قاغىلىقتا «شاھزادە» ناملىق پىلاستىنكىنىڭ ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
يانفوندا كۆرۈش
مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى (2015-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى) ياش مودا ئېقىم كۈيچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «شاھزادە»نىڭ ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى شىنجاڭ كۈيچى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، ئابلاجان سىتودىيەسى ۋە قاغىلىق ناھىيە ماري براون تېز تاماقخانىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەت 12:20 ئۆتكەندە باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن پائالىيەت سورىنى ناھايىتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. ئابلاجان سىتۇدىيەسى نەق مەيداندا «مەھەللىمىزدە مەشرەپ بار» ناملىق ئەڭ يېڭى ناخشىنى ئېيتىپ، پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
پۈتۈن پائالىيەت ئىككى سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، ئابلاجان مەستانىلىرى پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلىغان پىلاستىنكىلارنى بەس-بەستە تالىشىپ سېتىۋالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەخمەتجان مەمتىمىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپقا ئاتاپ شېئىر دېكلىماتسىيە قىلدى.
مودا ئېقىم كۈيچىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپقا
پەيدا بولسا سەھنىلەردە ھەر قاچان،
كۆتۈرىلەر قىقاس-چوقان، ھاياجان.
دېمىسەممۇ بىلدىڭلارغۇ مېنىڭچە؟
ئۇ سۆيۈملۈك چولپىنىمىز-ئابلاجان.
ئۇسلۇبىڭىز سىزنىڭ بەكمۇ ئۆزگىچە،
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، قاغىلىق ناھىيە جايتىرەك يېزا ئاقمىچىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئابلاجان ئۇلارنىڭ سوۋغىسىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابلاجان مۇنداق دەيدۇ: «بەك تەسىرلەندىم، دۇنيا سۆيگۈ بىلەن گۈزەل!»
ئاخىرىدا ئابلاجان، پۈتكۈل پائالىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، قاغىلىقتىكى ئابلاجان مەستانىلىرى، ئوماق بالىلار، ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولدى.