ئايشەم تورتخانىسى قومۇل دىيارىدىكى ئاز ساندىكى زامانغا ماسلاشقان،چوڭ-كىچىك ھەممىسى ياقتۇرۇپ كىرىدىغان تورتخانىلارنىڭ بىرسى،شۇڭا قومۇلدىمۇ مۇشۇنداق مۇھىتى ياخشى تورتخانىلارنىڭ بولغىنىدىن ھەقىقەتەن خوش ئىدىم ۋە دائىم ئۆيدىكىلەر بىلەن كىرىپ تۇراتتۇق،بىراق يۇقارقى گەپ سۆزلەر چىققاندىن كېيىن،كۆڭلۇمگە شەك چۇشتى،گەرچە مەن 5ۋاق ناماز ئۆتەيدىغان چىن تەقۋادار مۇسۇلمان بولمىساممۇ(پەقەت ھەر جۇمە نامىزدىن قالمايمەن )،شەك چۇشكەن يىمەكلىككە مېنىڭمۇ كۆڭلۇم تارتمايدۇ.بىراق ھازىر ياخشى بولدى، ئۆزلىرى ئوتتۇرغا چىقىپ ،بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە چۇشەنچە بەردىلە،ئۆزلىرىگە ئىشىنىمىز،چۇنكى قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەقىقەتەن ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىك ئىش.بىراق كىچىككىنە 2 ئىلتىماسىم بار ،ئويلىنىپ بېقىشلىرىنى سورايمەن:
1.يۇقارقى چۇشەندۇرۇشلىرىدىن قارىغاندا،ئۆزلىرى ماتىرىياللارنى ئىچكىردىكى زاۋۇتلاردىن ئېلىپ كىرىدىكەنلا،مېنىڭچە بۇندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى كېرەكلىك ماتىرىياللارنى شىنجاڭدىكى زاۋۇتلىرىدىن ئېلىپ كىرسىلە،چۇنكى ئىچكىردىكى زاۋۇتلار ھەرقانچە مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بولغان تەقدىردىمۇ ،ئۇلار ھەرگىزمۇ ھالال يىمەكلىكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەرگىز چۇشەنمەيدۇ،نامى ئۇيغۇرچە بىراق ئىچكىردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقارغان كەمپۇت قاتارلىق يىمەكلىكلەرگە شەك چۇشكەنلىگىنى بەلكىم ئۆزلىرىمۇ بىلىلا؟؟؟!!!! دىمەكچى بولغىنىم ئىشلەپچىقارغان يىمەكلىكلەر بەك يىيىشلىك بولمىسىمۇ،تاشقى كۆرىنىشى بەك كۆركەم بولمىسىمۇ ھالال بولسىلا بىز ياقتۇرۇپ يەيمىز،،،بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا،ئۇ چاغدا گالنى يىغماي بولمايدۇ،،،توغرا چۇشەنسىلە.
2.مۇشۇ باھانى سەل-پەل تۆۋەنگە تەڭشىگىلى بولارما؟
،بەلكىم ئۆزلىرىمۇ قارىغاندا مائاش ئۆسكىدەك ،مائاش ئۆستى دىگەن يالغان-ياۋداق گەپلەرگە ئىشىنىپ قالغان ئوخشايلا؟؟؟
،مەنمۇ ۋىجدانىم بىلەن كاپالەت بېرەيكى ،مەن خىزمەت قىلغان 10يىلدىن بۇيان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم مائاش ئۆسۇش بولدى،ئۇمۇ 4-5يىل بۇرۇنقى ئىش ،شۇڭا.......ھى ھى ھى ھى ......ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ كىچىككىنە تەلىۋىم خالاس ، قىلىش قىلماسلىق ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىرىدىكى ئىش .
ئاخىرىدا تەنلىرىگە سالامەتلىك ،ئائىللىرىگە خاتىرجەملىك،سودىلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن!!!