قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12982|ئىنكاس: 20

شا مەخسوت ۋاڭ خەزىنىسىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

88

تېما

0

دوست

9201

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1621
تۆھپە : 1881
توردىكى ۋاقتى: 2948
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 04:00:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنىڭ
بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشنىڭ جەريانى
مۇھەممەت يۈسۈپ
[align=justify]

        مەن چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدىكى قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخ – تەزكىرىسى ۋە ۋىلايىتىمىز قۇمۇلنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ، ئۇيغۇر ۋاڭلاردىن كەنجى ۋاڭ شامەخسۇتنىڭ زور مىقداردىكى ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنىڭ قانداق بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىپ يوقالغانلىقىغا دىققەت قىلدىم، ھەم ماتېرىيال كۆرۈش ، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىچە رەتلەپ چىقتىم . كەم قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغان ئەھۋاللار بولسا، بىلگۈچىلەرنىڭ تۈزىتىپ، تولۇقلاپ قويۇشىنى سورايمەن.
         ئاۋۋال كەنجى ئۇيغۇر ۋاڭ شامەخسۇت ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدە قانچىلىك ۋە قانداق بايلىق ، مال-مۈلۈكنىڭ توپلانغانلىقى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى شامەخسۇتقىچە داۋاملىشىپ، توققۇز ئەۋلاد، 233يىل جەريانىدا ۋاڭلىق خەزىنىسىگە ناھايىتى زور ئالتۇن- كۈمۈش ۋە باشقا زور مىقداردا مال- دۇنيا توپلانغان. گەرچە توققۇز ئەۋلاد داۋاملاشقان قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئالتۇن- كۈمۈش خەزىنىسى ۋە باشقا مال- دۇنياسى ۋاڭلىق تۈزۈم قائىدىسى بويىچە سۇيۇرغال بولۇپ، ئەۋلادتىن- ئەۋلاد مىراس قېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، 7-ئەۋلاد ۋاڭ مۇھەممەت بشىرنىڭ زامانىسىدا، 8-ئەۋلاد ۋاڭ غولام مۇھەممەت (تۇغما پالەچ بولغاچقا، ۋاڭلىق ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى مېھرىبانۇ يۈرگۈزگەن)زامانىسىدىكى دايۈەنشۈەي يېغىلىقى ۋە بەييەنخۇ يېغىلىقىدا ۋاڭ ئوردىسى ۋە خەزىنىسى ئىككى قېتىم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇقداپ قويۇلغان. 9-ئەۋلاد ۋاڭ شامەخسۇت زامانىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغانلىقى ، شامەخسۇتقا قاراشلىق نوپۇس، يەر-زېمىن، چارۋا كۆپەيگەنلىكى ، شامەخسۇت ۋاڭ سودا- سېتىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپلا قالماي، خەلقنى ئېزىش- ئېكسپېلاتاتسىيە قىلىشنى ھەدەپ كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كىرىم دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن ۋە كۆپەيگەن. شۇڭا، خەزىنىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش ھەم باشقا مال-دۇنيا ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشقان. شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى قۇمۇلغا نىسبەتەن « ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت » ( ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت) بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بولسا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭكىدىن تەخمىنەن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەن . ھەتتا، شىنجاڭ بويىچە باشقا ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى مىنگو دەۋرىگىچە داۋاملاشقان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق يەرلىك ۋاڭلاردىن ھېچكىممۇ شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تەڭلىشەلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن.
        شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى خەزىنىسىدە زادى قانچىلىك ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا مال-دۇنيانىڭ بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرىدا ياكى ئەھۋال بىلگۈچىلەرنىڭ تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرىدا ئېنىق مەلۇمات يوق . مەرھۇم ئەزىز نىيازنىڭ ئەسلىمىسىدىكى شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىنىڭ چوڭ تەيجىسى، خەزىنىنىڭ باش غوجىدارى يۈسۈپ جۈبەيرىنىڭ ئوغلى مەۋۇپبەگنىڭ ئېيتىشىچە، «تۇلۇم ھەم كومزەكلەر ۋە پولات ساندۇقلاردا ساقلانغان ئالتۇن تەخمىنەن بىرەر توننا بار. ئېسىل گۆھەر، مەرۋايىت، ياقۇتلار، شۇنىڭدەك تاختىلانغان كۈمۈش مىقدارى 10توننىدىن ئارتۇق » دېگەن مۇھىم ئۇچۇردىن باشقا مەلۇمات يوق (1) . شامەخسۇت ۋاڭ خەزىنىسىدە تەخمىنەن بىر توننا ئالتۇن، 10توننىدىن ئارتۇق كۈمۈشتىن باشقا، يەنە ئىنتايىن كۆپ مىقدارداباشقا مال-مۈلۈك بولغان. 1920-يىللارنىڭ باشلىرىدا «32مىڭ 250مو تېرىلغۇ يەر، 25ئورۇندا كارىز، 150مىڭ قوي، 18مىڭ 900كالا-تۆگە، 16ئورۇندا باغ،18ئورۇندا تۈگمەن –موپاڭ ،بىر ئورۇندا كۆمۈركان بولغان، سودا مەبلىغى بىر مىليون 640مىڭ سەر كۈمۈش پۇلغا يەتكەن » (2) . شامەخسۇت ۋاڭنىڭ بۇلاردىن باشقا، ئۈرۈمچىدە سېتىۋالغان 150مو يېرى ۋە تۇرپان، پىچاندىنمۇ 3000مو تېرىلغۇ يېرى ۋە كارىزى بولغان. يۇقىرىقى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا ئىنتايىن كۆپ مال-دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كەنجى ئۇيغۇر ۋاڭ شامەخسۇت دەۋرىدە توپلانغان.
         تۆۋەندە شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنىڭ بۇلىنىش- يوقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى :
شامەخسۇت 1930-يىلى 6-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئوغلى نەزەر شامەخسۇتنىڭ قىرقى نەزىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىدىن « ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئۆمىكى » نى باشلاپ ئۈرۈمچىگە چىقتى ھەمدە ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېنغا زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەت باھالىق ماددىي نەرسە –كېرەكلەرنى سوۋغا قىلىپمۇ، ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىدىن ئېتىراپ قىلدۇرالماي ۋە تەستىقلىتالماي، 1934-يىلى قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپ، 10-ئايدا ئەپيۈننى كۆپ مىقداردا چېكىۋېلىپ ، زەھەرلىنىپ ئۆلدى. ئۇنىڭ جىن شۇرېنغا سوۋغا قىلغان ئالتۇن « ( گۇاڭدۇڭ زىقچە ئالتۇنى ) 70زىق بولۇپ ، بىر زىخچىسى 12سەردىن جەمئىي 840سەر ، كۈمۈش ( تاختىلانغان كۈمۈش ) 100دانە بولۇپ، بىر تاختىسى 80سەردىن 8000سەر » (3) .
بۇ شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، خەزىنىدىن بىرىنچى قېتىم چىقىم قىلىنغان ئالتۇن-كۈمۈش بولغان. بۇندىن باشقا خەزىنىدىن ھېچقانداق چىقىم قىلىنماي، شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلگەن .
         شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپات بولۇپ ، بىر يىل بولماي، 1931-يىلى 4- ئايدا قۇمۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىدى. بۇ قوزغىلاڭنى قۇمۇلدىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت باستۇرۇشتا دەسلەپتە مەغلۇپ بولدى. ئۆلكىلىك جىن شۇرېن  ھۆكۈمىتى دەسلەپتە جۇرۇيچى شىجاڭ، شيۇڭ فايۇ تۇەنجاڭ باشچىلىقىدا قوشۇن ئەۋەتتى. شيۇڭ فايۇ  تۈەنجاڭلىقىدىكى قوشۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت جايلاشقان كونا شەھەردە ئۈچ ئاي قورشاۋدا قالغاندا، ئۈرۈمچىدىن ئىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش ئەمەلدارى جاڭ پىييۈەن باشچىلىقىدىكى قوشۇن قۇمۇل شەھەر ئەتراپىغا 10-ئاينىڭ 19-كۈنى يېتىپ كېلىشتىن 2-1كۈن بۇرۇن ، لياۋدۇڭ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ يارىلانغان ماجۇڭيىڭ ئەنشىگە كەتكەن ۋە خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭمۇ لياۋدۇڭدىن چېكىنگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان قۇمۇلنىڭ بارلىق يېزا-كەنتىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تاغقا قېچىپ چىققان. دەل مۇشۇ چاغدا جاڭ پىييۈەن باشچىلىقىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قوشۇنى قۇمۇلغا يېتىپ كېلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇمۇلغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كېلىپ ، كونا شەھەردە قامىلىپ ياتقان شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرىگە مەدەت بولغان.
 كونا شەھەردە تۇرۇۋاتقان شيۇڭ فايۇ تۇەنجاڭ بولغان ئۆلكە قوشۇنى ئادەمسىز قۇرۇق قالغان شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى شامەخسۇت ئوردىسىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن بېسىپ كىرگەن.
          شامەخسۇت ۋاڭنىڭ خەزىنىسىدىن نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا مال- دۇنيانىڭ توپلانغانلىقىنىڭ داڭقى پۈتۈن شىنجاڭغا پۇر كەتكەن. جىن شۇرېن ئۆلكە رەئىسى بولۇپلا ھەدەپ ھەربىي چىقىمنى ئاشۇرغانلىقتىن، ئۆلكە مالىيسىمۇ قۇرۇقدىلىنىپ قالغاچقا، شامەخسۇت ۋاڭنىڭ مال-دۇنياسىغا ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېننىڭ كۆزى چۈشكەن . قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن شيۇڭ فايۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئوردېنى بۇلاش جەريانىنى ۋىلايىتىمىزدىكى پېشقەدەم ئاخباراتچى، تارىخ- تەزكىرىچى فەن چېڭچۈ مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى شيۇڭ فايۇ قوشۇنى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا قۇمۇلغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭغا « پۇرسەت تېپىپ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ < ئالتۇن قۇدۇقى > نى تېپىڭلار ، دەپ مەخپىي بۇيرۇق بەرگەن. لېكىن، شيۇڭ فايۇ قوشۇنى ئوردىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنىڭ ئورنى ، كىرىش ئېغىزى ۋە يوشۇرۇن ئېتىلگەن بەلگىسىنى بىلمىگەن بولغاچقا، ئەسكەرلەر ئوردېنىڭ ئىچىدىن قالايمىقان ئۇ يەر – بۇيەرنى 1-2مېتىر كولاپ ، ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تاپالماي جىن شۇرېننىڭ بۇ مەخپىي بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا ئامالسىز قالغان. ئۇلار نۇرغۇن ئامال-چارە قىلىپ، ۋاڭ ئوردىسنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان بىر ئادەمنى تېپىپ، ئۇنى ئالداش ۋە قورقۇتۇش ، تەھدىت سېلىش ۋە نۇرغۇن پۇل ۋە سوۋغا بېرىش ئارقىلىق خەزىنىگە كىرىش ئېغىزىنى ئېيتقۇزغان. بۇ خەزىنە ئوردىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدا بولۇپ، خەزىنىنىڭ چىقىش ئېغىزى نەزەرنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەر ئاستىغا توغرىلىنىپ، يوشۇرۇن قاراڭغۇ يول بىلەن بۇ خەزىنىگە كىرگىلى بولىدىكەن. شيۇڭ فايۇنىڭ ئەسكەرلىرى خەزىنىگە كىرىپ، ئىككى قەۋەتلىك خەزىنىدىكى ئىنتايىن كۆپ زىقچە ئالتۇن، پارچە ئالتۇن، ئالتۇن يامبۇ ، تىللا، ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەرنى كۆرۈپ ھاڭ –تاڭ بولۇپ قېتىپلا قالغان. گۇاڭدۇڭدا قۇيۇلغان ، بىر دانىسى 12سەردىن زىقچە ئالتۇن، چوڭ بىر پارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى 400سەر دەپ بەلگە قويۇلغان رۇسىيە ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كېسەك ئالتۇنى، بېيجىڭ ، ئىچكى موڭغۇل ۋە خېشى ئەتراپلىرىدا قۇيۇلغان ئالتۇن يامبۇ ۋە ئىران ، رۇسىيىدە ئىشلىگەن نۇرغۇن تىللا بار ئىكەن يەنە ئالتاي ۋە قەشقەردىن چىققان ، سېرىق ۋە قىزغۇچ ئىككى خىل رەڭلىك قۇم ئالتۇن بىر رەخت خالتىغا سېلىنغانىكەن » . شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىگە كىرىپ، بۇ بايلىقلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئوردېنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كۈمۈش خەزىنىسى ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت خەزىنىسىنىمۇ تاپقان. كۈمۈش خەزىنىسىدە قەۋەت- قەۋەت ياغاچ جاھازىلارغا كۈمۈش يامبۇ ، نومۇر قويۇلۇپ تاختىلانغان (كېسەك شەكىلدە تاختىلانغان ) كۈمۈش يامبۇ، كۈمۈش تەڭگە، كومزەك قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۈنچە –مەرۋايىت خەزىنىسى تار كارىدور شەكىللىك يەر ئاستى ئۆيى بولۇپ، نۇرغۇن ساپال ئىدىش، كۆزا قاتارلىقلارغا ھەرخىل ئالماس، گۆھەر ۋە قاشتېشى بۇيۇملىرى قويۇلغانىكەن. ئۆلكە ئەسكەرلىرى خەزىنىدىكى بۇنداق كۆپ ئالتۇن، كۈمۈش ، ئۈنچە – مەرۋايىت قاتارلىق مال-دۇنيانى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاچ كۆز جىن شۇرېن بۇ بايلىقلارنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەشكە بۇيرۇق قىلغان ھەمدە يۆتكەپ كەلگەندە، مەخپىي بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. جىن شۇرېن ئۆزىگە ئىشەنچلىك بىر سودا كارۋان ئەترىتىگە گۇچۇڭ- بارىكۆل يولى ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېچىنا- باۋتۇ شىمالىي چوڭ يولى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى تاپشۇرغان بولسىمۇ، بۇ تۆگە كارۋان ئەترىتى شىنجاڭ چېگرىسىدىن چىقمايلا، باندىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھەممە نەرسە بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ئىز –دېرىكى بولماي يوقالغان. كېيىنرەك بۇ سودا كارۋان ئەترىتىنى قارالاماجدەنبىڭ باندىتلىرىنىڭ بۇلاپ كەتكەن خەۋىرى تارقالغان . قارالاما دەپ ئاتالغان كەسپىي بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەنبىڭ دېگەن موڭغۇل باشچىلىقىدىكى بۇلاڭچىلار 1920-يىللاردا پەيدا بولغان. بۇلاڭچىلار مىڭشۈي ( شىنجاڭ بىلەن گەنسۇنىڭ شەرقىي شىمالىي چېگرىسىدىكى كىچىك ئۆتەڭ بولۇپ، جۇڭگو – موڭغۇلىيە  غەربىي جەنۇبىي چېگرىسىغىمۇ يېقىن كېلىدۇ ) ئەتراپىدا بۇ ئالتۇن-كۈمۈش كارۋان ئەترىتىنى بۇلاپ كەتكەن . ئىچكىرىگە ئېلىپ ماڭغان زادى قانچىلىك مىقداردىكى ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلۇق تۇمانلىرىدا يېشىلمىگەن بىر سىر بولۇپ قالغان. ۋاڭ ئوردىسى خەزىنىسىنى بۇلاشقا بۇيرۇق قىلغان شيۇڭ فايۇ تۈەنجاڭنىڭ ئاقىۋىتىگە كەلسەك ، ئۇزاق ئۆتمەي ؛(1933-يىلى 1-ئايدا ) ، جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇمۇلغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن ئۆلكە قوشۇنى بۇيرۇق بىلەن پىچان، تۇرپان، گۇچۇڭغا يۆتكەلدى. شيۇڭ فايۇ پىچاندا باستۇرۇش بىلەن بولۇۋاتقاندا ، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى تۇرپان شەھىرىنى ئازاد قىلىپلا، شيۇڭ فايۇنى تۇرپانغا كېلىشكە خۇيزۇ ھاكىم ئارقىلىق خەت ئەۋەتىپ ئالداپ كەلگەن، يولدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ پىستىرما ھۇجۇمىدا شيۇڭ فايۇ ئېتىپ تاشلانغان.
        ئايرىم كىشىلەرنىڭ ماقالىلىرىدىكى شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى ماجۇڭيىڭ ۋە يولۋاس بۇلىدى ، دېگەن گەپلەرنىڭ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك دەلىل – پاكىتى يوق .
        شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى بۇلاپ ۋە ئوت قويۇپ ، خارابە قىلىپ قويغاندىن كېيىن ، شەھەر ئىچىدە قىسقا بىر مەزگىل ( 1931-يىلى قىشتا ) تۇرغان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ ( يېزا بويىچە 10نەچچە ئائىلىلىك قېرى- چۈرى كېسەلمەن كىشىلەرلا تاغقا قاچماي قالغان ) قىسمەن ئەسكەرلەر بۇلاڭچىلىققا كىرىپ، نەرسە –كېرەك بۇلاپ چىققان . مەسىلەن: شەھەر ئىچىدىكى دېھقانلاردىن ئورداخي مەھەللىسىدىكى كىچىكبەگ دېگەن ئادەم ئايالى يېنىكلەپ قويغانلىقتىن تاغقا چىقماي قالغانىكەن. بىر ئەسكەر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، مال – دۇنيايىڭنى چىقار ، دەپ زورلۇق قىلغاندا، كىچىكبەگ نارازىلىق بىلدۈرگەندە ئۇ ئەسكەر بۇ ئادەمنى ئېتىۋەتكەن. جەسەت بىر نەچچە كۈن ئۆيدە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ، ئورداخىي مەسچىتىنىڭ كەينىدىكى بوش يەرگە دەپنە قىلىنغان . يەنە بىر نەچچە ئەسكەر تاغقا قاچماي قالغان جىگدە قۇدۇق مەھەللىسىدىكى نامرات جانارخان دېگەن موماينىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ، بۇلاپ ئالىدىغان نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن، يېزىللاخۇن دېگەن ئوغلىنى داتۇ ئىسمايىلباينىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارىسەن، دەپ تەھدىت سالغان، باشلاپ بارسا، داتۇ ئىسمايىلباينىڭ ھويلىسىغا بۇلاڭچىلىققا كىرگەن ئەسكەرلەر توشۇپ كەتكەنىكەن. ( ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى مەرھۇم سالى سېلىمنىڭ يولدىشى مەرھۇمە ئاقايلانىڭ ئاغزاكى ئەسلىمىسىگە ئاساسەن ئوغلى ئابلىمىت سالى يازغان خاتىرىدىن ) .
        شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى بۇلاپ قۇرۇقداپ ۋە ئوت قويغاندىن باشقا، شامەخسۇت ۋاڭ ئائىلىسىگە – نەزەر ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىرنىڭ قولىغا ھەرخىل باھانە- سەۋەب ، ئامال قىلىپ ئاز بىر قىسىم ئالتۇن-كۈمۈش قالغانلىقى مەلۇم . نەزەرنىڭ ئوغلى بېشىر ۋە ئابدۇللا، نەزەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ بالىلىرى ئۇۋەيس ھاجى ، ئىمىنھاجى قاتارلىق شامەخسۇت ۋاڭنىڭ نەۋرىلىرى شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى باشقىلار بىلەن بىرگە باغداش تېغىغا قېچىپ چىققان. بېشىر دادىسى نەزەرنىڭ « قوزغىلاڭغا قاتناشماسلىق ، خوجىنىياز، ماجۇڭيىڭ قاتارلىق يۇرت بۇزغانلارغا ئەگەشمەسلىك » توغرىسىدا ئۈرۈمچىدىن يازغان نەسىھەت خېتىگە پىسەنت قىلماي، قوزغىلاڭنى ھىمايە قىلغان ۋە ماددىي ياردەم قىلىپ « 200سەر ئالتۇن بەرگەن » . شامەخسۇت ۋاڭنىڭ بالا- چاقىلىرىغا بىر ئاز ئالتۇن-كۈمۈش قالمىغان بولسا، شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى شامەخسۇت ۋاڭ خەزىنىسىنى بۇلاپ بولۇپ ،بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا، شامەخسۇت ۋاڭنىڭ نەۋرىسى بېشىر دېھقانلار قوزغىلىڭى رەھبەرلىرىگە نەدىكى 200سەر ئالتۇن بېرەلىسۇن ، دەپ سوئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ . بېشىر قاتارلىقلار باغداش تېغىغا قېچىپ چىقىپ بىر نەچچە كۈن بولمايلا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋاڭ ئوردىسى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىرسى 3-4تىن كۈمۈش يامبۇ ئېلىپ چىقىپ، بېشىرگە تاپشۇرغانلىقى ھەققىدە مەرھۇم ئابدامەت دېھقان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن : « ۋاڭ ئوردىسى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىر ئادەم 3-4تىن كۈمۈش يامبۇنى بىز