قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3742|ئىنكاس: 18

ئېنگلىز تىلى ئۆگېنىش ئۇسۇللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

0

دوست

4706

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  149
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1187
تۆھپە : 630
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 21:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئېنگلىز تىلى ئۆگېنىش ئۇسۇللىرى
1.قىزىقىش  شەكىللەندۈرۈڭ !
ھەر قانداق بىر تىلنى ئۆگىنىشتە قىزىقىشنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ .قىزىقىش بولمايدىكەن بىر تىلىنى ئۆگىنىپ باشقا ئىلىپ چىقىشمۇ تەسكە توختايدۇ.
2.نىشانىڭىز  ۋە  پىلانىڭىز بولسۇن !
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتىكى نىشانىڭىزنىڭ ئېنىق بولىشى ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ غەلبە قىلىشىڭىزنىڭ ئاساسى.مەيلى نىشانىڭىز ماگىستىر ئاسپىرانلىقتا ئوقۇش بولسۇن ياكى مەملىكەتلىك سەۋىيە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ ياخشىراق خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىش بولسۇن ۋە ياكى خەلقئارالىق ئېنگلىزتىلى سەۋىيە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ چەتئەلگە چىقىش ياكى ئوقۇش  بولسۇن ،نىشانىڭىزنىڭ ئېنىق بولىشى ياكى بولماسلىقى ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ ئۈزۈپ چقىىش ياكى چىقالماسلىقىڭىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى .شۇڭا نىمە سەۋەبتىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغانلىقىڭىزغا جاۋاپ تېپىڭ .
3.ئەڭ ياخشى ماتىريالنى تاللاڭ !
خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئۆتۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى دەرسلىك كىتابلارنى تاللاپ ئۆگىنىڭ ! مەسىلەن ، يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى ، كامبىرىج ئىنگلىز تىلى ،  تەجىربە ئىنگلىز تىلى ، يېڭى ئۇپۇق ئىنگلىز تىلى ...دېگەندەك .
4.ئوقۇتقۇچى تاللاڭ!
ئوقۇتقۇچى تاللاشتا بىر قانچە شەرتلەرنى قويۇڭ .مەسىلەن :مەدەنىيەت سەۋىيىسى ،تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭىنىڭ ئۆلچەملىكلىكى ،مەملىكەتلىك ۋە  خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتىھانلىرىدىكى نەتىجىسى ،دەرس ئۆتۈش تارىخى ،دەرس ئۆتۈش مىتودى ،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقلىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكى قاتارلىقلارنىڭ قانداقلىقىنى ياخشى بىلىشىڭىز ۋە ئىگەللىشىڭىز كېرەك .
ئۆگىنىش باسقۇچى :
1.تارتىنماي سۆزلەڭ !
كۆپ ساندىكى چەتئەل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر تارتىنماي سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى توغرا سۆزلىيەلمەسلىك ياكى توغرا تەلەپپۇز قىلالماسلىق .سىز ئۇنداق ئەنسىرەشلەدە بولماڭ !چۈنكى بىر تىلنى ئەڭ تېز ۋە ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايتا -قايتا سۆزلەپ مەشىق قىلىشتا .
2.ھەممە مەنبەدىن پايدىلىنىڭ !
گەرچە سىز بىرەر تىل مەكتىپىتىدە ئىنگلىزتىلىنى ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىزمۇ ،ئۇ سىزنىڭ دەرسخانا سىرتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش پۇرسىتىڭىزنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز ئوقۇتقۇچى ۋە كىتابقىلا  تايىنىپ قالماي باشقا مەنبەلەردىنمۇ  پايدىلىنىڭ . سىز دائىم ئىشلىتىغان كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ ئۈستىگە ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى يېزىپ چاپلاپ قويۇڭ ، ياكى ياتاق ئۆيىڭىزنىڭ تېمىغا چاپلىۋېلىڭ . ھەر كۈنى سەھەر تۇرغاندا بەش مىنۇت ، ياتقاندا بەش مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ . تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز .
3.ئىنگلىز تىلى مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشىڭ !
ئىنگلىز تىلى مۇھىتى يارىتىش ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى .بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگلىز تىلىدا خاتىرە يېزىڭ .ئىنگلىز تىلىدىكى گېزىت - ژۇرناللارنى ۋە كىتابلارنى ئوقۇشقا تىرىشىڭ ،رادىئو پىروگىراممىلىرىنى ئاڭلاڭ ، ئىنگلىز تىلىدىكى خەۋەرلار ۋە كىنولىرىنى كۆرۈڭ . پۇرسەت تىپىپ ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىشكە تىرىشىڭ .ئامال بار ئانا تىلى ئىنگلىزتىلىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىڭ.بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزنىڭ  توغرا بولىشىغا چوڭ ياردىمى بولىدۇ.سىز ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ۋە ئاھاڭىغا قانچىكى يىقىن تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭدا سۆزلىيەلىسىڭىز ،سۆزلىگەندە راھەت ھېس قىلىشتىن سىرت باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇلارنى ئاسان قايىل قىلالايسىز .
4.ئىنگلىز تىلىدىكى كىنو ، تىلىۋىزىيە قاناللىرىنى ۋە پروگىراممىلىرىنى كۆپ كۆرۈڭ !
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىنگلىز تىلىنى كۆڭۈللۈك ھەم ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز ،لۇغەت بايلىقىڭىزنى ئاشۇرالايسىز ھەمدە توغرا تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭغا ئىگە بولالايسىز .
5.ئىنگلىز تىلىدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاڭ !
بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ئەگىشىپ ئوقۇيسىز ،ئەڭ ياخشىسى ناخشا تېكىستىگە قاراپ ئەگىشىپ ئۇقۇش .بۇ خىل ئۇسۇلدىمۇ  ئىنگلىز تىلىنى كۆڭۈللۈك ھەم ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز ،لۇغەت بايلىقىڭىزنى ئاشۇرالايسىز ھەمدە توغرا تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭغا ئىگە بولالايسىز .
6.مەشىق ئىشلەڭ ۋە  ئىمتىھان بېرىڭ !
كۆپ ساندىكى چەتئەل تىلى ئۆگەنگۈچىلەر  مەشىق ئىشلەشنى  ۋە  ئىمتىھان بېرىشنى زېرىكىشلىك دەپ قارايدۇ.لىكىن سىز   مەشىق ئىشلەش  ۋە  ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق  ئىنگلىز تىلى  ئىقتىدارىڭىزنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىڭ .ئىمتىھان سىزنىڭ قاچىلىك ئۆگىنىپ قانچىلىك ئىلگىرلىگەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدىغان سىتىرىلكا.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى سىناپ باقمىسىڭىز ،قانچىلىك ئىلگىرلىگەنلىكىڭىزنى بىلەلمەيسىز . مەشىق ئىشلەش ۋە   ئىمتىھان بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.بۇنداق قىلغاندا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلالايسىز .گىرامماتىكا قىسمىنى ئۆگىنىش ،سۆزلەرنى يادلاش ۋە مەشىقلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرەلەيسىز .
7.ئۆزىڭىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىزنى ئۈنگە ئېلىپ ئاڭلاڭ !
ئۆزىڭىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىزنى mp3  ياكى  mp4 كە ئۈنگە ئېلىپ ئاڭلاڭ .  بۇ ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز.
8. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ .
 بۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ، شۇنداقلا ئەڭ تەس ئىشنىڭ بىرى . بىر كۈن ئۆگىنىپ ئۈچ  كۈن ئارام ئالىدىغان بولسىڭىز بۇ تىلنى ئۆگىنىپ باشقا چىقىشىڭىز قىيىنغا توختايدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئاسان يولى يوق ، ئەمما توغرا يولى بار  ، ئۇ  بولسىمۇ ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش. دەرۋەقە بىر تىلنى 5-6 ئايدا ئۆگىنىپ بىر يەرگە ئاپارغىلىمۇ بولىدۇ . بۇ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا  ، مەلۇم دەرىجىدە تۇغما تالانتىڭىزغىمۇ باغلىق . ئەمما ھەممە ئادەم تالانتلىق بولىۋەرمەيدۇ . كۆپىنچىمىز ئادەتتىكى ئادەملەر ، بىزگە پەقەت ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش يولىلا بار .ئېينىشتىيىننىڭ "ئەگەر تىرىشچانلىق بىلەن تالانتتىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە مەن ئىككىلەنمەي تىرىشچانلىقنى تاللىغان بولاتتىم " دېگەن بىر گېپى بار  . پەقەت سىزلا بوشاشمىسىڭىز باشقىلار قىلالىغان ئىشنى سىزمۇ قىلالايسىز ، باشقىلار ئۆگىنەلىگەن شۇ تىلنى سىزمۇ ئۆگىنەلەيسىز .

18

تېما

0

دوست

7410

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1061
توردىكى ۋاقتى: 408
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 22:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، مەنمۇ شۇ ئوتتەك قىزىپ،......سوۋۇپ دىگەندەك ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ بىرى، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا قىزىقىپ ئۆگەنگەن، ئوقۇتقۇچۇممۇ نوچى ئىدى، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپلا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئىشلەتمىگەندىكىن، ئۈمىدسىزلىنىپ توختاپ قاپتىمەن، ھازىر ئۇنتۇپ بىريەرگە باردىم، لېكىن بىر ئاي ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەە ساياھەتكە بېرىپ، ئايرۇدۇرۇمدا ۋە باشقا جايلاردا ئېنگىلىزتىلىنىڭ قىممىتىنى يەنە قايتا قاتتىق تونۇدۇم، ھازىر يېشىم ئوتتۇزدىن ئاشتى، ئەمما يەنىلا ئۆگەنسەم بولغىدەك دەپ ئىرادىگە كېلىپ، قايتىدىن بېلىمنى باغلىدىم.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 2942
توردىكى ۋاقتى: 2303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 23:09:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   ھەقىقەتەن   ياخشى  ئۇسوللاركەن  ،   تىل  ئۈگۈنۈشتە   ئۈزلۈكسىز  ئۆگۈنۈش  روھى  بولمىسا  بولمايدۇ  .

http://risaletmerdan.blogbus.

58

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6204
تۆھپە : 4009
توردىكى ۋاقتى: 4240
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 02:27:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئېنگىلىز تىلىنى مۇستەھكەملىشىمدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلۇم تەرجىمە قىلىش. تەرجىمە قىلىشتا گەرچە ئېغىز تىلى قابىلىيىتىغا ئانچە تۆھپىسى بولمىسىمۇ، لېكىن يېزىش، ئاڭلاش، ئوقۇش ئىقتىدارلىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆسىدىكەن.

0

تېما

0

دوست

130

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   43.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 130
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2011-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 23:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇرۇن ئۆگەنگەن ،شۇنداق ياخشى باشلاپ كەپلا ئاخىرىنى چىقارماي يېرىم يولدا توختاپ قالدىم، بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئىستىكى يەنە قايتا قوزغالدى، رەخمەت يوللىغۇچىغا
ORIFLAME

0

تېما

0

دوست

896

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  725
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 220
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 02:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدا ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنمەكچى بولغىنىمنى بىلگەندە دادام ماڭا < بالام ، تىل ئۈگىنىش قېيىقنى ئىتتىك ئېقىننىڭ تەتۈر يۆنىلىشىگە قاراپ ھەيدىگەنگە ئوخشايدۇ، قولۋاقنى پالاق بىلەن كۈچەپ ھەيدىسە، ئاز ئازدىن ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ، ئادەتتىكىدەك ھەيدىسە ئالدىغىمۇ ماڭماي ، كەينىگىمۇ كەتمەي بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ، پالاقنى قويىۋەتسە شىددەت بىلەن كەينىگە « ئېقىپ» كېتىدۇ، سىزنىڭ پالاقنى قەتئى كۈچەپ ، توختىماي ھەيدىگىدەك جاسارەت ۋە غەيرىتىڭىز بارمۇ ؟> دىگەن، مەن بۇ تىلنى ئۈگىنىش جەريانىدا دادامنىڭ يوقۇرقى سۆزىنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمىدىم...دادام ھازىر مېنىڭ ئېبگىلىزچىدا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمدىن بەك پەخىرلىنىدۇ...مەن دادامنىڭ قىممەتلىك ھىكمىتىنىڭ ماڭا باشتىن ئاخىر مەدەت بېرىپ كەلگەنلىگىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن!
we'll not go quietly into the night we'll not vanish without a fight

5

تېما

1

دوست

1181

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  769
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 195
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 23:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ پىكىرلەركەن بۇ~
ئېنگىلىسچە ناخشىلارنى ئاڭلاپ ، تېكىسكە قارىماي يېزىپ ، ئېيتىپ ئۆگەنسە ئۈنىمى بەك ياخشى بولىدۇ ~
ئەلۋەتتە، مۇھىمى قىزىقىشتا

18

تېما

0

دوست

7410

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1061
توردىكى ۋاقتى: 408
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 23:32:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىش، ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە ئائىت مەزمونلارنى، قىممەتلىك ماتېرىياللىرىڭىزنى پات-پات يوللاپ تۇرسىڭىز كاتتا ساۋابلىق ئىش قىلغان بولاتتىڭىز، كۆپچىلىك تورداشلار ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟
خەنزۇتىلىنى خېلى يەرگە ئاپاردۇق، مەنچە ئېنگىلىزتىلى ناھايىتى قىزىقارلىق، ئۆگەنگەندىن كېيىن ئادەمدە بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدىغان تىل.ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشايلى، كۆپرەك بىلىدىغانلار بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئايىماڭلار، باغداش تورى ھەقىقىي بىر ئۆگىنىش سالونىغا ئايلانسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )