قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3440|ئىنكاس: 18

مۇنبەر  باشقۇرغۇچىلار كوللىكتىپىنى قۇرۇشقا بولغان تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەلقوندى

41

تېما

2

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  404
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5160
تۆھپە : 3321
توردىكى ۋاقتى: 3195
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 11:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
         باغداش مۇنبىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغاندىن كېيىن نۇرغۇن كونا يېڭى تورداشلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ باغداش مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھەم باشقۇرغۇچى ، مۇخبىر ، تەرجىمان قاتارلىقلارغا ئۆزىنى ۋەياكى باشقا مۇنبەرداشلارنى نامزات كۆرسەتكەنمۇ بولدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىنغىنى باشقۇرغۇچىلىق نامزاتى بولدى ، باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشنى خالايدىغان يېڭى نامزاتلارمۇ خېلى كۆپ بارلىققا كەلدى ، ھەم شۇنداقلا مۇنبىرىمىزنىڭ پېشقەدەم باشقۇرغۇچىلىرىنى داۋاملىق ئۆز خىزمىتىنى قىلسا دېگەن ئۈمىدتە ئۇلارمۇ قايتا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى ، ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ، پېشقەدەم باشقۇرغۇچىلارنىڭ  ئىلگىركى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكنى ھەم ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
         مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىقى بولسا پۈتۈنلەي خالىسانە ، ئىشتىن سىرت ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت بولغاچقا باشقۇرغۇچى بولغان ئادەم چوقۇم ئۆزىنىڭ بىرىنچى كەسپىدىن باشقا ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ تېما تەستىقلاش ، تەھرىرلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا پېشقەدەم باشقۇرغۇچىلىرىمىزدىن كۈندىلىك خىزمىتى بىرقەدەر ئالدىراشلار ، ئۆزىنىڭ مۇنبەرنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالماي باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىيالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ داۋاملىق باشقۇرغۇچى بولۇشنى چىرايلىق رەت قىلىدىغانلارمۇ بولدى . ئەلۋەتتە مۇنبەرداشلار بۇتورداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىمىز .
       مەن يوقاردىكى ئەھۋاللانى ئويلىنىپ كۆرۈپ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلا گۇرۇپپىسىنى تۆۋەندىكىدەك تەشكىللەشنى توغرا تاپتىم .
باشقۇرغۇچىلارنى قاتلام بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش :
      بېكەت قۇرغۇچىلار ئەلۋەتتە ئەڭ ئالىي تولۇق ھوقۇقلۇق باشقۇرغۇچى بولىدۇ ، مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ.
      تۈر باشقۇرغۇچىلىرى:
ساناپ باقسام مۇنبىرىمىزدە جەمئىي ئالتە تۈر باركەن(مۇنبەر ئىشخانىسىدىن باشقا) ، بىز ھەربىر تۈرگە بىردىن سەھىپە باشقۇرغۇچى قويساق بۇۋەزىپىنى مېنىڭچە يەنە شۇ بىزنىڭ پېشقەدەم مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆززىممىسىگە ئالسا ياخشى بولاتتى.چۈنكى  تۇرمۇش ھەم كەسىپكە بىرقەدەر پىشقان ئەزالار بۇ ئورۇنغا قويۇلسا مۇنبەر قۇرغۇچىلىرى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ سەھىپە باشلىقلىرىنىڭ تېما تەستىقلىشىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلانغان بولاتتى.
     سەھىپە باشقۇرغۇچىلىرى :
ھەربىر تۈر ئاستىدا بىرقانچە سەھىپە بار بولۇپ ، بۇسەھىپىلەرگە يەنە ئايرىم باشقۇرغۇچى بەلگىلەنسە بولىدۇ.  ئادەتتە تېما تەستىقلاش ، تەھرىرلەش ئىشلىرىنى سەھىپە باشلىقلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. ئەگەردە سەھىپە باشلىقلىرى تەستىقلاشتا ئىككىلىنىپ قالغان تېمىلار بولسا تۈر باشلىقىغا خەۋەرقىلىپ مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن قارار چىقىرىلسا ، بۇنداق بولغاندا مۇنبىرىمىزنىڭ تېما سانى ھەم سۈپىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە بەلگىلىك ئاكتىپ تەسىرى بولاتتى دەپ قارايمەن .
    يوقاردا ئۆزەمنىڭ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىقىغا بولغان ئازتولا ئويلىغانلىرىمنى تاقا-تۇقا قىلىپلا سۆزلەپ قويدۇم . ئەمدى تۆۋەندە ئۆزەمنى باشقۇرغۇچىلىق نامزاتىغا كۆرسىتىپ ئازتولا ئارقا ئىشىك قىلىۋېلىشىمغا يول قويۇڭلار ھە !
          مەن ئەلقوندى يوقاردا دىگەنلىلىرىم بويىچە تۈر « بىلم غەزىنىسى » ئاستىدىكى سەھىپە«كومپيوتېر ئۇچۇرلىرى»،«كومپىيوتىردىن سوئال-جاۋاب»،«يۇمشاق دېتال باغچىسى » قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىگە سەھىپە  باشلىقى بولۇشنى خالايمەن . ئۆزەم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ، مېنىڭ گەپ-سۆز ، ئىش - ھەرىكەتلىرىمدىن باشقىلار زەررىچە نەپكە ئېرىشسە ئالەمچە خۇشال بولىدىغان(نۇرغۇن دوسلۇرۇم ھايات لېيفىڭ دەپ ئاتمۇ قويۇۋالغان تېخى) كىشى بولغاچقا ، تورداشلارغا كومپىيوتىربىلىملىرىنى كېڭەيتىشنى ، كومپيوتېر توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا ، خەنزۇچە بېكەتلەردىن چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاددى تىللار بىلەن جاۋاب بېرىپ كوپىيوتىردىن ئىبارەت بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار ئەڭ مودا پەن تېخنىكا مەھسۇلاتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كومپىيوتىردىن پايدىلىنىپ يىراقنى يېقىن ، قىيىن ئىشنى ئاسان قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش مەقسىتىدە مۇشۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشنى قارار تاپتىم . ئەلۋەتتە باغداش مۇنبىرىمىزدە كومپيوتېر بىلىملىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قامداۋاتقان باشقا ئەزالىرىمىزمۇ بار ئۇلارنىڭمۇ بۇسەپكە قوتۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 

http://risaletmerdan.blogbus.

58

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6204
تۆھپە : 4009
توردىكى ۋاقتى: 4240
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 13:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقوندىنىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىدىن جىق نەپ ئېلىۋاتىمەن، باشقۇرغۇچى بولسىڭىز بولىدۇ جۇمۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

38

تېما

0

دوست

3114

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  220
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 744
تۆھپە : 457
توردىكى ۋاقتى: 443
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 14:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:مۇنبەر  باشقۇرغۇچىلار كوللىكتىپىنى قۇرۇشقا بولغان تەكلىپ

 مەن ئەلقوندى يوقاردا دىگەنلىلىرىم بويىچە تۈر « بىلم غەزىنىسى » ئاستىدىكى سەھىپە«كومپيوتېر ئۇچۇرلىرى»،«كومپىيوتىردىن سوئال-جاۋاب»،«يۇمشاق دېتال باغچىسى » قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىگە سەھىپە  باشلىقى بولۇشنى خالايمەن . ئۆزەم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ، مېنىڭ گەپ-سۆز ، ئىش - ھەرىكەتلىرىمدىن باشقىلار زەررىچە نەپكە ئېرىشسە ئالەمچە خۇشال بولىدىغان(نۇرغۇن دوسلۇرۇم ھايات لېيفىڭ دەپ ئاتمۇ قويۇۋالغان تېخى) كىشى بولغاچقا ، تورداشلارغا كومپىيوتىربىلىملىرىنى كېڭەيتىشنى ، كومپيوتېر توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا ، خەنزۇچە بېكەتلەردىن چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاددى تىللار بىلەن جاۋاب بېرىپ كوپىيوتىردىن ئىبارەت بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار ئەڭ مودا پەن تېخنىكا مەھسۇلاتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كومپىيوتىردىن پايدىلىنىپ يىراقنى يېقىن ، قىيىن ئىشنى ئاسان قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش مەقسىتىدە مۇشۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشنى قارار تاپتىم . ئەلۋەتتە باغداش مۇنبىرىمىزدە كومپيوتېر بىلىملىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قامداۋاتقان باشقا ئەزالىرىمىزمۇ بار ئۇلارنىڭمۇ بۇسەپكە قوتۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن بۇ كۆز قارىشىڭىزنى قوللايمەن .   سىز باشقۇرغۇچى بولۇپ سايلىنىڭ ياكى سايلىنالماي قېلىڭ بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق . مېنىڭچە سىز يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا كومپىيۇتېرغا ئائىت بىلىملىرىڭىزنى مۇنبەرگە يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى مەن ئۇزۇندىن سىزنىڭ بۇ ھەقتە يوللىغان قىممەتلىك بىلىملىرىڭىزدىن بەھىرلىنىپ كېلىۋاتىمەن .

18

تېما

0

دوست

7410

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1061
توردىكى ۋاقتى: 408
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 15:59:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللايمەن، پىكرىم ئۈستىدىكى تورداش بىلەن ئوخشاش.

1

تېما

0

دوست

5570

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1294
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 16:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان گەپلەرنى قىلىپسىز. ئۆزىڭىزنى دادىللىق بىلەن كۆرسەتكەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم.
باغداش ئەپەندىمنىڭ سىزنى ئويلىنىپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە مۇشۇنداق باغداش مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشالايدىغانلار بولسا، ئۆزەڭلارنى مەلۇم قىلساڭلار؛ ئۆز ئىقتىدارىڭلار ھەم باغداش مۇنبىرىگە بولغان مېھرىڭلار بىلەن دادىللىق بىلەن ئىشلىسەڭلار... ئەتىمىز تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.

88

تېما

0

دوست

9201

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1621
تۆھپە : 1881
توردىكى ۋاقتى: 2948
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 16:33:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقوندى ۋە تورداشلارنىڭ پىكرىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ، مۇنبەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن  ئەلقوندى ئېيتقاندەك ئىلغان بولغان بىر باشقۇرغۇچىلار قوشىنى ئەڭ مۇھىم ، بىز باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغاندىن كېيىن ،تورداشلارنى ئىلتىماسلىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق ،ھەمدە بۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز ،
  ئۇنداقتا بىز مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ تېزلىكتە باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى تەشكىللىپ خىزمەتكە چۈشەيلى .
    تورداشلارنىڭ ھەر ۋاقىت بىزنى قوللاپ تۇرغانلىقىغا كۆپ تەشەككۈر !
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

0

تېما

0

دوست

80

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  773
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 17:39:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوشۇلىمەن بۇ پىكرىڭىزگە .باغداشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى .

16

تېما

0

دوست

4405

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 926
تۆھپە : 733
توردىكى ۋاقتى: 555
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-1 17:52:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغ-داۋانلاردىن  بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيلى ، ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )