بۇ مەزمۇن 3403قەۋەتتىكى cheguevaraدە2012-06-07 21:34يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھىم! سەن بىر نەچچە سولتەك تېخى ئاكاڭ قارىغاينى ئەرز قىلىپ يېقىتىمەن دەپ قېلىشتىڭما، ياچىۋەكنىڭ ھارۋا توسقۇنىدەك، چۇمۇلىنىڭ دەرەخ ئېرغىتىمەن دىگىنىدەك ئىشتە بۇ. راستىنى دىسەم سەنلەر پاش قىلىش خېتىنى مەركەزگە، گوۋۇيۈەنگە ھەتتا مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹قىززىق نوقتا ھەققىدە سۆھبەت› پىروگىراممىسىغا ئېۋەتىشسەڭمۇ بۇ ئىشلىرىڭ ئاقمايدۇ . ئەۋەرتىشكەن بارلىق ئەرىز-شىكايەت خەت-چەكلىرىڭ قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ جايغا قايتۇرۇش پىرىنسىپى بۇيىچە، پېتى بۇزۇلمىغان ھالەتتە تەپتىش مەھكىمىسىگە كىلىپ يەرلىكنىڭ بىجىرىشىگە تاپشۇرۇلۇپتۇ. تەپتىش مەھكىمىسىدىكىلەر ماڭا ھەممىنى ئېيتىپ بەردى. ئۆتكەندە تەپتىش مەھكىمسىدىكىلەر بېسىمدىن قورقۇپ، ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىمىز دىيىشكەنىدى، راستىنلا تەكشۈرىدىما؟ ياق. چۈشلىكى مەن ‹ۋۇلىياڭ يې› بىلەن ئۇلارنى سىناپ باقتىم، كەچتە ‹قىزىل بولاق› بىلەن كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم. كىتىدىغان ۋاقىتتا ئۇلار مۈرەمگە ئۇرۇپ قويۇشتى، تېپىپ بېقىشە، ئۇلار نىمە دىگەندۇ؟ سەنلەرگە دەپ بېرەي ، ئۇلار ماڭىدىغان ۋاقىتتا ‹سىزنى جۇرۇڭجىنىڭ شەخسەن ئۆزى كىلىپ تەكشۈرۈشى مومكىن ئەمەس، ئاخشاملىققا خوتۇنىڭىزنى قۇچاقلاپ، خاتىرجەم ئۇخلاڭ› دىيىشتى. قايتقاندىن كىيىن ئۇلار رەھبىرىگە دوكىلات قىلىپ، تەكشۈرۈپ باشقا چوڭ مەسىلە بايقالمىدى دەپلا قويىدۇ شۇ. سەنلەرنىڭ ‹قىززىق نوقتا ھەققىدە سۆھبەت› كە ئەۋەتكەن خېتىڭگە ئۇلار ئالدىراشچىلىقتا يىتىشەلمەيدۇ. بۇيەردىكى ئەرزىمەس ئىشلارغا ئۇلارنى تەكلىپ قلىپ ئەكەلگىلى بولامتى؟ سەنلەرگە دەپ قوياي ئۇلار دىگەن ئاخبارات ئورگىنى، قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس. يەنە كىلىپ ئاخبارات ۋاستىلىرى ھە دىسىلا رەزىللىكنى خەۋەر قىلىۋەرمەيدۇدە. رەزىللىك كۆپېيىپ كەتسە بىزنىڭ بۇ جەمئىيىتىمىز ئۇنى قۇبۇل قىلالامدۇ؟ بۇ جەھەتتىك ئىشلارنى تىزگىنلەش كېرەك، تىزگىنلەش قانچە چىڭ بولسا ماڭا ياردىمى شۇنچە زور بۇلىدۇ. خۇداغا شۈكرى، مىڭ تەشەككۈر! شۇڭا سەنلەرنىڭ ئوننەچچە قېتىم قىلغان ئەرىزلىرىڭنى دىمەيلا تۇراي، ساقىلىڭ ئاقارغۇچە، تۈمەن قېتىملاپ ئەرىز قىلىشساڭمۇ، يۇقىرىغا تولا چېپىپ پۇتلىرىڭ قېتىپ كەتسىمۇ پوققا پايدىسى يوق! مۇشۇ ئەرىزلىرىڭ بىلەن مىنى غولىتىۋىتەلەيدىغان ئىش بولسا، مەن خوتۇنلىرىڭنىڭ كۆتىنى يۇغان يۇندىسىنى ئىچىمەن .
سەنلەردىن يۇشۇرمايمەن، راس گەپنى ئېيتسام، مەن ھەقىقەتەن خىيانەت قىلدىم، ناھايىتى كەلسە شۇ بىرنەچچە مىليۇنغۇ، بۇ بىر نەچچە مىليۇننى
سەنلەر ھېساباتتىن تەكشۈرۈشەلمەيسەن، مەن بۇلارنى ھېسابقا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇدىغان ئۇنچلىك كالۋا ئەمەسمەن. بۇ ھېسابلارنى كۆڭلۈمدەساقلايمەن. سەنلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمايدىغان تۇرۇقلۇق، ھېىچقانداق دەلىل –ئاساس يوق ئەھۋالدا ماڭا نىمە جىنايەت ئارتشالايتتىڭ؟ مەن يەنە شۇنى دەپ قۇياي، مەن بۇ پۇللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئىشلىتىپ يۇقىرىدىكىلەرنى ئاغزىنى مايلىغانمەن، مەن تەكشۈرۈلۈپ بايقىلىپ قالسام، يۇقىرىدىكىلەرنىمۇ مەن بىلەن تەڭ پالاكەت باسمامدۇ؟ سەنلەر يۇقىرىغا شۇنچە ئەرىز قىلىشساڭمۇ يۇقىرىدىكىلەر نىمىشقا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيلا خەلقارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تىل بىلەن سەنلەرنى كەتكۈزۋېتىدۇ؟ چۈنكى مەن ئۇلاربىلەن ئاللىقاچان بىر ئاكوپتىكى جەڭچىلەردىن، بىر كېمىدىكى قاراقچىلاردىن بولۇپ قالغانمىز. سەنلەر ئۆزەڭنىڭ پۇلدە ئەرىز قىلىشساڭ، مەن كومپارتىيەنىڭ پۇلى بىلەن ئۆزەمگە يول ياسايمەن، قېنى كىمنى كىم يېڭىدىكىن. يۇقىرىدا بىرەر شەپە بولغان تەقدىردىمۇ، مىنىڭ ئۈستۈمدىكىلەر مېنى يۆگەپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمغا ياردەم قىلىدۇ. مىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئادەتتىكىچە ئەمەس، مەركەزنىڭ ئۈچ بۇيرۇق، بەش ھۆججىتىدە پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن سەنلەرنىڭ يۇقىرىغا ئەۋەتكەن پاش قىلىش خەتلىرىڭنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ بولدۇم، سەنلەردە ئازراقلا شەپە بولسا ئۇلارھەرۋاقىت مەن بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىدۇ. قانداق ئاغىندارچىلققا يارامدىكەن.
مىنى نىيىتى يامان دىيىشسەڭمۇمەيلى، جىق ئىچىۋاپتۇ دىيىشسەڭمۇ كارىم يوق، ئىشقىلىپ مەن شۇنداق ئويلايمەن، ھازىر ھوقۇق بولسا كىم خىيانەت قىلمايدۇ، خىيانېتىنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى قويۇپ تۇرايلى، سەن خىيانەت قىلمىساڭمۇ خەق سىېنى قىلدى دەيدۇ، بۇ خۇددى ئون ئادەم ئىچىدە توققۇزى ئوغرى بۇلۇپ بىرسى ياخشى ئادەم بولسا، بۇ بىر ئادەم قالغان توققۇز ئوغرىنىڭ نەزىرىدە يامان ئادەم ئاتالغاندەكلا بىر ئىش. ھازىر مىنىڭ ئۆيۈم، ماشىنام، پۇلۇم، توقۇلۇم ھەممىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇندىن كېيىن ماڭىدىغان يوللىرىمنى ناھايىتى كەڭ ئېچىۋالغانمەن. سەنلەر مېنى يېقىتالمايلا قالماي، مەن تېخى ھەر يىلى ئىلغار بولۇپ سايلىنىۋېرىمەن قانداق ! ماڭا قىياسەن بېرىپ ئۆزلىرىڭ ئويلىشىپ بېقىش، ناۋادا سەنلەر مىنىڭ ئورنىمدا ئەمەلداربولۇپ ھوقۇق تۇتقان بولساڭ ، ئەجىبا سەنلەر خىيانەت قىلىشمامتىڭ؟ سەنلەرنىڭ مىنى ئەرىز قىلغىنىڭ ئۈزۈم يىيەلمىگەن تۈلكىنىڭ ئۈزۈمنى توڭ دىگىنى ئەمەسما؟
سەنلەرنى ئانى تاپقىتىم ئەمەس ھەم يوغان گەپ قىلغىنىممۇ ئەمەس، ئۈستۈمدىن ئەرىز قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، چىرىكلەشكەن مەنلا ئەمەس، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىرىكلەشكەنلەر. مەن يەنىلا ھەرقايسىڭغا نەسىھەت قىلىپ قۇياي قايتىپ كېتىپ ياخشىراق ئۇخلاش، زېھنى كۈچۈڭنى ئاياپ باشقا خەيرىلىك ئىشلارنى جىقراق قىلىش. ئۇنداق بولماي مىنىڭ نەسىھىيىتىمىنى ئاڭلاشمايدىكەنسەن، سەنلەرنىڭ تىزىملىكىڭلار مىنىڭ قۇلۇمدا ، كېيىنچە ئەمىلىم ئۆسۈپ چوڭراق ئەمەلدار بولۇپ قالسام ئۇ ۋاقتىدە سەنلەرنى ئوبدانلا يىغىشتۇرۇپ قويسام ياخشى كۈن كۈرۈشەلمەيسەن ؛
.......