ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-22

    قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80291952.html

    بەشىنچى باب قاراخانىلار خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى

    قاراخانىلار خانلىغى 9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 13 – ئەسىرگە قەدەر ھۆكۈم سۈرۈپ، مىلادىنىڭ 1222 – يىلى يىمىرىلدى.
    قاراخانىلار خانلىغى فېئوداللىق تۈزۈمدىكى ئۇيغۇر ئىسلام دۆلىتى، قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر – مەملىكىتىمىز تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋردۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇ قاراخانىلار تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئۇيغۇر، تۈركى خەلقلەرنى بولۇپمۇ قەشقەر ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، گۈللەندۈرۈشتەك تارىخىي ۋەزىپىنى ئۆتىدى. بىر قانچە مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەرنى ۋە بىر قانچە قەۋملەرنى قاراخانىلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك قاراخانىلار دكلىتىنى قۇردى. قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئالغا سۈرۈپ، يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. كەڭ تېرىتورىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قاراخانىلار خانلىغى ئۆز دائىرىسىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بىلەن يەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. خان ئۆزىگە قاراشلىق يەرلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بەردى. ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋرا ئۇننەھر ۋە يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئېلىك خان، ئەمىر، بەگلەر ئەپلىك جۇغراپىيىلىك شارائىتتىن پايدىلىنىپ، تەپرىقىچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىدىغان، ئۆز ئارا تالاش – تارتىش قىلىدىغان بولۇپ قالدى. نەتىجىدە قاراخانىلار خانلىغىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ، زىددىيەتلەر كۈچەيدى. «ئېكىسپالاتاتسىيە قىلغۇچىلار بىلەن ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپى كۆرەش – فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئاساسىي بەلگىسى.»① ئەمگەكچى خەلقلەر بىلەن ھۆكۈمران سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ، كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى.
    شۇنىمۇ ككرسىتىپ ئكتۈش كېرەككى، قاراخانىلار خانلىغى فېئودال ئاقسوڭەك خانزادىلەر ۋە دىنىي يۇقۇرى قاتلام ۋەكىللىگىدىكى ھاكىمىيەت بولغاچقا، بۇ خانلىق ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايتتى. بۇ ھال قاراخانىلارنىڭ مۇستەھكەم بولماسلىغىغا، بۆلۈنۈشى، ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولدى.
    قاراخانىلار خانلىغىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ھەر قايسى جايلاردا خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتىرىلدى. قاراخانىلار خانلىغى دەل مۇشۇنداق خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا ئاجىزلىشىپ يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن ئىدى.

