ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرى

سەھپە: ئۇنۋىرسال ، تىبابەتچىلىك باھا:0

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى 2500 يىللىق ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا مىزاج، خىلىت، ئەزا، روھ، قۇۋۋەت قاتارلىق 10 نەچچە تەلىماتنى ياراتقان. داۋالاش جەھەتتە 20 نەچچە خىلدىن ئارتۇق ئىچكى – تاشقى داۋالاش ئۇسۇلىغا ئىگە بولۇپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسىلى، ئاقكېسەل، تەمرەتكە قاتارلىقلارنى داۋالاشتا يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئەمەلىي داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى 1000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرى 500 خىلدىن ئاشىدۇ. ياسالما شەكىللىرى قۇرۇق ياسالمىلار، قاتتىق ياسالمىلار، سۇيۇق ياسالمىلار، تالقان ياسالمىلار قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، 50 خىلدىن ئاشىدۇ.

دېمەك، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ غەربىي زېمىندىن ئىبارەت بۇ بىپايان كەڭ زېمىندا ياشاپ ئۆسۈپ كۆپىيىشىدە ئاساسلىق رول ئويناشتىن تاشقىرى، ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتە زور تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن.

1) ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇ رايوندا ھايات كەچۈرۈپ خەلقلەرنىڭ تەن ساقلىقىنى قوغداش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. چۈنكى شىنجاڭغا غەرب تېبابىتى پەقەت 20 – ئەسىرنىڭ 10 – يىللىرىدا كىرىپ، 30 ~ 40 – يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ سەھىيە ئىشلىرىدا رول ئويناشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق جەريان ئىچىدە بۇ رايوننىڭ سەھىيە ئىشلىرى ۋە تەن سالامەتلىكنى قوغداش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگىنى دەل ئۇيغۇر تېبابىتىدۇر.

2) قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن بايقالغان تۆت ماددا ـ ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق قارىشى دەسلىپىدە بىر پۈتۈن ئىنسان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى ئارقىلىق مۇھىم بىر ئېتىقاد ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ ئۇلۇغلىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارغا، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھاياتلىق پائالىيەتلىرى، ساقلىق، كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا چەمبەرچەس باغلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنىڭ مەركىزىي مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ھەمدە پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشى، جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىنى تەمىنلەپ تۇرغۇچى تۈۋرۈك ئامىل دەپ قارىلىپ، يۇنان تېبابىتىنىڭ ئاتىسى بولغان ھىپپوگرات تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، يۇنان تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسى بولۇپ شەكىللىنىپ كېيىنكى تەلىماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولغان.

3) يىپەك يولىدا ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى جەسەت يېرىپ كۆرۈش، جەسەت مومىيالاش، تېڭىقچىلىق، سامساق، ھاراق، ئاچچىق تاش دېزىنفىكسىيىسى، باش سۆڭىكىنى ئېچىپ خالتىلىق قۇرت ئېلىش، كۆز ئوپېراتسىيىسى، ئىلغا، قان ئېلىش، تېرە كېسەللىكىرىنى داۋالاش، ھەر خىل گىياھلىق، پارلاندۇرۇلغان، قىياملىق، زەھەرلىك دورىلار ئىشلەش، گۈڭگۈرت تىزابى، بروم تىزابى چىقىرىش، چېچەك، كېزىك، كۆزگە پەردە چۈشۈش، ئاشقازان ياللۇغى قان تولغاق، زۇكام، جاراھەتلىنىش، داغ چۈشۈش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا زور نەتىجە قازانغان. مەسىلەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 221 – 700 – يىللاردىن ئىلگىرى يېزىلغان مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ كلاسسىك تېببىي ئەسىرى «خۇاڭدى نىيجىڭ سۇۋىن» (پادىشاھ نامىغا يېزىلغان ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى) ناملىق كىتابنىڭ «باشقىلارنىڭ پايدىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن مەنپەئەتلىك رېتسېپلىرى ھەققىدە» دېگەن بابىدا مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىللار ئىلەىرىلا زەھەرلىك دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرنى قوللانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئىبنىسىنا «كىتابوششىفا»نىڭ 6 – جىلدىدا ئادەم جەسىتىنى يېرىپ ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى يازغان. ئۇ كېسەل تەكشۈرۈشكە ئائىت تومۇر تۇتۇش، مېڭە پائالىيىتىنى كۆزىتىش، شېكەر كېسىلىنى ئېنىقلاش، نەپەس تەكشۈرۈش، نىجاسەت تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە لوئى پاستىر (1822 ~ 1895) دىن سەككىز ئەسىر ئىلگىرى ئۆپكە سىلى، خولېرا، كېزىك، قىزىل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇششاق جاراسىملار (مىكروبلار) تۈپەيلى پەيدا بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان.

4) ئۇيغۇر تېۋىپلىرى شىنجاڭنىڭ تاغ – يايلاق، چۆل – باياۋان، باغ – بوستانلىرىنى كېزىپ بايقاپ تونۇغان ھەم ئەمەلىي داۋالاش ئىشلىرىدا قوللىنىپ كىتابلاردا يېزىپ قالدۇرغان شىپالىق دورا ئەشىيالار 3000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ھازىرغا قەدەر داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقىنى 600 خىلدىن ئاشىدۇ. دېمەك شىنجاڭنىڭ دورا بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شىنجاڭ تۇپرىقىدىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ دورىگەرلىك جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن تۆھپىلىرى ناھايىتى زور بولۇپ، جۇڭيى تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىكىەە كەڭ تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، چىن سۇلالىسى (مىلادى 3 – ئەسىر)دىن ئىلگىرى يېزىلغان «شەنخەيجىڭ» (تاغۇ – دەريالار ھەققىدە قىسسە) دېگەن كىتابتا غەربىي زېمىننىڭ خۇشبۇت شارابى، زاراڭزا چېچىكى، نىلۇپەر ، قاشتېشى، چىلان قاتارلىق دورىلار خاتىرىلىنىپ ئالاھىدە تەرىپـلەنـگەن. تاڭ سۇلالىـسـى دەۋرىـدە 659 – يىـلـى تۈزۈلـگەن «شىنشيۇبىنساۋ» (يېڭىدىن رەتلەنگەن دورىلار قامۇسى) ناملىق دورا قامۇسىغا غەربىي زېمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان 114 خىل دورا كىرگۈزۈلگەن. مىلادى 652 – يىلى يېزىلغان «چيەنجىن ياۋفاڭ» ( مىڭ تىللالىق مۇھىم رېتسىپلار) ناملىق كىتابتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان مەخپىي رېتسىېپلار كىتابى «ۋەيتەي مىفاڭ» دېگەن كىتابتا «ئىدىقۇت ئۆمۈر ئۇزارتىش شەربىتى» نىڭ تەركىبى ۋە ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلىرى خاتىرىلەنگەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق دورىگەر لى شىجىن يازغان «بىنساۋ گاڭمۇ» (ئوت – چۆپ دورىلار قامۇسى) ناملىق كىتابتا غەربىي يۇرتتىن چىقىدىغان 100 خىلدىن كۆپ دورىلار تونۇشتۇرۇلغان.

5) ئۇيغۇر تېۋىپ – دورىگەرلىرى ئۆز تۇپرىقىدىن چىقىدىغان دورا ئەشيالىرىنى ئەمەلىي داۋالاش ئىشلىرىدا قوللانغاندىن سىرت يەنە غەرب ۋە شەرق تەرەپلەردىكى دۆلەتلەردە چىقىدىغان نۇرغۇن دورىلارنى ھەم دورا نۇسخىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ مەزمۇنىنى بېيتقان. شۇنىڭدەك ئىچكى ئۆلكىلەردىن ۋە شىنجاڭدىن بىر قانچە خىل دورىلارنى چەت ئەللەرگە يۆتكەپ بېرىپ، شۇ جايلاردىكى يەرلىك تېبابەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۇلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. مۇشۇ خىل دورىلارنى چەت ئەللىكلەر ھازىرغا قەدەر جۇڭگونىڭ دەپ تونۇيدۇ.

مەسىلەن، دارچىن، كاۋاۋىچىن، رەۋەن چىنىي، چاي جىنىي، مامرانچىن، مۇشكى خوتەنىي، سەفىراپ كاشغەرىي، لاجۇۋەرد كاشغەرىي، ۋەج خوتەنىي قاتارلىق دورىلار ئۇيغۇر تېۋىپ ھۆكۈمارلىرى ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۆز رايونىمىزدىن تېپىپ كېسەل داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىپ ھەمدە بىر قىسىم دورىلارنى ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ چىقىپ ئىشلىتىپ ئاندىن ئىران، ھىندىستان ۋە ئەرەبىستانلارغا تونۇشتۇرغان بولغاچقا، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ئۇ دورىلارنى «چىنىي» (جۇڭگونىڭ) دېگەن قوشۇمچە بىلەن ياكى قەشقەر، خوتەننىڭ ناملىرىنى قوشۇپ ئاتاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى يەنە ئۇ تەرەپلەردىن قوبۇل قىلغان بىر قىسىم دورا ئەشيالىرىنى شۇ تەرەپنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. مەسىلەن، مەستىكى رۇمى ( رۇم مەستىكى)، گىلى ئەرمىنىي( ئەرمەنىستان لېي)، سۆرۈنجان مىسىرى، سۆئلەپ مىسىرى ( مىسىرنىڭ دورىلىرى)، سانايى مەككى، ئىزخىر مەككى، مۇرى مەككى، ھوزۇز مەككى (مەككە دورىلىرى)، ھېلىلە كابىلى، بەلىلە كابىلى( كابىل ھېلىلىسى)، لاچىندانە ھىندى، سۇنبۇل ھىندى، كات ھىندى (ھىندى دورىلىرى) قاتارلىق دورىلار.

ئۇيغۇر تېۋىپلىرى يەنە ھەر قايسي جايلار بىلەن كەڭ كەڭ ئالاقە باغلاپ بىر قىسىم ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان شىپالىق دورا ئەشىيالىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تېبابىتىدە ئىشلىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى مەسىلەن، مەستىكى رۇمى، سانايى مەككى، مۇر مەككى، كات ھىندى… قاتارلىق دورىلارنى جۇڭيى تېبابەتچىلىكىگە) تونۇشتۇرۇپ شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان.

6) ئۇيغۇر تېۋىپلىرى يەنە بۇغا مۈڭگۈزى، بۆرە جىگىرى، توخۇ تاشلىقى، قۇشقاچ مېڭىسى، كالا چۈيىسى، سەرتان ماھى رۇببان… قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق ھايۋان ۋە ھايۋان ئەزالىرىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغان ھەم داۋالاش ئىشلىرىدا ئۇلاردىن كەڭ تۈردە پايدىلانغان.

7) ئوتتۇرا ئەسىرلەردە كان ماددىلىرىنى قېزىش، كانچىلىق، مەدەن ئېرىتىش قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇيغۇر تېۋىپ – دورىگەرلىرىي يەنە قاشتېشى، سىڭىر تېسشى (گەج)، كۆكتاش، سۈرمە تاش، لەئلى تاغ، ھاك، نۆشۈدۈر، گۈڭگۈرت، زاك، زەرنىخ، مەرگىمۇش (سەنكىيا)، ئالتۇن، كۈمۈش، قوغۇشۇن، مىس، تۇچ قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق مەدەن جىنىسلىق ماددىلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغان.

8) ئۇيغۇرلار يەنە چارۋىچىلىق ھاياتىدىن دېھقانچىلىققا ئۆتۈپ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا 70 نەچچە خىل مېۋە – چېۋىلەرنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بايتقان.

9) قەدىمقى ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش جەريانىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل تەبىئىي ماددىلارنىڭ ھەم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى، ئۇلارنى يىغىپ ساقلاشنىڭ ئىلىم – تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى توپلاپ، رەتلەپ خاتىرىلەپ مىراس قالدۇرغان. مەسىلەن، ھەر خىل تەبىئەت جىسىملىرى (ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋاناتلار، مەدەت ئەشيالار) قاتارلىقلارنىڭ تەمى، ھەجىمى، شەكلى، ۋەزنىگە قاراپ، ئۇلاردا بىرەر شىپالىق رولنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسسىق – سوغۇق كەيپىياتلىرىنى ۋە قانداق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ۋە پەرقلەندۈرۈپ تونۇيدىغان ئۇسۇللارنى خاتىرىلەپ قالدۇرغان.

10) ئۇيغۇر تېۋىپلىرى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ساقىيىش تەس دەپ ھېسابلانغان ئاقكېسەل، يۈرەك قان تومۇر قېتىش كېسەللىكى، ئاق قان دانىچىلىرى كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى، خانازىر، سەرئى، دىئابىت، ئۆت تېشى، بۆرەك تېشى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم يېڭى دورا نۇسخىلىرىنى ئىجاد قىلىپ كلىنىك داۋالاش ئەمەلىيىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

11) ئۇيغۇر تېبابىتى جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالغان مەزگىللەردە يەنى ئاغرىق – سىلاق، ۋابا ( خولېرا)، تائۇن (چۇما) ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالغان چاغلاردا جىددىي ھەرىكەتلىنىپ ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھەر خىل مېۋىلەر سۈيىدىن شىپالىق دورىلارنى ياساپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. مەسىلەن، 1908 – يىلى خوتەندە ۋابا كېسىلى تارقىلىپ ئالتە يىل داۋاملاشقاندىمۇ پەقەت ئۇيغۇر تېۋىپلىرى كېسەلگە قارشى ئالدىنقى سەپتۇ تۇرۇپ تاۋۇز سۈيى، ئالما سۈيى، ئانار سۈيى، قىزىلگۈل ئۇرۇقى، سەندەل ئەرقى، نىلۇپەر ئەرقى، كاسىنە ئەرقى، سامساق ئەينۇلا، مامرانچىن، زىرىق، ئىتئۈزۈمى قاتارلىق دورا ئەشىيالىرى بىلەن كېسەللەرنى زەھەرسىزلەندۈرۈش، يۇقىرى ھارارەتنى پەسەيتىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ تەبىئىتىنى جانلاندۇرۇپ، ساقلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1987 – يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقۇملۇق كېسىلى تارقالغان مەزگىللەردىمۇ ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ تۆھپىسى زور بولغان.

12) ئۇيغۇر تېۋىپلىرى يەنە تەبىئەت ماددىلىرىدىن كەڭ پايدىلىنىپ، بىر قاتار ئۈنمۈلك بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئىجاد قىلغان. مەسىلەن، كۈن نۇرى بىلەن داۋالاش، ھاۋالىق جايلارغا يۆتكەش، ھەر خىل ئارشاڭ، بۇلاق سۇلىرىدا يۇيۇندۇرۇش، تۇز كۆىدە يۇيۇندۇرۇش، ھاممام ۋە ھەر خىل سۇلار بىلەن داۋالاش، قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش، لاي سېغىزلار بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلغان.

2012.02.11 ئاپتور: ئاتاچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup