قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3037|ئىنكاس: 16

بايلىق دىگەن نىمە؟(قەيسەر مىجىت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

6

دوست

3167

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 561
تۆھپە : 643
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 07:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

بايلىق دىگەن نىمە؟
قەيسەر مىجىت



ئالدى بىلەن ئېنىق قىلىپ ئېيتىش ھاجەتكى، مەزكۇر تېمىغا ئائىت "بايلىق" ئۇقۇمى - مەنىۋى بايلىق ھەققىدە ئەمەس بەلكى ماددى بايلىق ھەققىدىدۇر. 
خوش، ئۇنداقتا بىراۋ سىزدىن "بايلىق دىگەن نىمە؟" دەپ سورىسا، قانداق جاۋاپ بېرىسىز؟
دەمسىز: "-پۇل، ئالتۇن-كۈمۇش، تىللا-ياقۇت ۋە ياكى ئۆي-پۆي، كالا-قوي" ياكى دەمسىز: "بۇنداق سۇ'ئالىڭنى بولدى قوي!".
مەن مۇشۇ سۇ'ئالنى بىر نەچچە كىشىدىن سوراپ باقتىم. بىرسى دىدى:"ئۆي"، يەنە بىرسى دىدى "قوي".
ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى تولۇق بولمىغان تەقدىردىمۇ، خاتا ئەمەس.
بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا -ئالماشتۇرۇش قىممىتى بار نەرسىنىڭ ھەممىسى بايلىقتۇر!
كۆپىنچە كىشىلەر بايلىق ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەندە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا "قەغەز پۇل" كىلىدۇ. قەغەز پۇل بايلىقنىڭ ئەڭ ئاسان ئىپادىلىنىدىغان شەكلى بولۇپ زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، "دەرھاللا يىگىلى بولىدىغان ئاش"تۇر.
ئالتۇن-كۈمۈش، تىللا-ياقۇتلارمۇ بايلىقنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئەمما ئۇنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىشتۇر بۇرۇن -ئلدى بىلەن قەغەز پۇلغا ئايلاندۇرۇش كىرەك. دىمەك، قولايلىغى جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ - قەغەز پۇلدىن كىيىن تۇرىدۇ. قەغەز-پۇل بىلەن ئالتۇن-كۈمۈش گەرچە بايلىقنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسدامۇنداق پەرق بار:
قەغەز پۇلنىڭ سىتىۋىلىش كۈچى- ئومۇمى ئقتىسادتىكى قەغەز پۇلنىڭ مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  مۇبادا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا ياكى تۇرغۇن بولسا، ئىقتىسادنى سىلجىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مۇھىم بىر تەدبىر - قەغەز پۇلنى كۆپلەپ تارقىتىش بولىدۇ.  بۇ خىل ھەركەتنىڭ نەتىجىسىدە، پۇل پاخاللىغى كىلىپ چىقىدۇ.  مۇنداقچە ئيتقاندا، قەغەز پۇلنىڭ سىتىۋىلىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.
ئالتۇن-كۈمۇشنىڭ قىممتى ئادەتتە ئىجتىما'ى، سىياسى ۋە ئقتىسادى شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قەت'ئى نەزەر، مۇ'ئەييەن دەرىجىدە ئۆز قىممىتىنى يەنى سىتىۋىلىش كۈچىنى ساقلايدۇ. شۇڭا ئاتىلىرىمىز ئالتۇن-كۈمۈشنى "ئۆلمەس ئاش، پىششىق ئاش" دەپ ئاتاپ كىلىشكەن.  ئۇندىن سىرت، ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ بازىرى دۇنياۋىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئنسان چۈشىنىدىغان ئقتىسادى ئورتاق تىللىق" خۇسۇسىيىتى بار.
چۈنكى، ئھتىياجلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ. ،شۇڭا، تارىختىن بۇيان ئۆز بايلىقىنىڭ يوقالماسلىغىنى ئۈمىت قىلىدىغان كىشىلەر، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، "ئالتۇن-كۈمۇش" ساقلاپ كەلگەن. 
تۇرالغۇ-جاي ۋە باشقا مۇقىم مۈلۈكمۈ بايلىقنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئەمما زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنى مۇۋاپىق قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، مەيلى ئالتۇن-كۈمۈش بولسۇن ۋە ياكى قەغەز پۇل بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى -"پۇلدۇر"!. بۇنىڭدىن يۈزەكى ھالدا، "بايلىق- پۇل دىمەكتۇر!" دىگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ. ئەمما تۇرمۇشىمىزدىكى ئىقتىسادى پا'ئالىيەتلىرىمىزنى كۈزەتسەك، كۆرۈۋىلىشىمىز تەس ئەمەسكى،
پۇلنىڭ ئۆزى -ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسىدۇر. كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلار- "پۇل ئارقىلىق ئەمىليەتتە كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ ئەمگىگىنى ئالماشتۇرىدۇ" دىيىشىدۇ.  يەنى، كىشىلەرنىڭ ئىستىمال ئىھتىياجانى قاندۇرۇشتا پۇل ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ.دىمەك، بايلىقنىڭ شەكىللىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى يەنى قىممىتى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى بىر تۈرلۇك قىلىپ ئىيتقاندا، بايلىقنىڭ ۋاقىت قىممىتى بولىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن   ، بايلىقى بار ئادەم ئۈچۈن مۇنداق ئىككى ئىش مۇھىم: 1) بايلىقنىڭ قىممىتىنى ساقلاش 2) بايلىقنىڭ قىممىتىنى زورايتىش

(داۋامى بار)

0

تېما

0

دوست

1438

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7576
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 349
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 14:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ    پۇل   توغورلۇق  گەپ   بۇلسا   ياكى   ئۆزەمنى   پۇلغا  ھەددىدىن   زىيادە   ئۇرۇپ    كېتۋاتقان  چاغلىرىمدا   تولۇق  ئوتتۇردىكى  بىر  خېميە  ئۇقۇتقۇچمىز  دېگەن  «  پۇل   ھاكىميەتنىڭ   قەغەزگە   بېسىلغان  تامغىسى «   دېگەن   گېپى   دەرھال   ئېسىمگە  كېلدۇ   -دە  ، كاللامغا  بىر چىلەك   سۇ   قۇيلۇپ   كەتكەندەك   سەگىپ   كېتمەن   ،   بۇ   سۆز  ماڭا  شۇنچە   يىللاردىن  بېرى   ھەمرا  بۇلۇپ   ،   پۇلغا  ئۈزلۈكسىز    سەگەكلىك   بىلەن  مۇئامىلە  قىلىش  كېرەكلىكنى   ئەسكەرتىپ   كەلدى   .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

17

تېما

0

دوست

7352

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1688
تۆھپە : 1121
توردىكى ۋاقتى: 653
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 14:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پۇل   ھاكىميەتنىڭ   قەغەزگە   بېسىلغان  تامغىسى .
نىمە دىگەن ئىسىل گەپ ھە....
ھەقىقەت ئىگىلىدۇ،سۇنمايدۇ.........

0

تېما

0

دوست

562

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8535
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 17:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال پۇل تاپ......................................

8

تېما

2

دوست

2101

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8497
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 450
تۆھپە : 335
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 19:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايلىققا بولغان تونۇشنىڭ توغرا بولمىغانلىق سەۋەبىدىنمۇ < بەخت ئىچىدىكى نەختسىىزلەر> مۇ بار .  ئادەم ئالدى بىلەن نىمىنىڭ ھەقىقى بەخت ئىكەنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى كېرەك .  قەيسەر مىجىت قېرىندىشىمىزنىڭ  ئەجرىگە رەھمەت .

0

تېما

1

دوست

1643

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5212
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 359
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 23:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[blockquote][blockquote][blockquote][blockquote][blockquote]
 bayliq ustide elip barghan tepekkuring gha kop rehmet, dawamini
kutimiz
 
[/blockquote][/blockquote][/blockquote][/blockquote][/blockquote]

1

تېما

0

دوست

1523

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3400
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 362
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 253
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 23:47:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما.بۇلۇپمۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي  پايدىلىنىش قىممىتى بار.داۋامىغا تەشنا بىز.
تەۋپىق روھى مەڭگۈ نۇر چاچسۇن!

0

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8286
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 02:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمايوللاپسىز قەيسەرجان مىجىت،بايلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقېىنىمىز بىلەن بايلىققا بولغان چۈشەنچىمىز تېخى چولتا ئىكەن ، بايلىققا بولغان چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىزنى پات-پات يوللاپ تۇرسىڭىز بىزمۇ پات-پات كۆرۈپتۇرساق،بولۇپمۇ مەندەك بايلىق ئىزدەۋاتقان ياشلار بايلىقنىڭ نىمەلىكىنى چوڭقۇرراق چۈشەنمىسەك بولمايدۇ دەڭە....
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

4

تېما

0

دوست

6366

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1527
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 09:44:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز غايەت زور ئىقتىسادقا مۇھتاج!! ئىقتىساد بولمىسا سىياسەت يۈرۈشمەيدۇ،گەپ ھېچيەرگە ئۆتمەيدۇ.بىز پۇلغا توغرا مۇئامىلە قىلايلى !

قەيسەر مىجىت ئەپەندىمنىڭ تېمىسىغا رەھمەت! داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق(ھارمىغايسىز)

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 830
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 09:51:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسادى ساھسە بىز ئۇچۇن بىر بوشلۇق بۇلۇپ ،بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىرىش ئەھمىيەتلىك ئەمگەك  ھىساپلىنىدۇ . چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئالىم لىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىلىرى بىزگە بەكمۇ زورور .
   بايلق بىرحىل روھى ھالەت . ئۇنى ماددى نەرسىلەر بىلەن ئولچەش ،نوۋەتتىكى بايلق چۇشەنچىلىرىگە توعرا كەلمەيدۇ . يەنى روھىڭدا بايلق بولسا سەن باي ، روھىڭدا بايلق بولمىسا بايلىىقىڭ  بولعان بىلەن سەن ئوحشاشلا گاداي . ماددى بايلق ئىككى حىل بۇلۇپ ،بىرى نەقپۇل ،يەنە بىرى مەبلەع ، مال-مۇلۇكنىڭ پۇل بىلەن ئىپادىكلىنىشى مەبلەع بۇلىدۇ ، نەق پۇل(قەعەزپۇل) زامان ماكاننىڭ تەسىرگە ئۇچىرايدىعان بولعاچقا ھەممەجايدا بايلق بۇلالمايدۇ . ئەمما ھازىر شەكىلسىز مۇلۇكمۇ(فاتىنىت ھوقوقى، پاي ھوقۇقى ) بايلق ھىساپلىنىدىعان بولدى .
    ئاحرعا تەشنامىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )