ئەسسالام ئەلەيكوم مۇنبەر ئەھلى، مەن يەنە كىچىككىنە ئىنكاس يېزىش قارارىغا كەلدىم. مېنىڭ يازغان ئىنكاسىم ئوغۇزخانغا بەكرەك تەسىر قىلغاندەك قىلىدۇ. ناۋادا ئوغۇزخان مېنىڭ ئورنىمدا بولغان بولسىدى، ياكى بولمىسا ئۆزىنى مېنىڭ ئورنىمغا قويۇپ ئويلاپ باققان بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى سەزگۈسى قانداق بولار ئىدىكىن؟ توغرا مەن ئىنكاسىمدا ئۇيغانغان زىمىن توغۇرلۇق قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويدۇم. ئەمما شۇ نەرسە ئىسىڭلارد بولسۇنكى، ھەر كىم ئۆز مەيدانىدا پادىچى!
ئادەتتە بىرەر پارچە ئەسەرنى مەتبۇئاتلارغا يوللىغاندا، مەتبۇئاتلار مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئەھلىلىرگە كۆرسىتىپ تەكلىپ-پىكىر بېرىدۇ، مەتبۇئاتتىكىلەر ئاشۇ-تەكىلىپ پىكىرلەرنى ئاپتورغا يەتكۈزىدۇ. بۇ پىكىلەر ئاساسەن ماقالىنى قانداق ئۆزگەرتىش، ۋە ياكى باشقا ژۇرناللارغا يوللاش توغۇرلۇق بېرىلگەن بولىدۇ. ئاپتورغا نىسبەتەن ھەممە ئىش ئېنىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتور ئۇقمايدىغىنى، مەتبۇئاتتىكىلەر تەكىلىپ قىلغان موشۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئەھلى. بۇ ناھايتى مەسئۇلىيەتچاقلىق بىلەن ئىش كۆرگەنلىك بولۇپ، ماقالىسى قايتۇرۇلغان تەغدىردىمۇ، ئۆز-ئارا ئۇقۇشماسلىق بولمايدۇ.
باغداش مۇنبىرىمۇ، مۇمكىن بولسا ئەزالار يوللىغان ھەر بىر تېمىنى مۇناسىۋەتلىك كشىلەرگە كۆرسىتىپ، تەكىلىپ-پىكىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان بولسا، ھېچ بولمىسا ئاپتور بىلەن مەسلىھەتلەشكەن بولسا،مۇنبەر سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولاتتى.
ئەلۋەتتە پىكىر بىزدىن، قوللىنىش سىزدىن!
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-06-22 17:48قايتا تەھرى ]