قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tugluq

قانداق قىلىش كېرەك؟-داۋۇت ئوبۇلقاسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2738
تۆھپە : 1670
توردىكى ۋاقتى: 353
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 23:07:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەتدىشىم داۋۇتجان ئوبۇلقاسىمنىڭ ھەر-بىر ئەسىرىنى ئوقۇسام خۇددى قاراڭغۇلۇقتىن تۇيۇقسىز  يورۇقلۇققا چىقىپ قالغاندەكلا  نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھىس قىلىپ كۆڭلۈم يورۇپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئەينى ۋاقىتلاردا خىزمەتداش بولۇپ ئىشلىگەن چاغلار خۇددى كىينۇ لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ .   
   ئۇ چاغلاردا بىزمۇ  توي قىلمىغان بەڭۋاش چاغلىرىمىز بولغاشقا  كەچ-كەچلەپ تاماشىلارنى  ئويناپ كەلسەك   داۋۇتجانىڭ ياتىقىدا دۇنيا خەرىتىلىرىدىكى ماسىشتاپلارنى قىزىل سېرىق سىزىقلار بىلەن  سىزىپ نىمىلەرنىدۇ بىرنىمىلەر توغۇرسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارسا تۇرۇپلا    قېلىن -قېلىن تارىخى ماتىرياللارنى  كۆرۈپ  سېلىشتۇرۇپ نىمىلەرنىدۇ  بىرنەرسىلەردىكى بۇرمىلاش خارەكتىرلىرىنى  ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى .......   باشقا ئوقۇتقىچىلار بىلەن  سىردىشىشنى ئانچە خالىمىسىمۇ لېكىن مېنىڭ ھەر ئەتىگەن سەھەردە تۇرۇپ بەدەن مەشىقى ۋە بوكس مەشىقلىرىنى قىلىدىغان قىزىقىشىم  يېقىپ قالغاچقا  كىيىنچە بىللە مەشىق قىلىپ يېقىن  دوستلاردىن بولۇپ قالغانتۇق   . ئىشقىلىپ  مەن قانچە سەھەر تۇرساممۇ يەنىلا چىرىقى يونۇق  تۇرغىنى تۇرغان  بولغاچقا  داۋۇتجاننىڭ قاچانلاردا ئورنىدىن  تۇرۇپ قاچانلاردا  ئۇخلاپ ئارام ئالىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى ،     پەقەت مېنىڭ بىلىدىغىنىم  ھەر-بىر مىنۇتتا  ھەتتا ھەر-بىر نەپىسىدە  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  تەرەقىياتى ئۈچۈن  سوقىۋاتقان  ،ئىلىم،بىلىم ۋە تىبابەتلەردىمۇ  ئۇنۋېرسال  يىتىلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر   بىر ئەدىپ .
uyghuray

5

تېما

0

دوست

2259

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 532
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 02:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4.قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ(3)



(بېشى بار)



ئەلۋەتتە بۇ نۇقتىنى تارىختا سوپىلار ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن. ئۇلار ئىنسان روھىنىڭ مۇقاملىرىنى شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ھەقىقەت دەيدىغان باسقۇچلارغا ئاجرىتىپ، بىر يۈرۈش تەربىيىلەر بىلەن روھنى پەزىلەتلىرىدە جۇلالاندۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما ئۇ ماھىيەت جەھەتتە نەفسى خاھىشىنى بوغۇشنى ۋە ئىچىدىن بالقىيدىغان مۇزىكىۋى كەيىپنى تەربىيىلەشنى ئوبيېكىت قىلغاچقا ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللەردىن كېيىن، بىر نەچچە ئارىفلارنى روياپقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي خەلققە بولغان تەسىرىدە يەنىلا ئۆزلۈكنى يوقىتىش رولىنى ئوينىدى. مۇشۇنداق رولنى ئويناپلا قالماي، ھەممىدىن يامىنى ئۇلۇقلىرىغا كارامەت «يۇكلەپ»ئۇلۇق كۆرسىتىش ،تېخى ئۆز پىكىرلىرىنىڭ ناشايانلىقلىرى ۋە گۇناھلىرىغا ئىلاھىي مەنا سۇۋاپ چۈشىنىدىغان تەپەككۇر ئەندىزىلىرى بىلەن، مەنىۋىيىتىمىزدىكى رەسۋالىق، خۇمسىلىقلارغا شارائىت بولۇپ بەردى. ئىنسانلارنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى يۈكسەك ئىزچىللىق ۋە يەكدىللىق بىلەن سىستېمىلاشتۇرىدىغان تاكامۇل روھ دۇنياغا كەلمىدى. بېكىنمىچىلىك پاتقىغىغا پاتتۇق،ھازىر بۇ زېھنىيەتتىن قۇتۇلدۇقمۇ؟

بىر كۈنى بىرسى ئېشەكلىك ئالدىراش بازارغا مېڭىپتۇ. بازار يولىدا بىر ئۆستەڭ بار بولۇپ، شۇ ئۆستەڭدىن ئۆتمەي بازارغا بارغىلى بولمايدىكەن. ئېشەك ئۆستەڭگە كەلگەندە پەقەتلا ئالدىغا ماڭماپتۇ. ئالدىراشچىلىقتا ھېچقاچان يولۇقۇپ باقمىغان ئاۋارىچىلىققا يولۇققان بۇ ئادەم ئاچچىقىدا «ئەجەپ تۇرۇۋالدا! مۇشۇ تۇرۇشىدا ئېشەكتىن چۈشۈپ كەتسەم، ئادەم بالىسى بولماي كېتەي.» دەپ قەسەم قىلىۋېتىپتۇ. لېكىن ئۇنداق قىلىپمۇ، مۇنداق قىلىپمۇ ئېشەكنى ئۆستەڭدىن ئۆتكۈزەلمەپتۇ ۋە ئاخىرى شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئىش قىلىش ئۈچۈن ئارقىغا قايتىپ يىراق جايدىكى بىر قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. قازى ئۇنى پاكار ئۈجمە  دەرىخىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، يامىشىپ ئۈجمىگە چىقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئۇنىڭ مەسىلىسى مۇشۇنداق ھەل قىلىنىپتۇ. فىقىي كىتابلىرىدا ئۇچرايدىغان بۇ ھېكايەت كاللامدا نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلدى. ئۆز ئىزچىللىقىغا مۇشۇنداق ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر مائارىپ شارائىتىدىكى خەقلەردىن كىچىكىدىن ئەقىدىنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىدىغان، ئەقىدە كاتېگورىيىسىدە ياشىغان مىللەتتىن بىر ئىشنى نىيەت قىلمايدىغان، قىلىشنى خالىسا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ھەرقانداق يول ۋە ھالقىلىرىغا قاتتىق ئەقىدە قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم نېمانداق ئاز بولىدۇ. دېمەك، ئۇزۇن تارىخلار مابەينىدە بىز ئۆزىمىزنى يوقاتقان، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇنداق بارمۇ دېسە بار دەپ تۇرساقمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت دېگىلى بولمايدىغان ئادەملەرگە ئايلىنىپ بولغان، ئادەمنىڭ ئۆزى يوقىغان تۇرسا ئۇلارنىڭ بىر ئىشنى نىيەت قىلىشى ۋە شۇ ئىشنىڭ يوللىرىغا ئەقىدە قىلىشى دېگەنلەردىن ئېغىز ئاچقىلى بولاتتىمۇ؟ بۇنداق «مەۋجۇتلۇق»ى سەۋەبىدىن ، باشقا ئىرادىلەرنىڭ قوي پادىسىغا ئايلانغان ھالدا ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدىغان «پەزىلەتلەر»ئىگىلىرىدىن  ئارتۇقچە نەرسىنى كۈتكىلى بولاتتىمۇ؟

«  بىر ئازدىن كېيىن ئۇلارنى گۈمبەز ئىچىگە چاقىردى. ئۇلار ئىچكىرىگە كىرىشتى. بىر تەرەپتە، مۇھەببەت بەزمىسى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇلار ئىككىلا شاھزادىنى پادىشاھلىققا بەلگىلىدى. يەمەننىڭ ئەمىرزادىسى:

    مەن يۇقىرىراق ئورۇندا ئولتۇرىمەن،     دەپ تەمەننا قىلدى.

    مەن يۇقىرىراق ئولتۇرىمەن،     دېدى مەغرىب شاھزادىسى.

ساھىبقىران ئۈنچىقمىدى. ئاخىرى خادىملاردىن بىرى غايىب كىشىلەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىككى شاھزادىنىڭ بىرىنى ئوڭ تەرەپكە، يەنە بىرىنى سول تەرەپكە ئولتۇرغۇزدى − دە، ئەمىر تېمۈرگە شاھلارنىڭ شاھى ئولتۇرىدىغان ئورۇننى كۆرسەتتى. ساھىبقىران سەپتە قولىنى قوشتۇرۇپ تەزىم بىلەن تۇرغانىدى، خادىم:

    ئولتۇر!     دېدى.

   بۇ ئالىي ئورۇندا مەن ئولتۇرمايمەن، مەن خىزمەتكارمەن، خىزمەتكار ئولتۇرىدىغان جايدا ئولتۇرۇشۇم كېرەك،    دەپ جاۋاب بەردى ئەمىر تېمۈر.

بۇ جاۋاب غايىب كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە خوشياقتى ۋە پاساھەتلىك بىلىندى. شۇئان شەيخ شەمسى كالال ئاشكارا بولدى. ھەر قانداق پادىشاھقا غايىب كىشىلەردىن بىرى تەربىيەتچى بولىدىغان بولغاچقا، ئەمىر تېمۈرگە شەيخ شەمسى كالال تەربىيەتچى بولدى. شەيخ:

   ئەي ئوغلۇم، بۇ ساڭا ئۆمۈر بويى بېرىلگەن لايىق سەلتەنەتتۇر. غايىب كىشىلەر پادىشاھقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ،    دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى بۇ بېيىتنى ئوقۇدى:

ئەمىرلەر ئۈزۈكى ھىقىقدىندۇر، بەس،

ئۈزۈڭ، مەملىكەتلەرگە دور دەستىرەس.

بولۇپ شاھ مۇھەممەد جاھان ئۈزرەكىم،

مۇھەممەد نامىغا ھەم ئاۋازى كىم.

ساھىبقىران خادىمدىن:

    بېيىت ئوقۇغان بۇ كىشى كىم؟     دەپ سورىدى.

    بۇ شەيخ جابىب بولىدۇ. سۇلتان مۇھەممەدگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئۈچ شەيخ ئۈچ شاھزادىگە ئىگىدارچىلىق قىلغاچقا ئۇلارنى ماختىماقچى. غايىب كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى بۇ ماختاشلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ،     دەپ چۈشەندۈردى خادىم.

رەجەل غايىب (غايىب كىشىلەر)نىڭ ھەممىسى ئۈنچىقىشماي ئولتۇرۇشقانىدى. شۇ ئەسنادا خوجا جاھان، خوجا ئارىپ، يەنە تولغان ئايدەك خوجا ئەخمەت يەسىۋى ۋە سۇلتان بايىز، شەيخ مەنسۇر (ئەللاجى)... قاتارلىق ھەممە غايىبلارنىڭ ئەرۋاھلىرى يىغىلدى. ئۇلارغا سوپى ئورۇن كۆرسەتتى. قۇتىبى بېشىنى كۆتۈرۈپ نەقىشبەنىتنىڭ ئۇستازى مىركالالغا:

    بۇ ئىمتىھان ئورنىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئىمتىھان ئېلىپ كۆرۈش كېرەك،     دېدى. شۇ چاغ بىر يىگىتنى ئېلىپ كىرىشتى. يىگىت ئەقلىنى يوقاتقان بولۇپ، بىر قولىدا شاراب، بىر قولىدا قورال بار ئىدى. ئۇ قارا كىيىم كەيگەن بولۇپ، ھەر تەرەپكە قول شىلتىيتى. ئولتۇرۇشنىڭ باشچىسى:

    بۇ مېنىڭ ئوغلۇمدۇر، نەچچە قېتىم توۋا قىلىشقا ئۈندىسەم ئاڭلىمىدى. ئۈچ قېتىم قىلغان توۋىسىنى بۇزدى. ھەر قايسىلىرى بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىشسىلە،    دېدى.

يەمەن شاھزادىسى كۆڭۈلچەك ئىدى. شۇڭا ئۇ:

   بۇنىڭغا يەنە دۇئا قىلىڭ،     دەپ مەسلىھەت بەردى. مەغرىب شاھزادىسى ئالىم بولغاچقا:

    يەنە توۋا قىلىشقا دالالەت قىلىڭ،    دېدى. ساھىبقىراندىن:

    سەن نېمىدەيسەن؟     دەپ سورىغانىدى، ساھىبقىران ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرغىنىچە يىگىتنى بىرنى ئۇرۇۋېدى، يىگىت دەرھال ئۆلدى. ھېلىقى ئىككى شاھزادە ساھىبقىراننى ئەيىبلەشتى.

    بۇ يېتەكچىمىزنىڭ ئوغلى تۇرسا نېمىشقا ناھەق ئۆلتۈرىسەن؟ شاراب ئىچكەنلىكنىڭ جازاسى دۇئادۇر، ئۆلتۈرۈشكە بولمايتتى.

   سىلەر ئىككىڭلار ئۆز ھۈنىرىڭلارنى دېدىڭلار، ماڭىمۇ ئۆز ھۈنىرىنى بىلدۈرمەك لازىم. مەن قارا تۈرۈك، مېنىڭ ھۈنىرىم ئۆلتۈرمەك ۋە باغلىماق. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشىم يوق. بۇ جايغا مەست كېلىش توغرا ئەمەس،     دەپ جاۋاب بەردى ساھىبقىران.

ئۈچ تۆرىنىڭ تەربىيەتچىلىرى سۆز تالىشىپ قېلىشتى. بىرى: «سۇلتان مۇھەممەد تۆرىنىڭ سۆزى توغرا!» دەيتتى. ئاخىردا شەيخ كالال:

    ئەمىرلىك قىلىشنىڭ سالاپىتى شۇكى، گۇناھكارلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ گۇناھكار توۋىسىنى بۇزغان بولسا، تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك،     دېدى.»[1]  «ئەمىر تۆمۈر گوراگان ھەققىدە قىسسە»دىن بۇ ھېكايەتنى ئوقۇپ كېتىپ بېرىپ ئىسىت يەزدى، ئەينى دەۋرنىڭ پەلسەپىسى بولغان بۇ پىكىرلىرىنى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئىلاھىي سۈپەتلىرى، چۈشەنچىسىدىن قۇتۇلۇپ ئومۇمىي خەلق مىقياسىدا قىلغان بولسا     ھە، دەپ پۇچۇلۇنۇپ كەتتىم. راست ئەمەسمۇ سىپاھ بولماقچى ئىكەنمىز سىپاھلىق يولىغا ئەمەل قىلىشىمىز ۋاجىپ. ئۈزۈك ياسىماقچى ئىكەنمىز ئالتۇننىڭ ھۈنەر     سەنئەت جەريانىدىكى قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتلەردە بۇنىڭدىن باشقىمۇ يول بارمۇ؟ شۇنداق ئىكەن بۇ ئۆزەكداش پىكىرنىڭ پەلسەپىۋى يۈكسەكلىكتە دىققەت ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى قانچىلىك زىيانلارنى سالغان ۋە سېلىۋاتقان − ھە! شۇڭا خۇلاسلىغاندا قانداقلا بولمىسۇن، ئۆزلۈكنى تاپماي بولمايدۇ، لېكىن ئۇنى قانداق تاپىمىز؟

بىراۋ دېدى:

    ئەي شەيىخ،  بۇ يول دوزاخ يولى،  ئاگاھ بولمىغان ئادەم دوزىخىدۇر.

شەيىخ دېدى:

    مەيلى،  ماڭا دوزاخ ھەمراھ بولسۇن، ئىللابىر ئەمەس يەتتە دوزاخ مېنىڭ ئاھىمدىن كۆيەر.

بىراۋ دېدى:

    جەننەتتىن نائۈمىد بولما، ئەي شەيىخ. جەننەتتىن ئۈمىدۋار بولساڭ بۇ يامان ئىشنى قىلما.

شەيىخ دېدى:

    جەننەت مېنىڭ يارىمنىڭ يۈزىدۇر. ئەگەر جەننەت كېرەك بولسا ئۇنىڭ كوي كوچىسىغا بارىمەن.

دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغاندا سۆيۈنۈپ جاراڭلىق ئوقۇپ بەرگىمىز كېلىپ كېتىدىغانچىلىك سەۋىيىدىن قاچان يۇقىرىلايدۇ؟

ئاخىرقى نۇقتىدىن ئېيتقاندا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆت چاقى بولغان،  يېڭى پەن − تېخنىكا، ئىقتىساسلىقلار، مەبلەخ بايلىقى، زېمىن بايلىقلىرى ئىچىدە ئىقتىساس ئىگىلىرى يادرولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى قالغان ئۈچىنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئوققا چۈشىدۇ. ئۇ ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنى ئالغا تارتقۇچى پاراۋۇز  بولۇپ، بىر مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن شۇلارنىڭ ئىشى ئىلگىرى باسمايدۇ ياكى شۇلار ئىشنى ئىلگىرى باستۇرالمايدۇ. ئاندىن مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشى ئىلگىرى كەلمەيدۇ. بىر خەلق ئۆز سەركىلىرىنى قانچە ئېتىبارسىز قالدۇرغانسېرى جاھاندارچىلىقتا ئۇنى شۇنچە نەس باسىدۇ. ئۇلارغا بولغان سەزگۈرلۈك قانچە گاللاشقانسېرى شۇملۇققا ئۇلار شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. ئۇلار گويا پىچاق بىسىكى، بىسىنى يوق قىلىش پىچاقنى يوق قىلىشتۇر. مەبلەخ بايلىقى، زېمىن بايلىقى دېگەنلەر شۇلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ تۇرغانلىق بىلەن يۇقىرىقى ھۆكۈملەر ئاقىلانىلىقتا ئەمەلىيلىشىدۇ. ئەمما رېئاللىق راستىنلا كەلگۈسىنى مۇشۇنداق قارشى ئېلىپ تۇرغاندىمۇ؟
مۇساپىرلىق ھاياتىمدا ۋەتەننىڭ چوڭ − كىچىك كوچىلىرىنى دەسسەپ كېتىپ بېرىپ، ئۆزۈمچە ئاشۇ شەھەرلەردە ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئورۇن تۇتىدىغىنىمنى تۇرۇپ − تۇرۇپ دەڭسەپ باقىمەن. بىرەر ناھەقچىلىقنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا يول قويمايمەن دېيەلەيمەنمۇ؟ بىرەر نامۇۋاپىقلىقنى كۆرگەندە ئۇنى ئوڭشاپ قوياي دېسەم گېپىمگە قۇلاق سالىدىغان بىرسى چىقارمۇ؟ بىرەر ئۇۋالچىلىققا قالغاندا ئەجەپ قىلدى دەپ ئاچچىقلاشقا ھوقوقۇم بارمۇ؟ بىرەر ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەندە بۇ ئادىل بولمىدى دەپ بىرسىنى ئەيىبلەشكە سالاھىيىتىم توشامدۇ؟ 20،30 يىللىق ھاياتى كەچۈرمىشلىرىمدىن بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى، كەسىپ توغرىسىدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ بالىلارنى مۇنداق   مۇنداق تەربىيىلەش كېرەككەن دېسەم ئاقامدۇ؟ ھەتتا ئۆز بالامنى ئاشۇنداق تەربىيىلىيەلەرمەنمۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلاپ − ئويلاپ كىچىكلەپ كېتىمەن. ئىجتىمائىي ئۇچرىشىشلاردىن بۇنىڭ ھەممە ئادەمگە كەلگەن كۈن ئىكەنلىكىنى بىلگەنسېرى ۋۇجۇدۇمنى زۇلمەت باسىدۇ. سوپىلارنىڭ رەزگى قۇرتلارغا ئۆزىنى ئوخشاتقان ھېكايىدىكى كەيىپ روھىمنى جۇلغۇۋالىدۇ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كاللامدىكى ئىگىلىك پىلانلىرىغا ئاتالمىش مەبلەغ بايلىقى، زېمىن بايلىقلىرى قانچىلىك دەرىجىدە تەييار؟ ماڭا تەييار بولمىسىمۇ باشقىلارغا قانچىلىك دەرىجىدە تەييار؟ دەپ ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. بۇنداق چاغلاردا نېمىشقىكىن يالغۇز بىر يەرگە بېرىپ، ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ قانغۇچە يىغلىۋالغۇم كېلىدۇ. ئىچىمدە مۇشۇنداق مىللەتتىن قويمىچى، ئوغرى، قاراقچى چىقماي نېمە چىقىدۇ، دەپ كېتىمەن. دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۇلۇغ كارخانىچىنىڭ بىزدىن بولغان بولسا چوقۇم قويمىچى دەيدىغان نامغا ئىگە بولالايدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزىمەن. بالىلىرىمىزنىڭ ھەتتا ئالىي مەكتەپكە چىقىپمۇ چوڭلۇق پەزىلىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقىنىغا ھەممىلا ئادەمنىڭ ئوقۇيمەن دەپلا يۈرگىنىگە ئاچچىق كۈلىمەن. بۇرۇنلاردا كەڭرى ئىشلىتىلىدىغان كەرەملىك، ھەزرەت،جانابى دېگەندەك ھۆرمەت ناملىرى، ئالىي ئېھتىراملار تىمىپ تۇرغان جۇملىلەر، تەكەللۇپ سۆزلىرىنىڭ بۇگۇنكى كۇندە بەكلا چېلىقىشسىز بولۇپ كېتىۋاتقاندىكى ماھىيەتلىك سەۋەب كۆزۈمگە تاشلىنىدۇ.ئېنىقكى بىز يېقىن تارىخىمىزدىكى كىشىلىرىمىزدىن تېخىمۇ پەزىلەتلىك،تېخىمۇ بىلىملىك،تېخىمۇ يىراقنى كۆرەر بولۇپ كېتىۋاتىمىز-يۇ ئۆزىمىزدىن كەمسىنىش تۇيغۇسىنىڭ تەسىرىدە ئۆزىمىزگە ئۇنداق شاھانە سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە جۇرئىتىمىز يەتمەيۋاتىدۇ. ئويلۇرۇم مۇشۇنداق تەھلىل يېيىپ ئۇنى تۇزۇتۇشكىچە ئىجتىھات قىلىدۇ.لېكىن بۇ ئويلىرىم نەدە! لىغىلداپ ئاران تۇرغان يۈرۈگۈمگە مۇنداق بىر ئەمەلىيەت زىخ بولۇپ سانجىلىدۇ.

خاربىننىڭ ئۇششاق چۇششەك يىمەكلىك سېتىلىدىغان بازىرىنىڭ يېنىدىكى بىر كوچىدا سوغۇقنىڭ دەردىدىن قىلىن كىيىنىپ، پومزەكتەك − پومزەكتەك بولۇۋالغان شىنجاڭلىقلار بار. شۇ يىلى قايسى ئوغرىنىڭ يامان كۆزلىرى بۇ بىچارىلەرنىڭ ئامبىرىغا چۈشكەن ئىدىكىن، ئارقا − ئارقىدىن ئۈچ ئامباردىن 80 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مالنى سۆكۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇنىڭ ئاچچىقىدا ھەممەيلەن كېلىشىپ ئىككى بالىنىڭ ئايلىقىنى توختىتىپ ئامبارغا قارايدىغان قىلدۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغرىلاردىن ئۈچى تاسادىبىي ھالدا قاراۋۇللارنىڭ بىرسىگە ئۇچراپتىكەن، قاراۋۇل بىرىگە پىچاق دىۋەيلەپ تۇتۇۋاپتۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساقچىخانىغا بېرىپ قالدۇق. ئەلۋەتتە ۋەقەلىك جەريانىنى خاتىرىگە ئالىدىغان ئىش ئىدى. خاتىرىگە ئېلىش ھەر قېتىم پىچاققا تاقىلاي دېسىلا ھەممىمىزدە بىر خىل ئەنسىزچىلىك پەيدا بولاتتى. ھەممەيلەن ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر يەرگە كەلگەندە ئاخىرى مەندىن پىچاقنى بار دەيمىزمۇ − يوق دەيمىزمۇ دەپ سورىدى. بۇ سوئال غۇۋا ھەيرانلىق بېسىپ تۇرغان كەيپىمگە ئاجايىپ قاتتىق ھەسرەت ئېلىپ كەلدى. زەردەم بىلەن ئوغرىغا پىچاق تەڭلەش خاتامۇ؟! بار دەيلى، بار دېمەي نېمە دەيمىز؟ دېدىم. ئەمما مەزكۇر سوئالنىڭ ئەتراپىمدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ پىنھانى بىر يەرلىرىگە ئورناپ كەتكەن مەنبەسى، كۆزلەردە، چىرايلاردا شەيتان جىلۋىسى بولۇپ، يۈرىكىمنى قان − يىرىڭ ئىچىگە تاشلىدى. كاللامدا ھەتتا يوللۇق قوغدىنىشتىنمۇ ئۈركىدىغان خۇرلۇق قانداق بولۇپ ئىنسانى تەبىئەتكە ئۇيۇپ قالدى... دەيدىغان سوئال قالدى.

   بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى ئاغىنىمىزدىن بىرسى ئۆزىنىڭ ناھايىتىمۇ ياخشى بىر ئوقۇغۇچىسى توغرۇلۇق گەپ قىلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ تاسادىپ بىر ئۇچرىشىپ قالغاندا بالىنىڭ ئوقۇشى توغرۇلۇق ئەھۋاللىشىپ ناھايىتىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن بالىسىنىڭ تولىمۇ ياخشى بالا بولغانلىق مەمنۇنلىقىدن توختاپلا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، ئەمما بۇ بالىنىڭ بەك غۇرۇرلۇق بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى، مەن ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم. نىمە ئامال ؟ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار.

دۆڭ كۆۋرۈك، بۇلاق بېشى بىز ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىققاندا ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق سودا بازىرى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ يىلدىن يىلغا بىر تەرەپ قىلىۋېتىلگەن ماللار بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى تەستىقلاشقا يۆلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى ئىچىمنى دائىم سېرىپ تۇردى. ئۇنىڭدىن بېشارەت بولۇۋاتقان ئۆلۈم ۋەھىمىسى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۈپ مال بازىرىنىڭ ئاتۇشتىن يۈز ئۆرۈشى بىر ئادەمگە بەش مىڭدىن ئارتۇق پۇل بېرەلمەيدۇ ياكى يۇقىرى تەستىقلايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىگىلىك پىلانلىرىغا بولغان توسقۇنلۇق رولى يۇقىرىقى سوئاللار ئالدىدا ھۆججەتلىك سالاھىيەتتە تۇراتتى. بىر كۈنى ئۇلارنى قىزىل تاغنىڭ كەينىدىكى ئەخلەتخانا ئەسكى ئۆيلۈكلەرنىڭ ئورنىغا سېلىنغان خۇالىڭ بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقتىم. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە ئاتالغان سودىگەرلىرىمىز بىلەن 90 − يىللار مابەينىدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن شىركەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم. شىخەنزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا نامى پۈتۈلگەن قەشقەرگە،ئۆتمۈشلەرنى ئۆتمۈشلەرگە، چىرايلارنى چىرايلارغا، تۇرمۇشلارنى تۇرمۇشلارغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم. يۇرت − يۇرتلاردىكى يېڭى شەھەرلەرنى كونا شەھەرگە سىلىشتۇرۇپ باقتىم. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن زەردار بولۇپ قىلىپ كاللىسى ئىقتىسادىي كۈچىگە باققاندا كىچىكلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنى، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن تىجارەت ھوقۇقىنى ئايرىپ مۇناسىپ كاللىلاردىن پايدىلىنىشنى ئويلىمايۋاتقان سودىگەرلەرنى خوجىنىياز ھاجىغا سىلىشتۇرۇپ باقتىم. راست خوجىنىياز ھاجى ئالاھىتەن غۇلجىدىن كەلگەن جىرجىس ھاجىنىڭ گەپلىرىنى چۆچۈپ ئاڭلاۋاتقىنىدا ئۇنى يېنىدا ئېلىپ قىلىشنى ئويلاپ باققانمىدۇ؟ ئېتىنىڭ ئۈزەڭگىسىنى سويۇۋاتقىنىدا ھاجىكا بۇنىڭدىن كېيىن دانا پىكىرلىرىنى ئايىمىسىلا شۇ ئۆزەڭگىنى سۆيگەنلىرى بولسۇن دېيىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققانمىدۇ؟ قەشقەردەك بىر شەھەردىن تۆمۈر ئېلىغا دانا تەدبىر كۆرسەتكۈدەك ئادەم چېلىقىپ قالمىغاندىمۇ؟ بۇرۇنقىلارغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، ھازىرقى گەپنى قىلىلى. چوڭ − چوڭ گەپلەر تۇرۇپ تۇرسۇن ئەقەللىسنى دەيلى، ھازىر خالىغان بىر زىيالىدىن بالاڭنى قانداق تەربىيىلىيەلەيسەن دېسەڭ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كونكرېتنىراق قىلىپ خەنزۇچىدا ئوقۇتىمەن ياكى ئوقۇتماي دەۋاتىمەن دېيىشنى چوڭ ساناپ دېمەي قالمايدۇ. ئەمما بۇنچىلىك ئوي تولىمۇ ساددە ۋە تولىمۇ ئاددا بىر گەپلەر. ئۆز بالىسى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئاقىللىق قىلىشقىمۇ قېرىق تۇرۇۋاتقان خەقلەرنىڭ ئەتىسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولارمۇ؟ ۋەياكى ياق ھەر قانداق ئاتا − ئانا بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ساتمىغان ئېشىكى، كەسمىگەن تېرىكى قالمايدۇ دەپ ئۆتكەنلەردىنمۇ، ھازىرقىلاردىنمۇ تەسىرلىنىپ مېھرىبان ئاتا − ئانا دەپ يۈرىۋىرىمىزمۇ؟ بالىسىغا كۆيۈنمەيدىغان كىم بار ئەمەس، بالىسىغا كۆيۈنمەيدىغان نېمە بار دەپ بولسىمۇ ئويلانمايمىزمۇ؟

بۇنداق چاغلاردا ئولتۇرۇپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كېتىمەن. بۇنداق چوڭ غەملەرنى قىلىپ يۈرگەندىن ئۆزۈڭنىڭ غىمىنى قىل دېگۈم كېلىدۇ. يۈرەكنىڭ ئاغرىشىغا سەپ سالغان جىملىق پات − پات ئۆز تۇرمۇشۇمنى ئويلۇرۇمغا تارتىدۇ. ماقۇل سەن ھەممىنى بىلىدىكەنسەن، سەن ئويغۇنۇپسەن شۇنىڭغا چۇشلۇق سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ ئۆز ئىنى − سىڭىللىرىڭنىڭ كەسپى ئىڭىغا، ھايات قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلىدىڭمۇ؟ سەن قىلالمىغان، ئەپسۇسلانغان ئىشلارنى ئۇلارنىڭ قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرەلىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئاتالمىش ئۇنىۋېرىستلارنىڭ ئاقمىغان كەسىپلىرىدە تۆت − بەش يىللىق ئۆمرىنى بىكاردىن −− بىكارغا زايا قىلىۋېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ تۈزىتەلىدىڭمۇ؟! گويا بىر يېقىنىڭنىڭ كېسەللىكتىن ئۆلۈۋاتقىنىنى، داۋالىتىشقا پۇل يوق سەۋەبلىك كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك كەيىپتىن يۇلۇنالىدىڭمۇ؟! ئەقەللىسى ھازىرقى ئوقۇشى ئۈچۈن بىرەر مەۋسۇمدا بەش يۈز يۈەن پۇلنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويالىدىڭمۇ؟! راست شۇنىڭ بىلەن پۇت − قوللىرىم بوشىشىپ كېتىدۇ. ئۆزۈمنى − ئۆزۈم مەنسىتمەسلىككە تاس − تاس قالىمەن، يائاللا مەنغۇ مۇشۇنچىلىك بولۇۋاتىمەن، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە خېلى ئىقتىدارلىقلاردىن، شۇنداق تۇرسا مېنىڭدىن ئىقتىدارسىزلا يىلدىن − يىلغا ھالال ئىشلەپ 500 كوي پۇلنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ خەجلىيەلمەيدىغانلار، شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن 10     20 كوي پۇلنى ئۆتنە ئالمىسا بولمايدىغانلار قانداق بولۇپ كېتىدىغاندۇر؟! مەنىۋىيەت ئىزتىراپلىرىى بۇنداقلارنىڭ قولىغىغا يېقىپمۇ قالارمۇ؟ ھەسسەنە، مۇساپىرچىلىق ۋە ئىش قولاشتۇرالماسلىققا نامراتلىق قوشۇلسا جاھان نېمە بولماقچىتى.

مېنىڭ بىر مەخسۇم دوستۇم بار ئىدى. بىزەكچىلىك ۋە قۇرۇلۇش لايىھىلەشكە ناھايىتى ئېپى بار بولۇپ، ئۆزى پەقەتلا مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەنىدى. پۇرسەت چىقسىلا قۇرۇلۇش لايىھىلەپ ئۆزىگە يارىغانلىرىنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قوياتتى ۋە دائىم ئۇچراشقىنىمىزدا ماڭا ئالاھىدە كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ كېتەتتى. بارا − بارا مەن ئۇنىڭدا ئالاھىدە بىر تالانتنىڭ بارلىقىنى بايقاشقا باشلىدىم. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ لايىھىلىگەن بىنالار، بىزىگەن ئاشخانىلىرى، بىنالار ھەققىدىكى باھالىرى قانداقتۇر بىر تالانتنى تەجەللى قىلىپ تۇراتتى. بۇنىڭلىق بىلەن پەيدا بولغان ئۆكۈنۈش تۈپەيلىدىنمىكىن ئۇنىڭ يېتىلىش جەريانىغا قىزىقىپ قالدىم. ئۇ ئەسلىي كىچىكىدىنلا مۇشۇنداق بىر تالانتنى نامايەندە قىلغانىكەن، لېكىن ئۇنىڭ داموللا دادىسىنىڭ ئارزۇسى بالىسىنى قارى قىلىش بولغاچقا، ئۇنى كۈچلۈك تەقىپ ئاستىغا ئېلىپ قارىلىقتا ئوقوتۇپتۇ. بىراق، ئۇمۇ موللا دادىسىنىڭ ئالدىدا بىر خىل بولۇۋېلىپ، دادىسى كۆزدىن يوقالغان ھامان ئۆزى بىلگىنىچە ئۇنى − بۇنى ياساپ، رەسىم سىزىپ يۈرىۋېرىپتۇ. دىققەت قىلدىمكى، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى رەسىم سىزىش، بىر نەرسە ياساش، چىرايلىق كىيىم ئىزدەش سەۋەبلىك يېگەن دەشنامى بىلەنلا پۈتكەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بالا يارىشىملىق كىيىملەرنى توغرا تاللىيالايدىغان، ئىككى رەكەت نامازنىڭ ئىبارىلىرىنى چىرايلىق قىرائەت قىلالايدىغان بىر ساۋاتسىز ئۇيغۇر پېتىدە بىز بىلەن قورامداش بولۇپ، جاھان سەھنىسىگە كەلگەن بولدى. ئىسىت ئاتا بولغۇچى ئۆز بالىسىنىڭ تالانتىنى بالدۇرراق بايقىغان بولسا −ھە!

ئەمما كېيىن بۇ ئاغىنىمىزنىڭ ناھايىتى ئوماق ۋە ئەقىللىق ئىككى بالىسى بولدى. ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ تاتلىق ھەرىكەتلىرىگە سۆيۈنگىنىمدە ئەمدى بۇ بالىلارنى قانداق چوڭ قىلاي دەۋاتىسەن؟ دەپ ئىختىيارسىز ھالدا قانچە قېتىملاپ سورىغىنىم ئېسىمدە يوق، لېكىن ئۇنىڭ ھەر قېتىمدىلا قانداق چوڭ قىلساق بولىدىكىن دەپلا جاۋاب بەرگىنى يادىمدا. قايسىدۇر ئاغىنىمىزنىڭ بالىسىنىڭ تەربىيىلىنىشىدىن پەخىرلىنىپ ئالتە ياشلىق بالىسىنىڭ بىر پارە قورئاننى يادا ئېلىپ كەتكىنىنى ۋە ئۇنى يىغلاپ تۇرۇپ قىرائەت قىلىدىغانلىغىنى دەپ بەرگىنى يادىمدا. ئۇنىڭ «يىغلاپ تۇرۇپ» دىگەن سۇپەت سۆزى ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى.بالىلىغىمدىكى «شاھى مەردان» رىۋايەتلىرى،كەربالا ھىكايەتلىرى سۆزلەۋاتقان بوۋام،نىمىشقا ئاشنى،بىسىمىللا ئېيتىپ ئىچىمىز؟نىمىشقا ئاللاھنىڭ ئاچچىغى كېلىدۇ؟دىگەندەك سەبىلەرچە سۇئاللار ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن تاتلىق جاۋاپلار سېلىشتۇرما تەرىقىسىدە خىيالىمدىن كەچتى.ئۇنىڭدىن تەبئى قىلىپ سەن كىچىكىڭدە مۇشۇنداق ھىكايىلەردىن جۇشلانمىغانمۇ؟ دەپ سوراپ باقتىم.ئۇ جۇشلانغانلىغىنى زوق-شوقى بىلەن سۆزلەپ كېلىپ بىراق ئۇلار بىدئەت ئىشلاركەن،شىئەلەرنىڭ ئىشلىرى ئوخشىمامدۇ  دەپ گېپىنى تۇگەتتى ۋە «ھازىر يادلىتىۋەتمىسەڭ كىيىن تەسكەن» دەپ جاۋاپ بەردى. قىرائەتنىڭ مۇزىكىلىق گۇزەللىگى ۋە مۆجىزىلىكىنى دىمىسەم ،بۇ ئىشقا قارىتا قوزغىلىۋاتقان ئىچكى ئىسيانىمغا ھاي بەرمەي،ئۆز-ئۆزۇمگە "بۇمۇ ئىشمۇ ئېسىت بۇ بالىنى ئاشۇنداق سۇنئى يىغلاتقاننىڭ ئورنىغا بالىنىڭ يېشىغا مۇناسىپ قىلىپ ،چۆچەك ئاڭلاتقان بولسا، بەك بولمىغاندا ئايەتلەرنى ئۇز تىلىدا يادلاتقان بولسا − ھە! دىگۇم كەلدى.دۇرۇس بۇگۇنكى كۇندە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھمۇتۇللاھنىڭ ئاللاھنىڭ بىرلىگىنى دەلىللەش خۇسۇسىدا مۇنازىرە قىلغۇچىلارغا ؛«سۆزلىشىشتىن بۇرۇن بۇ تېمىدا يۇز بەرگەن بىر ھادىسە ھەققىدە ماڭا جاۋاپ بېرىڭ.دەجلى دەرياسىدا بىر كىمە ئۆزى بىلەن ئۆزى پورتقا كېتىۋاتقان ،ئۆزى ئۆزىگە يۇك قاچىلاۋاتقان،يىمەك،ئىچمەك،كىيىم كېچەك دىگەندەك يۇكلەر يۇكلۇنۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزى بىلەن ئۆزىگە ئارقىغا يېنىپ يەلكەن تاشلاپ،ئۆزى بىلەن ئۆزى يۇكتىن بىكالىنىپ يەنە تەكرار يۇككە مېڭىۋاتقان بولسا بۇ ئىش كاپىتانسىز،ماتروسسىز   بولدى دىگەن گەپ ئۇنداقتا بۇ سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟»[1]دىگەن سۇئالغا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتارغانلار ھەرگىز شۇ دەۋردىكىلەرگە ئوخشاش «بۇ مۇمكىن ئەمەس بۇنداق ئىش بولمايدۇ»[2] دىمەيدۇ.بەلكى بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش .ئۇنىڭغا ئېلىكترونلۇق مىڭە پروگرامما ياكى يىراقتىن باشقۇرۇش ئۇسكىنىسى سەپلەنگەن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئىمام ئەزەمنىڭ «بۇ كىمەىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇشۇنداق ئىدارە قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسا بۇ ئالەم قانداق قىلىپ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىدۇ؟» [3]دىگەن دەلىلى سۇئالغا بۇگۇنكى كۇندە ئۇ دەۋردىكىدەك ئۇنداق بىۋاستە ئۆتۇپ ئاللاھنىڭ بىرلىگىنى قۇسۇرسىز دەلىللىگىلى بولمايدۇ.پەقەت بۇ سۇئاللارنىڭ ئالدىدا يەنە بىرمۇنچە سۇئاللارنى سوراشقا،ئۇقۇملارنى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.مۇشۇنداق بولغان ئىكەن،مۇشۇنداق تەخىرسىز تۇرغان كىرىزىسنى تۇيماي، تاغدىن باغدىن سۆزلەپ،ئويلاپ  يۇرسەك،بۇ سۇئاللارنى قويالايدىغان ئادىمىڭ بولمىسا،كەلگۇسىگە يۇزلىنىشىمىز مۇشۇنچىلىك بولسا قۇرئاننى بالاڭغا ئۆزىنى بىلگىچە ئۇچۇرىۋەتمەي ،بىلدۇرمەي يىگۇزىۋەتمەي ئامال يوقتە ؟ دەپ ۋاقىرغۇم كەلدى.

مۇشۇلارغا قاراپ دايىم ئۆزۇمگە بىلىپ-بىلمەي بىز تېخى ئۆزگەرمەپتۇق، دەيمەن، راست بىز تېخى ئۆزگەرمىدۇق، بىنالار ئۆزىچە سىلىنىپ قالدى، يوللار ئۆزىچە ياسىلىپ كەتتى، تېلېفونلار ئۆزىچە ئورنىتىلىپ قالدى، ماشىنىلار ئۆزىچە پەيدا بولدى، تۆمۈرلەردىن ئۆزىچە ئاۋاز چىقتى، چىراغلار ئۆزىچە تورۇستىن ساڭگىلاپ چۈشتى. بىز پەقەت ھۆكۈمەت ئەجەپ يامانكەن جۇمۇ دەپلا يۈردۇق. پۈتتى، بولدى دېگەنلەرگە ناغرا − سۈنەي چېلىپ، ئۇسۇل ئويناپلا بەردۇق. ئۆزگىرىش بولدى دېيىش توغرا كەلسە، ئارىمىزدا پەقەت جىم − جىملا ۋاز كەچكەنلەر پەيدا بولدى. لېكىن ئۇلارمۇ ۋاز كەچكەنلىك بىلەن بىر تەرەپتە قاراپ تۇرۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلالماي توپا سورۇپ ئولتۇردى. جىق قىلغان بولسا تەبرىكلەش سورۇنلىرىدا ئۇسۇلنى جىقراق، كۆزگە چىلىقىشراق ئوينىدى.ھەتتا زىيالىلار قاتلىمىدىمۇ مانچى يىل ئەرەپچە،مانچە يىل پارىسچە ئۆگۇنۇپ 40-50 ياشقىچە تالىپلىق قىلىپ 40-50 دىن ئاشقاندا قېرىپ بايلارنىڭ داستىخانلىرىدا  ئولتۇرۇپ پەتىۋاچى بولىدىغان قىسمەت 40-50-ياشقىچە خەنزۇچە،ئېنگلىزچە ئۆگۇنۇپ،پالانى ئۇنۋان،پوكونى دىپلومنى ئالىمەن ئاندىن پوكونى غوجام ماڭا نەزەر سالامدىكىن دىگەندەك تاماغىلا ئۆزگەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى 70 يىل بۇرۇن يازغان «ئويغان» ناملىق شېئىر 70 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى دەۋردە ئاندىن ئۆي − ئۆيلەردە تېپىلىدىغان  بولدى.



2000 − 1999يىلى لەنجۇ- ئۈرۈمچى.2003- يىلى بىر قىتىم رەتلەنگەن نۇسخا



--------------------------------------------------------------------------------

[1]  «فىقھى ئەكپەر (ئالىيۇللا قارى شەرھى)» ئىمامى  ئەزەم  14-بەت.ئىستانبۇل

[2]  «فېقھى ئەكپەر (ئالىيۇللاھ قارى شەرھى)» ئىمام ئەزەم 14-بەت

[3]  «فېقھى ئەكپەر (ئالىيۇللاھ قارى شەرھى)» ئىمام ئەزەم 14-بەت

5

تېما

0

دوست

2259

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 532
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 03:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەنى ئۇنتۇپتىمە
مەنبە؛  http://www.koknur.net/list.asp?Unid=2919

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2971
توردىكى ۋاقتى: 858
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 10:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلار ئادەمنى ئويغا پاتتۇردى--غۇ!
uyghuray

186

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1927
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 6655
تۆھپە : 7697
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 12:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە تېمىدا دىنىمىزدىن قۇسۇر تاپمىدى! ئاشۇ دىنغا ئەقىلى بىلەن مۇئامىلە قىلالمايۋاتقان دىن تونىغا ئورۇنىۋالغان <<قۇرۇق تاغار>>لاردىن قۇسۇر تاپتى...ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن تېمىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

5

تېما

1

دوست

9181

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2354
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 13:06:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆكۈلگەن ئادەملەر ئۆز ئادىمىيلىكىنى تازا چۈشەنمەيدىغانلاردۇر،  تەنقىتتىن چۆچۈپ نىمە ئىش قىلىشنى بىلمىگەنلەر ئاۋال ئۆزىنىڭ ئادەمىيلىكى ھەققىقىدە ئوبدانراق ئويلىنىشى كېرەك.

0

تېما

0

دوست

795

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12166
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 187
تۆھپە : 115
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 13:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەزىلەتلىك روھ بولمىغاندا، ياخشى ئەمەل بولمىغاندا سېپى ئۆزىدىن ياخشى ئەمەلنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىجابىي ياخشى ئەمەلنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس....
پەزىلەتلىك روھنى ، ياخشى ئەمەللەرنى ئائىلىدىن ،كىتابتىن،جەمئىيەتتىن ئۈگىندىكەنمىز .شۇڭا بىزگە پەزىلەتلىك ئاتا-ئانا ، توغرا يوللۇق كىتاب ، ساپ ھاۋالىق ئىجتىمائىي مۇھىت لازىمكەن ، بولمىسا ئاق قەغەزگە يېزىلدىغىنى چۈشىنىكسىز سۆز ئىبارىلەر بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەلگە نەپ،ئەۋلاتلارغا ئەقىل،جەمئىيەتكە كۈچ بولالىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىكەن...

11

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3437
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4522
تۆھپە : 2838
توردىكى ۋاقتى: 2921
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 14:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازما ئىگسىگە تەشەككۈر ، ناھايىتى ياخشى تىمىكەن .
ئەرزىمەس بۇ جېنىم ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن بەش دۈشمەنگە يارامۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )