باغداشتىكىلەرگە ئايەملىك سوۋغا
(شىئېرى چاخچاق)
باغداشقا
باغداش دېگەن مۇنبەرنى،
قۇرۇپ قويدى بىر بالا.
ئۆزى كىچىك بولسىمۇ،
يۈرۈشلىرى ئاي-دالا.
قۇرۇپ قويۇپ مۇنبەرنى،
يوقاپ كەتمەڭ ئەكبەرجان.
ئوردا غۇلاپ چۈشمەمدۇ،
قېچىپ كەتسە ئەگەر خان.
بۇ باغداشقا ھەر جايدىن،
كېلىپ كېتەر مېھمان كۆپ.
باش ساھىبخان بولمىسا،
مېھمان يەمدۇ تەييار چۆپ؟
مەڭگۈتاشقا
كۆكتۈرۈكنىڭ دەۋرىدە،
قالغان ئىدى مەڭگۈ تاش.
قەلەملەرنىڭ بەيگىدە،
بۇ مەڭگۈ تاش بەكمۇ شاش.
فارابى ھەم خاس ھاجىپ،
ئالدۇرغانمۇ ئېغىزنى.
تەسەۋۇرنى چاينايدۇ،
چاينىغاندەك سېغىزنى.
شۇڭا ئامراق ئوقۇرمەن،
مەڭگۈ تاشنىڭ قولىغا.
قارا كۆزلەر تەشنادۇر،
ئۇنىڭ كېلەر يولىغا.
تاراتىغا
تاراتىمۇ-تاراتى،
ئوت كۆزلەرنى قاراتتى.
يېزىپ چاتما چۆچەكنى،
باغداشلىقنى ساراتتى.
قەلەم تۇتقان قوللاردا،
چۈشۈپ كەتمەس چۆمۈچلەر.
ياكى چۆمۈچ تۇتماس بوپ،
پارقىرامدۇ كۆمۈچلەر؟
چەرچەنلەرگە بارغاندا،
ئەر ئالدىدا پەشتاما.
سىز تۇتقاچقا قەلەمنى،
ئەر ئۇستىكەن تاماققا.
كۆكتۈرۈككە
پەيلاسوپتەك پىكرى بار،
كىچىككىنە بالا بار.
قاردۆۋلىكنى ماختايدۇ،
ماختاشلاردا چالا بار.
مۇسىبەتتە يۈرىدى،
ھايات تىلغا ھاز ئېچىپ.
تىلىمىزنىڭ جېنى چىڭ،
بىزدىن كەتمەس ۋاز كېچىپ.
ئەي كۆكتۈرۈك ، يازمىڭىز،
ئويلاندۇرار ھەممىنى.
ئەمدى گەپنى باشلارسىز،
ئوقۇپ تۇرۇپ كەلمىنى.
توخۇتۇرغا
توخۇتۇرنىڭ داڭقى بار،
باغداش تېغى باغرىدا.
نازىركومنى ئوينايدۇ،
سامادىكى ناغرىغا.
تېما،ئىنكاس غەلىتە،
تەستۇر يەتمەك تېگىگە.
خوراز دەيدۇ ئۆزىنى،
بىراق تۇخۇم تېگىدە.
باغداش ئاۋات سىز بىلەن،
ياشاپ كېتىڭ توخۇتۇر.
تېرىق بەردىم بىر سىقىم،
يايراپ كېتىڭ توخۇتۇر.
ئەركىمگە
ئەركىمنىڭ ئۆزى ئەركىم،
يازمىلىرى بەك ئەركىن.
فوتۇ ئاپرات بوينىدا.
چۆل،سايلاردا نېمە يەركىن.
تاش ھەۋىسى بار ئۇنىڭ،
بۇنى بىلمەس باشقىلار.
ئەگەر بىلىپ قالسىلا ،
كۆپىيىدۇ ئاشىقلار.
مۇنبەرلەرنىڭ گۈلىدۇر،
ئەركىم دېگەن بۇ بالا.
بىراق باغداش تېغىغا،
چۈشكەن ئىزى بەك چالا...
ئىلىمگە
يازمىسىنى كۆرگەنلەر،
كىردى قايسى ئىمام دەر.
خاتىىپلىقنى قىلىدۇ،
شۇڭا كۈندە پوشكال يەر.
تەقۋالىقتا ئۇنىڭغا،
يېتەر كىشى بەكمۇ ئاز.
بىراق ئۇسۇل ئوينايدۇ،
باشلانسىلا دەرھال ساز.
يازمىلىرى تورلاردا،
قوزغار بەكمۇ غۇلغۇلا.
قۇرغان ئىككى مۇنبىرى.
ئاش-نان بولدى ئوغۇلغا.
ئەلنۇرغا
ئۆزى چاققان،يېتەرخان،
باغداش گۈلى ئەلنۇرخان،
تەشكىللەشكە ئېپى بار.
پاليەتكە قادىرخان.
سۆزلىرى بار قايماقتەك،
مېڭىشلىرى تايچاقتەك.
كىرسە باغداش جانلىنار،
نۇر چاچىدۇ ئوت قاچتەك.
چىققاچ ھازىر شوتىغا،
ئاز كىرىدۇ باغداشقا.
ئوخشاپ قالماڭ شوتىدا،
قەپەستىكى<< ھوقۇشقا>>.
ئەسكەرتمە:
چارچاپ كەتتىم ئەي دوستلار،
داۋامىغا ئەتە بار.
ئايەم بولسۇن مۇبارەك،
شادلىق بولسۇن بىزگە يار.
ئارخىپ ئىزلەپ ھارىدىم،
ئىسمىڭلارنى ئېيتىڭلار.
رەنجىمەڭلار مېنىڭدىن،
چۈشۈپ قالسا ئېتىىڭلار
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-08-31 12:28قايتا تەھرىرلىدى ]