ئەسسالام ئەلەيكوم كۆكتۈرۈك، ياخشىمۇسىز؟ ئۆتكەندە سىزگە مەن ئۇچۇر ئەۋەتكەنتىم، ئەمما جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز، نىمە سەۋەبلىكىنى بىلگەن بولسام. سىز مەن يوللىغان :”چىلان ئۈزەك قۇرتى توغرىسىدا! ئىسىت چىلان ،ئىست دىخان دىن كەلگەن ئىلھام“ دىگەن تېمىنى ئۆچۈرۋېتپسىز ،مەن بۇتېمىنى باشقا بىرمەقسەتتە يوللىمىغان، تېمامدا ھېچ قانداق بىر يامان غەرەز يوق ئىدى، شۇ دېھقان دوسلارغا ياردىمى بولۇپ قالسا دىگەن ئۈمىتتە يازغان. مەن موشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 10يىلغا يېقىن بوپ قالدى. سىزدىن سوراپ باقاي، مۇنبەردە يېزا ئىگىلىك كەسپى توغرىسىدا تېما يوللىغانلار بارمۇ؟ مېنىڭچە بار بولسمۇ، ئۇلار يوللىغان تېمىلار پەقەتلا تەرجىمە قىلغان تېمىلار.
سىلەر:«ماۋزىدۇڭ ئۆمرىدە ياقتۇرغان ئاياللار» دىگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى نادىرلايدىكەنسىلەر يۇ، مېنىڭ بۇ دېھقانلارغا يارىمى بولدىغان تېمامنى ئۇزۇن تۇرغۇزمايلا ئۆچۈرۋېتىپسىلەر، مەن تېمامنىڭ نادىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن، پەقەت خەلىققە نەپ بېرەلىشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ھەر قېتىم قومۇلغا قايتقاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھورمون توغۇرلۇق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمەن، ھورموننى نۇرغۇن نەرسىلەر بىلەن باغلىۋاپتۇ. ئۆتكەندە بىرەيلەن مۇنبەردە:«راك بولغان تاۋۇزنى يىيىشكە بولامدۇ؟» دىگەن تەرجىمە قىلىنغان تېمىنى يوللاپتۇ. شۇ تەرجىمە قىلغۇچىلار ئادەملەردىكى راك كىسىلى بىلەن ئۆسۈملۈكلەردىكى راك كىسىلىنىڭ پەرقىنى چۈشىنەمدىكەن، تاۋۇزنى يوغىنىتىپ تەم كېرگۈزگۈچى رىئاكتىپ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدىكەن؟ موشۇنداق كىشىلەردە ۋەھىمە پەيدا قىلدىغان تېمىلارمۇ مۇنبەردە نوپۇس بېجىرۋالغاندەك ئۇزۇن ۋاقىت ساقىلىنىپ تۇردىغۇ؟ موشۇ تېمىنى يوللىغۇچى تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا ئۇ ئەسەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپتىمۇ؟
ھازىر دۇنيادا بىر:«يېشىل تېنىچلىق تەشكىلاتى_绿色和平组织» دىگەن تەشكىلات بار، ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرگە قارشى تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلار ئاشۇ نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزلىنىپ باقمايدۇ، پەقەت قىسمەن ئەھۋاللارنىلا تەشۋىق قىلدۇ.
مەن يېىقىندا يوقىرقىغا ئوخشاش ۋەھىمە پەيدا قىلدىغان كۆز-قاراشلارغا ئىزاھات بىرىشنى ئويلىغان، ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ تېمامنىڭ ئۆچىرۋېتىلگەنلىكىنى بىلىپ، بۇ پىلانىمدىن ۋاز كەچتىم.
كۆكتۈرۈك مەن سىزنىڭ موشۇ مۇنبەردە ئوچۇق جاۋاپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن؟ سۇئالىمنىڭ قىسقا ئۇچۇردىكىدەك جاۋابسىز قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن، مەن سىزنى مەسئولىيەتچان دەپ ئويلايمەن.
تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوبدانراق كۆرۈپ بېقىڭلار:
«……………….. باش ئەگدى ئۇلارغا يەر بىلەن ئاسمان. باشقىلار ئۇچتى ئايغا، يۇلتۇزغا. بىزدىكى غەم بۈگۈن- توي بىلەن داستىخان»[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-06-18 23:06قايتا تەھرى ]