ئالدىنقى قومۇلدا نورۇز مەشرىپىدىن كېيىنكى ئەپسۇسلىرىم 1 تېمىغا كېچىكىپ ئىنكاس يوللىغانىدىم .
ئالدىنقى قىسمىنىڭ كۆرۈش ئادىرىس
:
./read.php?tid=8192بۇ يەرگە بىر قەدەر تولۇقلاپ يوللاشنى لايىق تاپتىم : ئەيىپكە بۇيرىماڭلار :
ئالدى بىلەن يوقىرىقى ناھايىتى مەسئولىيەتسىز قىلمىش ئۈستىدە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن بۇ قېتىمقى نورۇز ئۈستىدە سۆزلەي :
بۇ قېتىمقى نورۇزدىكى چوڭ خاتالىقلار :
1.مەخموت ئابلېز پىشقەدەم مۇقام سەنئەتكارى ، بۇ كىشىنى تەكلىپ قىلمىغان ، سودىيە مەخموت ھازىر ئاپتونوم رايون سەھنىلىرىدە قومۇل خەلق مۇقاملىرىنى ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن ئورۇنلاپ ھەممە كىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تونۇلغان ، يېتىلىۋاتقان ئىستىقباللىق ناخشىچى ، مانا مۇشۇنداق كەلگۈسى پارلاق ، قومۇل مۇقاملىرى ئىجراچىسىنىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئەپسوسلىنارلىق ئىش بولدى ،
سودىيە ھازىر ئاپتونوم رايوندىكى خېلى چوڭ كېچىلىكلەرگە ئالاھىدە تەكلىپلەر بىلەن قاتنىشىدىغان سەنئەتكار تۇرۇپ ئۆز يۇرتىنىڭ مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى كىشىنى ئەپسوسلاندۇرىدۇ .
2. توختى بەكرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا تىيارىنىڭ غوللۇق ئارتىسى ، ئۇسۇل ئەتىرتىنىڭ باشلىقى ، ياش يېتىلۋاتقان ئارتىس ، توختى بەكرى روزى ھېيتلىق ، قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدىكى ئەڭ يارقىن ئۇسۇللۇق نومۇرلاردا نومۇر كۆرسىتىپ كەلگەن ،
شۇنداقلا لوپنور مەشرىپىنى كۆرگەنلەر بىلىشىڭلەر مۇمكىن :لوپنور مەشرىپىدە تەييارلىق خىزمىتى ۋاقتىدا لوپنور سەنئەت ئىدارىسى توختى بەكرىنى بۇ قېتىمقى مەشرەپكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ، نەتىجىدە لوپنور مەشرىپىدىكى باشتىن -ئاخىر مەشرەپتىكى باش رولنى ئېلىپ چىققان .
مانا مۇشۇنداق بىر ئارتىسمىزنىڭ بۇ قومۇلدا نورۇز مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى يەنە بىر ئەپسوسلىنارلىق ئىش !
3. قومۇلنىڭ مەدەنىيەت -سەنئەت شۇنداقلا قومۇل ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شەخسلەر مەشرەپنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالمىغان . مەسىلەن : يازغۇچى ،سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ سابىق شۇجىسى ئابلېز ئىسمايىل ، پىشقەدەم تەرجىمان مۇھەممەت يۈسۈپ ، پىشقەدەم تەرجىمان ئابدۇراخمان مۇتىۋىللا ، يەنە بىر قاتار پىشقەدەملەر :
4.قومۇل دىيارىدا توغۇلۇپ ئاپتونوم رايون مىقياسىدا مەلۇم تەسىرى بار يۇرت كاتتلىرىدىن ،ئارسلان ئابدۇللا ، بەگمەت يۈسۈپ ، ئابلېز ئورخۇن ،گۈلشەن ئابدۇرىھىم ، يۈسۈپ ئىسھاق ،قاتارلىق ئەدەبىيات -سەنئەت ساھەسىدىكى كىشىلەردىن بىرىمۇ تەكلىپ قىلىنمىغان .
5.يوقىرىدا ئەپسوسلىرىمدا ئېيتقاندەك يوقىرىدىن كەلگەن رېجىسسورلار ئەسلى ئاپتورلارغا ھۆرمەت قىلماسلىقتەك ۋە ئاخىرىدا ئىسمىنى چىقارماسلىقتەك مەسئولىيەتسىزلىكنى ئۆتكۈزگەن . ھەمدە شۇنچە ئەجىر قىلغان مەشرەپنى سۈرەتكە ئېلىشتا زور مەغلۇپ بولغان .
يەنە ئەسەر ، تېكىست ھوقوقى توغرىسىدا دەپ كەلسەك :
ھازىر ناخشا ئورۇنلىغۇچى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىكەن ، لېكىن ئاشۇ ناخشا شۇ ناخشىچىغا قانداق بولۇپ ئورۇنداش نېسىپ بولدى ، بۇنى كىم يازدى ، مۇزىكىسىنى كىم ئىشلىدى .
يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن ئاكورتلاشتۇرغۇچى دەپ يامان ئەمەس نامىنى ئاتاپ مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچىلەرگە ئازراق مىننەتدارلىق بىلدۈرىۋاتىدۇ ، شۈكرى .
لېكىن بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە تېكىست ، ناخشا تېكىستى ،،،،ناخشا تېكىستى بولماي داڭلىق بىر ناخشىچى سەھنىگە چىقىپ مۇزىكىغا پاشىدەك غىڭشىپ غىڭشىپ چۈشۈپ كەتسە ئۇنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ .
ناخشا تېكىست توغرىسسدا گەپ قىلساق ، بۇ ھەقتە مۇختەر بۇغرا دىن ئالاھىدا ئۈلگە ئېلىشقا بولىدۇ .
جەمئىي ئىككى نۆۋەت <مۇختەر بۇغرا ئىجادىيەت كېچىلىكى > ئۆتكۈزۈلدى . لېكىن مۇختەر بۇغرا سەھنىدە كۆرۈنمىدى ،بەلكى تاماشىنبىلار ئارىسدا ئوخشاش نومۇر كۆرۈپ ئولتۇردى ،بەلكى ئەڭ ئاخىرى سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى ۋە تون كەيدۈرۈلدى . ، يا ساز چالمىدى ، يا ناخشا ئېيتمىدى ، يا رىياسەتچىلىك قىلمىدى ، بۇ زادى قانداق مۇختەر بۇغرا سەنئەت كېچىلىكى ؟؟؟؟
يوقىرىدىكى ھەربىر ئورۇنلانغان ناخشىلار دەل مۇختەر بۇغرانىڭ قەلىمى بىلەن روياپقا چىققان ، مانا بۇ ھەقىقى ئىجادىيەت. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ سەھنىگە چىقىشى ، قەلەمنىڭ ، ئاپتورنىڭ ھۆرمىتى .
ئەلۋەتتە ئابلېز ئۆمەر ھاجىنىڭ قەلىمى ئاستىدا روياپقا چىققان ھەربىر ناخشا مەيلى كىم ئېيتسۇن ياكى نىجات نىياز ۋىجدان ساتىمىزنى ۋاقىت ساتىمىزغا ئۆزگەرتىپ قويسۇن بۇ يەنىلا ئابلېز ئۆمەر ھاجىنىڭ ئىجادىيىتى ،
مەنچە ئابلېز ئۆمەر ھاجىنىڭ يوقىرىقىغا ئوخشاش ئىجادىيەتلىرى چوقۇم ئاز ئەمەس : يەنە ئابلېز ئۆمەر ھاجى بىر قانچە ئېتوت يازغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈپتۇ ، مەن بىلدىغان سەنئەت نومۇرىدىن ئاپتورنىڭ 5-6 سى بار ، مانا بۇ بىر ئىجادىيەت ئەمەسمۇ ! ئىجادىيەتكە باشقىلار ھۆرمەت قىلمىسا ، بىزنىڭ قولىمىزدىنمۇ كېلىدۇغۇ ؟ نىمىشقا ئابلېز ئۆمەر ھاجى سەنئەت ئىجادىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزمەيمىز !
شەخسەن مەن ئىشىنىمەنكى ئابلېز ئۆمەر ھاجى بۇ ئىشقا بەل باغلايدىكەن ، بۇ ئىشنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ ھۆرمىتىنى قىلدىغانلار نۇرغۇن ! تورداشلار قانداق قارايدىكىن ؟؟؟؟