    1 – بۆلۈم قارا خىتايلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى

    خەنزۇچە تارىخ كىتاپلىرىدا غەربىي «لياۋ» دەپ ئاتالغان قارا خىتايلار (ئەسلىدە قارا قىتان. بىز ئادەت بويىچە قارا خىتاي دەپ ئالدۇق). مىلادىنىڭ 1124 – يىللىرى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا زاۋاللىققا يۈزلەندى. مۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا، قارا خىتايلاردىن يەللىغ تاشىن دىگەن بىر ئاق سۆڭەك بىر قىسىم ئادەمنى باشلاپ غەربىي شىمال تەرەپكە قېچىپ كەلدى. ئۇ ئاخىرى بۇ رايونغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بۇ جايدا «لياۋ» خانلىغىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىدى. بۇ خانلىق ئىسلام تارىخلىرىدا «قارا خىتايلار» دەپ ئاتالدى.
    قارا خىتايلارنىڭ خانىنى يەرلىك خەلقلەر «گورخان» دەپ ئاتايتتى. بۇ خانلارنىڭ خانى دىگەنلىك بولاتتى. ئۇ ئۇرخۇن دەرياسى بويىدىكى خاتۇن شەھرىگە، ئۇندىن كېيىن غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، يەنسەي ۋادىلرىدىكى قىرغىز (خاكاسلار) رايونىغا باردى. قىرغىزلار ئۇنى يەنسەي ۋادىسىدىن ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، بېشبالىق (جىمسار ئەتراپى) غا كېلىپ ئورۇنلاشتى. يەللىغ تاشىن جىن سۇلالىسىدىن قىساس ئېلىش ۋە قارا خىتاي خانلىغىنى قايتا قۇرۇش مەقسىدىدە بۇ جايدا قۇرۇلتاي ئېچىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ، 40 مىڭدەك ئادەم توپلىدى. ئۇ غەربىي رايونغا ئىچكىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئېمىل دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. كېيىنچە چۆچەك رايونىغا كېلىپ ھەركەتلەندى. ئۇندىن كېيىن قوچۇ خانلىغى (ئۇيغۇر ئىدىقۇتى) چېگرىسىغا قەدەر بېسىپ كىردى. جىن سۇلالىسى مىلادىنىڭ 1129 – يىلى يەللىغ تاشىننىڭ قايتا تىرىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۈزۈل – كېسىل زەربە بەرمەكچى بولۇپ غەربىي رايونغا قوشۇن ئەۋەتكەندە، قارا خىتايلار بۆلۈنۈپ قېچىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاراخانىلار دائىرىسىدىكى يەتتە سۇغا يېقىن كەلگەندە، شىمالىي ئېلىك خان ئۇلارغا تاغ يوللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلەش شەرتى بىلەن يەر، سۇ كۆرسىتىپ بەردى ۋە مەلۇم دەرىجىدە خىزمەت ھەققى بەردى. ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت قارلۇق، قىپچاق، قانقىلى قاتارلىقلارنىڭ قاراخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدى. قارا خىتايلارنىڭ يەنە بىر قىسمى قاراخانىلارنىڭ مەركىزى قەشقەر چېگرىسىغا بارغاندا، قاراخانىلارنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ ھەيدىۋەتتى.
    يەتتە سۇ ھاكىمى (تارىخىي كىتاپلاردا قايسى ئېلىك خان ئىكەنلىگى ئېيتىلمىغان) قاراخىتايلارنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغاندا، قارا خىتايلا رەت قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ھىساۋىغا ئېلىك خان تەرەپتىن قويۇلغان ھەممە تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىپ، خانغا تولۇق بوي سۇنىدىغانلىغىنى بىلدۈردى (ئۇلارنىڭ ئېتىقات قىلغان دىنى مانى دىنىمۇ ياكى خىرستىيان دىنىمۇ، ھازىرچە ئىسپاتلاش قىيىن)، ئەمما قارا خىتايلار ماكانلىشىپ بولغاندىن كېيىن، «چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداش» ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىچكى جەھەتتىن كۈچ توپلاپ، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىنى پىلانلىدى. 1137 – يىلى قارلۇقلارنىڭ شىمالىي ئېلىك خانغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، قارا خىتايلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالىي ئېلىك خانغا قارشى پىتنە قوزغاپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى.
    مىلادىنىڭ 1137 – يىلى، خۇجەند يېنىدىكى ئۇرۇشتا تامغاچ مەھمۇت خاننىڭ ئەسكەرلىرى يەللىغ تاشىن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. بۇ مەغلۇبىيەت ماۋرا ئۇننەھر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بالايى – ئاپەت ئېلىپ كەلدى. قارا خىتايلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ يەنسەي دەرياسىدىن تالاسقا قەدەر سوزۇلغان كەڭ رايوننى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇپ، قارا خىتايلار ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى.
    قارا خىتايلارنىڭ خانى يەللىغ تاشىن زور تۈركۈمدىكى ھەربى قوشۇن بىلەن ئىسسىق كۆل ئارقىلىق قاراخانىلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، قەشقەرنى بېسىۋالدى، ئارقىدىنلا يەركەنت، خوتەن، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق يەرلەرنى بوي سۇندۇرۇۋالدى. قەشقەر قارا خىتايلار تەرىپىدىن تامامەن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، قاراخانىلار قارا خىتاي خانلىغىغا بېقىندى بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قارا خىتايلار شەرققە يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، قوچۇ خانلىغىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىمۇ بوي سۇندۇردى.
    1141 – يىلى، قارا خىتايلار غەرپتىكى قاراخانىلار خانى تامغاچ مەھمۇت خان ئۈستىگە ئەسكەر تارتىپ بېرىپ، ئۆزكەنت، كاسان قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. تامغاچ مەھمۇت خان سەمەرقەنتتىن ھەربى قوشۇن كەلتۈرۈپ، قارا خىتايلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاجىز كېلىپ سۈلھى تەلەپ قىلدى. يەللىغ تاشىن تامغاچ مەھمۇت خاننىڭ تەلىۋى بويىچە سۈلھى تۈزۈشكە قوشۇلدى. سۈلھى بويىچە تامغاچ مەھمۇت خان «ئىچكى جەھەتتىن مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىپ، مەلۇم مىقداردا باج تاپشۇرۇش» شەرتى بىلەن قارا خىتايلارغا تەۋە بولدى.
    مىلادىنىڭ 1141 – يىلى 9 – ئايدا، قارا خىتايلار غەرپتىكى سولتان سەنجەر سالچۇقىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى. سولتان سەنجەر سالچۇقى قارا خىتايلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىگىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەسكەر باشلاپ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ سەمەرقەنتكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. قارا خىتايلار بۇخارا بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدىكى كاتۋان چۆلىگە ئەسكەر توپلىدى. مىلادىنىڭ 1141 – يىلى 10 – ئايدا، سولتان سەنجەر سالچۇقى بىلەن قارا خىتايلارنىڭ قوشۇنلىرى كاتۋان چۆلىدە ئىنتايىن دەھشەتلىك ئۇرۇش قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا سولتان سەنجەر سالچۇقىنىڭ ئەسكەرلىرى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى؛ ئىككى تەرەپتىن 30 مىڭ ئادەم ھالاك بولدى. سولتان سەنجەر تىرمىزغا قاچتى. 1141 – يىلىنىڭ ئاخىرى، قارا خىتايلار بۇخارانى ئىشغال قىلىپ، ئالىپ تېگىننى بۇخاراغا ئەمىر قىلىپ بەلگىلىدى.
    سولتان سەنجەر سالچۇقىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى خارەزىم شاھى ئاتسىز ئۈچۈن خۇددى قارا خىتايلارنى چاقىرىپ كەلگەندەك خەۋپلىك بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. قارا خىتايلارنىڭ قوماندانى ئەزبەر خارەزىمگە نۇرغۇن ھەربى قوشۇن باشلاپ بېرىپ، خارەزىم شاھىنى يەڭدى. بۇنىڭ بىلەن خارەزىم شاھى ئاتسىزنىڭ مەملىكىتى ئۇزۇنغا قالماي قارا خىتايلارنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تالان – تاراج قىلىندى. خارەزىم شاھى قارا خىتايلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ھەر يىلى 30 مىڭ دىنار (30 مىڭ تىللا) ئالتۇن تۆلەش ۋە مەملىكىتىدە ئۇنىڭ بىر ئالى دەرىجىلىك ۋەكىلىنى تۇرغۇزۇش شەرتى بىلەن قارا خىتايلارغا بېقىندى ئەل بولدى.

    2 – بۆلۈم قارا خىتاينىڭ زۇلمى

    قارا خىتايلار ئەسلىدىكى لياۋ خانلىغىنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى داۋاملاشتۇردى. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قارا خىتايلار ئوتتۇرا ئاسىيانى بوي سۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇخارا، سەمەرقەنت، خارەزىم ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنى قەدىمقى لياۋ خانلىغىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش سېستىمىسى بويىچە باشقۇردى. ئۇلار قاراخانىلارنىڭ ئەسلىدىكى بىر يۈرۈش چارىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، يەرلىك ئاھالە ئۈستىدىكى سىياسى زۇلۇمنى تېخىمۇ كۇچەيتتى. قارا خىتايلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلار ۋە رايونلارنى تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل بىلەن ئىدارە قىلدى:
    1. بوي سۇندۇرۇلغان يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرى (باسقاق) نى ئەۋەتىپ، يەرلىك ھۆكۈمدارلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. مەسىلەن، قارا خىتايلار قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغىدا كەنجى باسقاق ناملىق ۋەكىلىنى تۇرغۇزدى. ئۇلار باشقا جايلاردىمۇ شۇنداق قىلدى.
    2. مەلۇم مۇددەتتە باج – خىراج يىققۇچى ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، باج – خىراج يىغدى.
    3. ئۆز ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدىكى جايلارنىڭ ئەمەلدارلىرىغا كۈمۈشتىن ياسالغان دەستەك (پەيزە) بېرەتتى. بۇ دەستەكنى ئالغانلار ئۇنى دائىم يېنىدىن ئايرىمايتتى، بۇ دەستەك قارا خىتايلارغا تەۋە بولغانلىغىنىڭ بەلگىسى ئىدى. قارا خىتايلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ باسقاق (ئەملدارلىرى) نى ئەۋەتىپ داۋاملىق ئېغىر ئالۋاڭ – ياساقلارنى ئېلىپ، خەلقنى دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە قىلدى. ھەر بىر ئائىلە باشلىغىنى بىر دىنار (بىر تىللا) باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ باجدىن باشقا يەنە خىراج دەپ، مەھسۇلاتنىڭ 10 دىن بىرسىنى تارتىۋالاتتى. بۇ باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارنى دەرھال جازالايتتى. قارا خىتايلارنىڭ چىرىكلىرى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ خوتۇن – قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى دەپسەندە قىلسىمۇ، ھېچقانداق جاۋاپكارلىققا تارتىلمايتتى.
    مىلادىنىڭ 1143 – يىلى، قارا خىتايلارنىڭ خانى يەللىغ تاشىن ئۆلدى، قارا خىتاي خانلىغىنىڭ تەخت ۋارىسى يەللىغ ئېلى كىچىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىغا يەللىغ تاشىننىڭ خوتۇنى كوياڭ ياكى «پوسوۋەن خان» خان بولدى. بۇنىڭ خانلىق ۋاقتىنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىغى تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق ئېيتىلمىغان. ئەمما، يەللىغ تاشىن (گورخان) ئۆلگەندىن كېيىن، قارا خىتايلار ئىچىدە خانلىق تالىشىش كۆرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، نەتىجىدە «كوياڭ» ئۆلتۈرۈلدى. مىلادىنىڭ 1150 – يىلى، قارا خىتايلار تەختىدە يەللىغ ئېلى («شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا چورۇن دەپ ئاتالغان) ئولتۇردى، قارا ختايلارغا قاراشلىق جايلارنى گورخاننىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىدارە قىلدى.
    مىلادى 1156 _ يىلى، ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت قاراخان قەشقەردە ۋاپات بولدى. شۇ يىلى ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەت تاۋغاچ قاراخان قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى. ئۇمۇ قارا خىتايلارغا تەۋە بولۇپ، مەلۇم مىقداردا باج تۆلەپ تۇردى.
    مىلادىنىڭ 1156 – يىلى، خارەزىم شاھى ئاتسىز ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېل ئارسلان خان تەختتە ئولتۇردى. مىلادىنىڭ 1157 – يىلى، سولتان سەنجەر سالچۇقى ۋاپات بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 71 ياشتا ئىدى. سەنجەر سالچۇقى خانلىغىنىڭ نەسلىدىن (مەلىكشاھ نەسلىدىن) غىياسىدىن مۇھەممەت ئىبنى مەھمۇت ئىراققا خان بولدى. بۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنتتە قاراخانىلاردىن ئىبراھىم ئارسلان خاننىڭ ئوغلى تامغاچ مۇھەممەتنىڭ قارا خىتايلارغا بېقىندى ھاكىمىيىتى مەۋجۇت ئىدى، تامغاچ مۇھەممەت خان ھاكىمىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا قارلۇقلار قارا خىتايلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى، تامغاچ مۇھەممەت خان قارلۇقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. تارىخچى جامال قارشى بۇ ۋەقەنى مىلادىنىڭ 1156 – يىلى بولغان دەپ كۆرسىتىدۇ.
    تامغاچ مۇھەممەت ئىبراھىم خاننىڭ ئورنىغا يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت قاراخان بولۇپ، سەمەرقەنتتە تەختتە ئولتۇردى. يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت قاراخان تەختكە چىقىش بىلەن، قارلۇقلارنىڭ قاراخانغا قارشى قوزغىغان ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن دەرۇر تەدبىر قوللىنىپ، قارلۇقلارنىڭ رەئىسى قاراخان ياپغۇنى ئولتۇردى، قارلۇقلارنىڭ ئىسيانى تىنجىتىلدى.
    قارلۇقلار ئىسيانى تىنجىتىلغاندىن كېيىن، قارلۇقلارنىڭ بىر قىسمى خارەزىم شاھى سولتان ئېل ئارسلان خان قېشىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇنىڭدى پانالىق تىلىدى. خارەزىم شاھى ئېل ئارسلان قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ، مىلادىنىڭ 1158 – يىلى، ماۋرا ئۇننەھرگە يۈرۈش قىلدى. سەمەرقەنتتىكى قاراخانىلار خانى تامغاچ ئىبنى مۇھەممەت قارا خىتايلارنىڭ خانى گورخاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. قارا خىتايلار ئېلىك تۈركمەن قوماندانلىقىدا 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتتى. خارەزىم شاھى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش سۈلھى يولى بىلەن ھەل قىلىندى. خارەزىم شاھى ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلىگى ئۈچۈن قارا خىتايلارغا ھەسسىلەپ باج تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ۋاقىتتا بۇخارادا جالالىدىننىڭ ئوغلى قىلىچخان مەسئۇت ھۆكۈم سۈرۇۋاتاتتى. خارەزىم شاھى ئارسلان خان مىلادىنىڭ 1172 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا كىچىك ئوغلى سولتان شاھ تەختكە چىقتى. بۇ چاغدا، ئارسلان خاننىڭ چوڭ ئوغلى تەكەش جەندىنى ئىدارە قىلاتتى. خارەزىم شاھلىغىنىڭ ھۆكۈمران گوروھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن تەخت تالىشىپ قالدى. نەتىجىدە، تەكەش سولتان شاھتىن تەختنى تارتىۋالدى. ئۇ مىلادىنىڭ 1172 – يىلى خارەزىم تەختىگە چىقىپ مىلادىنىڭ 1200 – يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. خارەزىم شاھى تەكەش تەختكە چىقىشى بىلەن قارا خىتايلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، قارا خىتايلارنىڭ باسقىغىنى ئۆلتۈردى، قارا خىتايلار بۇ قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇرۇۋەتتى.
    1200 – يىلى خارەزىم شاھى تەكەش ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مۇھەممەت خارەزىم شاھلىق تەختىگە چىقتى. بۇ ۋاقتىدا سەمەرقەنتتە قاراخانىلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان سولتان ئۇنۋانى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. قارا خىتايلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى زولمى چېكىدىن ئاشقانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى چەكسىز غەزەپ – نەپرەت پۈتۈن سەمەرقەنتنى قاپلىغان ئىدى. شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە جايلىرىدا قارا خىتايلارنىڭ زولمىغا قارشى ئوت ئۇچقۇنلىرى يېنىپ، خەلقنىڭ نارازىلىغى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى. قارا خىتايلارغا قارشى قوزغىلاڭ ئالدى بىلەن خوتەندە كۆتىرىلدى. قارا خىتايلار قارلۇقلارنىڭ باشلىغى ئارسلان خانغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق قىلدى. ئارسلان خان قارا خىتايلارغا قارشى بولغاچقا، قارا خىتايلار مۇشۇ تەدبىر ئارقىلىق ئارسلان خاننىڭ قارشىلىغىنى بوشىتىپ، ئۇنىڭ دىققەت – ئېتىۋارىنى خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بۇرىماقچى بولدى. ئارسلان خان قارا خىتايلارنىڭ بۇيرۇغى بويىچە، نائىلاج ھالدا خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇردى. لېكىن كۆرەش يۇشۇرۇن ھالدا داۋاملىق راۋاجلاندى.
    مىلادىنىڭ 1204 – يىلى، چىڭگىزخان نايمانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ باشلىغى تايان خاننى ئۆلتۈردى. تايان خاننىڭ ئوغلى كۈچلۈك شىنجاڭغا – قارا خىتايلارنىڭ يېنىغا پانا تارتىپ قېچىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى قوزغىلاڭلىرى خۇددى لاۋىلداپ يانغان ئوتتەك ھەممە جايغا تۇتاشقان ئىدى. قارا خىتايلارنىڭ خانى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش مەقسىدىدە كۈچلۈكنى دەرھال قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىپ، ئۇنى كۈيئوغۇل قىلدى. كۈچلۈك قارا خىتاي خاننىڭ قېشىدا بىر مەزگىل تۇردى.
    مىلادىنىڭ 1205 – يىلى، قەشقەردە قاراخانىلار خانى يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى. قەشقەر خانى گەرچە قارا خىتايلارغا بېقىندى بولسىمۇ، ئەمما قارا خىتايلارغا قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىدى.
    قارا خىتايلارنىڭ خانى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چىرىكلەشكەن ۋە لىڭشىپ قالغان ھاكىمىيىتىنى جېنىنىڭ بېرىچە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، قاراخانىلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ئېلىك خانى سولتان ئوسمانغا كۈيئوغۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. سولتان ئوسمان خان قارا خىتاي خانىنىڭ بۇ تەلىۋىنى قاتتىق رەت قىلدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ سەمەرقەنتكە ئەۋەتكەن ۋەكىلىنى دەرياغا تاشلاپ، قارا خىتايلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىگىنى جاكارلىدى.
