[quote]بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى kokchiدە2012-07-13 13:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئوسمان ئىسلام (ئوسمان باتۇر) كۆكتوقاي ناھيىسىدە تۇغۇلغان.تەقۋادار مۇسۇلمان.ئۇ ياش چاغلىرىدا شىېڭ شىسەيگە قارشى قوزغۇلاڭلارغا باش بولغان (خۇددى بىزنىڭ خوجانىياز ھاجىمدەك)،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغاندا سوۋېت تەرەپ ئۇنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغان ھەم غۇلجىدا قۇرۇلغان ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى تەرىپىدىن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن،بىراق ئوسمان كومۇنىزىم ئىدىيىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان بولغاچقا ،ئۈچ ۋىلايەت شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مارشال ئەلىخان تۆرەم بىلەن مەخپىي ئالاقە قىلىپ سوۋېت بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھەم بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان،ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ كېيىكى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئېتراپ قىلمىغان.شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۈچ ۋىلايەت بىلەن ئادا جۇدا بولۇپ گومىنداڭنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ ،سوۋېت ھىمايىسىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان.1949-يىلى9-ئايلاردا ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرگەندە ئوسمان ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ قۇمۇل تاغلىرىدا،بارىكۆل يايلاقلىرىدا ھەم گەنسۇ -چىڭخەي تاغلىرىدا ئازادلىق ئامىيە بىلەن جەڭ قىلىپ نۇرغۇن ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.ئاخىرى ئەسىرگە چۈشۈپ 1950-يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچى شەھرىدە ئەكسىلئېنقىلاپچى،باندىت نامى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.شۇ چاغدىكى جازا ئىجرا قىلىشتا،ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى ئابلىز چىڭگزخان دامۇللام،شىېڭ شىسەينىڭ سەقچى باشلىقى جاللات لى يىڭچى يەنە قۇربان قوداي،ئەر توغرۇل( گومىنداڭ دەۋرىدكى ئۆلكە رەئىسى مەسئۇت ئەپەندىمنىڭ ئوغلى) قاتارلىقلارمۇ بىللە ئېتىپ تاشلانغان.ئوسماننىڭ ئوغلى شېردمان قولغا ئېلىنىپ كېيىن ئالتايدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان،بىر قىسىم قازاقلار ئوسماننىڭ ھەمراھى قالىبەك بىلەن بىللە شىزاڭ ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ ،ئاخىرى بېرىپ تۈركىيە جۇمھۇريىتىگە يەرلەشكەن.قاچالماي قالغان يەنە بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى قولغا ئېلىنىپ ئاقسۇ،يەكەندىكى جازا مەيدانلىرىدا ئەمگەك قىلىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.قازاق خەلقى ئوسمان ئىسلامنى باندىت دېمەيدۇ.بىز خوجانىياز ھاجىنى قەھرىمان دېگەندەك،ئۇنى ئوسمان باتۇر دەپ ئاتايدۇ،ھەم ئۇنىڭدىن بەكمۇ پەخىرلىنىدۇ.
....................................................................................................................................................................
ئوسمان ئىسلام ھەقىقەتەنمۇ سىز دېگەندەك تەقۋادارلاردىندۇر. سوۋېت قىزىللار دەۋرىدە، قازاقىستاندىن دىيارىمىزغا قېچىپ كەلگەن كەتتا بىر قازاق ئۆلىماسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىغان. ئاللاھ نىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن جىيھاد يولىنى تاللىغان. 1. گومىنداڭ بىلەن ئۇرۇشتى.2. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى بىلەنمۇ ئۇرۇشتى. 3. كومپارتىيە بىلەنمۇ ئۇرۇشتى. دىيارىمىزدىكى قازاق قېرىنداشلىرىمىز ئۇنى ئوسمان باتۇر دەپ تەرىپلىشىدۇ. قازاقىستان ئۈكۈمىتىمۇ ئوسمان ئىسلامغا خەلىق باتىرى دېگەن
شەرەپلىك نامنى تەغدىم قىلغان.quote]