باغداشقا بېشىر بىلەن بىللە يېتىپ چىقىپ ، بىر نەچچە كۈن بولمايلا ئېلىپ چىقتى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باغداشتىن ئاراتۈرۈكنىڭ ئاداققا ۋە ئاداقتىن نومغا يۆتكەلدۇق. ياساۋۇللار ئېلىپ چىققان كۈمۈش يامبۇلارنى تېرىگە يۆگەپ 39 دۈگىلەك قىلىپ، بىر دۈگىلەككە 20يامبۇ سېلىپ، بىر نەچچە تۆگىگە ئارتىپ نومغا كەلدۇق. بېشىر بۇ جەرياندا بىر تۆگىگە ئارتىلغان بىر دۈگىلەك كۈمۈش يامبۇ يوقاپ كەتكەندە ، ئىمىن بوشقىدىن گۇمان قىلىپ، بۇ ئادەمنى يولسىزلىق بىلەن قىيىن –قىستاق قىلدى. ئىمىن بوشقا قىيىن-قىستاققا چىدىماي، يالغاندىن مەن ئالدىم ، يۇلغۇن تۈۋىگە كۆمدۈم دەپ «ئىقرار » قىلىپ، پىيادە ماڭالماس بولۇپ قالسىمۇ ئۆمىلەپ، خالىي –چەت يەردىكى يۇلغۇن تۈۋىگە بارغاندا بوينىغا پىچاق سېلىپ ئۆلۈۋالماقچى بولدى. بوينىنى چالا كېسىۋالغاندا بېشىرنىڭ فۇگۈەنلىرىدىن غوجى ئابدۇل ليەنجاڭ پىچاقنى تارتىۋالدى. ئاندىن كېيىن سۇلايمان كۆنچى ۋە مەندىن گۇمان قىلىپ پالتىنى قىزىتىپ بەدىنىمىزگە ياقتى .... ئاخىر، بۇ يىتكەن بىر دۈگىلەك كۈمۈش يامبۇ تېپىلمىدى . بېشىر موڭغۇلىيىنىڭ مىنگان دېگەن يېرىدىمۇ ئۇزۇن تۇرالماي نومغا قايتىپ چىقتى. ئاندىن ئاداق، ئاراتۈرۈك، تۈركۆل، بۆلۆداۋان، تۆمۈرتى بىلەن قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئىجارە كېمەيتىش- زومىگەرلەرنى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىدە بېشىرنىڭ ئۆيىدىن بىر خالتىدا سوم ئالتۇن ، غەرەك ئالتۇن، كېپەك ئالتۇن، تىللا ۋە شامەخسۇت ۋاڭنىڭ تۆتبۇرجەكلىك تامغىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپتۇق » (4) . ئىجارە كېمەيتىش – زومىگەرلەرنى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىدە مۇسادىرە قىلىنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلمەي دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقى مەلۇم. بۇ مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن، بېشىر ئۆزىنىڭ شامەخسۇت ۋاڭدىن مىراس قالغان 5000مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر قاتارلىق مال-مۈلۈكىدىن كىرىم قىلىپ توپلىغان بولۇشىمۇ ئېھتىمال.
            كەنجى ۋاڭ شامەخسۇت خەزىنىسىدىكى بۇ بىر توننا ئالتۇن، 10توننا كۈمۈش ئاساس قىلىنغان زور مىقداردىكى بايلىقىنى شامەخسۇتمۇ، ئوغلى نەزەرمۇ ، نەۋرىسى بېشىرمۇ ئاساسەن چىقىم قىلىپ خەجلىيەلمىگەن. شامەخسۇت تەقۋادار مۇسۇلمان بولسىمۇ ، ئۆمرىدە ھەجگىمۇ بارمىغان ۋە چىڭ سۇلالىسى خانلىرىغا – بېيجىڭغا سەككىز قېتىم سالامغا بارغاندىن باشقا، چوڭ چىقىم قىلمىغان. لېكىن ، بۇ زور بايلىق جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالىڭى ۋە ئوغرىنى قاراقچى ئۇرغاندەك جۇبىڭ باندىتلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ماللىمانىدا ئىز –دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، دېگەن يەكۈننى چىقىرىمىز .
----------------------------------
پايدىلانمىلار :
(1)ئەزىز نىيازى : «قۇمۇلدا ئۆتكەن كۈنلەر »، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇمۇل شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ « قۇمۇل شەھىرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » نىڭ 6-سانى، 42-بەت .
(2)فەن چېڭچۈ:« كەنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ۋاڭى شامەخسۇت » خەنزۇچە « تەقدىرداش»ژۇرنىلىنىڭ 1995-يىلى 2-سانىدىكى ماقالىسى.
(3)فەن چېڭچۈ : « نەچچە يۈز يىللىق قۇمۇل ۋاڭلىرى ھەققىدە ھېكايە »ناملىق كىتابنىڭ 149-بېتى.
(4)« ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ < مەرھۇم ئابدامەت دېھقاننىڭ بېشىر توغرىسىدىكى ئەسلىمە بايانلىرى > دىن خاتىرە » قوليازما . 



ئەسكەرتىش : مەزكور ئەسەرنىڭ تارقىتىش ھوقوقى باغداش تور بېكىتىگە خاس ، باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرمەڭ ،ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ !   تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چېكىپ قويۇڭ : ئەسكەرتىش : 24 سائەت ئىچىدە پەقەت بىر قېتىم چېكىڭ
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 09:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شامەخسۇت قارى زاكات توغۇرسىدا بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ،ئەمما ئومرىنىڭ ئاخىرىدا يۇسۇپ تەيجىنىڭ نەسىھىتى ۋە قول سىېلپ ئشىلىشى ئارقىسىىدا خەلىققە پايدىلىق بىر مۇنچە ئشىلارنى قىلغاننىڭ گىپى بارغۇ
ماددى بايلىققۇ كەتتى .قومۇل خەلقىنىڭ قان تەرى شۇنۇڭ بىلەن تۇگۇدى كىمنىڭ ئاغزىدىن تېپىۋالغىلى بولۇدۇ ،ئەمما مەنۋى بايلىق قومۇل ۋاڭ ئوردا كۇتۇپخانسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش تامامەن مۇمكىن.مانا بۇ قومۇللۇقلارغا غۇرۇر ۋە شان شەرەپ ئېلىپ كىلىدىغان ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2738
تۆھپە : 1634
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 10:11:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئايالىممۇ ۋاڭلار جەمەتىدىن  بولىدۇ ، ئايالىمنىڭ مامىسى روشەنخېنىم شامەخسوت ۋاڭنىڭ نەۋرىسى يەنى نەزەر ۋاڭنىڭ قىزى بولىدۇ ، مەرھۇم مامىمىز    ھايات ۋاقتىدا     <<     بىز ئوردىدا چېغىمىزدا ئۇرۇقچىلارنىمۇ ئالتۇن يامبۇلار بىلەن چاقاتتۇق   لېكىن بۇ بايلىقلار بىزگە ۋاپا قىلمىدى    >>    دېگەن سۆزلىرى ھازىرمۇ  ئېنىق ئىيسىمدە  تۇرۇپتۇ . شۇنىڭدىن قارىغاندا بايلىق ھەقىيقەتەن كۆپكەندۇق .

1

تېما

0

دوست

2782

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  399
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 665
تۆھپە : 397
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 12:01:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھازىر بولغان بولسا ھە ،ئالتۇننىڭ باھاسى تازا ئۆرلەۋاتقاندا !

16

تېما

0

دوست

7429

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1796
تۆھپە : 1057
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 08:31:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلىق ئۈچۈن سەرىپ قىلىنمىغان ، زاكىتى ئايرىلمىغان مال دۇنيا يامانلارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ تارىخ  بىزگە بىر ئىبرەت.

16

تېما

0

دوست

7429

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1796
تۆھپە : 1057
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-10 08:33:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلىق ئۈچۈن سەرىپ قىلىنمىغان ، زاكىتى ئايرىلمىغان مال دۇنيا يامانالارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ تارىخ  بىزگە بىر ئىبرەت.

0

تېما

0

دوست

15

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6177
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇنغاننى قۇرۇت چاچار؟؟ئ   

0

تېما

0

دوست

15

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6177
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 00:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالاشماڭلار دوستلۇرۇم ،
ھايات دېگەن شۇنچىلىك.
ئوڭچە قالار بۇ دۇنيا
ئۆلۈم كەلسە .   كۈلكىلىك!    (مەدىنىيەت قادىر)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )