك، يەھۇدىلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسنى ئىشغال قىلىشىغا مانا مۇشۇنداق يول ھازىرلىنىدۇ.

    http://uyghuracademy.com/?p=4643


    收藏到:Del.icio.us