    سولتان ئوسمان خان قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خارەزىم شاھى مۇھەممەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىدىدە مۇھەممەت شاھنىڭ قىزى بىلەن نىكالىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خارەزىم شاھى مۇھەممەت سولتان ئوسمان خاننىڭ بۇ تەلىۋىنى قوبۇل قىلدى.
    غەربىي قاراخانىلارنىڭ خانى سولتان ئوسمان قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خارەزىم شاھى مۇھەممەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. ئەسلىدە خارەزىم شاھى مۇھەممەتنىڭ ئانىسى تۇركان خاتۇن قاراخانىلار ئەۋلادىدىن ئىدى. خارەزىم شاھى مۇھەممەت بىلەن سولتان ئوسمان قارا خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، بىرلەشمە قوشۇن تەشكىل قىلىپ، ئوتراردا قارا خىتايلارنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا سولتان ئوسماننىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قارا خىتايلارنىڭ تانىكو باشچىلىغىدىكى قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل تارمار قىلىپ، نۇرغۇنلىرىنى ئەسىرگە ئالدى، تانىكو قېچىپ قۇتۇلدى.
    ۋەزىيەتنى كۈزەتكەن كۈچلۈك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەرھال ئىسيان كۈتىرىپ، مىلادىنىڭ 1211 _ يىلى قارا خىتايلارنىڭ خان ئوردىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ خانى چورۇقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قارا خىتايلار ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيىتى مۇنقەرز بولدى. كۈچلۈك قارا خىتايلارنى يوقاتقانلىغىنى داۋراڭ قىلىپ، قارا خىتايلارنىڭ قول ئاستىدىكى رايون ۋە جايلارنى ئۆز تەۋەلىگىگە ئېلىۋالدى.
    كۈچلۈك قارا خىتايلارنىڭ ئورنىنى باستى. كۈچلۈك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن غەربىي قىسىم قاراخانىلار خانى سولتان ئوسمان ۋە خارەزىم شاھىغا قاراتتى. شۇ يىلى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. مۇشۇ ئۇرۇش جەريانىدا، ماۋرا ئۇننەھردىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتكە ھەربى يۈرۈش قىلىپ، بۇ جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى.
    كۈچلۈك قەشقەر ئەتراپىدىكى قارشىلىقنى باستۇرۇشتا، دەل دىخانچىلىقنىڭ ئۈزۈكچىلىك پەسلى ۋە ھوسۇل _ يىغىن ۋاقتىدا قوشۇن ئەۋەتىپ، سۆرەلمە خاراكتىرلىق ئۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇ جايلارنى بولاڭ _ تالاڭ قىلىپ، ئىشلەپچىقرىشنى، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئاشلىقتىن قىسىش ئارقىلىق خەلقنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، قەشقەر رايونىنى بوي سۇندۇردى. يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق ھەربى يۈرۈش قىلىپ، يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىنى قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق، بۇ جايلارنىمۇ ئۆزىگە بوي سۇندۇردى، ئۇ كۇچا، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئارقا _ ئارقىدىن ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى.
    قارا خىتايلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش نەتىجىسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇلار ئوتتۇرا رايوندا ئۆزىگە كېرەكلىك كىيىم _ كېچەك، يىمەك _ ئىچمەك ۋە ئات _ ئۇلاقلارنى خالىغانچە بۇلىدى، بولۇپمۇ قەشقەرىيە خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق تالان _ تاراج قىلدى.
    كۈچلۈك ئەسلى نىستورىيان دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. غەربىي يۇرتلارغا كەلگەندىن كېيىن، بۇددا دىنغا ئېتىقات قىلدى. كۈچلۈك قەشقەرىيىدىكى بولۇپمۇ خوتەندىكى مۇسۇلمانلارنى بۇددا ياكى نىستورىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىشقا زورلىدى. بۇددا دىنغا كىرىشنى خالىمىغان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇردى، خوتەندە قۇرئاننى تەپسىر قىلىش، ئىسلام تارىخىنى، ئەدىبىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى، تىببى كىتاپلارنى ئوقۇشنى مەنئى قىلدى، ھەتتا مەدرىسلەرنىڭ ئىشىكلىرىنىمۇ ئېتىۋەتتى؛ خوتەندە 3000 دەك مۇسۇلمان دىنى ئولىمالىرىنى، دامۇللا، ئىماملارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە زورلىدى. خوتەننىڭ ئاتاقلىق دىنى ئالىمى ھەزرىتى ئىمام ئالاھىددىن مۇھەممەت خوتەنىنى خوتەن خەلقىنى ئىسلام دىنىدىن قايتىشقا ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئالاھىددىن كۈچلۈكنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغاندا، كۈچلۈك ئۇنى خوتەن سېپىلىنىڭ قوقتىسىغا مىخلاپ ئۆلتۈردى؛ 3000 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئولىمالىرى، داموللىلارنى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇل بىلەن قىرىپ تاشلىدى؛ ئىسلامىيەتنىڭ قەدىمقى يادىكارلىقلىرىنى، مىللى مىراسلارنى ۋە ھەر خىل ئىلىم _ پەنگە دائىر تارىخىي ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى؛ ھەتتا مۇشۇ چاغلاردا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ قوليازما نۇسخىلىرى نابۇت قىلىۋېتىلگەن ئىدى.

