ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدا ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرسى، تەكرارلاشتۇر. ھەر قانداق بىر شىئېردا تەكرارلاش ئۈنۈملۈك، ئۆز جايىدا قوللىنىلسا، ئېنىقكى شىئېرغا باشقىچە بەدىئى گۈزەللىك ۋە ئوتلۇق جەزىبە بېغىشلايدۇ.

    ئەسلەش دىگەن ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش،

    ئەسلەش دېگەن تىرىلدۈرۈش ھەممىنى.

    قەيسەر تۇرسۇن شىئېرلىرىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇقۇرمەن قايىل بۇلىدىغان ئۆزگىچىلىك-زىتلىق ئىچىدىن پەلسەپىۋى پىكىر دۇردانىلىرىنى سۈزۈپ چىقىش.

    بىز بۇ يەردە دەۋاتقان زىتلىق، ھەرگىزمۇ شىئېرىي پىكىردىكى لوگىكىغا ئويغۇن كەلمەيدىغان زىتلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى مەنىلەرنىڭ زىتلىقنى كۆرسىتىدۇ. قەيسەر تۇرسۇن بىزدىكى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىزدەنگەن شائىرلارنىڭ بىرسى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىدىيەنى ئىپادىلەشتە، شەكىلنىڭمۇ قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى تولىمۇ نەتىجىلىك بولغان.

  • قەيسەر تۇرسۇن 1994-يىللاردىن كىيىنكى ياشلار ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە ، شىئېرغا ھەۋەس قىلغان، شىئېرىيەتنىڭ ئۇتىدا كۆيگەن بىر دەۋىر ياشلىرىنى ئاغزىغا قارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، بۇ چاغدا ئۇيغۇر ياشلار شىئېرىيىتىدە قەيسەر تۇرسۇن شىئېر يازمىسا، خۇددى ھىچكىم شىئېر يازمىغاندەك، ياشلار شىئېرىيىتى باغچىسى چۆلدەرەپ قالغاندەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزبىكىستانلىق مەشھۇر يازغۇچى ئۆتكۈر ھاشىمۇۋ بىلەن مەشھۇر ئۆزبىك تەنقىدچىسى ئۆمەر ئېلى نۇرمەتۇۋنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» رومانى ھەققىدىكى سۆھبىتىدە: «مۇكەممەل ئۇلۇغ يازغۇچى شۇنداق مەكتەپ يارىتار ئىكەنكى، ئۇنىڭ مەكتىپىدە تەڭ قۇرلىرىمۇ، كېلىچەك ئەۋلاد قەلەمكەشلىرىمۇ بىئىختىيار تەلىم ئالار ئىكەن» دىگىنىدەك، قەيسەر تۇرسۇننىڭ ياراتقان مەكتىپىدىن، رايۇنىمىزنىڭ تا قۇمۇلدىن خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتىكى ياش قەلەمكەشلىرى ئورتاق تەلىم ئالدى، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرىگە ئۇچراپ، شىئېرلىرىغا تەقلىد قىلىپ شىئېرلارنى يىزىشتى. ئۇنىڭدىن شىئېرىي پىكىرنى قانداق يۇسۇندا ئىپادىلەشنىڭ، مۇئەييەن ئۆرنەكلىرىنى قۇبۇل قىلدى.

  • قەيسەر تۇرسۇن ئىجادىيىتىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى، ئۇ ئۇقۇغۇچىلىق ھايات بىلەن خوشلىشىپ يېڭى خىزمەت ئورنىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن، تېخىمۇ كېڭەيدى، چۇڭقۇرلاشتى ۋە زور بۇرۇلۇش ياسىدى. شائىر  ئۇقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئۆزىگە بىر قەدەر تۇنۇش بولغان تۇرمۇشنى،  مىسكىنلىك، مۇھەببەت ئازابى، چۈشكۈنلۈك، غەم-قايغۇغا ئوخشاش قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تۇيغۇلىرىنى، لىرىك يۇسۇندا بىۋاستە ئىپادىلەش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، خىزمەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشىنىڭ، چۈشىنىشىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى، رەڭدارلاشتى، شىئېرىي ماھارەتتە تېخىمۇ پىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلانغان شائىرلارنىڭ ئوخشاشلىقى شۇ يەردىكى، ئۇلار ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئۆزىگە بىر قەدەر تۇنۇش شەيئىلەرنى قەلەمگە ئېلىش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، روھىي جەھەتتە پىشىشقا ئەگىشىپ، خاسلىقتىن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ماھىيەتلىك تېمىلارنى يۇرۇتۇشقا يۈزلىنىدۇ.

  • قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە

    ھەبىبۇللا مىجىت

    قەيسەر تۇرسۇن-شىئېرلىرى كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن، ئىرىشۋاتقان تالانىتلىق ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرسى. ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى ئۇقۇرمەنلەر قەلبىنى زىلزىلگە سالىدىغان تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز چەكسىز مۇڭ، شىئېرىي كەيپىياتتىكى غەمكىنلىك، ئوخشىتىشلىرىدىكى يارقىنلىق، شىئېرىي ماھارەتتىكى ئۆزگىچىلىك، ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىق،شىئېرىي تۇيغۇدىكى چەكسىزلىك، ھەر بىر شىئېر خۇمار قەلبنى مەپتۇن قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ شىئېرلىرىغا بولغان قىزىقىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

  • ئىككىنچىدىن، چوڭقۇر مۇھەببەت، كۈچلۇك تەنقىد روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىدە ئەكىس- ئەتتۈرۈلگەن يەنى تېما ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ. ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدىكى ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋىيتىدىكى ھەرخىل ئىللەتلەرنى تەنقىدلەش –ئەسىر ئاخرىدىكى قىزىق بىر تېما بولۇپ، روزى سايىت بۇ تېمىنى يېزىشتا ئاۋانگارتلاردىن بولدى. شائىر ئۇمۇمىي ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر  ئوي-پىكىرىنى، مۇھەببەت –نەپرەت قۇرۇق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق كۆز قاراش، يارقىن ھېسيات، ساغلام ۋە تىرەن پىكىرلەر ئاساسىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ.

  • 4-باسقۇچ:بۇ روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيتىنىڭ تېما دائىرىسى جەھەتتىن رەڭدارلاشقان ۋە تېما خاسلىقىغا ئۆزلەنگەن مەزگىلى بولۇپ، 1990-يىللاردىن 2001- يىلغىچە بولغان ھاياتنىڭ ئاخىرى مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. روزى سايىت شېئىرى  ئىجادىيىتدە زور ئۇتۇقلارغا  ئېرىشكەن  يىڭى بىر ئىجادىيەت دەۋرىنى كۈتۇۋالدى. ئۇ بۇ مەزگىللەردىكى شېئىرئىجادىيتىدە ئۆزىگە خاس تېما ئالاھىدىلىگى شەكىللەندۇرۇپ، دەۋىرداش شائىرلاردىن پەرىقلىق ھالدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.روزى سايىتنىڭ بۇ مەزگىلدىكى شېئىرلىرىنى تېما جەھەتتىن تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.

  •  2-باسقۇچ: روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ پارتىلاش باسقۇچى بولۇپ، 1973-يىلدىن 1981-يىللارغىچە بولغان مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. روزى سايىتنىڭ توختاۋسىز ئىزدىنىش روھى ۋە ئۈنتۇنسىز تىرىشچانلىقى ئۇنى ئەدىبىي ئىجادىيەت سىپىگە باشلاپ كەلگەن. ئۇ 1973-يىلى قەشقەر گىزىتىدە ئىلان قىلغان «دىھقانمۇ بولدى داشۆسىنىڭ» دىگەن شېئىرى بىلەن  شېئىر ئىجادىيتىنىڭ تۈنجى باھارىغا قەدەم قويغان. روزى سايىتىنڭ ئون نەچچە يىللىق دىھقانچىلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىجادىيەت ھاياتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى بىر قەدەركىچىكپ باشلانغان دىرىىشكە بولىدۇ. ئۇ 1973-يىلدىن ئىلگىرى بىر پارچىمۇ ئەسەر ئېلان قىلمىغان. لىكىن بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە تاسادداپىلا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتقا بولغان تۇغما ھەۋەس ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە جۇغلىنىپ،پىشىپ يىتىلگەن بىر پەيىتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى.

  • روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت تارىخى توغرىسىدا   

    ئابلىمىت ئابدۇراخمان

    يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20نەچچە يىللىق ئەدىبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتىدا ئەدەبىي-ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلى كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ،كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.ئەدەبىي ژانىرلارتۇلۇقلىنىپ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللىشىپ، تىما دائىرسى كېڭەيدى.مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتى، ئىدىيسى كۈچەيدى،بەدىئي سەۋىيىسى ئۆستى. شۇ سەۋەبتىن بۇ دەۋىر ئەدەبىياتى ئۆزىدىن ئىلگىركى دەۋىرئەدىبىياتىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ چىقىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋىرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.

  • زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى  قانداق باشلانغان

    ئەكبەر قادىر

    زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى ھەققىدە سۆز بولسا ، بەزىلەر زوردۇن سابىر ئەسلى شائىر بۇلۇشنى تاللىغان. لېكىن ئۇ تاساددىپى پۇرسەتتە  پىروزىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغان دېسە، يەنە بەزىلەر زوردۇن سابىر پىروزا بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ  ئۇزاق مەزگىللىك تەييارلىق باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ. بۇنى بىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر جەرياننى ھېكايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  • شائىر زوردۇن سابىر

    ئەكبەر قادىر

          زوردۇن سابىر بالىللىق ھەم ياشلىق مەزگىللىرىدەئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى ئالدى بىلەن شېئىرغا بولغان ھەۋەستىن باشلىغان.ئۇ بالىلىق دەۋرىدە تىيىپجان ئىليىفنىڭ ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «شەرق ناخشىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يادقا ئالغان.شۇنداقلا شېئىرمۇ يازغان.

  • زوردۇن سابىرنى ئەسلەيمەن

     

    جاۋگۇاڭمىڭ

    مىنىڭ زوردۇن سابىر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىرگە بولغان ۋاقتىم تاغ باغرى بولغان شۈيشىگۇدىكى شىنجاڭ ئىكككىنچى ئىشچىلار ساناتۇرىيىسىدە ئېچىلغان كەسپى يازغۇچىلارنىڭ يىللىق يىغىنى مەزگىلى بولدى. يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتى يىغىنى پۇل بولمىغانلىقتىن ئېچىلمىغىلى ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان ئىدى. بىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا يېرىم كۈن ئېچىپلا بولدى قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشنى زوردۇن سابىرغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماقچى بولدۇم،چۈنكى زوردۇن سابىر جەمئىيىتىمىزدە كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس ئىدى.

  • داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى  شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان.

  • داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە شائىرنىڭ توختىماي يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان لىرىك ھىسسىياتى  قېنىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن  پۈتۈن شېئىردا ئىزچىللىقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان شېئىرى كەيپىيات،  شېئىرى مۇھىت يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئىخچام، شېئىرى بوشلۇقلارغا ئىگە شېئىرىي جۈملىلەر شائىرنىڭ تېخى بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان تەكلىماكان، تارىم ۋە مىللەتنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ...

  • « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى

    抒情长诗《飞石》的文化解读

    ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

       (بۇ ماقالە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 2005– يىللىق 4 – سانىغا بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن تولۇقلاندى)

    قىسقىچە مەزمۇنى: «سالغا تېشى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. ماقالىدە، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا ئىچكىرىلەش بىلەن بىللە داستاندا يارىتىلغان شېئىرىي تېما، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي ئىماگ، ئوبراز، سىموۋۇللارنىڭ مەنە قاتلاملىرى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ.

  • ئۈچىنچىدىن، روزى سايىت داستانلىرىدا تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىق زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا  دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك».روزى سايىت 《تاڭ شەجەرىسى》داستانىدا تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن: داستاننىڭ 1–بابىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

  • ئىككىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى چىنلىق بىلەن يارىتىپ چىقىلغان.  مەسىلەن: بىز يەنە«بەختى دىھقان ـــ بەخىتلىك دىھقان» داستاننىڭ 1-بابىغا قارايلى:

  • روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

    ئابلىمىت ئابدۇراخمان

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ماگېستىر ئاسپىرانتى

     مېنىڭچە، روزى سايىت رىئالىزىمچى شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش بەدىئىي چىنلىق بىلەن شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قايتۇرۇلغان.بۇ ھەقتە پىروفىسسۇر ئازاد سۇلتان مۇنداق دەيدۇ:«روزى سايىتنىڭ ئىجادىيتىدە لىرىكىدىن كۆرە ئېپىكا ئاسالىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ ھېسياتىنى ئەمەس بەلكى، تۇرمۇشنى.خىيالىي جەننەتنى ئەمەس بەلكى، كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقنى يازىدۇ.

  • ئەدىبلەر نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ
    يالقۇن روزى

    قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسۇپ سوقرات«ھەقىقەتنى بىر ئادەم سۆزلەيدۇ ، پىتنە –پاساتنى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ» دېگەن ئىكەن ھەقىقەتنى قۇغداش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دارغا ئىسلغان سوقرات ئۆز زامانداشلرى ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ساناقلىقلا كىشلەرىنڭ بىرى بىرى ھىساپلىندۇ . ئۇنىڭ ئافىنا سوتىدا سۆزلىگەن چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازى تاكى ھازىرغىچە ياڭراپ تالاي كىشلەرنىڭ قەلىبىنى لەرزىگە سالماقتا ، ئەلۋەتتە ھەقىقەتلا ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە.

  • شېئىر ۋە ئۇنى چۈشىنىش
    غەيرەت ھوشۇر

    شېئىر ھەرقانداق ئىنساننىڭ قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان، ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس سېھىرلىك سۆيگۈ. ئۇ ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، شېئىرنى ھېس قىلىش، ۋۇجۇدىدىن قېزىپ چىقىش، ئۇنى ئىپادىلەش، تەپەككۇر ئالىمىدە رەڭ بېرىپ روياپقا چىقىرىش شائىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرىي تۇيغۇ بارلىق ئىنسانىيەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  •  

    ئۆمەر مەھمۇد شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە

    ئايسىمە ئىدىرىس

    ئۆمەرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇۋاتقاندا قوبۇللىغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا سۆزلىگۈچىنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ ناھايىتى مۇڭلۇق بىر كەيپىيات ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ.يەنى شائىرنىڭ چوڭقۇر ھىسىيياتىنىڭ (تۇتاشتۇرغۇچى)نىڭ ئارقىسىدا شېئىرنى يۆلەپ تۇرغان بىر قەلبنى(شائىرنى)ھىس قىلغىلى بولىدۇ.