ساقچى يولداشلارنىڭ ئۆز خىزمىتى خۇددى باشقا خىزمەتلەرگە ئوخشاش بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز !
دۆلىتىمىز بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەلىقئارادىمۇ خېلى نامى بار ، يەنە خەنزۇچە تور بېكەتلەردە مۇنداق يۇمۇر تۈسىنى ئالغان بىر جۈملە سۆز تارقالغان ، ئۇنىڭ مەزمونى مۇنداق ( ئەگەر دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىپ قالسا ،ياكى باشقىلار دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا ،دۆلىتىمىزنىڭ ئارمىيەنى ئىشقا سېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ،ئۇلارغا بازار باشقۇرۇشنىڭلا كۇپايە قىلىدۇ،شۇلارنى ئالدىنقى سەپكە چىقىرىش كېرەك ،چۈنكى ئۇلار بەكمۇ تاش يۈرەك )
ئائىلىدىكىلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانچە جاپا چەكسەممۇ رازى .
غوجام ،سىزگە ماشىنىدىن چۈشۈش شۇنچىلىك ئېغىر ئىشمۇ ؟ بىلەمسىز ، ئۇلار نەچچە كىلومىتىر يولنى بېسىپ شەھەرگە كىرىپ سودا قىلىدۇ ،يەنە سىز ئۇلارنى ئۆزىڭىزدەك ساختىپەز كۆرۈپ قالماڭ ، تارازىنى سىز ئۆلچىمىسىڭىزمۇ ئۇلار ھەرگىزمۇ سىزنى ئالدىمايدۇ ، ئۇلار شۇنداق قىلالمىغاچقا سىز ماشىنىدا ئۇلار پەستە تۇرۇپ قالغان ،