    3 – بۆلۈم چىڭگىز ئىستىلاسى

    13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل دالىسىدا چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىقتى.
    چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى ئىسمى تىمۇرچىن بولۇپ، ئۇ ھەربى ئاقسۆڭەك تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان. چىڭگىزخاننىڭ قەبىلىسى دەسلەپتە ئىرغونان دەرياسىنىڭ ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كېيىن ئونان دەرياسى بىلەن كورۇلۇن دەرياسى ئوتتۇرىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. موڭغۇل قەبىلىسى بىلەن بىللە گوبىنىڭ شىمالىدا يەنە نۇرغۇن قەبىلىلەر بار ئىدى. بۇ قەبىلىلەر ئىچىدىن تاتارلار (شەرقتە بۇيۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان)، ئوڭغۇتلار (سەددىچىن ئەتراپىغا جايلاشقان)، توڭراتلار (ئوڭغۇت ۋە تاتارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايلارغا جايلاشقان). كىرەيلەر (قاڭقاي تېغى بىلەن كىنتىك تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان)، مەركىتلەر (كىرەي قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان)، نايمانلار (قاڭغاي تاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان) قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئويراتلارمۇ بار ئىدى (مىڭ خانلىغى دەۋرىدە ئۇلار ئويرانغۇت دەپ ئاتىلاتتى. مانجۇ خانلىغى دەۋرىدە ئويرات ياكى ئويرۇت دەپ ئاتالدى). بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى بىر بىرىگە ئوخشىمايتتى: بەزىلىرى چارۋىچىلىق، بەزىلىرى ئوۋچىلىق ۋە بەزىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى؛ ئوڭغۇتلار، توڭراتلار دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. شىنجاڭغا خوشنا بولغان نايمانلار باشقىلارغا نىسبەتەن ئىلغارراق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يېزىغى بار ئىدى. ئۇلار دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. خىرىستىيان دىنىنىڭ نىستورىيان مەزھىبىگە ئېتىقات قىلاتتى.
    تىمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە يۈرۈش قىلدى، موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بۇ ئەينى دەۋردىكى بىرلىشىش ئىستىگى تارىخنىڭ تەرەققىيات يۈنۈلۈشىگە ئۇيغۇن ئىدى. شۇڭا تىمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن مەركىتلەر ۋە كىرەيلەرنى مەغلۇپ قىلدى. باشقا موڭغۇل قەبىلىلىرى تىمۇرچىننىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، ئارقا – ئارقىدىن ئۇنىڭغا تەسلىم بولدى. مىلادىنىڭ 1206 – يىلى، ھەر قايسى ئاقسۆڭەكلەر ئونان دەرياسى بويىدا قۇرۇلتاي ئېچىپ، تىمۇرچىننى پۈتۈن موڭغۇللارنىڭ خاقانلىغىغا سايلىدى، ئۇنىڭغا «چىڭگىزخان» دىگەن ئۇنۋاننى بەردى.
    چىڭگىزخان پۈتۈن موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ غەرپ ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى.
    مىلادىنىڭ 1218 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ جەبە نويۇن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلىرى قەشقەرىيىگە يۈرۈش قىلىپ كۈچلۈككە ھۇجۇم قىلدى. موڭغۇللار كۈچلۈك بىلەن قەشقەرىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك ئۈستىدىن تېز غەلىبە قازاندى. كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ۋە خەلقلەر ئارقا – ئارقىدىن كۈچلۈكنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخانغا تەسلىم بولدى. كۈچلۈك قەشقەرنىڭ غەربىدىكى پامىر ئىگىزلىگىگە قاراپ قاچقاندا، جەبە نويۇننىڭ ئاۋانگارت قوشۇنىدىكى ئىسمايىل سارىققۇلغىچە قوغلاپ بېرىپ ئۇنى ئەسىر ئېلىپ ئۆلتۈردى. ئارقىدىنلا موڭغۇل قوشۇنلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى. قەشقەردىكى قاراخانىلار خانى، يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇللارغا تەسلىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار قەشقەرىيىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلدى.
    موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1219 – يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، مىلادىنىڭ 1222 – يىلى ماۋرا ئۇننەھردىكى قاراخانىلارنىڭ ئېلىك خانلىغى ۋە خارەزىم شاھنى بوي سۇندۇردى.
    چىڭگىزخان ماۋرا ئۇننەھر ۋە قەشقەرىيىنى بوي سۇندۇرغارندىن كېيىن، بۇ رايونلاردا چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى تىكلەندى، قاراخانىلار خاندانلىغى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى.

    ئىزاھات:

    ① ستالىن: «دىيالېكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتىرىيالىزىم».

    قاراخانىلار تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر يىلنامىسى

    840 – يىل      قىرغىزلار ئوتوكەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى. قاراخانىلارنىڭ جەمەتىدىن پان تېگىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە غەربتىكى قارلۇق زىمىنىغا كۆچۈپ بېرىپ، يەتتە سۇ رايونىدا قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇردى.
    سامانىلار خاندانلىقىدىن نوھ ئىبنى ئەسەد ئەسكەر چىقىرىپ ئىسپىجاپنى ئىشغال قىلدى.
    9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا      بىلگە قادىرخان ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بازىر چوڭ خاقان بولۇپ، بالاساغۇننى ئىدارە قىلدى، ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخان ئۇنۋانى بىلەن تالاسنى ئىدارە قىلدى.
    893 – يىلى    ئوغۇلچاق قادىرخان قەشقەرنى پايتەخت قىلدى.
    10 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا    ساتۇق تېگىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم ساتۇق تېگىن دەپ ئاتالدى.
    10 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا            ساتۇق تېگىن ئىسلام دىنىنى تېخى قوبۇل قىلمىغان ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ، قەشقەردە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۆزىنى قاراخان دەپ ئېلان قىلىپ، قەھرىمانلىقنى ئىپادىلەيدىغان ”بۇغراخان“ ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى.
    942 – يىلى      ساتۇق بوغراخان سۇياپ شەھىرىنى ۋە بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ، ئۇ جايلارنى قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى.
    955 – يىلى      ساتۇق بوغراخان ۋاپات بولدى، قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىدە دەپنە قىلىندى.
    956 – يىللار      ساتۇق بوغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم (تۈركچە ئىسمى بايتاش) بۇغرا قاراخان بولدى.
    960 – يىلى        قاراخانىلار بالاساغۇننى قاراخانىلارنىڭ يەنە بىر پايتەختى قىلدى.
    971 – يىلى      مۇسا بۇغراخان ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، بۇددىزىمنىڭ مەركىزى بولغان ئودۇن (خوتەن) خانلىقى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى.
    992 – يىلى      مۇسا بۇغرا قاراخان ۋاپات بولدى. ئۇ ئاتۇشتىكى قاراخانىلار قەۋرىستانلىقىدا دەپنە قىلىندى. بۇ ئورۇن ئاتۇشتا ”بۇغرام“ مازىرى نامى بىلەن ئاتالدى.
    ھارۇن بوغرا قاراخان تەختتە ئولتۇردى. ئۇ زېمىن دائىرىسىنى پەرغانە، سەمەرقەنت ھەتتا ماۋرائۇننەھرگىچە كېڭەيتىپ، بۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى.
    997 – يىلى      ھارۇن بۇغراخان بۇخارادىن قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە ۋاپات بولدى.
    يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى.
    999 – يىلى          قاراخانىلار خانلىقى سامانىلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئىگەللەپ، سامانىلار دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى.
    1000 – يىللار          غەزنە ھۆكۈمدارى سولتان مەھمۇت قاراخانىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىۋىنى قويدى، دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
    1007 – يىللار          قاراخانىلار بىلەن غەزنە ھۆكۈمدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى. ئاخىر غەزنە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى مەھمۇت سۈلھى تەلەپ قىلدى.
    1010 – يىلى            خوتەندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان خەلقلەر ئىسلام دىنىدىن يېنىپ، قاراخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى.
    يۈسۈپ قادىرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىپ نۇرغۇن كۈچ توپلاپ، دىنىي ئولىمالار بىلەن بىرلىكتە خوتەنگە غازات قىلىپ، خوتەندە ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى.
    1026 – يىلى            قاراخانىلارنىڭ خانى يۈسۈپ قادىرخان بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى.
    1032 – يىلى        قاراخانىلار خانلىقىنىڭ خانى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى ۋە قەشقەردە دەپىن قىلىندى.
    1032—1056– يىللارغىچە      سۇلايمان تېگىن ئارسلان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. بۇ مەزگىلدە قاراخانىلار خانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخت، قەشقەرنى قىشلىق پايتەخت قىلدى، قەشقەرنى ئوردا كەنت نامى بىلەن ئاتىدى.
    1039 – يىلى        ئىبراھىم ئىبنى ناسىر ئېلىك خان ”تابغاچ ئىبراھىم خان“ ئۇنۋانىنى قوللاندى.
    1041 – يىلى            تابغاچ ئىبراھىم خان سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلدى ۋە ماۋرەئۇننەھرىنى كونتۇرۇل قىلدى. سالجۇقلار سولتانى ئالىپ ئارسلان تابغاچ ئىبراھىم خانغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. تابغاچ ئىبراھىم خان باغداد خەلىپىلىگىدىن ياردەم سورىدى، باغداد خەلىپىلىگى بۇ ئۇرۇشقا قول سالمىدى، تابغاچ ئىبراھىم خانغا ”مۆمىنلەرنىڭ ئەزىزى“ دېگەن ئۇنۋاننى ھەدىيە قىلدى.
    1056 – يىلى          قاراخانىلارنىڭ خانى سۇلايمان ئارسلان قاراخان ۋاپات بولدى.
    ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخانىلار خانى بولۇپ ”بۇغرا ئارسلان قاراخان“ ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى.
    1068 – يىلى            غەربتە تابغاچ ئىبراھىم خان سالجۇقىلار سولتانى ئالىپ ئارسلان خان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ۋاپات بولدى.
    ناسىر ئىبنى ئىبراھىم شەمسىئۇلئەلمۇلۇك تەختتە ئولتۇردى.
    1069—1070– يىللىرى          بۆيۈك مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ «قۇتادغۇ بىلىك» نى تاماملاپ، قاراخانىلار خانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا ئارسلان قاراخانغا تەقدىم قىلدى؛ قاراخان يۈسۈپكە ”خاس ھاجىپ“ ئۇنۋانىنى بەردى.
    1072—1075– يىللىرى        ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تاماملاپ، باغداد خەلىپىسىگە تەقدىم قىلدى.
    11 – ئەسىرنىڭ 70 – ۋە 80 – يىللىرىدا        تارىخشۇناس ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى «قەقەشقەر تارىخى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى.
    1105 – يىلى            ئەھمەت ئىبنى ھەسەن قاراخان خانلىق تەختىدە ئولتۇردى.
    قاراخانىلار مەھمۇت ئىبنى ئابدۇجەلىل قەشقەرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىگىنى باغداد خەلىپىلىگىگە ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى يولغا قويدى.
    1124 – يىلى            قارا خىتايلار خانى يەللىغ تاشىن قارا خىتايلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ كەلدى ۋە قۇرۇلتاي ئېچىپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ 40 مىڭدەك ئادەم توپلاپ، ئىلى دەريا ۋادىسى، ھەتتا چۆچەك رايونىغا قەدەر كېلىپ ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار تارىختا ”قارا خىتاي خانلىقى“ دەپ ئاتالدى.
    1128 – يىلى            قاراخانىلار خانى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت بۇغرا قاراخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قارلۇق، قىپچاق ۋە قاڭلىلار ئىسيان كۆتۈردى. ئىبراھىم قاراخان بۇ ئىسياننى تىنجىتىش ئۈچۈن، يەتتە سۇغا كەلگەن قارا خىتايلاردىن ياردەم سوراپ، ئۇلارنى شىمالىي ئېلىك خانلىقتىكى يەتتە سۇغا ئورۇنلاشتۇردى. كېيىن قارا خىتايلار يەتتە سۇنى ئىشغال قىلىۋالدى.
    1133 – يىللار          غەربتىكى قارا خىتايلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرىلەپ، قاراخانىلارنىڭ قارلۇقلاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى يېڭىپ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى.
    1141 – يىللار          قوچۇ خانلىقىمۇ قارا خىتايلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.
    قارا خىتايلار خانلىقى سالجۇقىلار سولتانى سەنجارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. كاتۋان چۆلىدىكى ئۇرۇشتا سالجۇقىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى.
    خارەزىم قارا خىتايلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.
    1156 – يىلى        ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت ۋاپات بولدى. مۇھەممەت ئىبنى ئىبراھىم قاراخانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى. بۇ مەزگىلدە ماۋرا ئۇننەھر، يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا قارا خىتايلار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭلار كۆتۈرۈلدى.
    1158 – يىلى        قارلۇقلار خارەزىم شاھى بىلەن بىرلىشىپ، ماۋرا ئۇننەھردىكى سەمەرقەنت خانىغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى.
    1200 – يىلى        غەربتە قاراخانىلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان قاراخانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
    بۇ دەۋرلەردە ماۋرا ئۇننەھردە، قەشقەردە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى. ئوسمان قاراخان قارا خىتايلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلىنى دەرياغا تاشلاپ، قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى.
    1204 – يىلى        نايمانلارنىڭ باشلىقى كۇچلۇك قەشقەرىيىگە قېچىپ كېلىپ، قارا خىتايلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ھەركەت قىلدى.
    قەشقەردىكى قاراخانىلار خانى يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى ۋە قارا خىتايلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى.
    1211 – يىلى        نايمانلارنىڭ باشلىغى كۇچلۇك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، قارا خىتايلارنىڭ ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ باشلىغى چۇرۇقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. قارا خىتاي خانلىقى يىمىرىلدى.
    1211—1212– يىللىرى    كۇچلۇك قارا خىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالدى.
    1218 – يىللى          چىڭگىزخاننىڭ جوبە باشچىلىقىدىكى قوشۇنى قەشقەرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، كۇچلۇكنىڭ قول ئاستىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى.
    1219 – يىلى          چىڭگىزخان غەربتە قەشقەردىكى قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى.
    1221 – يىلى          شەرقىي قاراخانىلار خانلىقى يىمىرىلدى. پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشتى.

    پايدىلانغان كىتاپلار

    «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 1- قىسىم، خەنزۇچە، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىرى.
    ۋ. بارتولد: «يەتتە سۇنىڭ تارىخىي ئوچرىگى»، رۇسچە نەشىرى.
    شۇەن جۇاڭنىڭ «غەربىي رايونغا ساياھەت خاتىرىسى»، خەنزۇچە.
    ئېنگېلس: «ليۇدۋىگ فېيېرباخ ۋە نېمىس كىلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى». «ماركىس، ئېنگېلس، لېنىن، سىتالىن، ماۋزېدۇڭ ئەسىرلىرىدىن تاللانما» 1979 – يىل، مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىرى.
    ۋ. بارتولد: «موڭغۇللار ئىستىلاسى»، 1931 – يىل، تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشىرى.
    ئەبۇ جاپپار مۇھەممەت ئىبنى جەبىر تەبرى: «تارىخ تەبرى»، پارىسچە، 2 – توم.
    «ئۆزبېكىستان س س  س ر تارىخى»، 1956 – يىل تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشىرى.
    ف. ئېنگېلس: «ديۇرىڭغا قارشى»، 1972 – يىل مىللەتلەر نەشىرى.
    ئابابەكرى مۇھەممەت ئىبنى جەپەر نەرشەخى: «بۇخارا تارىخى».
    گەردىزى: «زەينۇل ئاخبار».
    جيەن بوزەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، خەنزۇچە.
    فېڭ جياشېڭ: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار توپلىمى»، خەنزۇچە نەشىرى.
    «تاڭ خاندانلىقىنىڭ كونا تارىخى».
    ئوبۇلغازى: «شەجەرەئى تۈرك».
    بېرنشتېين: «قازاق پەلسەپە تارىخى»، رۇسچە نەشىرى.
    «تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى».
    گۇباۋ: «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر»، 1981 – يىل.
    ئەھمەت زەكى ۋەلىدى توغان: «قەدىمقى كۇچا خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى»، 1945 – يىل «شىنجاڭ گېزىتى».
    ۋىليام سامۇلىن: «12 – ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان»، ئېنگلىزچە.
    «ھۇدۇدۇلئالەم»، رۇسچە نەشىرى.
    بېرنشتېين: «ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللار تەتقىقاتى»، رۇسچە.
    «قەدىمكى تۈركىي تىللار لوغىتى»، 1968 – يىل لېنىنگرات نەشىرى.
    ئىبنۇلئەسىر: «تارىخى كامىل»، 1883 – يىل سىبىرىيىدە بېسىلغان.
    پروفېسسور رەشىد ئەخمەدى ئارات: «قۇتادغۇ بىلىككە يېزىلغان كىرىش سۆز»، 1979 – يىل، ئىستانبۇل.
    «تەزكىرەئى بۇغراخان»، 1830 – يىل قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.
    «خوجا ئەبۇنەسرى سامانى تەزكىرىسى»، قوليازما.
    موللانىياز: «تورت ئىمام تەزكىرىسى»، 1797 – يىل قوليازما.
    نىزام ئارودى: «بۇخارا تارىخى».
    مۇھەممەد ئىبنى خاۋەندە شاھ ئىبنى مەھمۇت مىرخۇند: «تاۋارىخ رەۋزەتۇسسافا»، 1831 – يىل، بومباي.
    مىرزا شاھ مەھمۇت جاراس: «تارىخى رەشىدى زەيلى».
    ج. كلوسۇن: «ئۇيغۇرلارنىڭ نامى توغرىسىدا»، رۇسچە نەشىرى، 1965 – يىل ئالمۇتا.
    «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ئىسمايىل تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
    ستالىن: «دىيالېكتىك ماتېريالىزىم ۋە تارىخىي ماتېريالىزم».
    «جۇڭگو – غەرب قاتنىشى توغرىسىدىكى ماتېرياللار توپلىمى»، خەنزۇچە.
    دوكتۇر ب. ن. شەھسۇۋار: «فارابىنى تونۇشتۇرۇش»، تۈركچە، 1951 – يىل، ئىستانبۇل.
    پروفېسسور ئاقجان ماشانۇر: «فارابى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 – يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن»، تۈركچە، 1950 – يىل نەشىرى.
    جامال قارشىنىڭ «سۇراھ» قا يازغان كىرىش سۆزى، ئەرەبچە.
    «ماركوپولو ساياھەتنامىسى».
    چىڭ سۇلۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشى»، 1981 – يىل.
    «تارىخنامە. ھونلار تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
    «ۋېي سۇلالىسى تارىخى. دوۋۇ پادىشاھ تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
    «تاڭ خانلىقىنىڭ يېڭى تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
    «شىمالىي سۇلالە تارىخى. تېلىلار تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
    «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. قوچۇ تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
    ەېڭ شىمىن: «قاراخانىلار توغرىسىدا بايانلار»، 1982 – يىل «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1 – سان.
    ئو. پرىتساك: «قاراخانىلار تارىخى. قارلۇقلاردىن قاراخانىلارغىچە»، خەنزۇچە.
    «ۋاڭ يەندى ساياھەت خاتىرىسى. ئىدىقۇت تەزكىرىسى».
    دوكتور ئارسلان تىرزىھى ئوغلى: «تۈرك تارىخى كونگىرىسى» 2 – جىلد، ئەنقەرە 1981 – يىل نەشىرى.

    شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىنىڭ 1983 – يىل 1 – ئاي 1 – نەشىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.