نەتىجەۋە مۇكاپات
قاسىم سىدىق
«يىڭى نەتىجە» ــــ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزى.بىزنىڭ دىققەت مەركىزىمىزدە «مۇكاپات» ئەمەس «نەتىجە» تۇرۇشى كىرەك.مەيلى ئۇ دۇنياۋى نەتىجە ياكى مەھەللىۋى نەتىجە،مەيلى چوڭ ياكى كىچىك نەتىجە بولسۇن.بىزدە ئالدى بىلەن «نەتىجە»گە ئىنتىلىدىغان يۈرەك،«نەتىجە»نى كۇرۇپ،دەڭسىيەلەيدىغان كۇز بولىشى لازىم. نەتىجىلەر ئالدىدىدا «مۇكاپات »كۈڭۈل بۈلۈپ كىتىشكە ئەرزىمەيدىغان بېزەك بۇيۇمىدىن ئىبارەت.نەتىجىسى يوق مىللەت شۇساھەدە ئۈزى يوق مىللەتتۇر.بۇنداق مىللەت تەقلىتچى سۈپىتىدە ،باشقىلارنىڭ كەمتۈك ۋارىيانتى سۈپىتىدەمەۋجۇت.بۇنداق مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. «يىڭى نەتىجە» ئەلۋەتتە كۈپ ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ.لىكىن ئىلىم-پەن سىرلىقلاشتۇرۇش بىلەن كىلىشەلمەيدۇ.تەتقىقات ئۇسۇلىغا ئۈلۈك رامكا بىكىتىشكىمۇ بولمايدۇ.ئوخشىمىغان يوللاردا مىڭىپ سىناپ بېقىش كىرەك.
«يىڭى نەتىجە»ھەممىدىن مۇھىم ،يىڭى نەتىجىنىڭ مەيدانغا كىلىش جەريانى بەزىدە كۈتۈلمىگەن،بىزنىڭ تەساۋۋۇرىمىزدىن ھالقىغان ھالەتتە يۈز بىرىشىمۇ مۈمكىن.مانا بۇ«خاتالىقتىن كىلپ چىققان نوبىل مۇكاپاتى»دىگەن تېما بۇ نۇقتىنەزەرنى قوللايدۇ.رىنتىگىننىڭ xنۇرىنى بايقىشىنىمۇ مۇشۇنداق تەسادىپى جەريان دىيىشكە بولىدۇ.ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇۋىلىپ توشقان تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقىنىم يوق.بىز تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىش يوللىرىنىڭ كۈپ خىللىغىنى تەكىتلىشىمىز كىرەك.ھەممەيلەن بىرلا خىل قىلىپلىشپ كەتكەن يولغا كىرىۋالسا يىڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى ئاز ۋە ھەتتا يوق بولىدۇ.
ھە دىسىلا نوبىل مۇكاپاتىنى تەكىتلەش،بۇ مۇكاپاتنى ئىلمى ھەقىقەتلەرنىڭ ئۈلچىمى دەپ قارىۋىلىش ،ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە چۇقۇنۇش توغرا ئەمەس.ئىلىم-پەننىڭ تۈپ مەقسىدى مۇكاپات ئەمەس بەلكى ئىلمى ھەقىقەتكە ئىرىشىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتۇر.مۇكاپاتلانغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىلا شەك-شۈبھىسىز ئىلمى ھەقىقەت دەپ قارىۋىلىشنىڭ ئۈزى ئىلمى بولمىغان پۇزىتسىيەدۇر.تارىخنىڭ سىنىغىغا بەرداشلىق بىرەلىگەن نەتىجىلەرلا بىر قەدەر توغرا بولغان نەتىجە دەپ قاراش مىنىڭچە توغرا قاراشتىن ئىبارەت.ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ــ جۈملىدىن نوبىل مۇكاپاتىغىمۇ ھەر بىر كونكىرىتلىقتا رۇشەن دەۋىر تامغىسى بىسىلغان بولىدۇ.ئۇزۇن تارىخى مۇساپىلەردە بۇ تامغا خۇنۈكلىشىپ كىتىشى مۈمكىن.ئىلمى روھ،ئىلمى ئىزدىنىشلەرنى «مۇكاپات»بۈشۈگىگە بۈلىگىلى بولمايدۇ.نۈۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئاز بولمىغان كەسىپ ئىگىلىرى يىڭى بىر نۈۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ مەيدانغا كىلىدىغانلىغىدىن،بۇنداق ئىنقىلاپ فىزىكىدىكى كىلىشتۈرگۈسىز زىددىيەتلەر ۋەجىدىن يۈز بىرىدىغانلىغىدىن بىشارەت بەرمەكتە.شۇسى ئېنىقكى ،بىر قىتىملىق پەن-تخنىكا ئىنقىلاۋى ــــــــــ مەيلى ئۇ بۇرۇن ياكى كىيىن كىلىشىدىن قەتئىنەزەر ــــ ئالدىنقى دەۋىرلەردىكى ئاز بولمىغان«مۇكاپات»لارنى ئاسارە-ئەتىقەگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ھازىر تەبىئەت پەنلىرىدە ھەرقانداق بىر پەننىڭ مۇكەممەل رامكىسى قۇرۇلۇپ بولغىنى يوق.
ھەر تەرەپلىمە قارىغاندا ئۇيغۇر جەمىيىتى تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان«نەتىجە» شەيدالىغىغا بىرىلىشى كىرەككى،«مۇكاپات»شەيدالىغىغا بىرىلمەسلىگى كىرەك.ئالدى بىلەن بىز تارقىتىش ھوقۇقى ئەسلا بىزدە بولمىغان ئاللىقانداقتۇر «مۇكاپات»لار ئۈچۈن باش قاتۇرماي،«يىڭى نەتىجە»لەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ۋە ئىلمى باھالاش ئېقتىدارىمىزنى ئۈستۈرۈشىمىز كىرەك.مەن بىر قانچە يىلدىن بىرى شۇنى ھىس قىلدىمكى بىزدە بۇنداق ئېقتىدار تولىمۇ كەمچىل ئىكەن.بىزنىڭ ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۈرگەن خىلى چوڭ ئىلمى قالپاقلارغا ئىگە بىر قىسىم زىيالىلىرىمىزدا مۇستەقىل ھۈكۈم قىلىش ئېقتىدارى تولىمۇ كەمچىل ئىكەن.مانا بۇ بىرمىللەتنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىغا نىسبەتەن كىشىنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈدىغان مەنزىرە.
مۇستەقىل ھۈكۈم قىلىش ئېقتىدارى ــــــــــ موھىمنىڭ مۇھىمى،مەۋجۈتلۈكنىڭ ئەڭ ئالى شەكلى.«ئۈزى بولۇش» ـــــــ بىزنىڭ ئىلگىرلىشىمىزدىكى ئالدىنقى شەرىت.ئۈزىنىڭ مۇستەقىل نەتىجىسى بولۇش،ئۈزىنىڭ نەتىجىلەرنى دىتلاش ساپاسى بولۇش،ئۈزىنىڭ ئىلمى تەنقىت ئىدىيىسى بولۇش قاتارلىقلار ـ «ئۈزى بولۇش»نىڭ كونكىرىت مەزمۇنلىرىدۇر.
|