سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز ، سىزنى كىم سۆيىدۇ؟
سۇڭ يەن
بوزقىر تەرجىمىسى
« سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز ، سىزنى كىم سۆيىدۇ؟!».مانا بۇ « چايخانا » دراممىسىدىكى مەشھۇر سۆز.شۇنداقلا شۇنچە يىللاردىن بۇيان تالاي ئەزىمەتلەرنىڭ يۈرەك-باغرىنى تىلغاپ ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن نادامەت بېلەن چىققان سۆزدۇر.
بۇندىن ئىككى مىڭ يىللار مۇقەددەم بىر ئەزىمەتمۇ مۇشۇ سۆزنى ھەسرەت ئىچىدە قەيىت قىلىپ ئۆتكەنىدى. ئۇ كىشى لى لىڭدۇر.
لى لىڭ خەن ۋۇدى زامانىسىدىكى مەشھۇر سانغۇن ، شۇنداقلا«ئۇچار سانغۇن » دەپ نام ئالغان مەشھۇر سەركەردە لى گۇاڭنىڭ نەۋرىسى. ئۇلارنىڭ ھەرئىككىسى شىر يۈرەك باھادىر پالۋانلار بولۇپ ، ئەزەلدىن ياۋ قولىدا يېڭىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما، ئۆز ئادەملىرى قولىدا سۈيقەسىت بېلەن ھالاك بولغان . لى گۇاڭ ئەمەلدار-غوجىلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغاچقا ، پايانسىز قۇملۇقلارغا يالغۇز لەشكەر تارتىپ كىرگەندە تۇيۇقسىز ئاساسىي قوشۇن بېلەن ۋاقتىدا ئۇچرىشىش پەرمانىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ . نەتىجىدە يولدىن ئېزىپ قېلىپ ئاساسىي قوشۇن بېلەن ئۇچرىشىشقا كېچىكىپ قالىدۇ. بۇ ئاقىۋەتنى كۆرگەن لى گۇاڭ«قەلەمدىن باشقىسىغا يارىمايدىغان پوق قورساق ئەمەلدارلارنىڭ قەستەن ئەخمەق قىلىشىدەك ئار-نومۇسقا چىدىماي» ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. لى لىڭچۇ؟ ئۇ بەك ئىستىداتلىق بولغاچقا دائىم مۇشاۋىرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ ، ياۋغا باشلامچىلىق بېلەن لەشكەر تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا ئۇ ئاخىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قارشى يۆنىلىشتىن چىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.«ئاز بېلەن كۆپنى يېڭىش ، مىڭ پىيادە لەشكەر بېلەن ھونلار تەڭرىقۇتىنىڭ بارگاھىغا تېگىش قىلىش» تەك تەقدىرىنى دوغا تىكىش ئۇسۇلى بويىچە لەشكەر تارتىشنى دەرىجىمۇ-دەرىجە تەلەپ قىلىپ ، ئاخىر پادىشاھنىڭ ئىجازىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ لەشكەر تارتىپ ئالدىدا مېڭىشقا، ئاساسىي ھەمدەمچى قوشۇن ئارقىدىن يولغا چىقىشقا پەرمان بېرىلىدۇ. باش مۇشاۋۇر لى گۇاڭلى ئەزەلدىن لى لىڭغا غۇم ساقلاپ كەلگەچكە قەستەن كېچىكىپ بارىدۇ. لى لىڭ لەشكەر تارتىپ ھونلارنىڭ 80مىڭ كىشىلىك چەۋەندازلىرى بېلەن قانلىق جەڭ قىلىدۇ. لى گۇاڭلى قەستەن كېچىكىپ كەلگەچكە لى لىڭ ۋە ئۇنىڭ بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇنى چىلبۆرىلەرگە پۈتۈن سەپ بويىچە يەم بولۇش خەۋىپىگە دۇچار بولىدۇ.
گەرچە لى لىڭ لەشكەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىرىلىپ تۈگىگەن بولسىمۇ ئەمما، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئازغىنەلەشكەرلىرى ئات بولمىغان ئەھۋالدا دۈشمەن بېلەن 10كۈنگە يېقىن قانلىق ئۇرۇش قىلىپ ، 10مىڭلىغان ياۋ لەشكەرلىرىنى يەر چىشلىتىدۇ.قورال-ياراغ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك ئۆكسۈپ قالغان ئەھۋالدىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي باتۇرلارچە تىركىشىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۇ ئىنىسىنى ھېمايىسىگە ئېلىپ قاچۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ.ئەمما،ئىنىسى جەڭدە ئۆلىدۇ. قەتئىي ئامال بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئۇنىڭ كېيىن چۈشەنچە بېرىشىگە قارىغاندىمۇ ، تەسلىم بولۇشتىكى مەقسىدى پۇرسەت تېپىپ دۈشمەننى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىدى. دەرۋەقە ئۇنىڭ كېيىنكى ئىپادىسىدىنمۇ بۇ نۇقتا ئىسپاتلانغانىدى. ئەمما، ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.پادىشاھ مەخسۇس قوشۇن چىقىرىپ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىدۇ.قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن گوڭ سۇنئاۋ لى لىڭنىڭ ئىستىداتىنى ئاقلاشنى ياكى لى گۇاڭلىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈشنى بىلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالىدۇ-دە ئاخىر ئۇنى قۇتقۇزۇشقا بارماي قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپ ، پادىشاھقا لى لىڭنىڭ ھون لەشكەرلىرىنىڭ مەشقاۋۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ، ھەتتا ھون قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماستىنلا لى لىڭنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ.سىما چىيەن لى لىڭ ئۈچۈن بىر ئېغىز ئاقلاش سۆزىنى قىلىپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن زىندانغا تاشلىنىدۇ.شۇنىڭ بېلەن ئۇنىڭ«ئاسىي » دېگەن ئار-نومۇسلۇق نامى تارىخنىڭ لەنەت گەردىشىگە مەڭگۈلۈك پۈتىلىپ كېتىدۇ.
مانا بۇ لى لىڭنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شاپائىتىدۇر.ۋەھالەنكى، لى لىڭ ھونلارغا ھەقىقى تەسلىم بولۇپ ئۇلارغا مەشقاۋۇل بولۇپ كەتكەن لى شۈنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ ، ئۇزۇن مەزگىل نەزەربەنىت ئاستىدا ياشايدۇ. قېرىپ ئۆلگەنگە قەدەر ھونلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ.
لى لىڭ ھونلارغا تۇتقۇن بولۇپ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ھونلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى سۇ ۋۇ بېلەن ناھايتى چوڭقۇر دوسۇتلۇق ئورنىتىدۇ ھەم ئۆز-ئارا خەت يېزىشىدۇ. ئۇنىڭ چەكسىز نادامەت ئىچىدە ئېيىتقان يۇقۇرقى سۆزى بىر پارچە خېتىدە ئېنىق يېزىلغانىدى.
ئۇ خېتىدە مۇنداق يازىدۇ :«يات ئەللەردە سەرگەردان بولۇش قەدىمدىن بۇيان بىر تىراگېدىيە بولۇپ كەلگەن.جەنۇب شاماللىرى ئېلىپ كەلگەن يۇرتۇم تۇپرىقىنىڭ يېقىملىق ھىدى ئەزەلدىن مېنىڭ يۇرىتقا بولغان سېغىنىش ھېسىياتىمنى پەسەيتىلىگەن ئەمەس»، «ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمنىڭ جازا لاگىرىغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ قەتلى قىلىنىشىدەك مۇدھىش پەيىتلەرنى ئويلىغىنىمدا ئۆرتىنىش ئازابى يۈرەك-باغرىمنى لەختە قىلىدۇ. خوتۇن –بالىلىرىمدا قىرىپ تاشلىغۇدەك نېمە گۇناھ بولغىيدى؟ ...مەن ئۆزۈمنى دۆلەتكە قوشقان تۆھپەم ئالدىدا جىنايىتىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، دەپ قارايمەن. پەقەت ئەمەلدار –تۆرىلەرگە ۋاي دېمىگەن يېرىملا بار. شۇڭلاشقىمۇ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىمدا ئازاپتىن ئۆرتىنىپ كېتىمەن...خەن سۇلالىسى ئوردىسى بېلەن ئوتتۇرىمىزدا مادارا قىلغىلى بولمىغۇدەك زىدىيەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلۈۋېلىشىم كېرەكمىكەن؟ ئۇنداق ئۆلۈشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ئۇنداق ئۆلۈمنى باشقىلار مەسخىرە قىلماسمۇ؟ » .«ئەينى يىللاردا سۇ خې ، فەن كۇەيلەر زىندانغا تاشلانغان؛ خەن شىن ، پېڭ يۆلەرنىڭ تېرىسى تەتۈر سويۇلغان؛ چاۋ سو ئۆلتۈرۈلگەن ؛ جۇ بو ، دۇ يىڭلارمۇ بۇ قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇندىن باشقا تۆھپىكار ۋەزىرلەردىن جىيا يى، جۇ يافۇلارمۇ كاتتا تالانىت ئىگىلىرىدىن تۇرۇپ، ئوخشاشلا مۇناپىق ۋەزىرلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان...»«ھەر قېتىم ئەشۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە قەلبىم ئازپتىن ئۆرتەنسىمۇ ئەمما، قىلچە ئۆكۈنمەيمەن. مەن دۆلەت ئۈچۈن يارالغان بولساممۇ ئەمما ، ئوردىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدىم. سىلى مېنىڭ يەنە دۆلەتكە قايتىشىمنى ئۈمىد قىلمىغايلا ، ئىشلار مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇمكىنچىلىكى بولسۇن؟».
مانا بۇ لى لىڭنىڭ سۇ ۋۇغا يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنى. لى لىڭنىڭ ياردىمىدە سۇ ۋۇ يەنىلا دۆلىتىگە قايتىپ ، سادىق ۋەزىرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشىدىكى تىپىغا ئايلىنىپ، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك مەنسەپكە تەيىنلىنىدۇ.بۈيۈك خەننىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ ئوغلى خانغا قەسىت قىلىشقا ئورۇنغان دېگەن جىنايەت بېلەن قەتلى قىلىنىدۇ.ئۇ گەرچە «نەمۇنىچى » لىق سالاھىيىتى بېلەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما، بارلىق مەنسەپ-تاجى ئېلىپ تاشلىنىپ يۇرتىغا قايتۇرىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ھونلارنىڭ قولىدا تۇرۇپ ۋەتەنگە تەلپۈنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىدىن بىرسى يىقىلىپ كېتىپ پادىشاھنىڭ مەپىسىگە سوقۇلۇپ كەتكەچكە «خانغا بىھۆرمەتلىك قىلغان » دېگەن گۇناھ بېلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا يەنە بىر ئاكىسى ئەمەلدارلارنىڭ يەڭ ئىچىدە تىل بىرىكتۈرىۋېلىپ بەتنام چاپلىشى نەتىجىسىدە گەرچە جىنايىتى بېكىتىلىپ رەسمىي قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغانىدى.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سۇ ۋۇ ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ساقلاپ قالدى ، ئۇ لى لىڭدەك « ئاسىي » دەپ ئاتىلىپ قالمىدى.قارىغاندا ئۆز ۋەتىنىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئامىلى بولسا كېرەك؟
مەنبەسى : خەنزۇچە «فېليەتون» ژۇرنىلى |