- تىزىملاتقان
- 2011-10-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 721
- نادىر
- 0
- يازما
- 23
ئۆسۈش
44.2%
|
سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ئىچىش ياكى گۆشىنى يېيىش ۋە سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن دائىم بىللە بولۇش ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىللە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن سىل جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆپكىدە سىل كېسەللىك ئوچىقى شەكىللىنىپ، كلىنىكىدا يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، چۈشتىن كېيىن قىزىش، ئوغرى تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۈندىن – كۈنگە ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يۇقۇملۇق ( سوزۇلما ھالەتتىكى يۇقمايدۇ ) كېسەللىك.
l ) يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
قۇۋۋەتلىگۈچى لەتىف غىزالار ۋە داۋائى غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. ئاقسىل، ۋىتامىن C، ۋىتامىن A ۋە كالتسىي مول بولغان، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سەمرىتىدىغان، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن گۈلقەنت ( كونا گۈلقەنت بولسا تېخىمۇ ياخشى )، ھەسەل، كالا سۈتى، ئۆچكە سۈتى، تۆگە سۈتى، پاقلان گۆشى، توشقان گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، باچكا گۆشى، سامساق، چامغۇر، سەۋزە، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، پىستە مېغىزى، چىلان، بېھى، ئاق قوناق، بۇغداي، گۈرۈچ ۋە ئۇلارنى خام ئەشيا قىلغان ھەرخىل غىزالارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم.
2) يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1) چىلانما: سامساقتىن 250 گرام، ئۆرۈك مېغىزى 50 گرام، ئاق شېكەر l00 گرام، تۇز ئون گرام، ئاچچىقسۇ 250 مىللىلىتىر. سامساقنىڭ سىرتقى پوستىنى ئېلىۋىتىپ، تۇز سۈيىگە 24 سائەت چىلاپ، ئاق شېكەرنى ئاچچىقسۇدا ئېرىتىپ، ئۆرۈك مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، تۇز سۈيىگە چىلانغان سامساق بىلەن بىرلىكتە ئېرىتىلگەن ئاچچىقسۇغا سېلىپ، 15 كۈن تۇرغۇزۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا تاماققا سېلىپ ياكى يالغۇز ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(2) گۈلسامساق تاتلىق ئېشى: گۈلسامساق 20 گرام، يۇمىلاق گۈرۈچ l00 گرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا. گۈلسامساقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن ناۋاتنى سېلىپ تەمى تەڭشىلىپ، كۈندە بىر ۋاخ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(3) سۈتلۈك مېغىز ئېشى: مايدا قورۇلغان ياڭاق مېغىزى 80 گرام، چامغۇر 80 گرام، گۈرۈچ 60 گرام، كالا سۈتى 200 مىللىلىتىر، ئاق شېكەر 20 گرام. ئاۋۋال گۈرۈچنى يۈيۈپ، سۇغا بىر سائەت چىلاپ، ئېلىپ قۇرۇتۇپ، قورۇلغان ياڭاق مېغىزى، پاكىز يۇيۇپ توغرالغان چامغۇر ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ يۇمشاق ئېزىپ، داكا بىلەن قايتا - قايتا سۈزۈپ، سۈيىگە يەنە ئازراق سۇ قوشۇپ، ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ، ئاخىرىدا ئاق شېكەرنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر قېتىم تەييارلاپ چۈشلۈك تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(4) نىشاستە ئۇمىچى: قوي گۆشى 500 گرام، نىشاستە 60 گرام، زەنجىۋىل ئون گرام. قوي گۆشى بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز تازىلاپ، نېپىز توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئۈستىگە نىشاستىنى سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، سۇيۇق ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(5) قوي گۆشى شورپىسى: پاقلان گۆشى l50 گرام، چامغۇر 60 گرام، سەۋزە 50 گرام، چۈچۈكبۇيا 20 گرام، نوقۇت 30 گرام، قىزىلگۈل l5 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. قىزىلگۈل بىلەن پوستى ئاقلىنىپ چالا سوقۇلغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى ئۈچ كىلوگرام سۇدا 20 مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە يالپاق توغرالغان گۆش، سەۋزە، چامغۇر ۋە نوقۇتنى سېلىپ قاينىتىپ، شورپا تەييارلاپ، تۇزىنى تەڭشەپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا نان بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(6) چايلىقلار
① تەركىبى: بېھى 16 گرام، چۈچۈكبۇيان يىلتىزى 6 گرام، ياۋا قولماق 32 گرام.
تەسىرى: ئۆپكە سىلىغا شىپا بولىدۇ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: بېھىدىن باشقىلىرىنى چالا سوقۇپ، ئۈچ چىنە سۇدا قاينىتىپ، دورىنىڭ تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ، چاي ئورنىدا ئىچىلىدۇ.
② تەركىبى: قىزىلگۈل، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيان، ئاق سەندەل، لاچىندانە، ئۈستقۇددۇس، بىنەپشە، ئىت ئۈزۈمى، شاھتەررە، نېلۇپەر، زۇپا ھىندى، پىرسياۋشان 10 گرامدىن.
تەسىرى: ئۆپكە سىلى بىلەن سوزۇلما كاناي ياللۇقىغا شىپا بولىدۇ، سىل قىزىتمىسىنى قايتۇرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا ياكى يىرىكرەك سوقۇپ، ھەر قېتىم 5 ـ 10 گرامدىن بىر چىنە قايناقسۇدا دەملەپ قىزىق ئىچىلىدۇ.
3) يېمەك - ئىچمەك پەرھىزى :
كالا گۆشى، خوشاڭ، بولاق مانتا، لازا، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، چۈچۈمەل ۋە زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
1. نەملىك، پاسكىنىچىلىق، ئاپتاپ چۈشمەيدىغان، ھاۋا ياخشى ئالماشمايدىغان ئورۇنلاردا ياشىماسلىق، بوغىناق، چاڭ – توزاڭلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىدىغان كەسىپلەردىن ساقلىنىش، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان، ياخشى، پاكىز، ھاۋالىق ئورۇنلاردا ياشاش لازىم. نەم جاي ، پاسكىنا ئورۇن، چاڭ – توزاڭلار بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ يامان قوزغاتقۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
2. ئوزۇقلۇق ماددىلىرى تولۇق بولمىغان كەم قۇۋۋەت تاماقلارنى يېمەسلىك، بەلكى تېز سىڭىدىغان، قۇۋۋەت دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تاماقلارنى يېيىش لازىم. قالايمىقان يەۋېرىپ قۇۋۋىتى ھازىمەنى خاراپلاشتۇرۇۋەتسە ئەكسىچە بەدەن ئاجىزلاپ ئاسانلا سىل كېسەللىكىگە مايىللىشىپ قالىدۇ.
3. ھاراق، شاراب، نەشە قاتارلىق مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. ھەددىدىن ئارتۇق ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش لازىم.
5. كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇخلىماسلىق، بەك ئادەم كۆپ ئورۇندا مۇمكىن قەدەر تۇرماسلىق كېرەك.
6. ھەمىشە بۇرۇن ئارقىلىق تىنىش، ئېغىز ئارقىلىق تىنماسلىق كېرەك. ئۆپكىنىڭ پۈتۈن قىسىملىرىغا باراۋەر ھاۋا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر چوڭ – چوڭ تىنىش، ئۇخلىغان چېغىدا ئېغىز بۇرنىنى چۈمكەپ قويماي ئوچۇق قويۇش لازىم.
7. ياتىدىغان ئۆيدە ھېچقانداق ئىس – تۈتۈن بولماسلىقى كېرەك.
8. خام سۈت ئىچمەسلىك، قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
99. تاماق يېگەندە قولىنى، قاچا – قۇمۇچلىرىنى پاكىز يۇيۇش، سىل كېسىلى بارلارنىڭ قاچا – قۇمۇچلىرىنى ئايرىشپ كېرەك. شۇنداقلا سىل كېسىلى بارلار بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يېمەسلىك لازىم.
10. سىل كېسىلى بارلارنىڭ تۈكۈرگەن بەلغەملىرىنى ۋە بەلغەم يوققان لۆڭگىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ياكى پاكىز يۇغاندىن كېيىن داستا قاينىتىۋېتىش كېرەك.
11. سىل كېسىلى بار ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى، نەزلە، زۇكام، يۆتەل ( بولۇپمۇ كۆك يۆتەل)، قىزىلغا ئوخشاش كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا ناھايىتى تېزلىكتە داۋالىتىش، سەل قارىماسلىقى، مەلۇم بەلگىلەر كۆرۈلۈش بىلەنلا دوختۇر ياكى تېۋىپقا كۆرسىتىپ تەكشۈرتىشى لازىم.
سىل كېسەللىكى دەسلەپكى ۋاقتىدىلا چىڭ تۇتۇلۇپ تەلتۈكۈش داۋالىتىلسا ساقىيىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى سىل بولسۇن كېسەل كىشىنى ساپ ھاۋالىق، كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئۆيدە ياتقۇزۇش، بەدەن ئېھتىياجلىق ماددىلارغا باي بولغان كۈچلۈك مايلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى بېرىش لازىم. |
|