- تىزىملاتقان
- 2012-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1927
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
92.7%
|
يۇغۇر ناخشىچى- ئاغىر
يۇغۇر ناخشىچى ئاغىر
ئاغىر- گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن 1200 يىل بۇرۇن ھازىرقى موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدا قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە قۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ھېلىھەم چىلىيەنشەن (تەڭرىللا) تاغلىرىدا چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللانماقتا. كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ئاغىرغا كەڭ قورساقلىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈكنى ئاتا قىلغان بولسا، تېنىدە ئېقىۋاتقان ئەجداتنىڭ قېنى ئۇنىڭغا جۇشقۇنلۇقنى ئاتا قىلغان.
ئاغىر كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا- مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرەتتى. قەھرىتان سوغۇق كېچىلەرنىڭ بىرىدە، بىر كالا مۇز كۆلچەككە چۈشۈپ كېتىدۇ، 12 ياشلىق ئاغىر كالىنى قۇتقۇزىمەن دەپ، قوللىرىنى توڭلىتىۋالىدۇ. قولىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاچقا، ئۇنىڭ ئىككى قولى ناكا بولۇپ، بارماقلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ ياش تۇرۇپلا ئاتا- ئانىسىنىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ھالدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشنى ئىزدەيدۇ. ئۇ ساياھەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ جېنىنى باقىدۇ، ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل جاپالىق مەشىقلەر ئارقىلىق، ئاخىرى يايلاق باتۇرى، يەنى تالانتلىق ناخشىچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
ئاغىر تۈنجى قېتىملىق ناخشا مۇسابىقىسىدا، زور غەيرەتكە كېلىپ، مىكروفوننى ناكاھ بولغان قوللىرى بىلەن ئالىدۇ- دە، ئەينى چاغدا يۇغۇر يايلاقلىرىدا ئىنتايىن مودا بولغان «پادىچى» دېگەن ناخشىنى لەرزان ئېيتىشقا باشلايدۇ. ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن بۇ ناخشىنى 14 ياشلىق پادىچى بالا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئېيتىپ، تۆۋەندىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، بۇ ئالقىشلار ئۇنىڭغا يېڭىچە ھايات ۋە يېڭىچە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاغىر گەنسۇ ئۆلكىسى بويىچە ۋە جاڭيې (张掖) شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كۆپلىگەن ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، گەنسۇ ئۆلكىسى بويىچە «ئالتۇن سائەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشىدۇ، ئاممىباب ناخشا ئېيتىش ۋە تۈرلۈك چوڭ مۇسابىقىلاردە 4 قېتىم بىرىنچىلىكنى، 3 قېتىم ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. جاڭيې شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئالتۇن جاڭيې لوڭقىسى» ۋە تۈرلۈك چوڭ مۇسابىقىلەردە 5 قېتىم بىرىنچىلىكنى، 3 قېتىم ئىككىنچىلىككە ئېرىشىدۇ. 2006-يىلى «كاڭدىڭ كۈيى» (康定情歌) ناملىق ناخشىسى بىلەن تىبەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن تۈبۈت كالېندارى يىللىق كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ. ئىچكى موڭغۇل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2007-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزگەن «يايلاق چولپىنى» (草原星) ناخشا مۇسابىقىسىدا مۇنەۋۋەر ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
ئاغىر داۋاملىق ئېيتىپ كېلىۋاتقان يۇغۇرلارنىڭ قەدىمىي كۈيى «شىجى خاجى» قاتارلىق بىر قانچە ناخشىلار كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، «ئالتاي بۆرىسى» ناملىق ناخشى پۈتۈن گەنسۇغا تارقىلىپ، ھەممە ئادەمگە ياد بولۇپ كەتكەن ناخشىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەنە داڭلىق يايلاق ناخشىچىلىرىدىن تاڭگىر، خەن لېي ۋە يادۇڭ قاتارلىق ناخشىچىلارنى تەقلىد قىلىپمۇ ناخشا ئېيتىدۇ.
2009-يىلى، بۇرۇن ئاغىرغا ياردەم قىلغان تالانتلىق تېلېۋىزىيەچى جاۋ گوپېڭ (赵国鹏) ئەپەندى ئالاھىتەن ئاغىرنىڭ ئاۋازىغا چۈشىدىغان بىر ناخشا يازىدۇ. بۇ ناخشا دەل يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادىنى كۈيلەيدىغان «يەنجژ قەدىمىي كۈيى» (焉支古歌) بولۇپ، بۇنى ئاغىر ئۈچۈن MTVقىلىپ ئىشلەپ، توردا ئېلان قىلىدۇ، ھەمدە چېڭدۇدىكى «ئېگەي دېڭىزى مەدەنىيەت- سەنئەت چەكلىك شىركىتى» (爱琴海文化艺术有限公司) بىلەن ئالاقىلىشىپ، نەشىر قىلىشىپ بېرىدۇ. ئاغىر ئېيتقان بۇ «يەنجژ قەدىمىي كۈيى» خۇددى تاڭگىر ئېيتقان چىڭگىزخان فىلىمىدىكى ناخشا «رىۋايەت» دەك، كىشىلەر مىڭ ئاڭلىسىمۇ زېرىمەكيدىغان ئېسىل ناخشا بولۇپ قالىدۇ.
زور تىرىشچانلىق ۋە ئىلگىرلەشلەر ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئاغىرمۇ يۇغۇر مىللىتىدىن چىققان ۋەكىللىك سەنئەتكار بولۇپ تونۇلدى.
تۆۋەندىكىسى ئاغىرنىڭ «يەنجژ قەدىمى كۈيى» ناملىق ناخشىسى، ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن:
http://www.56.com/u30/v_NDc3OTY2OTE.html
ئالتاي بۆرىسى :
http://www.56.com/u47/v_NTQ0NTUzMTY.html
|
|