قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1394|ئىنكاس: 8

شېئىرلىرىم بولسۇن سەدىقە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

0

دوست

4355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11426
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 861
تۆھپە : 766
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 05:16:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قاراخان

قەلەمدە ئۆزگىدىن قېلىشمايمەن ھېچ،
يازغىنىم ئەل ۋەتەن تېمىسىدا غىچ.
سانى بار، ساپاسى يوقمۇ دىمىگىن ،
ھەر مىسرا شېئىرىم خەنجەر يا قىلىچ.

مەن تۆمۈر، ھاياتلىق بەئەينى بىر پېچ،
تاۋلىنىپ تۇرىمەن بولماي<< پارالىچ>>.
پولاتمەن، شېئىرىم پولاتنىڭ تىغى،
چۈشەنمەي كۈلىدۇ ئۈنى<< خاۋارىچ>>.

ھەر تىنىش، ھەر قەترە رىئاللىققا زىچ،
ئاھ! دىسەم شۇ تاپتا ئوت ئالىدۇ ئىچ.
مەتبۇئات قىس ئەمەس،مۇھەررىرمۇ كور !
نىمىشقا بەرمەيدۇ بەتنى بىر غېرىچ.

لازىمدۇر ئىمارەت ئۈچۈن پىششىق خىش،
بۇغدايدەك قالغاندا گۆش يىمەيدۇ چىش.
تۈگمەننى چەككۇزگەن ئۈگۈت ئەمەسمۇ،
شېئىرنىڭ بېسىلماي ياتقىنى نىمئىش؟

ئاڭلىسام تەھرىردە جىق ئىكەن تەشۋىش،
بېشىدا بار ئىمىش ئىسسىق -سوغ كەچمىش.
شېئىرنىڭ خاھىشى چىگىت چاقمىسا ،
بولاركەن ئۈلارغا كۈن-تۈن ئاسايىش.


كۆز،قۇلاق تۆت تامغا بولۇپتۇ << تەپتىش>>،
شېئىرغا تېخىمۇ كۆپكەن<< مۇپەتتىش>>،
قوش بىسلىق ،ئەستەرلىك گەپنى شېئىردا ،
قىلغانغانلار گۇمانلىق بولۇپ قاپتۇمىش.

شېئىر ئۇ دۈنياۋى ،مەنىۋى ‹‹يىمىش››،
شائىرمۇ خىسلەتتە تەڭداشسىز دانىش،
شېئىر ئۇ تۇتقۇن يا ئەمەستۇر ئەسىر،
تۇتقۇن ۋە ئەسىرمۇ ئەمەستۇر رايىش.

شېئىر ئۇ ئىنسانغا ئورتاق كەچۈرمىش،
ئۇنىڭغا يوق زادى رامكا پەرمايىش.
ھەقىقى شائىرنىڭ سىنىپ ،چېگرىسى،
يوق ھەتتا ۋەتىنى ،چەكلىمە گەردىش.

روداكى،گېينى ياق! شاھ مەشرەپ دەرۋىش،
جاھانغا مەنسۇپچۈن لايىق ناۋازىش*.
ئۇنىڭكى يولىغا ،تىلىغا توزاق،
قۇرغانلار نىچۈنكى ئالىدۇ قارغىش.

يازغاننى ‹‹دوستلىرىم››دىمە پەلەپەتىش،
سەن ئۇنى <<ھېمايە>> قىلمىغىن <<پەرۋىش>>.
مەن ئۆزۈم يازىمەن ،دەردىن تارتىمەن.
ياغدۇرما سەن ماڭا يالغاندىن ئالقىش.

بەرمىگىن شېئىرغا يېشىم ،ئەسكەرتىش،
شائىردىن مۇستەسنا قايسى سىر، قىلمىش.
بايرون ۋە پوشكىن ،چۈيۈەن ،لوتۇننىڭ ،
يازغىنى ھەقىقەت،چۇقان ،ئۈن-تىۋىش.

شائىرغا كۆرسەتمە قىبلە يۆنىلىش،
كۈنچىقىش، كۈنپېتىش شائىرغا‹‹بېھىش››.
زۇخۇينىڭ كۆزىگە سىغمىغان بىلەن ،
خەلقىمنىڭ قەلبىگە بولىدۇ نەقىش.

شېئىر ۋە شائىرنى ناھەق كەمسىتىش،
ياغدۇرار بېشىڭغا زاۋال ھەم مۇدھىش.
تىللاغا يارىماي ،دىللارغا ياقسا،
شائىرغا مۇكاپات ئاشۇدۇر ئالقىش.

شائىرغا يات مەڭگۈ كېبىر -كېرىلىش،
مەغرۇرلۇق ئاقىلغا روھى يىمىرىلىش.
يازغىنىم بولسۇنچۇ ئېھسان -سەدىقە،
مەن ئۈچۈن پۇرسەتتۇر قايتا <<تىرىلىش>>!

شائىرنىڭ قەلبى ئۇ باھار بىلەن قىش،
مۇھەببەت-نەپرەتكە يۈرىگى ئىدىش.
ھەق تاما،نان تاما ،قىلماي نام تاما،
ئۆتىدۇ دۈنيادىن پېقىر تىپ-تىنىچ.

شائىرسىز قەۋمدە بولماس يۈكسىلىش،
شېئىرسىز روھىمدا پەۋەس سىقىلىش.
يازغىنىم مەنسۇپتۇر ئىنسانىيەتكە ،
خىيالىم ئەمەستۇر خاس نام چىقىرىش.

شېئىر ۋە شائىرغا<< كوماندا>> بېرىش،
ئۇلارغا نىسبەتەن << قەتلى قىلىنىش>>.
شېئىر ۋە شائىرلار ھۆرلۈك ئەلچىسى،
ئۇنىڭسىز ھاياتتا كۆپتۇر تېيىلىش.

شائىرغا ياراشماس يىغا ، يېلىنىش،
يېلىنىش مەن ئۈچۈن ئۆلۈم ،يېڭىلىش.
قوۋۇرغام كۆرۈنۈپ قالغىچە يازاي،
شېئىر ئۇ فرونت يوقتۇر چېكىنىش.


مەقسىدىڭ شائىرنى ھاڭغا ئىتتىرىش،
بولسا گەر،ساڭا يول -دارغا ئېسىلىش
دۈنيانىڭ تىلىكى-شائىر تىلىكى،
شائىرغا خوپمىكەن,تىلى كېسىلىش.

قولۇڭدىن كەلمەيدۇ شائىرنى بىلىش،
ھاياتلىق شائىرغا مەردانە چېلىش .
شېئىر ياق! بىز شائىر بېشىغا چىققان،
تارىخنى ۋاراقلاپ ئاندىن <<جار سېلىش>>!

ئىستىكىم ھەتتاكى ھەر نەپەس تىنىش،
ئەل بىلەن ئەر بولۇش ،بىللە يېتىلىش.
ۋەسلىمنى ئاتىغان تۇرسام ئېلىمگە،
تەسمىكەن شېئىرنى سەدىقە قىلىش؟!

تامام
2012-يىلى ،رامىزان

2

تېما

0

دوست

957

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8036
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 15:08:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012.يىلى كىرگەندىن بىرى  بۇنداق ياخشى جەميەتكە يېقىن شىئېرنى تۇنجى ئۇقۇشۇم .قەلىمىڭز ھارمىغاي.قەلبىڭىز تالمىغاي.

شېئىر ۋە شائىرغا<< كوماندا>> بېرىش،
ئۇلارغا نىسبەتەن << قەتلى قىلىنىش>>.
شېئىر ۋە شائىرلار ھۆرلۈك ئەلچىسى،
ئۇنىڭسىز ھاياتتا كۆپتۇر تېيىلىش.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

0

دوست

7010

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9709
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1803
تۆھپە : 935
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 15:50:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك  ئىسىل شىئىر بوپتۇ  ، قەلىمىڭىز  توختاپ قالمىسۇن ، رەخمەت

بۆرە

4

تېما

0

دوست

5487

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5484
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1218
تۆھپە : 865
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 16:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شىئىر بوپتۇ  ، قەلىمىڭىز  توختاپ قالمىسۇن ، رەخمەت
ھەقنى  ھەق دەپ سۆزلىيەلەيدىغان شائىرلار ھەقىقەتەن ئاز، شاھنى ماختاپ قۇساق باقىدىغان شائىرلار ئازئەمەس.ھارماڭ.سىزگە ئاللا ئاسانلىق بەرسۇن.رەھمەت.................................................

2

تېما

0

دوست

957

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8036
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 17:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارنىڭ بەرگەن باھاسىمۇ بەك ياخشى بوپتۇ.دىگەندەك ھازىر   بايراملىق شائېرلار بەك كۆپ.

1

تېما

0

دوست

2877

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8231
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 337
تۆھپە : 667
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 20:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ، تېنىڭىزنى ساق، قەلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!

1

تېما

0

دوست

670

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10503
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 152
تۆھپە : 109
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 21:31:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت قېرىندىشىم   ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار يەنىلا ئاز ئەمەس جۇمۇ ...

1

تېما

0

دوست

235

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3566
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 13:29:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرغا ياراشماس يىغا ، يېلىنىش،
يېلىنىش مەن ئۈچۈن ئۆلۈم ،يېڭىلىش.
قوۋۇرغام كۆرۈنۈپ قالغىچە يازاي،
شېئىر ئۇ فرونت يوقتۇر چېكىنىش.
............................
بۇ ھازىر كۆپىيىپ قېلىۋاتقان مىشچان شائىرلارغا قىلنغان سىگىنال ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )