مىزاج سۆزى بىرىكمە، ئارىلاشما، قوشۇلما دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلۈك سان بويىچە ئېيتىلىشىى مىزاجلار، ئەرھبپە ئەمزىجە مېيىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز. يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك تۇپراقىنىڭ ھۆل ئىسىق تەبىئەتلىك ھاۋاغا تەسىر قىلىشى، … قاتارلىق جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى نۆۋەتتە ھۆكۈمران جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى تۆۋەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كەيپىياتقا ئېيتىلدۇ. دېمەك، تۆت چوڭ ماددىدىلا تەبىئەت مەۋجۇت بولۇپ قالماي، بەلكى شۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىنى ئالغان بارلىق جانلىق – جانسىز شەيئىلەردىمۇ تەبىئەت(مىزاج) بولىدۇ. ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىچىكى قىسىملىرىدىكى ماددىلار يەنە ئوخشىمىغان تەبىئەتلەرگە ئىگە، مەسىلەن: ھۈجەيرە، مالېككۇلا، …لارنىڭ مىزاجى بولغىنىدەك. مىزاج نىسبەتەن تۇراقلىق بولغاندىن باشقا، سىرتقى تەسىرىلەرگە مىزاج سۆزى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسى، ئىپادىلەيدىغان مەناسى كەڭ بولغان ئاتالغۇ. مەسىلەن: بارلىق مەخلۇقات ۋە بارلىق تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەشتە، ھەر قايسى مەملىكەت ۋە جۇغراپىيىلىك ئىقلىملارنىڭ ھاۋا كېلىماتىنى ئىپادىلەشتە مىزاج سۆزى قوللنىلغان. ئىنسان بەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى – تاشقى ئەزالىرى، روھىي ۋە جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرى، پىسخولوگىيىلىك ھالەتلىرى خۇي – پەيلى، ئادەتلىرىنىمۇ«مىزاج» ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇندىن باشقا، ئىنسان بەدىنىدىكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنمۇ مىزاج ئۇقۇمى بىلەن شەرھلىگەن. مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ داۋاملىق تەرەققىي قىلالىشىدىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىق. كۆرۈنۈشتە ئوخشاش تۇرغانجىسىملار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ماكاندىكى ئىچكى ھالەتلىرى كېسەللىك ۋە ساغلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى پەرقلىق ھالدا چۈشەندۈرۈشتە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى«مىزاج» تەلىماتىنى يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كېسەل داۋالاش ئىشلىرىغا خىزمەت قىلدۇرغان. دېمەك، مىزاج ئۇقۇمى ئۇيغۇر خەلقىمۇ تېبابەتتىكى ئۇشبۇ ئۇقۇمنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەدبىقلاپ، زۆرۈرىيەت ۋە پەرھىزلەرنى ھېس قىلغان، شۇ ئاساستا ھازىرقى قىممەت تارىشىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر خەلقى شەكىللەنگەن