-
5/5/2010
جانان - [شئېرى ئەسەرلەر]
ئىنكار قىلما سۆيگۈمنى سەن
ئەقىدەمنى بىلمىسەڭمۇ -
5/5/2010
دانالار ھىكمەتلىرى - [ماقالە ئەسەرلەر]
ئادەم كۆپ ھاللاردا قىيىنچىلىقنى يىڭىش داۋامىدا جەسۇرلۇق، قەتئىلىك ۋە ئالىجاناپلىقنى يىتىلدۈرىدۇ. نامراتلىق ئادەمنى چىنىقتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى پاكلاشتۇرىدۇ. .
-
5/4/2010
شەيتان قىسسى - [شئېرى ئەسەرلەر]
ەختىڭ سەپراس قۇمغا كۆمۈلسە
سەن كىملەردىن تىلەيسەن مەدەت ،
باش كۆزلىرىڭ بويالدى قانغا ،
مىسكىن دىلىڭ تارتمىدىمۇ دەرت .ياپراقچىلىك بولالارسەنمۇ ؟
سەن قەبرىگە ئورنىغان قەدەر
بولساڭمۇ گەر شەيتان بىر رەڭۋاز ،
ۋەسلىڭ ئۈچۈن ياشىغىن قەيسەر -
5/4/2010
سۈيۈملۈكۈم İki gözüm - [شئېرى ئەسەرلەر]
-
5/4/2010
ئىزدەشLooking for - [شئېرى ئەسەرلەر]
-
5/4/2010
قۇرغاقچىلىق - [شئېرى ئەسەرلەر]
-
5/4/2010
ئۇلىنىش ئېلتىماس قىلىڭ - [مەن ھەققىدە]
ئۇلىنىش ئېلتىماس قىلىڭ
-
5/4/2010
ياشا دېدى ،تاۋۇتۇمنى سۇندۇردى ئانام - [شئېرى ئەسەرلەر]
ھەق ئۇياقتا خەق بۇياقتا كۆنمەي نەچارە ؟
بۇ ئالەمنى بىنا قىلغان خاتا ئالدىدا .
ئۆزۈڭدە كۆي بۇ ئالەمدە دوزاق يوق دېدى
ئوتتىن چىقىپ سۇغا كىردىم گۇنا ئالدىدا .
دېدى : كىندىك قېنىڭ چاقىرار سىنى مەڭگۈ ..
تۇمار قىلىپ ئاستىم ئۇنى جۇدا ئالدىدا ،
ياشا دېدى ،تاۋۇتۇمنى سۇندۇردى ئانام ،
مۇھاببەتكە كۆندۈم ئاخىر خۇدا ئالدىدا
-
سۆيگۈ سان ئەمەس سۈپەت . بۇ سۈپەت ئۆزىڭىزنى ئاتىشىڭىز بىلەن پارلىسا ،پەرۋا قىلماسلىقىڭىز بىلەن ئۆلىدۇ ،شۇڭا سۆيگۈ بېرىشتە بىر ئىسراپخورغا ئايلىنىڭ .
كىمنى سۆيسىڭىز بارلىقىڭىز بىلەن سۆيۈڭ .
سۆيگۈ يامغۇرغا ئوخشايدۇ ،سىز بىر پارچە يامغۇر تولغان بۇلۇت كەبى يامغۇر ياغدۇرۇڭ ، يامغۇرنىڭ تەگسە ياغىدىغانلىقى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن .
يامغۇر يېشى بۇلۇتنىڭ يۈكتىن قۇتۇلۇش جەريانى ، بۇ جەريان بۇلۇتقا شادلىق بېرىدۇ .
بىلىۋېلىڭ ، سۆيگۈ تەلەپ قىلماڭ ، ئۇنى كۈتمەڭ باشقىلار تەلەپ قىلغاندا بېرىمەن دېمەڭ
قلچە مىھنەتسىز ، شەرىتسىز ھالدا سۆيۈڭ .
-
5/4/2010
يىغلاپ تۇراتتىم In crying - [شئېرى ئەسەرلەر]
كۆيىۋاتقان رەزىل ئەي!!دۇنيا ،
يىغلاپ تۇراتتىم كۈلىۋاتقىنىڭدا ،
بەكمۇ مەغرۇر خوش دېدىڭ مىنى ،
ئەڭ ئاخىرقى تامچە يېشىڭدا .
دەتلىرىمنى قالدىم قۇچاقلاپ ،
يىتىم قىزنىڭ مەيۇس كۆڭلىدەك .
قورقۇپ تۇرۇپ چەكتىم ئىشىكنى ،
ئوت كۆتۈرگەن ئىسىق شامالدەك .
-
4/29/2010
abdukadir damollam ئابدۇقادىر داموللام - [ماقالە ئەسەرلەر]
ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىياغا ، جۈملىدىن غەربى ئاسىياغا تۇنۇلغان كاتتا ئالىم ، ئۇستا ناتىق ، ماھىر مۇنازىرچى ، مىللەت پەرۋەر مائارىپچى ، تالانتلىق شائىر ۋە پاراسەتلىك ئۇستاز . شۇنداقلا يۈكسەك غورۇرغا ئىگە ، ئازئۇچرايدىغان ئىنسان بۇلۇپ ،xx ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر جەمىئىيىتىدە ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە تۈرۈتكە بولغان. ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . مەشھەد - قارا خانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ھەربىي تالانتى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مەشھۇر خاقان - سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي . تارىختا كىشىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغرا خان ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسجىد ، مەدرىس ، خانقا لارنى بىنا قىلغان . ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مانا مۇشۇ مەشھەد تىكى << ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسى >> دە ئالغان .
-
شىنجاڭ ئۇنىۋېر سىتىېتنىڭ مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر مەدەنيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۇسۇش خاراكتېرلىق ئىلمى مۇۋەپپەقىيەت ھەم بەدىئى ئىجادىيەت ساھەسىدىكى چېلقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۇھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم ، تالانتلىق ئەدىب ،تۇھپىكار مائارىپچى ،
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۇنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەتئىمىن ، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەمراخانىم ئىدى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېگانە پەرزەنتى بۇلغان ئابدۇشۇكۇرگە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ( شۇكىرىللا ) دەپ ئات قۇيۇلغان ،
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادا تەرەپ بوۋىسى ئىبراھىم ھاجىم 1910-يىللىرى ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۇل بۇيدىكى قاراقول شەھىرگە چىقىپ دادىسى مەمتىمىن ھاجىمدىن قالغان خۇرۇم كارخانىسىنى باشقۇرغان ، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن ( ئۇكتەبىر ئىنقىلابى ) نىڭ ئالدى-كەينىدە قاراقول ، تاشكەنتلەر دە ئۇقۇغان ،ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئانىسى ھەمراخانىم ئاتۇش تۇركۇللۇك خۇجا قاسىم دېگەن باينىڭ يەتتىنجى پەرزەنتى ، شۇنداقلا بىردىن بىر قىزى ئىدى ، خۇجا قاسىمباي ئائىلىسى ئەينى يىللىرى ئەنجان -
4/27/2010
Uyghur History ئۇيغۇر تارىخى - [ماقالە ئەسەرلەر]
ئۇيغۇر تارىخى ۋە تىلى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلەي دېسىڭىز بۇ ئادرېسنى زىيارەت قىلىڭ okئىنگىلىسچە ئەلۋەتتە
http://en.wikipedia.org/wiki/Uyghur
-
4/27/2010
ئېلكىتاپ چۈشۈرۈڭ - [ئېلكىتاپ چۈشۈرۈش مەركىزى]
ئۆزەم ساقلاپ قويغان بىرقانچە ئىلكىتاپلار چۈشىرىۋېلىڭ
-
4/24/2010
قېنى؟ - [شئېرى ئەسەرلەر]