-
2011-04-29
ناۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە - [مەشھورلىرىمىز]
تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىزامۇددىن ئەلىشىر 1441- يىلى ھىرات (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭ) تا دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتىسى غىياسۇددىن بارلاس خوراسان ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئادەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمۇ تىمۇرلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلاتتى. ئەلىشىر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
ئەلىشىر دەسلەپتە ھۇسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئەبۇلقاسىمنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تەلىم –تەربىيە كۆرىدۇ. كېيىنچە ئەبۇلقاسىم بىلەن بىرلىكتە مەشھەتكە كېتىپ، ئۇ يەردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇلتان ئەبۇلقاسىم ۋە ئاتىسى بارلاس ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئەلىشىرنى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىدۇ ۋە ئەبۇ سەئىد مىرزانىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ. ھۇسەيىن بايقارا 1469- يىلى سۇلتان بولغاندىن كېيىن ئەلىشىرنى سارايدا مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.
-
2011-03-23
نەزەر غوجا ئابدۇ سېمەتوف «ئۇيغۇر بالىسى» - [مەشھورلىرىمىز]
ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى،ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى،تەرەققىيپەرۋەر شائىر،يازغوچى،تارىخچى،ئالىم نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف(ئۇيغۇر بالىسى) 1887 - يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ،1951 -يىلى كۈزدە چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. نەزەر غوجىنىڭ دادىسى ئابدۇسېمەت ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1860- يىللىرى پارتلىغان ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قوليازما ھالىتىدە كۆپ ئوقۇغان ئىكەن.شۇڭا، ئۇنى ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى دېيىشكە بولىدۇ. نەزەر غوجا دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدنلا تارىخ ۋە ئەدەبىيەتقە قىزىقىشقا باشلىغان. دادىسى تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولغاچقا، نەزەر غوجىنى كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھىرىسمەن قىلىپ تەربىيلىگەن.
-
2011-03-22
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ( ئۇيغۇر بالىسى ) - [مەشھورلىرىمىز]
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى ( ئۇيغۇر بالىسى ) ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1887- يىلى يەتتەسۇ تەۋەسىدىكى غالجات يېزىسى ( ھازىر قازاقىستان تەۋەسىدە ) دا ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى دۇنياغا تونۇتقان، ئۆز ھاياتىدا بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتە ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە ياراتقان تالانت ئېگىسى ئىدى.
-
2010-06-09
قازاقىستان رەئىس جۇمھۇرى (زوڭتوڭى) نازاربايېۋ - [مەشھورلىرىمىز]
نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 1940-يىلى 7- ئاينىڭ 6-كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قەشقىلەڭ ناھىيىسى شامالغان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قاراغاندا مىتاللۇرگىيە كومبىناتى (شىركىتى) گە قاراشلىق يۇقۇرىي تېخنىكا ئوقۇش ئورنىنى پۈتتۈردى. ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ، خەلق ئارالىق ئىنجېنېرلىك ئاكادىمىيېسىنىڭ، روسسىيە فېدېراتسىسىسى جەمىيەت پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ئەل فارابى نامىدىكى قازاقىستان مەملىكەتلىك مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى. بېلارۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى. لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۈلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى.
-
2008-10-30
يۇرتىمىزدىكى مەشھۇر ئاياللار- ئايخان ئانا - [مەشھورلىرىمىز]
ئايخان تۇردى (1882-1942-يىلى ) ئۇيغۇر، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دىگەن كېشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا ،شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كېشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21-باشلانغۇچ مەكتەپ)،ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى »دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى _ دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر.
-
2008-06-19
ئۆسمۈر چولپان ـــ ئەرفان - [مەشھورلىرىمىز]
نۇرغۇن بالىلار كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن كېلىدۇ. ئەرفانمۇ خۇددى شۇلارغا ئوخشاش كېچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن ئىدى. ئوغلىدىكى سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى سەزگەن ئارسلان ئاكا ئەرفاننى ئۈچ يېشىدىن باشلاپ مەخسۇس تەربىيىلەپ، ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قانتاشتۇرىدۇ. ئەرفان بەش ياشقا كىرگەندە بىر قانچە ناخشىنى راۋان ئېيتالايدىغان بولىدۇ.
بىر كۈنى ئەرفاننىڭ ئاپىسى گېزىتتىن مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» سەنئەت پىروگىراممىسىغا شىنجاڭدىن نامزات تاللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ ئەرفاننى قانتاشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلاپ ئەرفاننى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەرفان تىزىملاتقانلارنىڭ 875چىسى يەنى ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئۇماق ھەم چىرايلىق ئەرفان يېقىملىق ناخشىسى، چاققان ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇ مەيداندىكى مۇئەللىملەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ۋە شۇ مەيداندىلا ئەرفاننىڭ تاللانغانلىغى ئېلان قىلىنىدۇ. ئەرفان 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» پروگىراممىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە تاماشىبىنلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.