دورا تېڭىپ داۋالاش تېخنىكىسى

2011-يىل 8-دېكابىر2,1750

مۇناسىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەرگە، رېتسىپتا كۆرۈسىتلگەن دورىلارنى، يەرلىك ئورۇننى مەركەز قىلىپ،تەگلىك مايلار بىلەن مايلاپ، دورىلارنى تېڭش ئارقىلق، يەرلىك ئورۇن ماددا ئالمىشىشنى ياخىشلاپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەخسىتىگە يېتىدىغان سىرتتىن داۋالاش      ئۇسۇلى(دورا تېڭىپ داۋالاش) زىماد بىلەن داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ.

1. زىمادلار بىلەن داۋالاش كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ رولى

1) زىمادنىڭ كېلىپ چىقىشى

زىماد بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى بولسا ئۇيغۇر تىبابەت قەدىمكى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ خاتىرلەنگەن. دائىملىق كلىنىكا داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئەل ئىچى تىبابەتچىلىكىدە كەڭ ئومۇملاشقان، بىخەتەر، ئۇسۇلى ئاددىي، قولايلىق بولغان داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، كېسەللىكلەرگە سىرتىن تەسىر كۆرسىتىپ داۋالاش تۈرىگە كىرىدىغان بىر تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي داۋالاش تېخنىكىسىدۇر.

بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تىبابەتچىلىگىمىزدە قوللۇنۇش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ھازىر بار بولغان قەدىمى كىلاسسىك ئەسەرلەردىن، ئەلقانۇن، شىپايىل قۇلۇپ، ئەكسىر ئەزەم، تىببي ئەكبەر قاتارلىق نوپۇزلۇق قەدىمقى كىلاسسىك ئەسەرلەردە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى خاتىرلەنگەن.

2) زىماد بىلەن داۋالاشنىڭ رولى

زىماد بىلەن داۋالاش ئىككى قەۋەتلىك داۋالاش رولىغا ئىگە بولۇپ، تەگلىك ماي، زىماد، ئىبارەت ئىككى خىل خۇسۇسيەت مۇجەسسەملەنگەن، يەنى مايلاپ داۋالاش، زىمادلىق داۋالاش، داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىشتەك ئالاھىدە رولغا ئىگە.

تەگلىك ماينىڭ ئۆزىدە بەلگۇكۇك داۋالاش خۇسۇسيەت بولغاندىن سىرت، تېرە يۇزىنى قوغداپ، مۇداپىيە قەۋىتى ھاسىل قىلىپ، سىلىقلاشتۇرۇش، يۇمشۇتۇش، زەخىملىنىش، تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگۇرۇپ كېتىشى قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسيەتلىرى بولىدۇ.

زىمادلىق دورىلار بەلگىلىك خۇسۇسىيەتگە ئىگە بولۇپ، داۋالاش تەسىرى يۇقىرى، ئۈنۈمى كۆرۇنەرلىك، دورا رېتسىپلىرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئادەتتە يۇمشاق دورا تالقانلىرىغا بەلگۇلۇك مىقتاردىكى ئېرىتمىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق يېرىم ئېقىشچان خېمىر ھالەتتە تەييارلىنىدۇ. بۇنىداق تەييارلانغان زىمادلار دورىلار تەركىۋىدىكى شىپالىق تەركىبلەرنى بەلگۇلۇك ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىپ، تېرە ئاستىغا سىڭىپ كىرىپ، يەرلىك ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئادەتتە زىمادلىق دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىككىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى تەبىئەتتىكى دورىلار بولۇپ، ئادەتتە بۇنداق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش قولايسىز بولىدۇ. يەنى ھەزىم ئەزالىرىنى بۇزۇش، جىگەرنى زەخىملەش قاتارلىق بولمىغۇر تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئىچىدىن يەككە ھالەتتە ئىشلىتىش بىرقەدەر قېيىن بولىدۇ.

 

3 0

ulinix tori ئازساز