ئۇيغانغان زىمىنغا :
كەتمەن تۇتۇپ زىمىنكا ،
ئىگىلمىسۇن قەددىڭىز .
ھەدەم قارىماي قويمىسۇن ،
بالدۇر قېرىپ كەتسىڭىز .
سوۋغات بېرىپ ئەڭ بالدۇر،
ھەممىنى شاد ئەتتىڭىز .
مېھمان قىلىپ ئالايلى ،
ھېيتلاپ بىر كەلسىڭىز .
ئېتىز ، خىزمەت دەپ يۈرۈپ ،
تولىمۇ جاپا تاتتىڭىز ،
ھاردۇقمۇ چىقىپ قالار ،
چىلانلارنى ساتسىڭىز .
ئەجرىڭىزگە تىگىشلىك ،
ھوسول بىرەر چىلانلىق.
تېنىڭىزگە تىلەيمەن ،
سالامەتلىك ئامانلىق .
چاقچاق قىلدىم پەقەتلا چاقچاق ،
چاقچاقلىرىم ئېغىر كەتمىسۇن .
ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن،
قەلىمىڭىزگە ھەم ھاردۇق يەتمىسۇن !
قاملاشمىغان بولسىمۇ ،،،،،،، ،،،،، ،،،،