- تىزىملاتقان
- 2012-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10813
- نادىر
- 2
- يازما
- 426
ئۆسۈش
2.03%
|
نەشىرياتنىڭ چۈشەندۈرىشىچە:ھەممە ئەيىپ ھېلىقى ئۈن سىن سودىگىرىدە ،ئاشۇ سودىگەر تەمىنلەپ بەرگەن ئەسەر، ساختا كەيدۈرۈپ قويۇلغان ئاپتۇر نامى بويىچە نەشىر قىلدۇق ،نىمىنى تەمىنلىسە شۇنى نەشىر قىلدۇق، ئەسەرنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكى، نىمىشقا ئاپتۇرنى باشقا كىشىنىڭ نامى بىلەن يېزىپ قويغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز، سودىگەر تەمىنلەپ بەرگەن ،بىز بىلمەيمىز دەپ تۇرۇۋالدى.
ناخشىنى ئېيتقۇچىدا ئەسەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش نىيىتى يوق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ سودىگەر خاتالىق سادىر قىلىپ ناخشا تېكستىنىڭ ئاپتۇرى بىلەن ناخشا ئېيتىپ ئورۇندىغان سەنئەتكارنىڭ ئىسمىنى ئوخشاش يېزىپ نەشىرىياتقا يوللىغان بولۇشى مۇمكىن(نەشىرياتنىڭ سۆزىگە قارىغاندا)،شۇنداق قىلىپ نەشىرىيات شۇ سودىگەر تەمىنلىگەن ئىسىم بويىچە نەشىر قىلىپتۇكەن. نەتىجىدە ناخشا تېكستنىڭ ئاپتۇرى ۋە ناخشىنى ناخشا قىلىپ ئورۇندىغۇچى بىر ئادەم يەنى شۇ ناخشىچى بولۇپ پىلاستىنكا بېسىلغان، ھەمدە مەرھۇم يازغۇچىمىزنىڭ شېئىرىنى ناخشا قىلىپ ئوقۇشتىن بۇرۇن ، ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىدىن رۇخسەتمۇ ئالمىغان.
ناخشىچى ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ خاتا ھالدا ناخشا ئاپتۇرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىن، بۇ خاتالىقنى ئۈن- سىن سودىگىرى سادىر قىلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
ئۈن - سىن سودىگىرى ئىچكىرىگە قېچىپ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن تەپسىلاتىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىدى..............
مېنىڭ پەرىزىمچە ناخشىچىدا قەستەنلىك يوق،گۇناھمۇ يوق، سەۋەنلىكنى سادىر قىلغۇچى ئاشۇ ئۈن- سىن سودىگىرى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
ئۇ ئۈن -سىن سودىگىرىنىڭ دۇكىنىنى ۋە دۇكان نامىنى شۇنىڭدىن كىيىن ئۈرۈمچىدە كۆرمىدىم.
بىۋاستە جاۋابكار ئۈن -سىن سودىگىرى بولغانلىقتىن،سوت ئۈن -سىن سودىگىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان.
ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ئىسمىنى ناخشىچىنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇپ قويغان سەۋەنلىكنى نەشىرىيات ئۈن –سىن سودىگىرىنىڭ ئىشى دىدى،
ناخشىچى بۇ دېلودا بىۋاستە جاۋابكار بولمىغانلىقى ئۈچۈن،سۈرۈشتە قىلىپ يۈزلەشتۈرۈپ ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى.ھەم بۇنداق تېگى –تەكتىنى ئېنىقلاش سوتنىڭ دېلو سوتلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ،چۈنكى بىرىنچى ،ئىككىنچى جاۋابكار يەنى ئۈن –سىن سودىگىرى ۋە نەشىريات ئېنىق.شۇڭا تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاشنى سوت مەھكىمىسى ھاجەتسىز دەپ قاراپ ئىشلىمىگەن.
ناخشىچى، نەشىريات ناھايتى نامى بار بولغاچ ،ئاشكارىلاش بىئەپ، چۇنكى ناخشىچىنىڭ سەۋەنلىكى بار-يوقلۇقى ھۆكۈمنامىدە تىلغا ئېلىنمىغان.
ئاشكارىلىساق ناخشىچىغا ئۇۋال بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ، چۈنكى ھەممە ئەيىپ ئاشۇ ئۈن-سىن سودىگىرىدە بولۇشى مۇمكىن،ھەم ھۆكۈمنامىدىمۇ شۇ سودىگەرنى بىرىنچى جاۋابكار دەپ ئەيىبلىگەن.
|
|