•     بلوگباسنى ئىشلىتىۋاتقان بلوگ ئېگىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك ، بلوگباس مۇشۇ كەمگىچە بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش قىتىم سانىنى  كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يوق، بۇنداق بولغاندا سىز يوللىغان تېمىنى زادى قانچە ئادەم كۆردى بۇنى بىلىش تەسكە توختايدۇ، ئۇنداقتا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئامالى يوقمۇ ؟ كونىلار «سەۋەب قىلساڭ سىۋەتتىمۇ سۇ توختايدۇ» دەپتىكەن. بۇنىڭ ئامالىمۇ بار . قىنى تۈۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.

  •     خىلىدىن بىرى بلوگنىڭ يان تەرىپىدە Blogbus نىڭ ئىلانى پەيدا بۇلىۋىلىپ،ئۇنى قانداق يوقىتىشنى بىلەلمەي ئىچىم بەك پۇشقانتى، بەلكىم بلوگباسنى ئىشلىتىۋاتقان خىلى كۆپ بلوگداشلار مەندەك تەسىراتقا كەلگەن بولىشى مۈمكىن. مەن بۇنىڭ ئامالىنى تىپىش ئۈچۈن تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپتىم، سىناپ باقسام مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى، باشقا بلوگداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم.

         ئاۋۋال بلوگباسنىڭ ئارقا ھويلىسىغا كىرىپ ئۇسلۇب دىگەننى بېسىپ ئۇسلۇب تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىمىز ، ئاندىن ئايرىم- ئايرىم Index ۋە Detail كود بۆلىكىنى ئىچىپ تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىزىل ۋە كۆك رامكا ئىچىگە ئىلىنغان كودلارنى تىپىپ شۇ كودلارنى ئۆچۈرۋەتسىڭىزلا ئىش تامام بولىدۇ.

  •  ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت(ياڭخاڭ مەسجىت، نوغاي مەسجىتى، بەيتۇلمەئىمۇر مەسجىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، بۇ جايدا ھازىرقى زاماندا مودا كىيىنگەنلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ ئىشقىلىپ ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچرىتالايسىز، بىرەرسى بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز ۋە ئۇچرىتالايسىز، ھالال مېھنىتى ۋە ئاددى ساددا، قىزغىنلىقى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلار، بىر كويغا ئۈچ،بەش كويغا ئۈچ دەپ توۋلاپ تۇرۇپ سودا قىلىۋاتقانلارنى پەقەت مۇشۇ جايدىلا كۈرۈشىڭىز مۇمكىن....

  •        ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۈم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، سوغدى يېزىقى ، مانى يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، براھمى يېزىقى ، قارۇشتى يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، كونا تىبەت يېزىقى ، ئەرەپ يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ، ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ، سلاۋيان يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن يېزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ، ئومۇمىيۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغىنى قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .

  • ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى نازۇگۇم 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرەدۇر. ئۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، زىرەك، ئىرادىلىك قىز بولۇپ ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا «نازۇگۇم» دېگەن مۇھەببەتلىك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى (نازىم) نازۇگۇم ھەققىدە : «... بۇ نازۇگۇم قىز موللا ئايال ئىدى، ئۆزى ئىلباغدەك ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەنلىك بولغان ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى 'نازۇگۇم' دەپ ئات قويغان ئىدى.» («نازۇگۇم قىسسىسى» دىن) دەپ يېزىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى.

  • ئامېرىكىنىڭ يەر مەيدانى كەڭ ، بايلىقى مول بولسىمۇ، بىراق ئېرقى مۇرەككەپ، سىياسى تەشكىلاتلىرى بوشاڭ، بىيروكراتلىق ئىستىل ھەممە ساھەگە يامراپ كەتكەن، ئاساسىي قانون ۋە ئەدىلىيە تۈزۈملىرىمۇ مۇكەممەل ئەمەس.

    مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىللەتلەر مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بىر دۈلەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يۈز يىل بولغاندا، دۇنيا بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۈلەتكە ئايلىنىشى كىشىنى قانداقمۇ ھەيران قالدۇرمىسۇن؟

    بىر دۈلەت خەلقى جاپا- مۇشەققەتكە قانچىكى چىدامىلىق بولسا، دۈلەت شۇنچە گۈللىنىدۇ ۋە باي بولىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان پاكىت. ئەمما ئامېرىكىلىقلار ئاز خىزمەت قىلىپ، يوقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى، راھەت – پاراغەتتە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    ئامېرىكىلىقلار ئۇنچىۋالا ياخشى شارائىتقا ئىگە ئەمەس، ئىشلىتىپ تۈگەتكۈسىز مول بايلىقمۇ يوق، خەلقىمۇ ئانچە جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلەپمۇ كەتمەيدۇ.شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكا دۇنيادا تەڭدىشى يوق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۈلەت بولۇپ قالدى.

    بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە؟

  • 1.  سەئۇدى ئەرەبىستان : 50 مىللىيون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە 10 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ماددىي ئەشيا.

    2.  ياپۇنىيە : 500 مىلليون ياپۇنىيە يېنىلىق جىددى ياردەم ۋە 10 مىلليون دوللارلىق ماددى ئەشيا.

    3.  رۇسسىيە: 4 تۈركۈمگە بۈلۈپ ماددىي ئەشيا ئەۋەتىشىنى پىلانلىغان بولۇپ ھازىرچە 2 تۈركۈمدىكى ماددى ئەشيالار كېلىپ بولغان.

    4.  نۇرۋىگىيە: 20 مىللىيون كورۇنا ( تەخمىنەن 4 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر).

    5.  ئەنگىلىيە: 1 مىللىيون فۇندستېرلىڭ

    6.  ئىسپانىيە: 1 مىلليون ياۋرو

  • 1. ئۆزىڭىزگە يېقىنقى بىر ھەپتىلىك تەپسىلى پىلان تۈزۈۋىلىش ئارقىلىق قەتئىي بىكارچىلىققا پۈرسەت بەرمەڭ.

    2. تاماكىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىتىڭ.

    3. ھەر كۈنى سەھەر ئورنىڭزدىن تۇرۇپ، مەن تاماكىنى ياقتۇرمايمەن، تاماكىغا ئۆچ دەڭ.

    4. ئالاھىدە چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئۈگۈنىۋىلىپ، تاماك چەككۈڭىز كەلگەندىلا، شۇ ھەركەتنى تەر چىققۇچە ئىشلەڭ.

    5. بىر ئىستىكان ھەسەل سۈيى بىلەن چىلان سۈيىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ ، ئۆز- ئۆزىڭىزگە : تەن ساغلاملىق-مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ، دەڭ.

    6. كۈندىىلىك تاماكىغا كېتىدىغان پۇلنى تىجەپ نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالايدىكەنمەن، دەپ ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.

  • 1. ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ " ﺩﻭﻻﻧﻐﯩﺪ " ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    2.
    « ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ، " ﺗﻮﭖ - ﺗﻮﭖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯗﺭ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    3. « ﺩﻭﻻﻥ » ﺳﯚﺯﻯ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ : ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺩﯨﻴﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ " ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺳﯚﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ " ﺩﻭﻻﻥ " ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﻭﻻﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .

  •      بۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ ھېكايىسى. ئەمدىلا ئالى مەكتەپكە كىرگەندە دادىسى ئۇنىڭغا بىر بانكا كارتىسى بېجىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىر ماۋسۇملۇق خىراجەتلىرىنى كارتىدا ئامانەت قويدى. مەكتەپكە مېڭىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە كارتىنىڭ مەخپى نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە مەخپى نومۇرنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشنى، ھەرگىزمۇ قالايمىقان خاتىرلىمەسلىكنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، مەخپى نومۇرنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قالىدىغانلىقىنى جېكىلىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ روھى ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ، كۆڭلى بەكلا خۇشال بولغاچقا، دادىسىنىڭ سۆزلىرى پەقەت قۇلىقىغا كىرمىدى. ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن 6000 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كارتىنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سالدى. لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ مەخپى نومۇرنى ئەسكە ئالالمىدى. ئامالسىزلىقتىن دادىسىغا تېلفۇن بىرىپ، مەخپى نومۇرنى سورىدى. دادىسى سەۋرچانلىق بىلەن مەخپى نومۇرنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئەستە ساقلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن«مەخپى نومۇر ئاناڭنىڭ توغۇلغان كۈنى، ئېسىڭدە چىڭ ساقلا جۇمۇ» دەپ ئەسكەرتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ پۇل ئالماقچى بولدى، لېكىن مەخپى نومۇرنى يەنىلا ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ بۇ بىر گۇرۇپپا سانلارنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە دادىسىدىن سوراشقا خىجىل بولدى، ئانىسىدىن سۇراشقا تېخىمۇ خىجىل بولدى، پۇلىنى ئېلىشقا .ئامالى بولمىغاچقا ساۋاقداشلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ خەجلىدى.

  • تەبىئىي پەنلەر شۇنچە مۇھىممۇ؟

    ئۇرۇش ئاقىۋەتتە ھەممىنى خاراپ قىلامدۇ؟

    ئىنسانلار مارسقا قەدەم قويالامدۇ؟

    ئىنسانلار چوڭ مېڭىسى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

    يەر مەركىزىنىڭ ئېغىرلىق تارتىش كۈچى زادى نىمە؟

    بىز رىۋايەتلەردىكى«ئاتلانتىس چوڭ قۇرۇقلىقى»نى تاپالامدۇق؟

    ئادەمنىڭ تېنىدىكى قانچىلىك ئەزالارنى كۆچۈرگىلى بولىدۇ؟

    بىز زادى نىمىلەرنى يېسەك بولىدۇ ؟

    كېلەر قىتىملىق مۇز دەۋرى قاچان يېتىپ كېلىدۇ؟

  • ئانىلارنى ئىززەتلەش، ئانا مىھرىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان «ئانىلار بايرىمى »نى ،نۈۋەتتە نۇرغۇن دۈلەتلەر ئۆز دۈلەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم بايرىمى قاتارىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ .

    ئانىلار بايرىمىنىڭ كېلىش تارىخىنى بەلكىم كۆپلىگەن كېشىلەر بىلىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن، تۈۋەندە مەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.

  • ana ئانا

    دۇنيادىكى بارلىق جاپاكەش،مىھرىبان،سۆيۈمۈلۈك ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

    «ئانا» دېگەن بۇ ئىسىم تىلغا ئىلىنسىلاكۆز ئالدىمدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ جاپاكەش ئىنسان نامايەن بولىدۇ. چۇنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋىمۇ ئانا مىھرىبانلىقى ئالدىدا ھەيرانۇ _ ھەستۇر .

    ئانا قوياش ، ئۇنىڭ مېھرى _ تەپتى ھىچقاچان سوۋۇمايدۇ . ئانا بىر قولى بىلەن بۆشۇكنى تەۋرەتسە ، يەنە بىر قولى بىلەن دۇنيانى تەۋرىتىدۇ .

    ئانا ___ ئۇ بىر ئۇلۇغ زات ، ئۇنىڭ دىلى ئاغرىسا ، زېمىن تىتىرەيدۇ . ئۇنىڭ ئاچچىق سوزى بىزنىڭ ئاچچىق كۆزىمىزنى ئاچىدۇ .شۇڭا شان _ شەرەپ تاجىنى ئىزدىمەي ، ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش بەرھەقتۇر .
    دۇنيا تار بىلىنگەن تەختىردىمۇ ، ئانا مېھرى يەنىلا كەڭ . ئانا مېھرى تەپتىگە ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيدۇ . پەرزەنت ئۇچۇن ئانا قوينىدىنمۇ ياخشى ، يىقىملىق ۋە سويۇملۇك جاي يوق .دۇنيادىكى ھېچ بىر گۇل ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەبەسسۇمىدىن چىرايلىق ئەمەس. ئانىنىڭ ئەجىرى بەدىلىگە ھېچ نەرسە تەڭ ئەمەدس . ئانا مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى . ئۇلۇغلرنىڭ ئۇلىغى . ئۇ قىنىمىزغا قان ، قانىتىمىزغا قانات ، جىنىمىزغا جاندۇر . پەخىرلىنىشگە توغرا كەلسە ئۇنىڭغا قىلغان خىزمىتىمىزدىن پەخىرلىنەيلى . ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش ___ بىزنىڭ يۇركىمىزدىن تامغان قان ، چۇنكى يۇرەكنى بىزگە ئانا ئاتا قىلغان ئەمەسمۇ !؟ ئانا مېھرى ئۇلۇغ ، ئۇ ناھايىتى غۇۋا ۋە ئاجىز ھالدا ئەكىس ئەتكەن تەقدىردىمۇ بالا قەلبىنى ئىللىتالايدۇ ۋە ساپلاشتۇرالايدۇ  .

  • ئانامغا

    5-ئاينىڭ11–كۈنى(يەكشەنبە)دىكى ئانىلار بايرىمىغا بىغىشلاندى

    ئى ئانا ،سەن ئۇلۇغ ،سۆيۈملۈك قۇياش،5
    ئۈمىدىڭ نۇرلىرى قەلبىڭگە تۇتاش  
    رەڭ ئالغاچ بۇ جاھان سېنىڭ بەھرىڭدىن ،
    پەرىلەر جىلۋىسى ھەمراھتۇر سىرداش . J


    ۋاپانىڭ شەربىتى سېنىڭ باغىرىڭدا ،
    مېھىرنىڭ يالقۇنى گۈزەل جىسمىڭدا .
     
    پەپىلەپ ئۆستۇردۈڭ سۈت بېرىپ ماڭا،
    ئارزۇلاپ سۆيۈشۈڭ ھامان يادىمدا .

  • ئانا

    5-ئاينىڭ11-كۈنى(يەكشەنبە)دىكى ئانىلار بايرىمىغا بىغىشلاندى

    ئەللەي ئىتىپ كېچىلىرى بالا ئۇچۇن ئۇخلىماي ،

    يىغىسىغا تەڭ يىغلاپ بالا ئۇچۇن توختىماي.

    ياشلىغىنى ئۇنۇتقان بالا ئۇچۇن ئوينىماي ،

    ھەي دۇنيادا ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان بارمىدۇ ؟

     

    جان بالام دەپ قولىدا چۈشۈرمەستىن كوتۇرۇپ ،

    تاپقان تەرگەن ھەممىنى سىنىڭ ئۇچۇن يۇتتۇرۇپ .

    بىسىپ سىنى باغرىغا سۆيۇپ سىنى كۇلدۇرۇپ ،

    ھەي دۇنيادا ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان بارمىدۇ ؟

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :