turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 5295 قېتىم كۆرۈلدى
a.abdurehim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 913
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 41 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 41 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 <قوش تىل ئوقۇتۇشمۇ>ياكى قوش تىللىق ئوقوتۇشمۇ ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-16)
«قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»مۇ

ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم



       قۇمۇل ۋىلايىتىدە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىقى 1994- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. مەن 1994- يىلىدىن 2006- يىلى 10- ئايدا پىنسىيىگە چىققىچە بولغان 12 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» خىزمىتىگە مەسئول بولدۇم، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلار «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»ى ئۈچۈن ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرندىن كەسپى خەنزۇ تىلى دەرسلىگى تۈزۈپ بەردىم ھەم كونكىرىتنى يىتەكچىلىك قىلدىم. بۇ خىزمەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» تەتقىقاتى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندىم. خەنزۇ تىلىدىكى«双语教学» دىگەن بۇ ئاتالغۇ 2000- يىللىرىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر تىلىغا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ كۈلەمدە قوللىنىپ كىلىنگەن ئىدى،2007- يىلىدىن باشلاپ بۇ ئاتالغۇ«قوش تىل ئوقۇتۇشى» غا ئۆزگىرىپ، ھازىر بۇ ئاتالغۇ ئومۇملىشىۋاتىدۇ. مەن «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتاشنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئىپادىلىيەلمەيلا قالماستىن بەلكى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى، خاتا چۈشەنچىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن- دەپ قاراپ، قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئۆز تەسىىر- دائىرەم ئىچىدە بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمنى تەشۋىق قىلدىم، ھەمدە بىر پارچە ماقالە يىزىپ كەسىپداشلار بىلەن پىكىردە ئورتاقلىشىشنى ئويلىغان ئىدىم، لېيكىن ئەمەلىيەتتە:«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ھازىرقى مىللى مائارىپتىكى مائارىپ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئىسلاھات، ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، تەدرىجى ئىزىغا چۈشىدۈ – دەپ، قاراپ توختاپ قالغان ئىدىم. يېققىندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە قوش تىللىق ئوقۇتۇش ساھەسىدە ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدە بەلگۈلىك تەسىرگە ئىگە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنڭ پىروفىسسورى – يولداش xx نىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئىنسىتىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىل4- سانى (ئۇنىۋېرسال سان)دا ئېلان قىلغان «مىللىچىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش» – قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تۈپ فاڭجېنى›› دىگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ ماقالە مېنىڭ نەزىرىمدە ياخشى ماقالە، بۇ ماقالىنىڭ ياخشى ماقالە ئىكەنلىكى ئىككى نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ. يەنى بىرىنچىدىن، ماقالىدا نۆۋەتتە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»تا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنچىكە، كونكىرتنى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدا؛ ئىككىنچىدىن، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا بولغان تونۇش، چۈشەنچىلەرنىڭ مەيلى قايسى نوقتىدىن بولمىسۇن بىر قەدەر تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇلگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەزكۇر ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەردىكى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئېغىرلىقىغا بەكمۇ ھەيران قالدىم، خاتا چۈشۈنۈپ قالماي- دەپ، قايتا-قايتا بىر نەچچە قېتىم ئىنچىكىلەپ ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىپ كۆردۇم. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇقۇشماسلىق، ئېغىشلارنى تۈگىتىپ ئىدىيە، تونۈش، كۆزقاراشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئۈستىدە تەتقىقات- مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنىڭ بەكمۇ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ ، بۇ قىسقا ماقالىنى يازدىم، قاراشلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي توغرا بولىشى ناتايىن، لېيكىن ئاپتونۇم رايونىمىزدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى ئاكتىپ، پۇختا، ئۈنۈملىك، ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇپ، مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن، كەسىپداشلار ۋە خالىغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرگە مۇھاكىمە قىلىشقا، مۇنازىرلىشىشكە ھەر ۋاقىت تەييارمەن.

         تۆۋەندە ‹‹مىللىچىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش» – قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تۈپ فاڭجېنى›› دىگەن تېمىدىكى ماقالىدا (كېيىنكى بەتلەردە قىسقارتىپ "ماقالە" دەپ ئېلىنىدۇ) ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلار بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى بىر نەچچە نوقتىغا يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويىمەن:
بىرىنچى، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دىيىش توغرىمۇ ياكى«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دىيىش توغرىمۇ؟

       .1« قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىش جەريانى ئاپتونۇم رايونىمىزدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىناق خىزمىتى 1992- يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ يولغا قويۇلدى، كونكىرىتنى يولغا قويۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپىدا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىرىدىن خەنزۇ تىلى بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ، نەتىجىسى ياخشى بۇلۇپ، تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتسا "ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ"- دەپ، قارىغانلارنى بىر سىنىپ قىلىپ تەشكىللەپ خەنزۇ تىلى دەرسىنى كۈچەيتىپ ئوقۇتقاندىن باشقا تەبىئىي پەنلەردىكى كەسپى ئاتالغۇلاردىن دەرسلىك تۈزۈپ، كەسپى خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئاساسى ھازىرلانغاندىن كىيىن ئاندىن تەبىئىي پەنلەر خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلدى. بۇ خىل ئوقۇتۇش سىنىقى شۇ چاغدا ئوقۇتۇلىدىغان پەنلەر ۋە ئوقۇتۇشتا قوللانغان تىل ئەھۋالىغا ئاساسەن خەنزۇ تىلىدا «数理化汉语授课实验»،ۋە «数理化汉语授课实验班» دەپ ئاتالدى، ئۇيغۇر تىلىدا ئايرىم- ئايرىم «ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش سىنىقى» ۋە «ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش سىناق سىنىپى» دەپ ئاتالدى، ئىككى- ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن يوقىرىدىكىدەك ئاتىغاندا سۆز ھەم ئۇزۇن ھەم قۇلايسىز بولىدىغانلىقى ھىس قىلىنىپ، سەل قىسقارتىلىپ، خەنزۇ تىلىدا «理科汉语授课实验» ۋە «理科汉语授课实验班» دەپ ئاتالدى، ئۇيغۇر تىلىدا ئايرىم- ئايرىم « تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش سىنىقى» ۋە «تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش سىناق سىنىپى» دەپ ئاتالدى. 2000- يىللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەندە سىناق باسقۇچى ئاخىرلىشىپ، كېڭەيتىش دەۋىرىگە قەدەم قويدى ۋە يوقىرىقى ئاتالغۇلار قىسقارتىلىپ، خەنزۇ تىلىدا «双语教学» ۋە «双语教学班» دەپ ئاتالدى، ئۇيغۇر تىلىدا بولسا ئايرىم- ئايرىم «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ۋە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى» دەپ ئاتالدى.
        ئەمدى خەنزۇچىدا «双语教学» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى قانداق جايدا قوللانغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى، خەنزۇلار خەنزۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە چەتئەل تىلى تەسىس قىلىپ، چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشنى مەسىلەن، ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشنى «ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتۇشى» دەپلا ئاتىدى ۋە ئاتاۋاتىدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ «双语教学» دەپ ئاتىمىدى، ھەم ئاتىمايدۇ. ئۇنداقتا «双语教学» دېگەن سۆزنى قەيەردە ئىشلەتتى؟ پارتىيە 13- قۇرۇلتىيى 3- ئۇمۇمى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن جۇڭگودا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، بولۇپمۇ 80- يىللارنىڭ ئاخىرى، 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا خەنزۇ يولداشلاردا ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى چەكسىز يوقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، موشۇنداق ئەھۋالدا بىر قىسىم خۇسۇسىلار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر جەمئىيەتنى قىزىقتۇرۇپ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتكەندىن باشقا، مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان مەدەنىيەت دەرسلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئانا تىلى- خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتقاندىن باشقا يەنە بىر قىسىم پەنلەرنى (ئاساسلىقى ماتېماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنى) ئېنگىلىز تىلىدا ئوقۇتتى ۋە بىر قىسىم پەنلەرنى ئانا تىلدا (خەنزۇ تىلىدا) يەنە بىر قىسىم پەنلەرنى ئېنگىلىز تىلىدا ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئەندىزسىنى «双语教学» دەپ ئاتىدى، شۇڭا خەنزۇ تىلىدىكى «双语教学» دېگەن بۇ سۆز ھەرگىزمۇ تىل ئوقۇتۇشىغا قارىتىلغان ئەمەس.
        2. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ۋە «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ مەنىلىرى ئوخشىمايدۇ
     (1). «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دىگەن بۇ سۆز بىرىكمىسىگە قارىتا، «قانداق ئوقۇتۇش؟» دېگەن سۇئال قۇيۇلۇپ، بۇ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ سۇئالغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاپلارنى بىرىشكە بولىدۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»، «قوش تىلدا ئوقۇتۇش»، «قوش تىل بىلەن ئوقۇتۇش»، «قۇش تىل ئارقىلىق ئوقۇتۇش» قاتارلىقلار، بۇسۆزلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئىككى خىل (قوش) تىلدا ئوقۇتۇشنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلىدىكى«双语教学» دىگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇر تىلىدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خىل سۆز بىرىكمىسىنىڭ قايسىسى بىلەنلا ئاتىساق بولىدۇ، لېيكىن كىيىنكى ئىككىسى سەل ئۇزۇنراق بولغاچقا قوللىنىش قۇلايسىز بولىدۇ، ئالدىنقى ئىككىسى يىغىنچاق بولغاچقا قوللىنىش قۇلايلىق بولىدۇ، ئەسلىدە «قوش تىلدا ئوقۇتۇش» دېيىلگەن بولسا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دېگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولاتتى، لېيكىن «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دىسىمۇ ئوخشاشلا شۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە يىللاردىن بۇيان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دەپ ئادەتلەندۇق.
       (2). «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دېگەن بۇ سۆز بىرىكمىسىگە قارىتا، «نىمە ئوقۇتۇشى؟» دىگەن سۇئال قويۇلۇپ، بۇ كونكرتنى بىر خىل پەننى ياكى بىر خىل بىلىمنى ئوقۇتۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۇئالغا تۆۋەندىكىدەك نۇرغۇن جاۋاپلارنى بىرىشكە بولىدۇ « قوش تىل ئوقۇتۇشى»، «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى»، «ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى»، «تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى»، «ئاشپەزچىلىك ئوقۇتۇشى» .... قاتارلىقلار، لېيكىن بۇ سۆز بىرىكمىلىرى ئىپادىلىگەن مەنالار ئوخشاش ئەمەس، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» ئۈستىدە سۆزلىنىۋاتقاندا، «نىمە ئوقۇتۇشى؟» دەپ سورالغان سۇئالغا پەقەت «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپلا جاۋاپ بىرىشكە بولىدۇ.
      يۇقىرىقىلارنى خۇلاسىلىغاندا، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» بىلەن «قوش تىل ئوقۇتۇشى» ئىپادىلىگەن مەنالار بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، شۇڭا خەنزۇ تىلىدىكى «双语教学» نى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دەپ ئېلىش كىرەك. («双语教学»نى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ قوللىنىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىگى توغرىسىدا تۆۋەندە ئايرىم توختىلىمەن).
      3. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» بىلەن «قوش تىل ئوقۇتۇشى»دا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرلىشىغا تىگىشلىك شەرتلىرى ئوخشىمايدۇ
      (1). ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلالانغۇچ مەكتەپلىرىدە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئۇچۇن ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە ھەممە ئوقۇتقۇچىلارغا ئورتاق بولغان شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن باشقا تۆۋەندىكى ئىككى مۇھىم شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى: ئۆز كەسپىدىن (مەسىلەن، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكىدىن، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى فىزىكىدىن ... ) دەرس ئۆتەلەيدىغان كەسپى ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك، ئىككىنچى شەرتى: ئۆز كەسپىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتالايدىغان خەنزۇ تىل سەۋيىسىنى ھازىرلىشى كېرەك. بىرىنچى شەرتنى ھازىرلاپ، ئىككىنچى شەرتنى ھازىرلىمىسا، ئۇ ئوقۇتقۇچى شۇ كەسىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ، ئەمما «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى بولالمايدۇ، ئەكسىچە ئىككىنچى شەرتنى ھازىرلاپ، بىرىنچى شەرتنى ھازىرلىمىسا، ئۇ ئوقۇتقۇچى كەسىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ بولالمايدۇ، شۇنداقلا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسىمۇ بولالمايدۇ.
         (2). ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلالانغۇچ مەكتەپلىرىدە «قوش تىل ئوقۇتۇشى» ئوقۇتقۇچىسى (خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى) بولۇش ئۈچۈن ئۆزىدە ھەممە ئوقۇتقۇچىلارغا ئورتاق بولغان شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن باشقا تۆۋەندىكى بىرلا شەرتنى ھازىرلىشى- يەنى خەنزۇ تىلى دەرسىنى ئوقۇتالايدىغان خەنزۇ تىل سەۋيىسىنى ھازىرلىسىلا كۇپايە قىلىدۇ. يۇقىرقىلاردىن شۇنى ئىنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى «قوش تىل ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى (خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى) بولالايدۇ، ئەمما «قوش تىل ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى (خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى)نىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى بولالىشى ناتايىن.
        (3). ئوقۇغۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەرمۇ ئوخشىمايدۇ، يەنى ئوقۇغۇچىلار «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»دا ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزلىرىدە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان دەرسنى ئاڭلاپ، چۈشىنەلەيدىغان ۋە چۈشەنگىنىنى ئاددى قىلىپ سۆزلەپ بىرەلەيدىغان دەرىجىدە خەنزۇ تىل سەۋىيىسىنى ھازىرلىشى كېرەك، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپىدا ئوقۇشىنىڭ، شۇنداقلا مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپى ئېچىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى، بۇ شەرت ھازىرلانماي تۇرۇپ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپى ئېچىشقا بولمايدۇ. بىر قىسىم جايلارنىڭ مەجبورلاپ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپى ئېچىپ مەغلوپ بولغانلىقىدىكى تۈپ سەۋەپ موشۇ جايدا (بۇنداق ساۋاق قۇمۇلدىمۇ يۈز بەرگەن)، ھازىرقى ئاپتۇنۇم رايون ۋە دۆلەتنىڭ ناھايىتى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ 5 ياشتىن6 ياشقىچە بولغان بالىلارغا «قوش تىل تەربىيىسى» («ماقالە» دىكى تىل بويىچە ئېيتقاندا «قوش تىل ئوقۇتۇشى»)نى يولغا قويۇشىدىكى ئاساسى مەقسەت مانا مۇشۇ شەرتنى ھازىرلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش ئۈچۈندور؛ ئەمدى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ھېچقانداق شەرت ھازىرلىمىسىمۇ ، ئۇ پەقەت گاس- گاچا بولمىسىلا بولىۋىرىدۇ.
ئىككىنچى، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتاشتىن كىلىپ چىققان خاتا چۈشەنچىلەر
«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتاش ۋە شۇنداق چۈشىنىشتىن كىلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىقلار ياكى خاتا چۈشەنچىلەردىن مۇھىملىرىنى - يەنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى ساغلام يولغا قويۇشقا سەلبى تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىرىنى مەزكور"ماقالە"دە ئىپادىلەنگەن چۈشەنچىلەرگە بىرلەشتۈرگەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ:
        1. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ مەقسىدىنى خاتا چۈشىنىش
يەنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ مەقسىدى ۋە فاڭجېنىنى توغرا چۈشەنمەستىن، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ مەقسىدى ۋە فاڭجېنىنى- ئوقۇغۇچىلارنى«ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان (民汉兼通) قىلىپ تەربىيىلەش» دەپ، خاتا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۇش. بۇنى "ماقالە" دا تۆۋەندىكى جۇملىلەر ئارقىلىق ئوچۇق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى ماقالىنىڭ تېمىسى «مىللىچىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش _قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تۈپ فاڭجېنى» (ژۇرنالنىڭ21- بېتىدە)؛ «قوش تىل ئوقۇتۇشى – ئىككى خىل تىلغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى خىل تىلنى تەڭ بىلىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك دېگەنلىك بولىدۇ.» (ژۇرنالنىڭ23- بەت يۇقىرىدىن 8-، 9-، 10- قۇرلىرىدا)؛ «مىللىچىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش» ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل ئوقۇشىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ...» (ژۇرنالنىڭ 28- بەت تۆۋەندىن 3-، 4- قۇرلىرىدا)؛ «قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى ۋە تەلىپى ........ مىللىچىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش نىشانىغا يىتىش،... »( ژۇرنالنىڭ 29- بەت يوقۇرىدىن 3-، 4- قۇرلىرىدا)، قاتارلىقلار.
دېمەك ئاپتور، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ مەقسىدىنى - ئوقۇغۇچىلارنى«ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» (民汉兼通) قىلىپ تەربىيىلەش» - دەپ خاتا چۈشەنگەن ۋە شۇنداق چۈشەندۈرگەن، مېنىڭ قارىشىمچە بۇ پەقەت ئاپتور بىر ئادەمنىڭلا چۈشەنچىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى جەمئىيەتتىكى بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىزدا«قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى باشقۇرۇۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭمۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا بولغان چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

          «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ تۈپ مەقسىدى نىمە؟
«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ تۈپ مەقسىدى – ئوقۇتۇش سۈپىتى، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۇرۇپ ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۇش ۋە مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا، نىمىنىڭ مەقسىدى ئوقۇغۇچىلارنى«ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» ( 民汉兼通) قىلىپ تەربىيىلەش بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 1984- يىلى 3- نومۇرلۇق ھۆججەتنى تارقىتىپ 1985- يىلى كۈزدىن باشلاپ ئازسانلىق مىللەتلەر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىش، ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرگەندە «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» نىشانىغا يېتش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنى «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» قىلىپ تەربىيىلەش مەكتەپلەردىكى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ نىشان ۋە مەقسىدى بولىدۇ.
        «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» بىلەن «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان»بولۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق مۇناسىۋەت؟ بۇلار ئوتتۇرىىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت، يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» بولىشى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويۇشقا شەرت ھازىرلاپ بېرىدۇ ۋە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سۈپىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»ى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشىگە ئەلا مۇھىت ، ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە تۈركە بولىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» بولشىنى ئىلگىرى سۈرىدۈ.
       2. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ ئەندىزىسىنى توغرا چۇشەنمەسلىك ۋە ئارىلاشتۇۋېتىش
"ماقالە"دە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ ئەندىزىسى ئۇستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: «رايونىمىزدا نۆۋەتتە قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەندىزىسى بار: بىرىنچى، دەرسلەرنى ئانا تىلدا سۆزلەش، خەنزۇچە ئوقۇتۇش؛ ئىككىنچى، بىر قىسىم دەرسلەر (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىقلار)نى خەنزۇچە سۆزلەش، بىر قىسىم دەرسلەرنى ئانا تىلدا سۆزلەش، خەنزۇچىنىمۇ ئوقۇتۇش؛ ئۈچىنچى، بارلىق دەرسلەرنى خەنزۇ تىلدا سۆزلەش، ئانا تىلىنى ئوقۇتۇش؛ تۆتىنچى،ئالى مەكتەپلەردە ئالاھىدە كەسىپلەردىن باشقا ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە سۆزلەش.» (ژۇرنالنىڭ 26- بەت يوقۇرىدىن سانىغاندا 20 - قۇرىدىن 25- قۇرىغىچە)، دېمەك ئاپتور «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ ئەندىزىسىنى تۆت خىلغا بۆلگەن،بىز بۇنىڭغا توغرا باھا بىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ ھەقىقى مەنىسى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم قىسقا توختىلىپ ئۆتەيلى.
نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلىۋاتقان بىر قىسىم پەنلەرنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشتەك قوش تىلدا ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش ئەندىزىسى - «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەندىزىسى دەپ ئاتىلىدۇ، شۇڭا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەندىزىسنى بىر خىللا دىيىشكە بولىدۇ، يەنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇلىدىغان پەنلەر سانى بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان پەنلەر سانى نىسبىتىنىڭ ئاز كۆپ بولىشى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئىپادىلىگەن مەناغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
          شۇڭا "ماقالە"نىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىغا قويغا تۆت خىل ئەندىزە ئىچىدە پەقەت ئىككىنچى خىلىلا توغرا بولۇپ، تۆتىنچى خىلى بولسا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەندىزنىسىنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇتۇش باسقۇچىدا داۋاملىشىشىدىنلا ئىبارەت؛ "ماقالە"نىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىغا قويغا تۆت خىل ئەندىزە ئىچىدىكى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى خىللىرى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەندىزىسى ئىچىگە كىرمەيدۇ، مۇبادا " كىرىدۇ" دەپ قارالسا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەكتەپلىرىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپللەردىن باشلاپ خەنزۇ تىل دەرسى تەسىس قىلىنىپ ئوقۇتۇشقا باشلانغان، ھازىر بارلىق مەكتەپلەردە خەنزۇ تىل دەرسى تەسىس قىلىنىپ ئوقۇتىلىۋاتىدۇ، شۇڭا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ تارىخىنى 60 يىل ئىلگىرى سۈرۈشكە، دائىرسىنى تولۇق ئۇمۇملاشتى، دىيىشكە توغرا كىلىدۇ؛ يەنە شۇنداقلا خەنزۇ تىلى سىستېمىسىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ھەممە پەنلەر خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىشتىن باشقا يەنە بىر چەت ئەل تىلى (ئاساسەن ئېنگىلىز تىلى ) تەسىس قىلىنىپ ئوقۇتۇلىدۇ، شۇڭا خەنزۇ مەكتەپلىرىدىمۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئۇمۇملاشتى، دىيىشكە توغرا كىلىدۇ، موشۇنداق دىيىش توغرىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇلار ئايرىم - ئايرىم ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە خەنزۇ ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
       3. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» بىلەن «خەنزۇ تىل ئوقۇتۇشى» نى ئارلاشتۇرۇۋېتىش
"ماقالە"دە، ئاپتور «خەنزۇ تىل ئوقۇتۇشى» نى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» - دەپ، قارىغان (ھازىر ناھايىتى كۆپ كىشىلەر شۇنداق دەپ قاراۋاتىدۇ)، شۇڭا موشۇنداق قاراش "ماقالە"گە باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، بولۇپمۇ " ... تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر"نىڭ ئاخىرقى ئىككى نوقتىسىدا ( ژۇرنالنىڭ 31-، 32- بەتلىرى) ، يەنى ئوقۇتقۇچىلارنى يىتىشتۈرۈش ۋە دەرسلىكلەرنى ئېچىش مەسىلىسىدە بۇ قاراش ئوچۇق گەۋدىلەنگەن ۋە خەنزۇ تىل ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىلىرى تەركىۋىگە كىرىدۇ، دەپ قارىغان. دەل موشۇنداق ئۇقۇشماسلىق سەۋەبى بىلەن جايلار بىر قىسىم خەنزۇ تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»تا كەسپىي پەنلەرنى ئوقۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئوقۇتۇش ئورنىدىن ئايرىپ نوقتىلىق تەربىيىلەۋاتىدۇ، بۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويۇشقا پايدىسىزلا بولۇپ قالماستىن، سۈپەت ئۆستۈرۈشكە زىيانلىق بولىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنقراق چۈشىنىش ئۈچۈن «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» نىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» تەركىبىگە كىرىدىغان- كىرمەيدىغانلىقنى قىسقا مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
        ئەسلىدە ئانا تىلىدا ئوقۇتىلىۋاتقان پەنلەر خەنزۇ تىلدا ئوقۇتۇلسا، بۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دائىرىسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا،... قاتارلىق پەنلەر (دەل موشۇ سەۋەپلىك ئۇنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دىدۇق) ؛ ئەسلى ئانا تىلىدا ئوقۇتىلىۋاتقان پەنلەر ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەر قانداق ئىسلاھ قىلىنسىمۇ يەنىلا ئانا تىلدا ئوقۇتۇلسا، بۇ« قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ (مەسىلەن، تىل- ئەدەبىيات، سىياسەت،... قاتارلىقلار)؛ خەنزۇ تىل ئوقۇتۇشى- گەرچە يېققىنقى يىللاردىن بۇيان دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە تەلىپىدە كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان بولسىمۇ، لېيكىن بۇرۇن قانداق تىلدا ئوقۇتۇلغان بولسا، ھازىرمۇ شۇ تىلدا ئوقۇتۇلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى « قوش تىللىق ئوقۇتۇش» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. يەنى«خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» بولسا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەمەس. شۇنداقلا، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» مۇ «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» ئەمەس. نۇرغۇن يولداشلار (بىر قىسىم رەھبىرى يولداشلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى ئۆسكەنلىكى- دەپ، قاراۋاتىدۇ. يەنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى بىلەن ئۆلچەۋاتىدۇ، بۇ خاتا بولۇپ، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ مەقسىدىنى توغرا چۇشەنمىگەنلىكنىڭ ئېنىق ئىپادىسى بولىدۇ.
       ئۇنداقتا، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى نىمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىۋاتقان پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يوقىرى - تۆۋەن بولىشى بىلەن ئۆلچىنىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى سېستىمىسىدىكى مەكتەپتە ئېچىلغان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپىنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سۈپىتىنى باھالاش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىۋاتقان پەندىن (ماتېماتىكا قاتارلىقلاردىن) ئوخشاش بىر سۇئالنى ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلى يىزىقىدا تەييارلاپ بىر ۋاقىتتا ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ۋە خەنزۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىپ ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئۆز – ئارا سېلىشتۇرۇلىدۇ، يەنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن تۆۋەن بولسا، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى چۈشۈپ كەتكەن بولىدۇ؛ تەڭ بولسا، گەرچە سۈپەت ئۆسمىگەن بولسىمۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ نەتىجىسى بولغان بولىدۇ(ئۇنىڭ نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىل سەۋىيىسىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلگەنلىگىدە ئىپادىلىنىدۇ)؛ يوقۇرى بولسا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى ئۆسكەن بولىدۇ؛ ئەگەر «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى خەنزۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشكەن بولسا، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويۇپ سۈپەت ئۆستۈرۇش مەقسىدىگە تولۇق يەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سۈپىتىنى توغرا باھالاشنىڭ ئەڭ ئادىل ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىل خىزمەتنى ئىشلىيەلمىگەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىكى نەتىجىلىرىنى ئۆ- ئارا سېلىشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
       ئۈچىنچى، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ ھازىرقى تەرجىمىسى ۋە قوللىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس
      مەن تەرجىمان ئەمەس، ئەمما تەرجىمە ئىشلىرىغا قىزىقىمەن. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە، خەنزۇ تىلىدىكى بەزى سۆز ياكى ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ قوللىنىشتا ، ئۇنى خەتمۇ – خەت تەرجىمە قىلماستىن، ئالدى بىلەن شۇ سۆز ياكى ئاتالغۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەيدىغان مەناسى، مەقسىدى قاتارلىقلارنى ئېنىق، توغرا چۈشىنىۋېلىپ ئاندىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز تۈزۈش قائىدىسى(ئادىتى) گە ئاساسەن شۇ مەنا، مەقسىەت قاتارلىقلار ئېنىق، توغرا، ئىخچام ئىپادىلىنىدىغان سۆز ياكى ئاتالغۇ تۈزۈپ چىقىپ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، مائارىپتا خەنزۇ تىلىدىكى «学前教育» دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىغا «ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى» ، دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قوللىنىلدى ؛ ئوخشاشلا خەنزۇ تىلىدىكى «学前班» دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىغا «تەييارلىق سىنىپى»(باشلانغۇچ مەكتەپ تەييارلىق سىنىپى) دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قوللىنىلدى. بۇلاردا گەرچە "学"،"前" خەتلىرى ئەينەن تەرجىمە قىلىنمىغان، ھەتتا ئىككى ئاتالغۇدا بىر خىل تەرجىمە قىلىنمىغان(بىرىدە" ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار" يەنە بىرىدە " تەييارلىق") بولسىمۇ «学前教育» ۋە «学前班» دىگەن ئاتالغۇلارنىڭ مەنالىرى توغرا، تولوق ئىپادىلەنگەن؛ ..... .شۇڭا، ھەر خىل ئۇقۇشماسلىقلاردىن، خاتا چۈشىنىشلەردىن ساقىلىنىپ، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نى ساغلام، ئۈنۈملۈك تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا مۇناسىۋەتلىك بولغان، خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارنى توغرا تەرجىمە قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مېنىڭچە، تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئاتالغۇنى تىزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك،
       1.خەنزۇ تىلىدىكى «双语教学» دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى - «双语教学»نىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرمىگەن، ئۇقۇمىنى چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا، «双语教学»دىن ئىبارەت بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى خەتلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا _ «双» نى «قوش» ، «语» نى «تىل» ، «教学» نى «ئوقۇتۇش» دەپ ئەينەن تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن بۇ سۈزلەرنى قۇراشتۇرغان تەرجىمە بولۇپ، تىپىك تەرجىمە خاتالىقى بولىدۇ. ئالدىنقى مەزمونلاردا «双语教学» نىڭ ئەمەلىيىتى، ئۇقۇمى قاتارلىقلار ئۈستىدە كۆنكىرتنى توختالدۇق ، شۇڭا ئۇنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ياكى «قوش تىلدا ئوقۇتۇش» دەپ تەرجىمە قىلسا ۋە شۇنداق دەپ قوللانسا توغرى بولىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم . بۇنى تىلشۇناس، تەرجىمانلار مۇھاكىمە قىلىپ كۆرسە بولىدۇ.
      2.خەنزۇ تىلىدىكى «民汉兼通» دېگەن ئاتالغۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»تا كۆپ قوللىنىدىغان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ، "ماقالە"دە «مىللىچىنىمۇ ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەم دىگەندە 25 قېتىم ئەتىراپىدا ئىشلىتىلگەن. شۇڭا «民汉兼通» نىمۇ توغرا تەرجىمە قىلىپ قوللىنىش كېرەك. مېنىڭ قارىشىمدا ، بۇ ئاتالغۇ "ماقالە" دېكىدەك «مىللىچىنىمۇ ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش» دەپ تەرجىمە قىلىنسا، «民汉兼通» ئىپادىلىگەن مەنانى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ. «مىللىچىنىمۇ ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش» دەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ توغرا بولمىغانلىقى تۆۋەندەكى ئۈچ نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، "民" دىگەن خەتنى "مىللى" دەپ خەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلغانلىقىدا ؛ ئىككىنچى، "مىللىچە" ، "خەنزۇچە" دىگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىدە، بۇ سۆزنىڭ كۆزدە تۇتىدىغان مەنا دائىرىسى كەڭ، مەسلەن، «مىللىچە تىل - يىزىق» - «خەنزۇچە تىل - يىزىق» ، «مىللىچە تائاملار» - «خەنزۇچە تائاملار» ، «مىىللىچە كىيىم - كېچەكلەر» - «خەنزۇچە كىيىم- كېچەكلەر» ، «مىللىچە ئۆرپى- ئاداتلەر» - «خەنزۇچە ئۆرپى- ئاداتلەر» ... قاتارلىقلار، «مىللىچىنىمۇ ، خەنزۇچىنىمۇ» دىيىلسە، يوقۇرقىدەك مەنالارنىڭ قايسىسنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقى ئېنىق بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى ، "通" دىگەن خەتنى"بىلىش" دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىدا ، "بىلىش" سۆزىدە بىلىشنىڭ دەرىجىسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئازراق بىلسىمۇ ، ئادەتتىكىدەك بىلسىمۇ ، پۇختا بىلسىمۇ ئوخشاشلا "بىلىدۇ" دەپ ئېيتىمىز ، شۇڭا "通" نى "بىلىش" دەپ ئالسا توغرا بولمايدۇ. ئۇنداقتا «民汉兼通» نى نىمە دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك ؟ «民汉兼通» دىگەن سۆز مەخسوس ئازسانلىق مىللەت خادىملىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىل – يىزىقىنى پۇختا بىلگەندىن باشقا، خەنزۇ تىل – يىزىقىنىمۇ پۇختا بىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا«民汉兼通» نى « ئانا تىلدىمۇ ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان»، دەپ تەرجىمە قىلساق بىلىشنىڭ مەزمۇنى ۋە بىلىش دەرىجىسى ئېنىق ئىپادىلىنىپ ،بىر قەدەر توغرا تەرجىمە قىلىنغان بولىدۇ – دەپ قارايمەن. بۇنىمۇ تىلشۇناس، تەرجىمانلار مۇھاكىمە قىلىپ كۆرسە بولىدۇ.
        3. خەنزۇ تىلىدىكى «汉语教学» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» دەپ تەرجىمە قىلىپ ، قوللىنىپ كىلىنگەن ۋە تولۇق ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. لېيكىن «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» يولغا قويۇلغاندىن كىيىن «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» دىگەن بۇ ئاتالغۇ تەدرىجى «قوش تىل ئوقۇتۇشى»غا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ، ئوخشاشلا «خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى»مۇ «قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. "ماقالە"دا بۇ ئاتالغۇ كۆپ قېتىم قوللىنىلغاندىن باشقا، يەنە « خەنزۇچە ئوقۇتۇش» دەپمۇ كەم دىگەندە 20 قېتىمغا يېققىن قوللانغان. مەن «汉语教学» نى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» ياكى «خەنزۇچە ئوقۇتۇش» دەپ تەرجىمە قىلىش ۋە قوللىنىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن. ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىنى ئۈگىتىش (يېزىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ھەرگىزمۇ ئىككى تىلنى ئۈگەتمەيدۇ، «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» دېگەن سۆزدە قايسى تىلنى ئوقۇتىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلىپ تۇرۇدۇ، «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دېگەن سۆزدە قايسى ئىككى تىلنى ئوقۇتىدىغانلىقىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئونى يەنە نىمە ئۈچۈن «قوش (ئىككى) تىل ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتايمىز؟ خەنزۇ يولداشلارمۇ ئەزەلدىن ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى « قوش تىل ئوقۇتۇشى» دىمىدى ھەم دىمەيدىغۇ؟ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى «قوش تىلى ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتاش ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈشەنچىلەرنى ئارلاشتۇرۇۋېتىش، قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش رولىنىلا ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزدە ھەم ئادەتلەنگەن، ھەم ئېنىق بولغان «خەنزۇ تىلى دەرسلىگى»، «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى»، «خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى»... دىگەنگە ئوخشاش يۇرۇشلەشكەن ئاتالغۇلىرىمىز؛ كەسپى ژۇرناللاردا «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» دىگەن سەھىپىلىرىمىز؛ ھەر دەرىجىلىك «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش» ئىلمىي جەمئىيەتلىرىمىز بارغۇ؟. ئەمدى « خەنزۇچە ئوقۇتۇش» دېگەن ئاتالغۇغا كەلسەك، بۇ ئېغىز تىلىدا كۆپرەك قوللۇنىلىدىغان، ئاڭلىغان ئادەم «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» دەپ چۈشىنىۋالىدىغان ئاتالغۇ. لېيكىن يىزىقچىلىقتا، بولۇپمۇ ئىلمى ماقالىلاردا بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىش مۇۋاپىق ئەمەس، چۇنكى « خەنزۇچە ئوقۇتۇش» دىگەن سۆزنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلساق ، ئۇ خەنزۇ تىلىنى ئوقۇتقانلىقنى ئىپادىلىمەي، باشقا بىرەر پەننى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتقانلىقنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن ماتېماتىكىنى خەنزۇچە ئوقۇتۇش، فىزىكىنى خەنزۇچە ئوقۇتۇش،... دىگەندەكلەر.
يىغىپ ئىيتقاندا، «汉语教学»نى يەنىلا «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى» دىگەن توغرا.
       4. ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىل تەربىيىسى - «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» (يەنى«双语教学») دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. يېققىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى جايلارنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەھۋالىنى ئىگىلەش، سىتاتىستكىلاش ئۈچۈن يىلمۇ يىل تۆۋەنگە سىتاتىستكا جەدۋېلى چۈشۈرۈۋاتىدۇ، جەدۋەللەردە تەييارلىق سىنىپلارنىڭ قوش تىل تەربىيىسى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» (يەنى«双语教学») دەپ ئاتىلىپ، سىنىپ، ئوقۇغۇچى سانى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سىنىپ، ئوقۇغۇچى سانىغا قوشۇپ ھىساپلىنىۋاتىدۇ. مۇناسىپ ھالدا جايلاردىمۇ شۇنداق ھىساپلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: قومۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2009- يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى خۇلاسىسىدا مۇنداق دىيىلگەن: 2009- يىلى 12- ئايغىچە پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپ سانى 284 كە ( بۇنىڭ ئىچىدە تەييارلىقتا 108 سىنىپ ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 136 سىنىپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا 23 سىنىپ، تولوق ئوتتۇرىدا 17 سىنىپ) يەتتى؛ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى 7421 نەپەرگە ( بۇنىڭ ئىچىدە تەييارلىق سىنىپىلىرىدا 2406 نەپەر،باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپلىرىدا 3431 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا 866 نەپەر، تولوق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا 718نەپەر ) يەتتى. ھەممە ئادەمگە مەلۇم، باشلانغۇچ مەكتەپ تەييارلىق سىنىپلىرىدا مەدەنىيەت دەرسلىرى ئوقۇتۇلمايدۇ، شۇنداق ئىكەن باشلانغۇچ مەكتەپ تەييارلىق سىنىپلىرىدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»مۇ مەۋجۆت ئەمەس. ئۇنداقتا تەييارلىق سىنىپلىرىدىكى ئانا تىل ۋە خەنزۇ تىل تەربىيىسنى قانداق ئاتاش كېرەك ؟ ئوقۇتۇش دائىرىسىگە ئاساسەن ئۇنى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ. لېيكىن تەييارلىق سىنىپلىرىدىكى ئانا تىل ۋە خەنزۇ تىل تەربىيىسىدە ئوقۇتقۇچلار قولىغا بور ئېلىپ دوسكىغا يىزىپ ئوقۇتمايدۇ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ دەپتەرگە يىزىپ ئۈگەنمەيدۇ، بەلكى ھەر خىل ۋاستىلار ، قىزىقارلىق ئويۇنلار ئارقىلىق ئاڭلاش، سۆزلەش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ، شۇئارقىلىق بالىلارغا ئانا تىل ۋە خەنزۇ تىلى ئۈگىتىلىدۇ، شۇڭا بۇخىل تەربىيىلەشنى «قوش تىل تەربىيىسى» («双语教育») دەپ ئاتاش - « قوش تىل ئوقۇتۇشى» دەپ ئاتاشتىنمۇ ئېنىق، توغرا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. تەييارلىق سىنىپلىرىدىكى ئانا تىل ۋە خەنزۇ تىل تەربىيىسنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»، خەنزۇچە «双语教学» دەپ ئاتاش توغرا بولمايلا قالماستىن بەلكى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا ،چۈشەنچىلەرنى قالايماقانلاشتۇرۋېتىشقا سەۋەپ بولىدۇ.

تۆتىنچى ، «قوش تىللىق ئوقۇتۇشى»نى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇشقا
مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تەكلىپ
«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىناق تەرىقىدە يولغا قويۇلغىلى 20 يىلغا يېققىن بولدى. شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» قا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنىڭ بىرلىككە كەلمەسلىگى ، « قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەرنىڭ يەنىلا قالايماقان بۇلۇشى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسوسلاندۇرۇدۇ . خىزمەت ئۈنۈمى قاتتىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۇنكى كۈندە « قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى ئاكتىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك، ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى جەزمەن دەرھال ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك تەكلىپنى بېرىمەن:

     1. ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۇرۇش كېرەك
يەنى تىزدىن مۇناسىۋەتلىك تىلشۇناس، تەرجىمانلار ۋە « قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەمەلىيىتىگە پۇختا بولغان خادىملارنى تەشكىللەپ، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى توغرا تەرجىمە قىلىپ ، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندە نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، چۈشەنچىلەرنى توغرىلاشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
     2. ئىدىيىنى، تونۇشنى، چۈشەنچىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك
بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى، ئاپتونوم رايۇندا قەرەللىك، قەرەلسىز ھالدا ۋىلايەت (ئوبلاسىت، شەھەر) لىك، شەھەر، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئوللىرىغا، جايلارنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»ىنى باشقۇرغۇچى، يىتەكچى خادىملىرىغا قارىتا تەربىيىلەش خارەكتىردىكى مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەمەلىيىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، كۆز قاراش، چۈشەنچىسى ئېنىق بولغان خادىملارنى تەجرىبە تونۇشتۇرۇش- لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش، مۇھاكىمە يىغىن- پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلش كېرەك؛ ئىككىنچى، « قوش تىللىق ئوقۇتۇش» قا قارىتا كۆز قارىشى، چۈشەنچىسى ئېنىق بولغان خادىملاردىن لىكسىيە سۆزلەش - تەربىيىلەش، يىتەكچىلىك قىلىش سەييارە گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاسىتلارغا ئەۋەتىپ تەربىيىلەش، يىتەكچىلىك قىلىش دائىرىسىنى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئوللىرى ۋە نوقتىلىق مەكتەپلەرگىچە كېڭەيتىش كېرەك (مېنىڭچە بۇ خىل تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈمى ھەم تىز ھەم يوقىرى بولىدۇ)؛ ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايون تەكشۇرۇپ – تەتقىىق قىلىش، باھالاش ئاساسىدا ئۆز جايىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن « قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى ئاكتىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك (سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ) تەرەققى قىلدۇرغان جايلارنى تاللاپ چىقىپ ئۈلگە تۇرغۇزۇشى ، شۇ ئاساسىتا نەق مەيدان يىغىنى ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى، قاتارلىقلارغا تەشكىللەش، ئۈلگە ئارقىلىق ئومۇمىغا يىتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
      3. تېزدىن «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ باھالاش مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇش كېرەك
«قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويغىلى 20 يىلغا يېققىن بولدى، لېيكىن ھازىرغىچە ئۇنى باھالاش مىخانىزىمىنىڭ بولماسلىقى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۈرۇدۇ. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويۇش - دۆلەت، ئاپتونوم رايون ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، مەبلەغ سېلىش مىقتارى مىللى مائارىپ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە زور بولغان چوڭ قۇرۇلۇش. شۇڭا تېزدىن « قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ باھالاش مىخانىزىمىنى («سىناق نۇسخسى» ياكى «دەسلەپكى لايىھەسى» بولسىمۇ بولىدۇ) تۇرغۇزۇش، شۇنى ئاساس قىلىپ قەرەللىك ھالدا جايلارنىڭ « قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش- باھالاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا جايلارنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاكتىپ، پۇختا، ئۈنۈملىك تەرەققى قىلدۇرۇشىغا تۇرتكە بولغىلى بولىدۇ.
       4. « قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئۈستىدە تەتقىقات، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك
«قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا قارىتا تونۇش، چۈشەنچىلەرنىڭ ھازىرغىچە تولوق بىرلىككە كەلمەسلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى - «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئۈستىدە تەتقىقات، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ بەكمۇ كەم بولغانلىقىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا «شىنجاڭ مائارىپى» قاتارلىق تەسىر- دائىرىسى كەڭ كەسپى گېزىت - ژۇرناللاردا (شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەخسۇس«قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سەھىپىسى ياكى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ۋە « قوش تىل تەربىيىسى» سەھىپىسى تەسىس قىلىپ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ۋە تەييارلىق سىنىلارنىڭ «قوش تىل تەربىيىسى»گە قارىتا تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش، تەتقىقات ماقالىلىرىنى باھالاش، مۇنەۋۋەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا ئېلھام بىرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا تەتقىقات ئارقىلىق «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا يىتەكچىلىك قىلغىلى، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»خىزمىتىنى ئاكتىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.


-----------
ئاپتور : ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم ( 1946 -) ، قومۇل شەھرىدە تۇغۇلغان ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ پىنسىيونىرى، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى.
تېلىفۇن: 2384516، 13899345774
2011 – يىلى 2 - ئاي

ئەسكەرتىش:بۇ يازمىغا تولۇق ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يېزىشىڭىزلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .ماقالىنى  ئوقۇماي
يېزىلغان  ھەرقانداق ئىنكاس قوبۇل قىلىنمايدۇ .رەھمەت
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-06-16 13:03قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-14, 17:20
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-14 16:55 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 1500 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1500 سوم
تۆھپە: 865 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 865 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت بەك ياخشى تېما يوللاپسىز.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-14 17:36 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 658
شۆھرەت: 4312 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4378 سوم
تۆھپە: 2401 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2443 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 996(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تولۇق ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازايلى ..بولۇپمۇ مۇشۇنداق ماقالىلارنى
بۇ ماقالىدا ھازىرقى قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ئالاھىدىكى ۋە ئۇنىڭ قانداق قىلىپ
دەۋىر تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلتۈرۈش ئىدىيەسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن .يازمىدىكى
مەزمونلار نۇقۇل يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى بولماستىن بەلكى ئۇزۇن ۋاقىت تەتقىقات
ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن پىشقان تەجرىبىدور .بۇ يازمىنى كۆپچىلىك ئوبدان
بىر قۇر ئوقۇپ بېقىڭىزلار .بولۇپمۇ مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-14 17:45 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاپتور بىلىمككەن ،مىنىڭ <<قوش تىل ئوقۇتۇشى >> ھەققىدە مەۋھۇم چۇشەنچىلىرىم روشەنلەشتى، ئاپتورنىڭ قەلىمىگە ۋە تىرىشچانلىغىغا رەھمەت.
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-14 19:45 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 319
شۆھرەت: 1735 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1751 سوم
تۆھپە: 1015 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1019 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 358(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز ھەقىقەتەن ئابدۇراخمان ئاكىدەك پىشقان، يىراقنى كۆرەر، مەسىلىلەرگە ئىنچىكە، ئەتراپلىق قارايدىغان ئۇستازلارغا كۆپلەپ مۆھتاج.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-14 21:08 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1012
شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1999(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىل بىر خىل ۋاستە ئۇنى نشىانغا ئايلاندۇرىۋالساق كىيىنكى ئەۋلاتلار بىز چالغان مۇڭقۇيلارنىڭ ئىچدە تەمتىرەپ يۇرگىنى يۇرگەن دە .  خۇددى كۇچى مىېۋىسىگە بارماي شېخىغىلا يۇگەرگەن مىۋىلىك دەرەختەك ھالەتتە ئكەنمىز دەپ ئويلاپ قالدىم .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-15 11:28 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 337
شۆھرەت: 1700 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1710 سوم
تۆھپە: 1017 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1017 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدىراخمان ئاكىمىزنىڭ بۇ تەتقىقات جەۋھەرلىرى مېنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى ۋە بەكمۇ خىجالەت قىلدى.
      دورۇس ، مەن بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن گەرچە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»ىمىز توغرىسىدا ئاز دۇر كۆپتۇر ئىزدەنگەن بولساممۇ، لېكىن تەجرىبەم ۋە چۈشەنچەمنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇرغۇن جەھەتتىن بەكمۇ چولتا پىكىر يۇرگۇزۇپتىمەن. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى «تەييارلىق قوش تىل ئوقۇتۇشى توغرىسىدا» دىگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالەمنى سىزگە (ئابدىراخمان ئابدىريىم) تەھرىرلەشكە سۇنغان ئىدىم ، شۇ چاغدا ماقالەمنىڭ پىكىر ۋە ئىدىيە جەھەتتىن ئالاھىدە ئۆزگەرتىش قىلىنماي،ماڭا ئىلھام بەرگەندىن سىرت، باشتىن ئاخىر «قوش تىل»دىگەن ئاتالغۇنى «قوش تىللىق» دىگەنگە ئۆزگەرتىپ قويۇپتىكەنسىز ،لېكىن مەن بۇ خىل ئۆزگەرتىشكە نىسبەتەن قايتا ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۇزمەي، ئاددىلا ھالدا بۇ يېزىقتىكى گىرامماتىكىلىق مەسىلە دەپلا ئويلاپتىكەنمەن.بۇگۇن ماقالىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ بۇ جەھەتتىكى چۇشەنچەمدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولدى. بىزنەچچە يىل «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ى بىلەن شوغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىزمىتىمنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىدا ، ھەربىر باسقۇچلىرىدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى»،«قوش تىللىق ئوقۇتۇش»ى توغرىسىدا ئاز بولمىغان ئويلىنىش ، تېڭىرقاشلارغا ، نۇرغۇن ئەمىلىي مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇردۇم ۋە خاتىرەمگە ئۈزلۇكسىز ئۇچۇر ،تەجرىبە، مەسىلىلەرنى توپلاپ تۇردۇم .بۇ قېتىمقى يازمىڭىز مەن ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى زور بولغان ناھايىتى قىممەتلىك ماتىريال بولدى ، مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ ھارماس ۋۇجۇدىڭىزغا تېخىمۇ كۇچ قۇۋۋەت ، تەتقىقاتىڭىزغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
     سىز بۇ ماقالىڭىزدا    « قوش تىللىق ئوقۇتۇش »ىدا قېلىپلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاتالغۇلار ھەققىدە، بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا
   «قوش تىل ئوقۇتۇشى » بىلەن «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»ىنىڭ پەرقى توغرىسىدا
   «قوش تىل ئوقۇتۇشى» بىلەن« خەنزوتىلى ئوقۇتۇشى»ى ئوتتۇرسىدىكى پەرق ۋە باغلىنىش توغرىسىدا
    ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىل ئوقۇتۇشى» ۋە «قوش تىللىق ئوقۇتۇشى»جەريانىدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر توغرىسىدا
    «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتىنى قانداق ئۆلچەش مەسىلىسى توغرىسىدا
   «تەييارلىق قوش تىل تەربىيىسى» توغرىسىدا
   يەنە .................................................توغرىسىدا  ئەتراپلىق ، ئىنتايىن ئىنچىكە  ،ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق پىكىر يۇرگۇزۇپسىز ،ئىشىنىمەنكى بۇ پىكىرلەر مائارىپىمىزغا كۆڭۇل بۆلگۇچى ھەر بىر كىشىمىزگە يېڭى بىر ئويلۇنۇش پۇرسىتى بېرىدۇ.
     مەن بۇ ئىنكاس ئارقىلىق سىزنىڭ نۆۋەتتىكى «تەييارلىق قوش تىل تەربىيىسى»گە بولغان چۇشەنچىڭىزگە ئۆزەمنىڭ ئاددى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي،.
ھازىر مەكتەپلەردىكى «تەييارلىق قوش تىل تەربىيىسى» ئېلىشقا تېگىشلىك ئوقۇتۇش سىنىپلىرىمىزدا  نۆۋەتتە مەخسوس زاكاس قىلىنغان ماتىماتىكا دەرسلىكى، ئانا تىل دەرسلىكى، خەنزوچە پىنيىن دەرسلىكى، ئۆرپ-ئادەت،ئەخلاق دەرسلىكى،رەسىم ، مۇزىكا،تەنتەربىيە،ئويۇن قاتارلىق نۇرغۇن دەرسلىكلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ ،يوقىرى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىز سۆزلەۋاتقان « قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ تەلەپلىرى بويىچە بىۋاستە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ،«قوش تىل تەربىيەسى»نى يەسلى مائارىپىدىكىلەرنىڭ ئۇستىگە يۇكلەپ قويدى .ھازىر مەكتەپلەر تەييارلىق ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە كۇچ سەرپ قىلىپ ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى سەرخىل كۇچلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەييارلىق سىنىپ باسقۇچىدىن باشلاپلا ، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش »ىنى پۇختا سېلىشى ئۇچۇن يوقىرى تەلەپ قويۇلىۋاتىدۇ ،يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ تەييارلىق قوش تىللىق ئوقۇتۇشى ئۇچۇن ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىلمۇ -خىل شەكىلدىكى تەربىيلىنىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى كۇچەيتىشىنى تەلەپ قىلماقتا .ئېغىزدا « تەييارلىق ئوقۇتۇش» باسقۇچىدا بالىلارنى خىلمۇ -خىل ئويۇن ئارقىلىق ،بىلم ئىگەللەشكە ، ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە ئاساس سېلىشقا ،  ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئازادە مۇھىت ئىچىدە ئەركىن ئۆسۇپ يېتىلدۈرۈش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە ئەمىلىي ئوقۇتۇش شەكلى ، ئەمىلىي ئوقۇتۇش تەلەپلىرى ، خىزمەتلەرنى تەكشۇرۇش ،خۇلاسىلەش ئۇسۇللىرى خېلى بۇرۇنلا « قوش تىللىق ئوقۇتۇش » تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .شۇڭا ھازىر مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «تەييارلىق ئوقۇتۇشى» سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدا ئىزاھلىغان ھەقىقى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش » باسقۇچىدىن ئىبارەت .
    تەييارلىق ئوقۇتۇش باسقۇچىنىڭ  ئويۇن شەكلىدىكى، قول - پۇت ،كۆز ،ئېغىز ھەركىتى ئارقىلىق ئازادە مۇھىتتا دەسلەپكى «قوش تىل تەربىيىسى» ئېلىشتىن، ئېغىزدا ئويۇن ،ئەمىليەتتە ھەقىقى قەلەم،دەپتەر گە تايىنىپ توختىماي قوش تىلدا ساۋات چىقىرىش كۇرىشىگە ئاتلىنىشىنىڭ سەۋەپلىرى مېنىڭچە نۆۋەتتىكى « قوش تىللىق ئوقۇتۇش»ىدىكى بىر قىسىم بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ھەر بىر مائارىپچىغا ئايان .بۇ جەھەتتە ۋە ماقالىڭىزدا ئېغىزدا ئېلىنغان بارلىق تېمىلار توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىشنى ۋە ئەتراپىمدىكى مائارىپچىلارغا بۇ ماقالىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئەتراپلىق پىكىر يۇرگۇشىنى ۋە ئۆزىنىڭ مائارىپ خىزمىتى بىلەن ياخشى بىرلەشتۇرۇشى ئۇچۇن تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
sarkar
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-15 13:18 |
dilkuyi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 134
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 935 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 940 سوم
تۆھپە: 557 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر بىر مائارىپچى ئوقۇشقا تىگىشلىك ئېسىل ماقالىكەن ،
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 11:34 |
mehrigiyah
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 553
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 585 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 585 سوم
تۆھپە: 349 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 349 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە << قوش تىللىق >> ئوقۇتۇشنى يولغا قويدۇق دەپ ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈن دەرسنى خەنزۇچە سۆزلەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. ئانا تىل دەرسىنى تەسسىس قىلغان بولسىمۇ لېكىن ھەپتىدە ئاران بىر سائەت، تېخى 7- سائەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بەزىدە ئۆتۈلىدۇ بەزىدە يوق. بۇنداق ئەھۋالدىكى << قوش تىللىق >> ئوقۇتۇشنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟
ئابدۇراخمان ئاكامنىڭ مۇشۇ مەسىلىگە قارىتا كۆز قارىشىنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار؟
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 17:12 |
tash66
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 944
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم ئەپەندى!
بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ناھايىتى خوش بولدۇم.ھەقىقەتەن ئاساسىي تېمىنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك، قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپسىز، سىزگە كۆپ رەخمەت، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن! ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن دېمەكچى بولغانلىرىمنى بۈگۈن بۇ يەرگە قالدۇرالمىدىم. كېينچە چوقۇم ئورتاقلىشىمەن، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-16 23:24 |
tograk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 2073 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2070 سوم
تۆھپە: 1074 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1086 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تېلەيمەن . نادىر تېمېلىرىڭىز  باغداشتا چىچەكلەپ مېۋە بەرگەي .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-02 18:16 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر